كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ ئاجايىپ ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
بىر يىل بۇرۇن دەل تورخۇماردا كۆپچىلىك بىلەن بىرگە بىر يۈرۈش تىك-تاپ ماھارىتى كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق. شۇ چاغدا بىر قىسىم تورداشلارغا بۇ چەتئەللىكلەرنىڭ سەۋر-تاقىتىگە قايىل بولۇشقان ئىدى. بۈگۈن دەل شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان يەنە بىر يۈرۈش تىك-تاك توپ ئوينىتىش ماھارىتىنى كۆرۈپ باقايلى، كومپيۇتېردا كىرىشتۈرگەن ياكى مەشىق قىلىپ يېتىشتۈرگەن ماھارەت ئىكەنلىگىنى ئىنكاسلاردىن …..
ئادەتتە ئاياللارنىڭ ئۆي ئىچىدە ئىچى پۇشسا يولدىشىغا، پەرزەنتلىرىگە پوپايكا، شارپا قاتارلىق نەرسىلەرنى توقۇپ ئولتۇرىدىغان ئادىتى بولىدىغان. ئەمما Lauren Porter ماۋۇ ئايال ئولتۇرۇپ ئولتۇرۇپلا بىر دانە Ferrari ماركىلىق ئاپتوموبېل توقۇپ ساپتۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ئاپتوموبېل نىڭ چوڭلىقى ھەقىقى Ferrari ئاپتوموبېلى بىلەن 1:1 نىسبەتتە تەڭ كېلىدىغان بولۇپ، جەمئىي 19300 مېتىر يىپ ئىشلىتىلگەن …..
70 ياشلىق بوۋاي ئەسلىدە ئۈچ نومۇرلۇق توپچىكەن ئەمەسمۇ؟! NBA دىكىلەر بەس-بەس بىلەن بوۋاينىڭ بۇ كەسىپكە ئېلىپ كەلگەن بېسىمىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئاغرىنىۋېتىپتۇدەك! دەرۋەقە، ھەقىقى ئۇستاملار ئەسلىدە خەلق ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ئىكەن، ئەلمىساقتىكى ۋاسكېتبول مەستانىسى ۋە ماھىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ بوۋايغا قايىللىقىمنى بىلدۈرمەي ئامالسىزمەن!
يېقىندا ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئاجايىپ قالتىس توپتىن بىرسى بارلىققا كەلدى، تېرىنېر پۇشتەكنى چېلىپ، توپ ئوتتۇرا مەيداندا باشلىنىش بىلەن تەڭلا، ئوتتۇرىدا توپ باشلىغان بىر توپچى توپنى بىۋاستىلا ۋاراتارغا قارىتىپ تەپتى، توپ ۋاراتارنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ قاپقىغا چۈشتى، پۈتكۈل جەريانغا پەقەت 4 سكونتلا ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، ئاڭلاشلارغا …..
«رىۋايەت»لەردىكى « نېرۋىدىن كاردىن چىقىرىش مۇزىكىسى »نى ئاڭلاپ باققانمىدىڭىز؟ بۇزغۇنچىلىق كۈچى ئالاھىدە يۇقىرى، ناۋادا يۈرىكىڭىز تازا ياخشى بولمىسا ياكى بەرداشلىق بېرىش كۈچىڭىز تۆۋەن بولسا، ئەڭ ياخشى ئاڭلىمايلا قويغىنىڭىز ياخشى. بىراق مۇشۇنداق دېسەم، ئەجەپلىنىپ ئاڭلاپ باقىدىغانلار يەنىلا چىقىشى ئېنىق. بىراق مەسىلە چىقسا مەن ئىگە ئەمەس جۇمۇ؟ ئەلۋەتتە بىرەرسىنىڭ ئەدىۋىنى بېرەي دېسىڭىز، بۇ …..
بۇ ھىندىستانلىق بۇرادەر زادى قانچىلىك مەشىق قىلدى بىلمىدىم، ۋە ياكى بۇياقتا تۇغۇلۇشىدىنلا مايمۇننىڭ گېنى بارمۇ ئۇنىسى نامەلۇم، تېخى ئىسمى Monkey King مىش. نېمە ھېلىقى پاركور دەمدۇ، يەنە بىر نېمە گۇمپىسى دەمدۇ، بۇ كىشىنىڭ ئالدىدا جىق گەپ قىلمىسا بولغۇدەك. قۇرۇق گەپنى قويۇپ نەقمەيدانغا كېلەيلۇق…
چەتئەلنىڭ فانتازىيەلىك فىلىملىرىدە، دائىم يوشۇرۇن ۋە ئۆزىنى كۆرۈنمەس ھالەتكە ئەكىلەلەيدىغان ھەر خىل پېرسوناژلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، مەسىلەن، دۇنياغا داڭلىق خاررىي پوتتېر فىلىمى، خاككېر ئىمپرىيىسى قاتارلىقلاردا بۇ خىلدىكى كۆرۈنمەس ئادەملەرنىڭ ئىزناسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مانا ھازىر ئاخىرى دۆلىتىمىزدىنمۇ، لىيۇبولىن ئىسىملىك ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان بىر «خىسلەتلىك پالۋان» چىقىپتۇ…
تېخى يېقىندا تورخۇمار دوستلار دۇنيادىكى ئەقلىي قابىلىيىتى ئەڭ يۇقىرى ئىنسانلارنىڭ ئۆزگىچە تىك-تاك ئويناش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ ھەيرانۇ-ھەس قېلىشقانىدى. ئەمما، يېقىندا كىشىلەر شۇنى بايقىدىكى، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش كەچۈرىشى ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغان شىمالىي مۇز ئوكياندىكى پىنگىۋېن بۇرادەرلەرنىڭ ئالدىدا، ھەر قانداق يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىك-تاك توپچىمۇ تىرناق تاتىلاپ تۇرۇشتىن باشقىنى قىلالمىغۇدەك!!!
شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر بار، ئۆزىنى نىقابلاش قا شۇنداق ئۇستا. سىز بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى مەيلى قەيەردىلا ئۇچراتماڭ، ئۇ شۇ جاي بىلەن شۇنداق ياخشى ماسلاشقان ۋە جىسىپلاشقان بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى بىز ئادەتتە نېمە دەپ ئاتاپ قوياتتۇق؟
كوچا ئۇسۇلى ھازىر ياشلار ئارىسىدا بىر قەدەر ئالقىشلىق ئۇسۇل تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، بىزدىكى DSP قاتارلىق گۇرۇپپىلارنىڭ سەھنىلەردىكى ماھارەتلىرىمۇ كوچا ئۇسۇلىنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان سېھرى كۈچىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ. گەپكە كەلسەك، تۆۋەندىكى Lil Demon ئىسىملىك بۇ 6 ياشلىق بالا كوچا ئۇسۇلى دېگەننى چېقىۋېتىدىكەن، ھەتتا خېلى چوڭلارمۇ بۇنچىلىك ئوينىيالماس دەپ قالدىم. ئەلۋەتتە، …..
«قولنىڭ ئالقىنىغا ئىزچىل تىكىلىپ قاراپ تۇرسىڭىز، قولنىڭ ئالقىنى قىززىيدۇ؛ ئالتۇنبېلىق پەقەت 7 سكونت ئىچىدىكى ئىشلارنى ئەستە تۇتالايدۇ، 7 سكونتتىن كېيىن ئالتۇنبېلىق بۇ دۇنياغا يېپيېڭى ھالەتتە نەزەر تاشلاۋاتقان بولىدۇ؛ ئالتۇنبېلىقنى دەرياغا قويىۋەتسىڭىز، ئۈچ ئەۋلادتىن كېيىن ئادەتتىكى سازان(كارب بېلىقى)غا ئايلىنىدۇ». ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ، قانچىلىكىنى بىلىدىكەنسىز؟ …..
موگو (Supar Mairo) ئويۇن ىنى ھەممىمىز دېگۈدەك ئويناپ باققان، ئارىمىزدىكى بەزىلىرىمىز ھەتتا بۇ ئويۇنغا خېلىلا ئۇستا . ئەمما شۇنى جەزملەشتۈرەلەيمەنكى، بۈگۈنكى بۇ ئۇستامدەك ئوينىيالايدىغانلار تېخى ئارىمىزدا يوققۇ دەيمەن؟
«تارزان»نىڭ 3-بۈلۈمى