ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئاساسى ساۋات > مەزمۇنى
compiz، Untiy نى قايتا بەلگىلەش
ئېلان قىلىنغىلى390 كۈن بولدى / ئاساسى ساۋات / دىۋان بىكار / كۆرۈلگىنى 640+

سالام كۆپچىلىك، Untiy ھەممەيلەنگە يېڭى بولغاچقا، ھەمدە compiz بىلەن ئازراق توقۇنۇشى بولغاچقا، ئۇبۇنتۇ 11.04 دە compizconfig-settings-manager (ئۇبۇنتۇ ئالاھىدە ئۈنۈملىرىنى ئېچىشتا ئىشلىتىلىدىغان دېتال) نى قاچىلاپ تەڭشەش داۋامىدا سىستېمىدا بىنورماللىق كۆرۈنۈشى مۇمكىن. بۈگۈن ئۇبۇنتۇنىڭ خەنچە مۇنبىرىگە چىقسام ساپ مۇشۇ توغرىلىق سوئال. بىز بۇنى بىز بۇرۇن بەلگىلىگەن تەڭشەكلەرنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشىساق بولىدۇ.
Untiy نى ئەسلىگە قايتۇرۇش بۇيرۇقى (بۇ compizconfig-settings-manager دە بىز بەلگىلىگەن بارلىق تەڭشەكلەرنى ئەسلىگە قايتۇرىدۇ)

unity --reset

ياكى بولمىسا compiz نىڭ سەپلىمە ھۆججىتىنى ئۆچۈرۈپ، compiz غا نىسبەتەن قايتىدىن بەلگىلەش ئېلىپ بارساقمۇ بولىدۇ. ئۇبۇنتۇ 11.04 دە compiz نىڭ سەپلىمە ھۆججىتىنى بۇرۇنقى نەشرلىرىدەك gconf/apps/compiz. بولماستىن بەلكى gconf/apps/compizconfig-1. بولۇپ compizconfig-1 ئۆچۈرۈۋەتسەكمۇ بولىدۇ.
Launcher سىن بەلگىسىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش بۇيرۇقى

unity --reset-icons

Launcher سىن بەلگىسى، ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ ئوڭ تەرەپ يېڭى قوشۇلغان رايوندىكى سىن بەلگە. بىز ئۇبۇنتۇ 11.04 دە compiz نى ئىشلىتىش داۋامىدا يېڭى قوشۇلغان Unity Plugin تۈرىنى كۆرىمىز. بىز بۇ يەر ئارقىلىق ئوڭ تەرەپتىكى Launcher نىسبەتەن تەڭشەش ئېلىپ بارالايمىز.

يۇقارقى ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ سىستېمىدا ھىچ قانداق ئىنكاس بولمىسا، سىستېمىنى قايتا قوزغىتىپ كىرىشىمىز كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×