نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > CSS كودىنى پرېسلاش/فورماتلاش قورالى
CSS كودىنى پرېسلاش ۋە ئۆلچەملىك فورماتلاش قورالى
پرېسلىماقچى ياكى ئۆلچەملىك فورماتلىماقچى بولغان CSS كودىنى كىرگۈزسىڭىزلا ئاستىدا نەتىجىسى كۆرۈنىدۇ

فورماتلاش: بىرلا كۇنۇپكا بىلەن CSS كودىنى چۈشىنىشلىك ھالەتتە كۆرەلەيسىز، ئىنتايىن قولايلىق!

پەقەتلا قۇر تاشلىماي يېزىلغان ياكى پرىسلىۋېتىلگەن CSS كودىنى ئۈستىدىكى ئورۇنغا چاپلاپ فورماتلاش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا، ئىنتايىن ئۆلچەملىك ھالدا فورماتلانغان CSS كودى كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ، ئۇسلۇب تەڭشەش ياكى مۇرەككەپ پرېسلىۋېتىلگەن CSS كودلىرىنى كۆرۈپ چۈشىنىشتە رولى ئىنتايىن چوڭ. سۈرئىتى تېز ۋە قولايلىق!

پرېسلاش: قايتا ئۆزگەرتىش ھاجەتسىز بولغان CSS كودلىرىنى قۇرلار بويىچە رەتلىك پرېسلاش

CSS كودىنى پرېسلاش ئارقىلىق قايتا ئۆزگەرتىش ھاجەتسىز بولغان CSS كودلىرىنى قۇرلار بويىچە رەتلىك پرېسلاپ بېرىدۇ. CSS كودىنى كۆرۈش ۋە تەھرىرلەشكە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيلا قالماستىن يەنە ئارتۇقچە تاشلانغان قۇرلار ئىگەللىگەن بوشلۇقنى تېجەش ئۈچۈن پرېسلاش تولىمۇ ياخشى ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئالىي دەرىجىلىك پرېسلاش: CSS كودىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پرېسلاش

تور بېكەت پروگراممىسى ئادەتتە تور كۆرگۈ تەرىپىدىن ئوقۇپ ئېلىنغاندا مۇناسىۋەتلىك CSS كودلىرىمۇ كومپيۇتېرغا چۈشۈرىلىدۇ. ناۋادا CSS كودىغا ئالىي دەرىجىلىك پرېسلاش ئېلىپ بارغىنىمىزدا، كودلارنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پرېسلاپ، CSS ھۆججىتىنىڭ سىغىمىنى كىچىكلەتكىلى ۋە شۇ ئارقىلىق تور بېكەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەتكىلى بولىدۇ.