ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

دۇنيادىكى ئاساسلىق ئەركىن سودا رايونلىرى قايسىلار؟

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 04 - ئاينىڭ 18- كۈنى 10:59

    سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش ۋە رايونلار ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى تېز بولدى. 2013 – يىلى 1 – ئايغىچە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا دوكلات قىلىنغان رايونلار سودا كېلىشىمى جەمئىي 546گە يەتتى، بۇنىڭ 345ى يولغا قويۇلدى (كۆپىنچىسى ئەركىن سودا كېلىشىمى). دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى دېگۈدەك بىر ياكى كۆپ رايون سودا كېلىشىمىگە قاتناشتى. ئىقتىسادىي كۆلىمى ئەڭ زور بىر نەچچە ئەركىن سودا رايونى شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا رايونى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، جۇڭگو – شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

    شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا رايونى 1994 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان بولۇپ، ئامېرىكا، كانادا ۋە مېكسىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قاپلاش كۆلىمى 21 مىليون 580 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا، قاپلايدىغان ئاھالە 460 مىليونغا يېتىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن ئىقتىسادىي گۇرۇھ. 2011 – يىلى شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا رايونىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ GDP ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 17 تىرىليون 200 مىليارد دوللارغا يەتتى.

    ياۋروپا ئىتتىپاقى 1993 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىككى قېتىم كېڭىيىش ئارقىلىق ھازىر ئەزا دۆلەت 27گە، قاپلايدىغان ئاھالە 500 مىليونغا، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 17 تىرىليون 580 مىلىيارد دوللارغا يەتتى.

    جۇڭگو – شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونى 2010 – يىلى رەسمىي يولغا قويۇلغان بولۇپ، قاپلايدىغان ئاھالە 1 مىليارد 900 مىليونغا، GDPسى 6 تىرىليون دوللارغا، سودا ئومۇمىي سوممىسى 4 تىرىليون 500 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. بۇ ئەركىن سودا رايونى دۇنيادىكى قاپلايدىغان ئاھالە ئەڭ كۆپ ئەركىن سودا رايونى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر جۇڭگو بەش قىتئەدىكى 29 دۆلەت ۋە رايون بىلەن 16 ئەركىن سودا رايونى قۇرۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئون سودا كېلىشىمى ئىمزالاندى ھەم يولغا قويۇلدى.

    ئامېرىكا ھازىر پان تىنچ ئوكيان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ۋە ئامېرىكا – ياۋروپا ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. پان تىنچ ئوكيان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، سىنگاپور قاتارلىق 12 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، GDPسى دۇنيانىڭ تەخمىنەن %35ىنى ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكا – ياۋروپا ئەركىن سودا رايونىنىڭ GDPسى دۇنيانىڭ تەخمىنەن %40ىنى ۋە دۇنيا ئىمپورت – ئېكسپورت سودىسىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكا، ياۋروپا ئەركىن سودا سۆھبىتىدە بېكىتىلگەن سودا قائىدىسى دۇنيا سودىسىنىڭ يېڭى قائىدىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ‹‹دىپلومات›› ژۇرنىلىدا: بۇ كېلىشىمدە ‹‹ئاسىيا ئەسىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش›› خاھىشى بار، دېيىلدى.

    يېقىندا تۇنجى نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلانغان جۇڭگو – ياپونىيە – كورېيە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلسا، قاپلايدىغان ئاھالە 1 مىليارد 500 مىليونغا، GDP ئومۇمىي قىممىتى 14 تىرىليون دوللارغا يېتىپ، دۇنيا سودا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. ھازىر بۇ ئۈچ دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 690 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ.

    ئافرىقىدا ھازىر شەرقىي ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسى، جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى قاتارلىق جەمئىي يەتتە ئەركىن سودا رايون بار. ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 18 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا، ئافرىقا 2007 – يىلى ئافرىقا قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونىنى قۇرۇپ چىقىپ، يۇقىرىقى ئەركىن سودا رايونلىرىنى بىرىكتۈرىدۇ، دەپ قارار قىلىندى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

    

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە