مۇخبىرىمىز تويا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مى يۈنچىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9 – ئاپرېلغىچە شىنجاڭدا يىللىق كىرىمى 120 مىڭ يۈەندىن ئاشقان 40 مىڭ 160 كىشى شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشقا ئىلتىماس قىلغان، بۇ، بۇلتۇرقىدىن 12 مىڭ ئادەم كۆپ بولۇپ، ئومۇمىي سانى ۋە ئېشىش نىسبىتى جەھەتتە رېكورت يارىتىلغان.
2012 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشقا ئىلتىماس قىلغان 120 مىڭدىن ئارتۇق كىشى 1 مىليارد 823 مىليون يۈەن باج تاپشۇرغان، بۇ بۇلتۇرقى 8 مىليارد 914 مىليون يۈەن باج ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %20ىنى ئىگىلىگەن. بۇ يىل يۇقىرى كىرىملىكلەر دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئىلتىماس قىلغانلار بۇرۇنقى پۇل – مۇئامىلە سۇغۇرتىسى، ياساش كەسپى، كانچىلىق، ئېلېكتىر، يېقىلغۇ گاز، قاتناش – تىرانسپورت ۋە ساقلاش كەسپى، گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەردىكى كىشىلەردىن باشقا پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، پەن – تېخنىكا مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەردىمۇ يۇقىرى كىرىملىكلەر كۆپ ئىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسى تاپاۋەت بېجى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن جىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا 2010 – يىلىدىن بۇيان پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈرىنى ئاساس قىلغان مال – مۈلۈك خاراكتېرىدىكى ئۆتۈنۈپ بېرىش تاپاۋىتى داۋاملىق ئاشتى، بۇلتۇرقى پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تاپاۋىتىدىنلا ئاپتونوم رايونىمىز 500 مىليون يۈەن باج ئالدى.
ئىگىلىنىشىچە، يىللىق كىرىمى 120 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان باج تۆلىگۈچىلەر دېگەندە بىر باج تاپشۇرۇش يىلى قىلغان كىرىمىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 120 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارنى كۆرسىتىدىكەن. بۇ يىل كىرىمى 120 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجىغا ئىلتىماس قىلىشىنىڭ يەتتىنچى يىلى، 2007 – يىلى تۇنجى قېتىم ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى يولغا قويۇلغاندا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە پەقەت 7009 كىشىلا ئىلتىماس قىلغانىدى.
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
سەبىي كۈلكىلەر