جىندەك ساقلاپ تۇرۇڭ،بېكەت كۈچەپ ئېچىلىۋاتىدۇ

ئۇيغۇرچە | Uyghurche | Уйғурчә
ھازىرقى ئورنىڭىز >باش بەت > ئېنىقلانغان "ئۇبۇنتۇ ئاساسى ساۋاتلىرى" تۈردىكى يازمىلار
ئېلان قىلىنغىلى10 كۈن بولدى / تەۋە تۈرى : ئۇبۇنتۇ ئاساسى ساۋاتلىرى / دىۋان بىكار / 123 قېتىم كۆرۈلدى+
ئۇبۇنتۇ 11.04 تە 3D ئۈستەل يۈزىنى چىقىرىش كۆپچىلىكنىڭ بېشىنى ئاغرىتقان. compiz دا 3D ئۈستەل يۈزىنى ئېچىش ئۈچۈن كۇب سىن بەلگىسىنى باسساق تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك خاتالىق چىقىۋېلىپ، كىشىنى بىزار قىلغان. ئۇبۇنتۇ 11.04 دە ئۈستەل يۈزى ئۇبۇنتۇنىڭ بۇرۇنقى نەشرلىرىدەك سۈكۈت تۆت دانە قىلىپ قويۇلغان. بىراق ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ئۇبۇنتۇ 11.04 دە ئۈستەل ۋېرتىكال 2، گورىزونتال 2 قىلىنغان. بىز compiz ئارقىلىق 3D ئۈستەل ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۈستەلنى ۋېرتىكال 1، گورىزونتال 4 قىلىشىمىز كېرەك. بۇنى ئۈبۇنتۇ 11.04 دە compiz نىڭ تەڭشەش كۆزنىكىنىڭ ئۈستى قىسمىغا جايلاشقان General Options ...
داۋامى+
ئېلان قىلىنغىلى12 كۈن بولدى / تەۋە تۈرى : ئۇبۇنتۇ ئاساسى ساۋاتلىرى / دىۋان بىكار / 86 قېتىم كۆرۈلدى+
سالام كۆپچىلىك، Untiy ھەممەيلەنگە يېڭى بولغاچقا، ھەمدە compiz بىلەن ئازراق توقۇنۇشى بولغاچقا، ئۇبۇنتۇ 11.04 دە compizconfig-settings-manager (ئۇبۇنتۇ ئالاھىدە ئۈنۈملىرىنى ئېچىشتا ئىشلىتىلىدىغان دېتال) نى قاچىلاپ تەڭشەش داۋامىدا سىستېمىدا بىنورماللىق كۆرۈنۈشى مۇمكىن. بۈگۈن ئۇبۇنتۇنىڭ خەنچە مۇنبىرىگە چىقسام ساپ مۇشۇ توغرىلىق سوئال. بىز بۇنى بىز بۇرۇن بەلگىلىگەن تەڭشەكلەرنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشىساق بولىدۇ. Untiy نى ئەسلىگە قايتۇرۇش بۇيرۇقى (بۇ compizconfig-settings-manager دە بىز بەلگىلىگەن بارلىق تەڭشەكلەرنى ئەسلىگە قايتۇرىدۇ) unity --reset ياكى بولمىسا compi...
داۋامى+
كۆپچىلىككە مەلۇم ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى تۈنۈگۈن تارقىتىلدى. مەن تۈنۈگۈن QQ توپىدا كۆپچىلىك بىلەن مۇڭداشقاچ، ئۇنىڭ ھەقىقىي نەشرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئورگان بېتىدىن بۇرۇن تەمىنلىگەن، بۇ ۋاققا ماڭا ئوخشاش قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقانلار باردۇر، ھى…ھى… ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ جۇڭگودىن چۈشۈرۈش ئادرېسىنى چۈشۈرۈش بېتىگە يوللاپ قويدۇم. قايسى كۈنى يەنە QQ توپىدا بەزىلەر بىر كۈندە ئۇبۇنتۇ نەچچە قېتىم قايتا قاچىلىغانلىقىنى دېگەن، ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ يېڭى قاچىلاپ ئىشلىتىش جەريانىدىكى بەزى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك جايلارنى، مۇ شۇ يازمىغا يىغىنچاقلىدىم. كۆپچىلىك ئەگرى يولنى ئ...
داۋامى+
ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىپ باققانلار بىلىدۇ، قاچىلاش داۋامىدا كومپيۇتېرنى ئۇبۇنتۇنىڭ liveCD قوزغاتساق، ھازىر قاچىلاش ۋە ھازىر ئىشلىتىش دەپ ئىككى تاللاش كۆرۈنىدۇ. قاچىلاشنى بېسىپ ئۇبۇنتۇنى قاتتىق دىسكىغا قاچىلاش مەشغۇلاتىنى قىلىمىز. ھازىر ئىشلىتىشنى بېسىپ liveCD دىكى ئۇبۇنتۇنى ئىشلىمەيمىز. ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاش ۋە بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ قاچىلاشمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش. ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاش دېگىنىمىز ئۇبۇنتۇ iso سىنى بارماق دىسكىغا (يان دىسكىمۇ بولىدۇ، ھەتتا sd كارتىمۇ بولىدۇ) ئويۇپ، كومپيۇتېرنى بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەيمىز. ئاندىن ھازىر ئىشلىتىش...
داۋامى+
ئۇبۇنتۇ بىلەن Win7 بىرگە ئىشلىتىۋاتقانلار بىلسە كېرەك. Win7 قايتا قاچىلىغاندىن كىيىن ئۇبۇنتۇغا كىرگىلى بولمايدۇ. مەن تۆۋەندە ئۇبۇنتۇ 10.10 دا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئۇبۇنتۇنىڭ باشقا نۇسخىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئازراق پەرق بولۇشى مۇمكىن بىراق ئاساسەن ئوخشاش. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ مەن بىلىدىغان ئىككى خىل ئۇسۇلى بار. ئۇبۇنتۇنى قوزغىتىش تىزىملىكىنى Windows دىكى boot قا قوشۇش (WinXP دە ئاسانراق، بىراق Win7 دە مەن قىلالمىدىم شۇڭا بۇ يەردە تونۇشتۇرمايمەن). ئۇبۇنتۇنىڭ LiveCD سى بىلەن ئوڭشاش ئالدى بىلەن كومپيۇتېرنى ئۇبۇنتۇ 10.10 نىڭ CD دىسكىسىدىن قوزغىتىمىز. ھەم...
داۋامى+
ئېلان قىلىنغىلى56 كۈن بولدى / تەۋە تۈرى : ئۇبۇنتۇ ئاساسى ساۋاتلىرى / دىۋان بىكار / 105 قېتىم كۆرۈلدى+
نىمۇ ئۇبۇنتۇنى تۈزۈك تەشۋىق قىلە قىلماي ئۆچۈرۈش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ يۈرگەندۇ دەپ قالماڭلار. ئۇبۇنتۇ بىلەن Windows نى قوش سىستېما قىلىپ يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر، تۆۋەندىكىدەك ئىككى مەسىلىگە يولۇقۇشى مۇمكىن. ئۇبۇنتۇغا كۆنەلمەي ئۇبۇنتۇ قاچىلىغان دىسكا رايونىنى فورماتلىۋېتىپ Windows قىمۇ كىرەلمەسلىك. ئۇبۇنتۇنى قايتا قاچىلاپ، سىستېما قوزغالغاندا Windows نى تاللاش تۈرى كۆرۈنمەسلىك (ئەلۋەتتە بۇنى ئۇبۇنتۇغا كىرىپ تۇرۇپ ھەل قىلىش ئانچە تەس ئەمەس). ئەمەلىيەتتە ئۇبۇنتۇ بىلەن Windows نى قوش سىستېما قىلغاندا، Windows نى ئالدىدا ئۇبۇنتۇنى كەينىدە قاچىلىساق ئەڭ ياخشى. كەينىدە قاچىلىغان ئۇبۇنتۇ...
داۋامى+
تۆۋەندە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم ئۇبۇنتۇ يېڭى ئۆگەنگۈچىلىرى چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك ئۈستەل يۈزى مەشغۇلاتى. بۇ مەشغۇلاتىنىڭ بەزىلىرى ئوخشىمىغان جايلاردا نەچچە ئون قېتىم سورالدى، نەچچە ئون قېتىم جاۋاب بېرىلدى، بىراق يەنە داۋاملىق سورالماقتا. مەسىلەن ئۇبۇنتۇدا adsl تورغا چىقىش ئۇسۇلى مۇشۇ بېكەتتىلا ئاز دېگەندە بەش قېتىم سورۇلۇپ بولدى. شۇڭا مەن ئۇبۇنتۇ يېڭى ئىشلەتكۈچىلىرىگە ياردىمى تېگىپ قالار دېگەن مەقسەتتە ئۇشبۇ يازمىنى تەييارلىدىم. يازمىنى تەييارلاشتا ئۇبۇنتۇ خەنچە مۇنبىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلاندىم. دىققەت: تۆۋەندىكى رەسىم ۋە تونۇشتۇرۇش(Ubuntu 10.04 Desktop LiveCD (Lucid Lynx د...
داۋامى+
linux بىلەن يېڭى تونۇشقانلار windows يۇمتاللىرىغا كۆنۈپ قالغان بولغاچقا، ھەمىشە قايسى يۇمتالنى ئىشلىتىشنى بىلەلمەي بەك قىينىلىدۇ. مەن تۆۋەندە windows تا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمتاللارنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان linux يۇمتاللىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتەي. Windows ——— Ubuntu Internet Explorer ——— Firefox,Google Chrome,Opera Microsoft Office ——— OpenOffice.org Photoshop ——— Gimp AIM, ICQ, MSN, Yahoo!, Jabber, IRC instant messaging ——— Gaim (بۇنى ئادەتتە تەھرىرلەشكە ئىشلىتىمىز.) Word Pad (or not...
داۋامى+
ئېلان قىلىنغىلى69 كۈن بولدى / تەۋە تۈرى : ئۇبۇنتۇ ئاساسى ساۋاتلىرى / 4 پارچە ئىنكاس چۈشتى / 115 قېتىم كۆرۈلدى+
ئۇبۇنتۇنى كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا قاچىلاشتىن بۇرۇن، كومپيۇتېرىڭىزدا ئۇبۇنتۇلا ئىشلىتەمسىز ياكى windows بىلەن بىرگە قوش سىستېما قىلىپ ئىشلىتەمسىز، بۇنى چوقۇم ئالدىن بىكىتىۋېلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئۇبۇنتۇ بىرلا سىستېما ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بۇ ئاسان تۆۋەندىكى مەن تونۇشتۇرغان باسقۇچ بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىزلا بولىدۇ. ئەگەر windows بىلەن قوش سىستېما قىلماقچى بولسىڭىز ، كومپيۇتېرىڭىزغا ئەڭ ئاۋۋال Windows قاچىلىۋېلىڭ. ئاندىن 20G ئەتراپىدا ئۇبۇنتۇ قاچىلايدىغان يەر ھازىرلاڭ (Windows نىڭ دىسكا بۆلىدىغان قوراللىرى قۇمدەك جىققۇ). قالغان مەشغۇلات ئوخشاش. بىراق قوش سىستېما قىلىپ...
داۋامى+
س:linux نىڭ نېمىشقا شۇنداق كۆپ نۇسخىلىرى بار؟ ج:linux بولسا بىر خىل مەشغۇلات سىستېمىسى، يەنى ئىچكى يادرونى(内核) كۆرسىتىدۇ، بىراق دائىم رەسمىي ئىشلەتكۈچى ئابۇنتلار ئىشلىتىدىغىنى بولسا تارقىتىلغان نۇسخىسى. لىنۇكس(linux)نىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش شەكلى باشقا مەشغۇلات سىستېمىلىرىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلىرى بولسا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان، ئېلخەت ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بۇ linux تىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ناھايىتى كۆپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھەمدە مۇتلەق كۆپ سانىدىكى يۇمشاق دېتاللار ھەممىسى ئەسلى كود شەكىلدە تارقىتىلىدۇ، ئابۇنتنىڭ مەلۇم بىر يۇمش...
داۋامى+