ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

ئىچىملىك سوداسى بۆرەك كېسىلى بىمارلىرىغا پايدىلىق

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 04 - ئاينىڭ 22- كۈنى 11:47

    ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاخىرقى باسقۇچتىكىبۆرەك كېسىلى بىمارلىرى نورمال داۋالىنىشتىن سىرت، يەنە ھەر كۈنى ئاز مىقداردا ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئىچىملىك سوداسى (ناترىي بىكاربونات) نى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىش سۈرئىتى ئادەتتىكى بىمارلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىچىلىك بولۇپ، ساغلام كىشىلەرنىڭ قېرىلىقتىن بولىدىغان بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىش سۈرئىتى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدىكەن، ئوزۇقلۇق ئەھۋالى ياخشىلىنىدىكەن. ئادەتتە ئىچىملىك سوداسى ئىستېمال قىلمىغان بىمارلارنىڭ %45دە كېسەلنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى نىسبەتەن تېز بولىدىكەن، بىراق ئىچىملىك سوداسى ئىستېمال قىلغان بىمارلارنىڭ %9دە كېسەلنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى نىسبەتەن تېز بولىدىكەن. گەرچە بۇلارنىڭ تېنىدە ناترىينىڭ مىقدارى ئازراق ئۆرلەپ قالسىمۇ، قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشى ياكى قان بېسىمىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلمايدىكەن.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە