ئالما شىركىتىنىڭ تارىختىن بۇيانقى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن تەكلىپنامىلىرى
ئالدىنقى يازمىمىزدىن تورخۇمارلار يىڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننىڭ 12- چىسلا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى تەخمىنى پەرەز قىلىشتى. ئەلۋەتتە بۇ خىل پەرەزنىڭ توغرىلىق نىسپىتى مەنچە 90% يىتىدىغان بولۇپ، بىردىنبىر دەلېلىمىز يەنىلا بۇ قېتىم ئالما ئەۋەتكەن تەكلىپنامە لاھىيەسىدۇر.
تۇنۇگۈن ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدك مەزكۇر تەكلىپنامىگە 12 دېگەن ساننى يېزىپ، سايىسىغا 5 نى چىقارغان بولۇپ، بۇ كىيىنكى ئەۋلاد ئايفوننىڭ iPhone5 دەپ ئاتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغاندەك قىلاتتى. رەسىمنىڭ ئۈستىگە It’s almost here دەپ ئاددىيلا خەت يېزىلغان. بۇ «مانا ئازلا قالدى» دېگەن مەنىدە. ئەلۋەتتە بۇ لايىھە ناھايىتى قالتىس چىققان بولۇپ نۇرغۇن ئايفۇن مەستانىلىرىنى خوش قىلىۋەتتى. ئۇنداقتا تۆۋەندە ئالمىنىڭ بۇندىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان تەكلىپنامىلىرىگە كۆز يۈگۈرتكەچ، يىڭىلىق ئۈزۈلمەيدىغان بۇ شىركەتنىڭ ھەر قېتىملىق يىڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنى ئەسلەپ باقايلى.
2005-يىللىق ipod يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش تەكلىپنامىسى
2005-يىكى10-ئاينىڭ12-كۈنى، بارلىق iPod مەھسۇلاتلىرىدا ئومومىيۈزلۈك يىڭىلىنىش بولدى. مەيلى رەڭدار Nano、iPod mini بولسۇن ياكى بەشىنچى ئەۋلاد iPod بولسۇن ھەممىسىنىڭ يىڭى نۇسخىسى مۇشۇ كۈندە ئېلان قىلىنغان بولۇپ شۇندىن بۇيان جوبىسنىڭ «One more thing» لىرى بارچىمىزنى ھاياجانغا سېلىپ كەلمەكتە.
2006-يىللىق يىڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش تەكلىپنامىسى
2006-يىكى 2- ئاينىڭ 22- كۈنى ئالما يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى. تەكلىپنامىگە «There’s been a mix up…» دەم يىزىلغان بولۇپ قارىماققا ئالمىنىڭ باشقا كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى باشلىغان ۋاقلار بولسا كېرەك. بۇ بىر يىلدا ئالما Intel بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن كومپىيۇتېرلىرىنى بازارغا سالدى.
يەنە شۇ 2006-يىللىق يىڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش تەكلىپنامىسى
2006-يىلى 9-ئا، يىڭى مەھسۇلات قىلىش يىغىنى. تەكلىپنامە تەگلىكىدىكى بېرىلگەن نۇر ئۈنىمى خۇددى 20-ئەسىر فوكىس كىنو شىركىتىنى ئەسلىتەتتى. ئالما بۇ قېتىم چىقارغىنى بولسا كېينچە Apple TV دەپ ئاتالغان مەھسۇلات بولدى.
WWDC 2007 تەكلىپنامىسى
2007-يىلى 6- ئاي ، ئالما WWDC 2007 يىغىنى . مەزكۇر تەكلىپنامىدە ئاددىلا قىلىپ يىغىن چاقىرىلىش ۋاقتى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، تەگلىكىگە ئىشلىتىلگىنى بولسا يىڭى نەشىردىكى Mac OS نىڭ سۈكۈتتىكى تەگلىك رەسىمىدىن.
2007-يىللىق iPod يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش تەكلىپنامىسى
2007-يىلى 9- ئاي، iPod يىڭى نۇسخىسى ئېلان قىلىندى. تاكى 2001- يىلىغىچە iPod يىلدا بىر نۇسخا ئېلان قىلىش رىكوردىنى ساخلاپ كەلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا Coverflow كۆرۈنمە يۈزى ئاساسى تېما بولۇپ بۇ قېتىمقى تەكلىپنامە لاھىيەسىمۇ ئالما تارىخىدىكى كلاسسىك لايىھە بولۇپ قالدى.
2008-يىللىق iPod يىڭى مەھسۇلاتى ئېلان قىلىش تەكلىپنامىسى
2008-يىلى 9-ئاي، يىڭى ئەۋلاد iPod ئېلان قىلىش يىغىنى. مەزكۇر تەكلىپنامە لاھىيەسى تولىمۇ ئاددى بولۇپ، iPod مۇزىكا قويغۇچىنىڭ كەسمە كۆرۈنىشى خالاس.
WWDC 2008 تەكلىپنامىسى
2008-يىلى6-ئاي، ئالما WWDC 2008 چوڭ يىغنى. تەكلىپنامە لاھىيەسىگە ئالتۇن قوۋۇق چوڭ كۆۋرۇكى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئالاھىدە يېرى لاھىيەدە كۆررۇك ئىككى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ خۇددى يىڭى بىر نىشاننى كۆرسۈتۈپ بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەلۋەتتە لاھىيەدە ئىپادىلەنگىنىدەك بۇ قېتىمقى يىغىندا 3G نۇسخىدىكى iPhone تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى.
MacBook ئېلان قىلىش يىغىنى تەكلىپنامىسى
2008-يىلى10-ئاي، يىڭى نۇسخىدىكى MacBook ئېلان قىلىندى. بۇ قېتىمقى لاھىيەگە MacBook نىڭ سىرتقى قېپى تەگلىك قىلىنغان بولۇپ، تەكلىپنامە لاھىيەسىدىنلا بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئاساسى يۆلۈنىشى MacBook ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
2009-يىللىق iPod يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش تەكلىپنامىسى
2009-يىلى9-ئاينىڭ9- كۈنى، يىڭى نۇسخىدىكى iPod ئېلان قىلىندى. تەكلىپنامە يەنىلا كلاسسىك ئەندىزىنى ئاساس قىلغان بولۇپ يېڭىلىق ئانچە يوق. لېكىن بۇ قېتىمقى يىغىندا iTunes9 ئېلان قىلىنغاندىن سىرت تۇنجى قېتىم iPod تېلكامېرا ئورنىتىلغان بولۇپ مەھسۇلاتتا يېڭىلىق مول دىيىشكە بولىدۇ.
iPad ئېلان قىلىشى كىچىلىكى تەكلىپنامىسى
2010-يىلى1-ئاينىڭ26-كۈنى، ئالمىنىڭ يەنە بىر پەخىرلىك مەھسۇلاتى iPad دۇنياغا كەلدى. تەكلىپنامىگە «Come see our latest creation» دەپ يېزىلغان بولۇپ «ئەڭ يىڭى ئىجادىيىتىمىزنى كۆرۈڭلا» دىگەندەك مەندە، گەرچە iPad ئىككىلا رەڭدە لاھىيەلەنگەن بولسىمۇ تەكلىپنامىگە ھەرخىل رەڭدار ئۈنۈم بېرىلگەن بولۇپ، ئالمىنىڭ بۇ ساھەدە تېخىمۇ ئۇلۇغ نەتىجە ياراتقانلىقىنى ئىپادەلىگەندەك قىلاتتى.
WWDC 2010 تەكلىپنامىسى
2010-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئالما WWDC 2010 يىغىنى ئېچىلدى . بۇ قېتىمقى يىغىندا ئالما iOS 4 سىستېما نەشىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ iPad ھەم iPhone مەشغۇلات سېستىمىسىنى بىردەكلىككە كەلتۈردى. تەكلىپنامىگە 4 نىڭ سايىسى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ ئەلۋەتتە يىڭى ئەۋلاد مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئىپادىلەپ تۇرماقتا.
2010-يىللىق iPod يىڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش تەكلىپنامىسى
2010-يىلى9-ئاي، iPod يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى يىڭى نۇسخىسى تارقىتىش مۇراسىمى.تەكلىپنامە لاھىيەسىگە ئالما لوگوسى چۈشۈرۈلگەن گىتتار ئىشلىتىلگەن بولۇپ، قارىماققىلا iPod ھەققىدە ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. مەزكۇر مۇراسىمدا ئالما تۆتىنچى ئەۋلاد iPod Touch ۋە يىڭى نەشىردىكى Shuffle、Nano نى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلدى.
iPad 2 ئېلان قىلىش مۇراسىمى تەكلىپنامىسى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2- كۈنى . ھېلىمۇ ئېسىمىزدە iPad 2 دەل مۇشۇ كۈندە ئېلان قىلىنغان ئىدى. تەكلىپنامە لاھىيەسىدە ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن مۇراسىم ئېچىلىش كۈنىدىكى 2 بىلەن ئىككىنچى ئەۋلاد iPad كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ ئۇتۇقلۇق چىققان بىر لايىھە دىيىشكە بولىدۇ.
WWDC 2011 تەكلىپنامىسى
2011-يىلى 6-ئاينىڭ6-كۈنى، ئالما WWDC 2011 يىغىنى. تەكلىپنامىدە قوللىنىشچان پروگىراممىلار لوگوسىدىن تۈزۈلگەن ئالما ماركىسى بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا iOS 5 ۋە Mac OS X Lion لار تونۇشتۇرۇلدى.
2011 يىللىق كۈزلۈك يىڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش مۇراسىمى
2011-يىلى10-ئاينىڭ4-كۈى، بۇ قېتىمقى تەكلىپنامە لاھىيەسىمۇ ناھايىتى ئاددى ئەمما ئېنتايىن مەنىلىك بولۇپ تۆت دانە ئايكون ئارقىلىق مۇراسىم ۋاقتى ۋە ئورنىنى ئىپادىلىگەن. يەنە بىر سىرلىق تېلىفۇنمۇ بار بولۇپ بۇ قېتىمقى مۇراسىمدا iPhone 4S ئېلان قىلىنغان. ھەممىمىز بىلىمىزكى iPhone 4S تە Siri ئاتلىق ئاۋازلىك ياردەمچى سەپلەنگەن.
ئالما مائارىپ سىستېمىسى مەھسۇلاتلىرى ئېلان قىلىش مۇراسىمى تەكلىپنامىسى
2012-يىلى ئەتىيازدا، ئالما مائارىپ سىستېمىسى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، تەكلىپنامە لاھىيەسىدە يېپيېڭى بىر ئالما دۇنياسى ئىپادىلەنگەن.
New iPad ئېلان قىلىش مۇراسىمى تەكلىپنامىسى
2012-يىلى 3-ئايدىكى New iPad ئېلان قىلىش يىغىنى . مەزكۇر تەكلىپنامىدە ئاساسلىق New iPad دىكى IPS ئىكىرانىغا مەركەزلەشكەن.
WWDC 2012 تەكلىپنامىسى
2012-يىلى 6-ئاي، ئالما WWDC 2012 مۇراسىمى
خۇلاسە كالام
قىسقىسى يۇقىردا بىر تالاي بىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق نەرسىلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىشىمىز، ھەرگىزمۇ تورخۇمارلارنىڭ زېرىكىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئالمىدەك ئۇتۇق قازانغان بىر شىركەتنىڭ ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە ھەرقانداق بىر كىچىك ھالقىدىمۇ لايىھەگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۆرسۈتۈش. قولىڭىزدىكى iPhone غا قاراپ بېقىڭ، ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك بازار تېپىشى باشقا تېلىفۇن كارخانىلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن ئەمەس بەلكى ئالمىنىڭ ھەر بىر كىچىك ھالقىدىمۇ يېڭىلىق يارىتالايدىغان روھىدىن بولغان. ئالما ئۆزى ئىگە بولغان ھەممە نەرسىنى بىر گۈزەل سەنئەت ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇشقا ئامراق. بەلكىم بۇ تەرىپى بىزنىڭ مىللى كارخانىچىلىرىمىزنى ئويلاندۇرۇشقا تىگىشلىك بولسا كېرەك.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iPad، iPhone، ipod، تەكلىپ، مەھسۇلات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,895 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: apple-invitation-tours-over-the-years.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مىكروسوفتنىڭ يېڭى Logo ئۇسلۇبى ناۋادا باشقا داڭلىق ماركىلارغىمۇ ئىشلىتىلسە ئۈنۈمى قانداق بولار؟
- كېيىنكى يازما > مىكروسوفتنىڭ كۆپ خىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ كونا ۋە يېڭى Logo لىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
مۇشۇمۇ دۋان دىگەن، مەندە ئايفون يوق، يېڭىنى كۈتۈپ ئولتۇردىم
« ئالمىدەك ئۇتۇق قازانغان بىر شىركەتنىڭ ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە ھەرقانداق بىر كىچىك ھالقىدىمۇ لايىھەگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنى» يارىدى بۇ گەپ!
دىۋان غەلۋىسى قىلماي دىگەن لېكىن ھاياجان ،، 4-قېتىملىق دىۋاندا ئوڭۇشلۇق ئولتۇردىم ، ئالما 5 ئېلان قىلىنغان يازمىدا 5-قېتىم ئولتۇرۇشنى ئۈمىت قىلىمەن
نىمىدىگەن چىرايلىق
دىۋان
تەدبىركارغا؛ دىۋاندىن بىرنەچچىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلىمەن. mrgreen:
ھەممىدىن 12_ چىسلالىق ئېلان قىلىش تەكلىپنامىسى پەيزە.
12- چىسىلادىكى رەسىمنىڭ كۆلەڭگىسى 5 دىگىنىكەندە شاڭشاڭلى بادە
2013- يىلنىڭ چالا قاپتۇ .