كۈز لىرىكىلىرى

يوللانغان ۋاقتى:17-06-2011   مەنبە: تارىم 2005-9-سان   مۇھەررىر: {dede:adminname /}   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 2 پارچە
توختىماي ۋىلىقلاپ كۈلىدۇ ئاسمان، قۇياشنىڭ بىر مەڭزى سوۋۇغان نىكەم.

ئاپتورى: رەشىدە سېيىت

1

توختىماي ۋىلىقلاپ كۈلىدۇ ئاسمان،
قۇياشنىڭ بىر مەڭزى سوۋۇغان نىكەم.
شىلدىرلاپ چۈشىدۇ ئالتۇن رەڭ خازاڭ،
زېمىننى قۇچاقلاپ ئۇچقان دەممۇ دەم.
ئېرىقلار باغرىدا يېرىملاشقان سۇ،
دەريالار سۈزۈلگەن دولقۇنى تىنچ.
كۆز يەتمەس ئېڭىزلار ئۇپۇققا تۇتاش،
تاغلارنىڭ ئارىلىقى پەقەت بىر غېرىچ.
سوزۇلغان ئالدىمدا شۇنداق ئۇزۇن يول،
قۇياشنى سۆيىدۇ يالىڭاچ تېرەك.
تىللا رەڭ يوپۇرماق يېيىلغان تامام،
چاقنايدۇ ئەكسى نۇر ئۇنىڭدىن زەردەك.
تېرەكلەر شېخىدا قىزلار كۈلكىسى،
قوغلايدۇ ئۇلارنى »كاككۇك قونغان تال«
مەڭزىدە ۋىلىلدار شەپەق جۇلاسى،
يەلپۈنگەن چاچلىرى خۇددى مەجنۇنتال.
قىزارغان ياپراقلار يىراق ئورماندا،
شېرىن چۈش كۆرىدۇ يەلپۈنۈپ شۇ تاپ.
ئاسماندا ۋىچىرلار سەپەرچى قۇشلار،
ئۇچىدۇ پات-پاتلا ئورمانغا قاراپ.
مەن ئۇزاق شۇ يولدا كېتىپ بارىمەن،
خىيالىم سەھرانى ئايلىنار بىر-بىر.
تۈگەپمۇ قالغاندۇ خامان ناخشىسى،
يېڭىدىن تۈس ئېلىپ بارچە ئېتىز-قىر.
ئۇچىدۇ لىرىكا خىياللىرىمدا،
مەن ئاشۇ سەھرانى ئەسلەپ قالىمەن.
كۆرۈنگەن شۇ ساتما چوقۇم قوغۇنلۇق،
مەن كۈزلۈك سەيلىگە كېتىپ بارىمەن.

2

ئېسىمدە بىر چاغلار كىچىك چېغىمدا
كۈز پەسلى ئوينايتتىم غازاڭلار تېرىپ.
ياسايتتىم ئۇنىڭدىن ئوردا قۇلۇپى،
ياسايتتىم ئۇزۇن چاچ بىر-بىرلەپ چېتىپ.
ئۆي ياساپ ئوينايتتىم مەرەپ چىقىرىپ،
دوستلىرىم كىرەتتى قونچاق تويىغا.
ئۇنىڭدا ياسايتتىم ئاجايىپ لىباس،
ياپاتتىم مەن ئۇنى قونچاق بويىغا.
قار پەسلى كوچىغا گۈلخان سېلىشىپ،
چۆچەكلەر ئېيتىشقاچ قالايتتۇق غازاڭ.
چوڭلارمۇ كېلەتتى بەزىدە تېخى،
ئولتۇرۇپ بىز بىلەن قىزىتىپ پاراڭ.
ئەجەبمۇ چۈچۈككەن بالىلىق دېگەن،
خاتىرەم بېتىدە غازاڭ پەسلى كۈز.
ئويۇنغا باغرىمىز پەقەت قانمىغان،
ئوينىغان بولساقمۇ كېچە ھەم كۈندۈز.
بەزىدە خىيالەن كۈلۈپ كېتىمەن،
بىر قېتىم قايتسام دەپ ئاشۇ چاغلارغا.
تاۋاققا كۆك تەرگەن بېدىلىك بىلەن،
سۆڭگۈچتىن شۇڭغۇسام ئاستا باغلارغا.
يوللارغا يېيىلغان ساپسېرىق غازاڭ،
مەن ئۇنى تېرەلمەي كېتىپ بارىمەن.
خاتىرەم قېتىدا ساقلىدىم بىر تال،
كۈلمەڭلار مەن تېخى ساراڭ بالىمەن.

3

قۇياشنى قۇچاقلاپ تۇرار كۈز پەسلى،
تارايدۇ باغلاردىن ئالمىنىڭ ھىدى.
غازىڭى قالمىغان قۇرۇق شاخلاردا،
قىپقىزىل ئانارلار تۇرىدۇ تېخى.
قىزاردى شەپەقتىن تاملارنىڭ تۈۋى،
يۈگۈرەيدۇ ئاپتاپقا مېكىيان، خوراز.
ئۆگزىدە خورەككە چۈشۈپتۇ ئاسلان،
ھويلىنى بىر ئالغان بۇ ئاجايىپ ساز.
ھېلىمۇ ئېسىمدە شۇ يىراق سەھرا،
ئېڭىزلار باغرىدا قۇشقاچلار توپى.
ۋىچىرلاپ سايرىشى خۇددى نازۇك ساز،
مەشرەپكە چۈشكەندەك ئۇچۇشار خۇددى.
كېچىكىپ چىقىپتۇ پادىچى بالا،
يۈگۈرەيدۇ پادىلار توپا توزىتىپ.
ئاسماندا كۈلىدۇ چىرايلىق قۇياش،
نۇرىنى چاچقانچە ئۇنى ئۇزىتىپ.
يالىڭاچ شاخلاردا باھار ھېسسى بار،
خىيالىي چېچەكلەر تەۋرىتەر ئۇنى.
ھىدلايدۇ چۈشىدە باھار ساباسى،
يېشىللىق قوينىغا چۆككەندەك بويى.
ئېھ، قۇياش قولۇمنى ئۇزاتتىم ساڭا،
جىلۋە قىل، قەلبىمدە كۈزنىڭ كۈنىدەك.
ئاي بىلەن مۇڭدىشىپ سەيلە قىلايلى،
نېمەتلىك تۈن بارمۇ كۈزنىڭ تۈنىدەك.

4

دېرىزەم ئالدىدا تۇرىمەن تەنھا،
يىراقتا كۆرۈنگەن ئورمانغا قاراپ.
نۇرلانغان شەپەقتە تاغلار ئېتىكى
سۇ ئاقار جىرادا تاشلارنى غاجاپ.
قارىغايلار گۈللەيدۇ كۈز كەلگەن چاغدا،
سارغايماس ھەم تېخى ئارچا ياپرىقى.
قۇشلارمۇ ئۇچرىشىپ يۈرۈشەر ئۇندا،
ياۋا ئوت تېخىمۇ گۈل ئاچقان چېغى.
ئۇنتۇلغان ئۇ يەردە كۈزنىڭ شەپىسى،
تەۋرەيدۇ تېخىچە بىر يېشىل دۇنيا.
ئورمانلار باغرىدا لەيلەر ئاق تۇمان،
خىياللار ھېسسىدە تىلسىمدەك گويا.
قۇشلاردەك ئۇچىدۇ لەيلەپ خىيالىم،
مەن شۇ تاپ، ئەنە شۇ گۈللەر ئىچىدە.
گۇگۇمنىڭ قەدىمى كېلەر ئاستىلاپ،
يۇلتۇزلار جىمىرلاپ ئايدىڭ كېچىدە.
يېقىنلا تۇرىدۇ ماڭا تولۇن ئاي،
ئۇزاتسام شۇ تاپتا قولۇم يەتكۈدەك.
قارىسام يەر تامام سارغايغان غازاڭ،
نەگىدۇ شىلدىرلاپ ئۇچۇپ كەتكۈدەك.
يۈرىدۇ تۇيغۇمدا بىر شىڭگىل ھېكمەت
ھاياتقا ھەممىمىز تۆلەيمىز بەدەل.
شۇڭلاشقا يوقالماي بولار ئۇ تەكرار،
بۇ ئۇلۇغ بىر قانۇن ئەزەلدىن-ئەزەل.
شۇڭلاشقا ئىنسانغا قىممەتلىك ھايات،
ھېسابلىق ھەر ئۆتكەن ئاي، كۈن، دەقىقە.
بەزىدە ئۆتۈپتۇ بىلىنمەي يىللار،
ھاياتنىڭ كۈزىنى بىلمەي دەرۋەقە.

5

خىيالىم بولدى قىل خوشلىشايلى بىز،
غازاڭلار يېيىلغان شۇ ئۇزاق يولدا.
تېرەكلەر ئۇچىدا ئاخىرقى شەپەق،
گۇگۇمغا چۆكۈپتۇ پۈتۈنلەي سەھرا.
يۇلغۇنلار قاسناقتا تۇرار قىزىرىپ،
گۈلدەستە كۆتۈرۈپ ئۇزاتقاندەك قول.
يۈرەكتە يېلىنجار ساڭا ئېتىقاد،
لىرىكا توقۇدۇم قىلامسەن قوبۇل.
ئېھ، سەھرا مېنى سۆي، مېنى ئەركىلەت،
مەن بىر تال ياپراققا ئايلانغان چاغدا.
مەيلى بىر غازاڭ بوپ چۈشسەم زېمىنغا،
ئارمىنىم كۈلسە بەس، سېنىڭ باغرىڭدا.
ئېھ، سەھرا مېنى سۆي، مېنى قۇچاقلا،
مەن بىر تال چېچەككە ئايلانغان چاغدا.
مېۋە بوپ باغرىڭدا كۈلۈپ قالارمەن،
كۈز كېلىپ كۆڭۈللەر يايرىغان چاغدا.


 




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار