ئابدۇۋەلى ئابلىز
دېلو ئەھۋالى: جىنايەت گۇماندارى ليۇxx جاڭxxتىن 20 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، قەرز ھۆججىتى يېزىپ بەرگەن. جاڭxx قەرز ھۆججىتىنى ئېلىپ ليۇxxنىڭ ئالدىدىلا بىر كىتابنىڭ قېتىغا سېلىپ قويغان. ليۇ xx بىر كۈنى جاڭxxنىڭ ئىشخانىسىغا ئوغرىلىقچە كىرىپ، قەرز ھۆججىتىنى ئوغرىلاپ چىقىپ كۆيدۈرۈۋەتكەن.
بۇ دېلودىكى ليۇxxنىڭ قەرز ھۆججىتىنى ئوغرىلاپ كۆيدۈرۈۋېتىش قىلمىشىغا قارىتا ئوخشىمىغان ئىككى خىل قاراش شەكىللەنگەن: (1) ليۇxxنىڭ قىلمىشىدىن جىنايەت شەكىللەنمەيدۇ. سەۋەبى: ليۇxxنىڭ قەرز ھۆججىتىنى ئوغرىلاش قىلمىشى ئوغرىلىق جىنايىتىنىڭ ئادەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە. قەرز ھۆججىتى دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەقدارلىق مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان يازمىچە ئىسپات، باھالىق ئاكسىيە ئەمەس. ئۇ پەقەت ليۇxx بىلەن جاڭxx ئوتتۇرىسىدىكى ھەقدار بىلەن قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلايدۇ. ليۇxxنىڭ قەرز ھۆججىتىنى ئوغرىلىۋېلىشى ھەقدارنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقىنى يوقاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەقدارلىق – قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇش – بولماسلىقى قەرز ھۆججىتىنىڭ بار – يوقلۇقىنى شەرت قىلمايدۇ. ئەگەر قەرز ھۆججىتى يوق بولۇپ، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ھەقدارلىق – قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىنى ئېتىراپ قىلسا، يەنىلا دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ھەقدارلىق – قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلىدۇ. شۇڭا قەرز ھۆججىتىنى ئوغرىلاپ كۆيدۈرۈۋېتىش پەقەت ھەقدارلىقنى ئىسپاتلاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئەمما ھەقدارلىق ھوقۇقىنى يوقىتىۋېتەلمەيدۇ. شۇڭا قەرز ھۆججىتىنى ئوغرىلاپ كۆيدۈرۈۋېتىش قىلمىشىدىن جىنايەت شەكىللەنمەيدۇ؛ (2) ليۇxxنىڭ قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. سەۋەبى: ليۇxx قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە يوشۇرۇن ئېلىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قەرز ھۆججىتىنى ئوغرىلاپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭ قىلمىشى ئوغرىلىق جىنايىتىنىڭ شەكىللىنىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
مېنىڭچە 2 – خىل قاراش توغرا، چۈنكى: بۇ دېلودىكى قەرز ھۆججىتىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىش جىنايەت بېكىتىشنىڭ ئاساسىي ھالقىسى. ئوغرىلىق جىنايىتىنىڭ دەخلى – تەرۇز قىلىدىغىنى شەكىللىك مال – مۈلۈك بولۇپلا قالماستىن، مۇھىمى جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال – مۈلۈككە بولغان قانۇنلۇق ئىگىدارلىق ھوقۇقىدۇر. قەرز ھۆججىتى گەرچە مال – مۈلۈك بولمىسىمۇ، ئەمما مال – مۈلۈك ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئاساسلىق ئىسپات، بەزىدە ھەتتا بىردىنبىر ئىسپات بولىدۇ. تەرتىپ جەھەتتە قەرز ھۆججىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ھەقدارنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ھەقدارلىق ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان دەۋادىكى دەلىل – ئىسپات. شۇڭا قەرز ھۆججىتىنى ئوغرىلاش قىلمىشى باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ دېلودا قەرز ھۆججىتى زىيانلانغۇچى جاڭxxنىڭ ھەقدارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىردىنبىر ئىسپات، بۇ قەرز ھۆججىتى يوقاپ كەتسە، جاڭxx قەرز ھۆججىتىدە خاتىرىلەنگەن مال – مۈلۈككە بولغان ھەقدارلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەيدۇ. ليۇxx نىڭ قەرز يوقىتىۋېتىشنى مەقسەت قىلىپ قەرز ھۆججىتىنى ئوغرىلاپ كۆيدۈرۈۋېتىش قىلمىشىنىڭ خاراكتېرى بىلەن باشقىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى مال – مۈلۈكنى يوشۇرۇن ئېلىۋېلىش قىلمىشىنىڭ خاراكتېرى ئوخشاش. شۇڭا ليۇxxنىڭ قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
سەبىي كۈلكىلەر