ئاپتورى: ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران
poem,literature
بىر جۈپ كۆزۈڭدە
ئەرلىكىمگە لەپىلدىتىپ تۇغ
چوغ ياندۇرۇپ، ئەسەبىي بىر چوغ
كىرىپ كەلدىڭ قەلبىمگە ئۇدۇل
بىر جۈپ كۆزۈڭدە.
كۆزۈمگە سۇۋاركىلاپ گۈلدەك بويۇڭنى
تالان – تاراج قىلىپ جىمجىت ئويۇمنى
قاخشال ھېسلىرىمغا تاشلىدىڭ گۈلخان
بىر جۈپ كۆزۈڭدە.
ئوتلۇق بېقىشىڭدا بىرلا «لاپ» قىلىپ
يۈرىكىمنى چالدىڭ ئۇدا داپ قىلىپ
كۆزلىرىمنى دېڭىزىڭغا يىقىتتىڭ
بىر جۈپ كۆزۈڭدە.
ئىشقىم بوسۇغاڭدا يېتىپ قالدى دۈم،
ئايىغىڭغا بەش ۋاق يىقىلار سۆزۈم:
باشلىغىن كۆڭلۈمنى كۆڭلۈڭگە بىر رەت
بىر جۈپ كۆزۈڭدە.
پەرىشتەم ئۇخلاپ قالدى قۇچىقىمدا
كىتاب كۆرۈۋاتاتتىم،
كارۋاتقا يۆلىنىپ، پۇتۇمنى سۇنۇپ.
دىققىتىمنىڭ شورىسىدىن
كىردى شېرىن بىر سېزىم سۇقۇنۇپ.
«زىررىدە» قىلدى بېغىشىمدا جان
سۇقۇنۇپ كىرگۈچىنى يۈرىكىم تونۇپ:
پەرىشتەم قويغىنىچە بېشىنى ئاستا
قۇچىقىمدا يىمەكتە ئىدى
كۈلكەمنى يالغۇز كاسىلاپ يۇنۇپ...
پۇررىدە ئۇچۇپ چىقتى خاتىرجەملىك
كۆزلىرىنىڭ كوۋۇكىدىن.
ئىشتىھايىمنى چىمدايتتى ھە دەپ
ئۆرلەپ جان ئالغۇچى ھور تۇۋىقىدىن.
كۆزۈم يىقىلدى ئۇسسۇزلۇققا «گۈپ»
يىدىم ھاياجاننى تىرىپ ئۇۋىقىدىن...
قولۇمدىكى كىتابقا
ئالماشتى قۇچىقىمدىكىسى
يۇمدۇم كۆزۈمنى
تىلدى ۋۇجۇدۇمنى ئەرلىك بىسى.
ئوقۇدۇم نىگارىمنى
شېئىر ئوقۇغاندەك قايتا – قايتا
قالدى ئايەتتەك ئورناپ دىلىمغا
چوغدەك باغرىمدا تولغىنىپ تۇرۇپ
لەۋلىرىدە يۈگۈرۈپ يۈرگەن كۈلكىسى...
خىيالىدا ماڭا تۇيدۇرماي
پەرىشتەم ئۇخلاپ قالدى قۇچىقىمدا.
شۇتاپ پىشماقتا شاھانە كۆمەچ
سۆيگۈ لاۋۇلدىغان ئوچىقىمدا...
لوپ قوشىقى ئېيتار بىر بوۋاي
بېشىڭدا شاھانە ئالىدۇ ئارام،
لاچىن قانىتىدەك قالپاق، كۆزۈم رام.
نىگاھىڭدا مىڭ بۈركۈت ئوينار،
مەڭزىڭدە يۇلغۇن چېچىكى سويلار؛
ئەسلىمە تۇغدۇرار ئۈستۈڭدە يەكتەك،
بىر ئويلىسا، سەن مەۋجۇت ئەمەستەك؛
ھەيكەلدەك تارىخچى ياساپ چىققان،
قورسىقىڭغا لىققىدە قوشاق تىققان؛
ئېيىق، يولۋاسلارنى يەنچىگەن پۇتۇڭ،
نى – نى ئايسۇلۇنى كۈل قىلغان ئوتۇڭ.
نەچچە سۇلالىنى توزۇتقان يېشىڭ،
ھەر-ھەر جۇدۇنلارنى ئۈششۈتكەن بېشىڭ.
مارلار ئېغىزىڭدىن بىر نىمكەش زامان،
ئۇنتۇلغان ۋەقەلەر چىرايى سامان.
شۇتاپ مەن نىمكەش زامان ئادىمى،
ئويۇمدا قەدىمقى ئادەملەر غېمى.
ھۆمۈدەيمەن بىر قىسسەنىڭ كەينىدىن،
قارا تەر توپىلاڭ كۆتۈرەر پېشانەمدە
جىنىسسىز قىسمەتلەرنىڭ نامەرد پەيلىدىن.
※ ※ ※
ھۆركىرىگەنچە كېلىدۇ توپان،
قوللىرىدا شىۋىرغان، تۇمان.
بۇزۇلدى تارىم، كۆنچى، ئۆرۈلدى سال،
كۆزى ئوچۇق كەتتى كروران، ئابدال①...
كۆچتى يۇرت-يۇرتلارغا قەلئە-مەھەللە،
قالدى قۇم تېگىدە قەدىمىي پەللە...
ئۆڭدى سەلتەنەت سۇ بوياقتەك،
سايراپ سالدى ئۆگزىدە پاختەك.
سەن – تاشپاقا كەلكۈندە ئۈزگەن،
دۈمبەڭدە تارىخقا بىر ئامبار تۈزگەن.
قىسسە-داستانلار چىقىپ مۈرەڭگە،
ساق ئۆتۈۋالدى قارشى ئۆتەڭگە.
مۇسا ئەلەيھىسسالام قوۋمىنى باشلاپ،
دەريانى ھاسىسىدا يېرىپ تاشلاپ؛
كەڭرى بىر بوشلۇققا ئىگە قىلغاندەك،
ئىلكىگە جىق قوي ۋە تۆگە... قىلغاندەك؛
چىشىڭنىڭ كاۋىكىدا ساقلاپ گۆھەرنى،
ئەلگە قايتۇرۇپ بەردىڭ گويا پەيغەمبەرنى.
كۆرسەتتىڭ موزېيغا كۈننىڭ سېرىقىنى،
ئۆچۈرمىدىڭ جۇتتىمۇ ئەجداد چىرىغىنى.
※ ※ ※
داستان-قىسسەلىرىڭ يىللارنى ئۆرۈپ،
مېنى يىلتىزىمغا تاشلىدى چۆرۈپ.
ئۆزۈم ئۆزۈمدە ئېزىپ مەست-ئەلەس،
ئۆتكەن زاماندا ياشىدىم بىر پەس:
دەريانىڭ بويىدا پادىلار،
ئۆگىتەر بېلىق تىلىنى دادىلار.
قولىدا قارچۇغا، يىراقتا توشقان،
كەينىدە ئىت ئاڭا بىر يۈرەك قوشقان.
كىشنەيدۇ ئارغىماق ئۇسسۇز شېئىردەك،
ھاياتلىق سوزۇلغان ئۇچسىز چىغىردەك.
جاڭگالدا رەسىدە بولغان بىيىتلار،
چۆل گۈزىلىدەك كۆڭۈلنى چىتلار.
مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن تاۋۇشلار ئۇندا،
شالغۇت سۆزلەرگە چاچىدۇ يۇندا.
كۆزۈمگە تۈڭلۈك ئاچار قۇلۇپسىز ئىشىك،
تۈۋىدە توغراقلار لوپلۇقلاردەك تىك.
قومۇشلۇق ساقلار ئۆردەك، غاز تۇخۇمى،
جاڭگالغا ئوغۇل قىلغان ئۇنى تۇغۇمى.
ئالدىغا سېلىۋېلىپ كۈننى ھەر سەھەر،
يۇلتۇزنى كەچتە ئۆيگە باشلاپ كېلەر.
كۈيلىرىدە كەلكۈن ياسار يار تامان،
سۆيگۈ كۆللىرىدە قولۋىقى ھامان...
2010 – يىل 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، لوپنۇر - كورلا
① كروران، ئابدال – تەكلىماكاندا ۋەيران بولغان قەدىمىي شەھەرلەر
|