توققۇز باياۋان قەسىدىسى
(لىرىك داستان)
ئاپتورى: ئابدۇلئەھەد ئىسمائىل ئوغلان
باشلانما
ئويغاندىممەن بىر خىياباندىن، نە خىيابان، زوق-ھاياجاندىن. غىدىقلىدى ئىلھام پەرىسى، نازى بىلەن ئەركىلەپ ياندىن. ياتما ئۇخلاپ، يەنە ياز، دېدى، يازغانلىرىڭ تېخى ئاز، دېدى، سۆز كانىدىن گۆھەر قاز، دېدى، قولغا ئالدىم قەلەمنى ئاندىن. دېدىم: «قەدەم تاشلايمەن نەدىن، يازمىشىمنى باشلايمەن نەدىن؟» دېدى: باشلا ‹توققۇز دولان› دىن- دىيارىڭدىن كەڭ باياۋاندىن. باياۋاننىڭ خىسلەتلىرى كۆپ، سەنئىتى كۆپ، ھېكمەتلىرى كۆپ. يازمىشلىرىڭ تاپقاي بەرىكەت، توققۇز-توققۇز مۇقەددەس ساندىن. نەزمىلەرنى پەرىلەر دەرمىش، غايىبانە، شائىرغا بەرمىش. پۈتۈلدى بۇ داستان-قەسىدە، شۇ مەنالىق ئېزگۈ باياندىن. 1
توققۇز-توققۇز تاغلاردىن بالقىپ، توققۇز مۇزلۇق داۋاندىن ھالقىپ. ھاسىل بولمىش ھەيۋەتلىك ئېقىن، توققۇز سۇمرۇغ كەبى پەر قېقىپ. بۇ قۇدرەتلىك ئىلاھىي ئېقىن بولغاچ توققۇز قۇياشقا يېقىن چىقار ئىمىش تاغلار باغرىدىن، توققۇز-توققۇز بۇلاقلار سىرغىپ. بۇندا قورام تاشلار ساناقسىز، ئېگىز قىيا-قاشلار ساناقسىز. ھەربىرىنىڭ ۋۇجۇد-تەپتىدىن، سۈزۈك قەترە تۇرارمىش تېمىپ. ياشىرارمىش قاغجىراق زېمىن، مېھىرلىك قوش ئەمچەكنى ئېمىپ. كېلەر توققۇز-توققۇز تارام سۇ،
توققۇز جىرا، سايلاردىن چىقىپ. توققۇز-توققۇز بوستان باغلارغا، شەربەت سۇنۇپ، ھىممەتلىك بېقىپ. كېلەر توققۇز-توققۇز ئېقىنلار باياۋانغا باغرىنى يېقىپ. ئۇ، ئايىقى ئۈزۈلمەس كارۋان، باياۋانغا توشۇيدۇ دەرمان، كۆكلىمەمدۇ چۆللەردە ئارمان، ئۆتسە ئۇنداق تاتلىق كۈي قېتىپ؟ ئالتۇنتاغدا ئالتۇن ياتىدۇ، يالقۇنتاغدا يالقۇن ياتىدۇ. قاشتېشىغا تولغان يورۇڭقاش، تەڭكەش بولۇپ قوشاق قاتىدۇ. ئەزىم دەريا بارخانلار تەكتى، كۈن-تۈن مەشرىق تامان ئاقىدۇ. باياۋاننىڭ ئاخشىمى گۈزەل، گۈزەل قىلغان قەدىم كۈي-غەزەل. كۆكتە كۈلەر ئاي ۋە يۇلتۇزمۇ، توققۇز تازىم بىلەن قاش ئېتىپ. ئۇنداق-مۇنداق يازمىشلار بىلەن، ئانچىكى بىر قازمىشلار بىلەن، تۈگەتكىلى بولمايدۇ ئېيتىپ. 2 بۇ باياۋان شۇنداق باياۋان، ئېتىكى كەڭ، قوينى بىپايان. ئىكەن ئېمىش ئەۋۋەلى زامان، چەكسىز كەتكەن دېڭىز-ئوكيان. يۈز بەرگەندە توپان بالاسى، ئېزىققاندا نۇھنىڭ كېمىسى، خانتەڭرىنىڭ يۈكسەك چوققىسى، بولۇپتىكەن ئاڭا پاسىبان. سۇلار سىڭىپ، دېڭىزلار چۆكۈپ، تاڭلا كۈندە تىنچىپتۇ جاھان. دولقۇنلاردىن ئەنداز، نىشانە، بولۇپ قاپتۇ بىھېساپ بارخان. ئۇچار قۇشلار چىقىرىپ قانات، باشلانغاندا يېڭى بىر ھايات، ئادەم زاتى-نۇھنىڭ ئەۋلادى بۇ زېمىننى ئېتىپتۇ ماكان. ئاۋۇپ تۈرلۈك جانۇجانىۋار، بەرپا بوپتۇ يېشىل ئېكىنزار. جىلۋە قىپتۇ چۆل-جەزىرىدە، جەننەت مەسەل كۈجۈم باغ-ۋاران. تۆرىلىپتۇ ياڭراق كۈي-ناۋا، كۈي-ناۋالار دەردىڭگە داۋا. ئەھلى يۇرتتا ئۆملۈك، ئىناقلىق، ئاسايىشلىق سۈرۈپتۇ دەۋران. 3 ئالەمدىكى جىمى مەۋجۇدات، يارالمىشتىن جۈپ-جۈپ يارالمىش. ئادەم زاتى بۇ دۇنياغا ھەم، بىنا بولۇپ شۇنداق تارالمىش. پۈتۈلگىنى بىر ئۇچۇم تۇپراق، يۇغۇرۇلغان سۆيگۈ-ئىشتىياق. ھالال رىزقى-نىسىۋىسىنى، شۇ تۇپراقتىن تېپىپ ئالارمىش. «مىش-مىش» ئەمەس بۇ قانۇنىيەت، بۇ بىر ھېكمەت، كامالىي سەنئەت. يەر مۇقەددەس، ئىنسان ئەڭ ئەزىز، ئەزىز قىلغان ئەجىر ۋە مېھنەت. يەنە پەزلى، ئەقىل-ئىدرىكى، شۇڭا ئۈستۈن ئىنسانىي قىممەت. 4 يۈر نىگارىم، سەيلە قىلدۇراي، تەكلىماكان قۇچاقلىرىنى. ئەزىم دەريا-ئانا تارىمنىڭ، ئالتۇن قۇملۇق قىرغاقلىرىنى. ئارزۇلىدىم، سېغىنىپ قالدىم، بۆلەكچىلا تېۋىنىپ قالدىم، شۇ باياۋان دەشتى سەھرانىڭ ئۇ ياقلىرى، بۇ ياقلىرىنى. باياۋاندا ھايات يوق دېمە،
قونالغۇدىن، گالدىن غەم يېمە. قۇچىقىدا كۆرۈپ قالىسەن، گۈزەل جەننەت سىياقلىرىنى. ئادەملىرى شۇنچە مېھماندوست، گەر نىيىتىڭ بولسىلا دۇرۇس. داستىخانغا تۆكەر بارىنى، قوشۇپ كۈلكە-چاقچاقلىرىنى. قەدىم يوللار بەئەينى يىپەك، بويلىرىدا رەڭمۇرەڭ چېچەك. پەيزىڭ بىلەن قىلغىن تاماشا، دوڭغاق جىگدە، توغراقلىرىنى. چاتقاللىقتا ئوينايدۇ بۆجەن، چۆل قۇشلىرى ئۇنىڭدىن چېچەن. كۆرگىن، يايراپ، سەكرىشىپ يۈرگەن، جەرەن مارال ئوغلاقلىرىنى. قارا، كىمنىڭ يۈرەك پارىسى، (ئۇلارمۇ نەق ئىنسان بالىسى). شۇنچە سەبىي، شۇنچە بىغۇبار، كۆڭلىدە يوق پەقەت ئالىسى. گاھى ئەركەك سۇغا چۆمۈلگەن، گاھى كۈمۈش قۇمغا چۆمۈلگەن، قىپيالىڭاچ، سۆكىسى ئوچۇق، سەھرانىڭ شوخ ئوماقلىرىنى. قارا، ئەنە ئېرىق بويىغا، بۈك-باراقسان دەرۋىت سۆگەتنىڭ ئاستىدىكى سالقىن سەيناغا ئۆي-ئۆيلەردىن چىقىپ ئولاشقان، يېشى توقسان، يۈزگە ئۇلاشقان، كۆك بەھرىدە يۈزى تورلاشقان، كۆپنى كۆرگەن مويسىپىتلارغا. كەچمىشلەردىن ھېكايەت قىلىپ، قىسمەتلەردىن شىكايەت قىلىپ، ئەمدى شۈكۈر-قانائەت قىلىپ، قوغۇن پىچىپ، سىنچاي ئىچىشىپ، ياشلىقتىكى سىرنى ئېچىشىپ، بوشىتىدۇ قارنى-كۆكسىنى، كۈن پاتقۇچە شۇنداق مۇڭدىشىپ. مىڭ كىتابلىق تەلىم ئالىسەن، ئاڭلىغانچە ھەيران قالىسەن، ھەرلەۋزى مىڭ تىللاغا ئەرزان، ھېكمىتى مول ساۋاقلىرىنى. پەرىشتىلەر تونۇر بېشىدا، نەۋ جۇۋانلار بۆشۈك قېشىدا، سەن ئۆمرۈڭدە ئۇچراتمىغان تەم چامغۇر توغراپ ئەتكەن ئېشىدا. دېمەيلا قوي، نومۇس-ھايالىق، سۇمبۇل چاچلىق قىزچاقلىرىنى. ئۇچرىتىسەن مۇشۇ ماكاندا، ئادەم ئاتا، ھەۋۋا ئانىنىڭ تەۋەررۈك ئىز-ئاياقلىرىنى... 5
پۇچۇلىغان زۆھرەنىڭ ئوتى، تاھىر ئەزىم دەريادا ئاققان. پەرھاد ئىزدەپ شېرىن ۋەسلىنى، تاغنى كېسىپ، تاشلارنى چاققان؛ ئارام بەرمەي لەيلى پىراقى، مەجنۇن كېزىپ دەشتى-باياۋان، ئەسرارلىشىپ ئاھۇلار بىلەن، بوپقاپتىكەن شائىر غەزەلخان. ئېھتىمالىم شۇدۇر شائىرغا، ئاشىقلىقنىڭ ئىنئام قىلغىنى. ئەي دىلبىرىم سېنى دېمىسەم، ساراڭمىدىم شائىر بولغىنى؟ قولغا قەلەم ئالدىم سېنى دەپ، شائىر بولۇپ قالدىم سېنى دەپ، سەمەندەردەك جىسمى جانىمنى ئوت-ئاتەشكە سالدىم سېنى دەپ. «ئاشىقلارغا داۋا يوق» دەپتۇ، ماڭا ئۆزۈڭ دورا-داۋا سەن. ھاياتتا نە لەززەت سېنىڭسىز، نەدە قەدىر-قىممەت سېنىڭسىز؟ تېتىماس ھېچ نېئمەت سېنىڭسىز، نەزەرىمدە گۈزەل دۇنيا سەن. كەل، بىز كەزگەن بۇ چۆل باياۋان، ئەجرىمىزدىن بولسۇن باغ-بوستان، تەرىپىڭگە پۈتىمەن داستان، چىمەنىمدە گۈلى رەنا سەن. 6
باياۋاندا شۇنداق بىر كۈي بار، ئۇ، تىرىكلىك-ھاياتلىق كۈيى. قىزىمايدۇ ئەسلا بۇ كۈيسىز، ئەھلى يۇرتنىڭ مەشرىپى تويى. ئۈزۈلمەيدۇ ئايىقى ئۇنىڭ، ياڭراتساڭمۇ تا ئۆمۈر بويى؛ ئاتەش قۇمغا ئۇسسۇزلۇق بەرگەن، ئۇ، تارىمنىڭ دوغاپتەك سۈيى. ئۇ، يىقىلماس قەدىمىي توغراق،
جۇت بوراندا ئاۋۇپ ئاينىغان. ئۇ، نومۇسچان سەھرا گۈزىلى، بويۇنىغا كۆز مۇنچاق ئاسقان. ئۇ، لەززەتلىك، مەززىلىك تائام، تۇز-تەمىدىن تېپىلماس نۇقسان. ئۇ، جاڭگالنىڭ بېشەك شېرىنى، بوز بىنامدا راسا ئوخشىغان. ئۇ، تەبىئىي يېشىل يېمەكلىك، خىمىيىۋى ئوغۇت قوشمىغان. باياۋاندا شۇنداق بىر كۈي بار،
جېنىڭغا جان جىسمىڭغا دەرمان. قوشاقلارغا چىرماشقان ئاھاڭ، تىڭشىغاننى قالدۇرار ھاڭ-تاڭ. ئېزگۈ ئاھاڭ شۇنچىلىك پۇزۇر، ئېيتقان ھوزۇر، ئاڭلىغان ھوزۇر. شۇ كۈي بۈگۈن قىتئە ھالقىدى، تاڭ قۇياشى بولۇپ بالقىدى. خەلقى ئالەم ياغدۇردى ئالقىش، ئەل داڭلىدى، ئاڭلىدى جاھان. باياۋاندىن ياڭرىغان كۈيگە كۆكتىكى ئاي، يۇلتۇزمۇ ھەيران... باياۋاندا شۇنداق بىر كۈي بار، مۇڭلىرىغا سالغىنا قۇلاق. ئۇ، زېمىننىڭ نازۇك كۆكسىدىن ئوخچۇپ چىققان خىسلەتلىك بۇلاق. ئۇ، ئەمچەكتىن سىرغىغان ئاق سۈت، ھەتتا بەھىر ئالىدۇ بوۋاق؛ سەپىرىدە كارۋان بۈيۈكنىڭ، جىرىڭلىغان كۈمۈش قوڭغۇراق. قىممەت ئەسلى ئۇنىڭ باھاسى،
بەكمۇ ئۈستۈن نەرقى ناۋاسى، ئاشۇ كۈينىڭ ئىگە-ھەقداسى، بىر تىيىن ھەق ئالمايدۇ بىراق. كىم خالىسا ئېيتىۋېرىدۇ، ئورۇنداشقا تاللانماس چولپان. كىم ئاڭلىسا ئاڭلاۋېرىدۇ، ئاڭلىغانغا تۆلىمەس ئۇلپان؛ مەيلى بولسۇن، بولمىسۇن چالغۇ، سىنئالغۇ يا زۇۋۇك، ئۈنئالغۇ، كەتمەيدۇ ھېچ گىرىم ۋە پەرداز، لازىم ئەمەس سۈنئىي رەڭ-بوياق. كەتمەس سېۋىت، دىكىراتسىيە، ھەم ياسالما ئىنتوناتسىيە، دەرپەردىلىك ھەشەمەت سەھنە، چاقناپ تۇرغان رەڭگارەڭ چىراغ. كەتمەس يەنە داڭلىق رېژىسسور، قول شىلتىغان سۈرلۈك دېرىژور. ئولتۇرمايدۇ نوتىغا قاراپ، نوتا ئۆزى ئوتلۇق ئىشتىياق. سەلتەنەتلىك زاللار بىھاجەت،
سەھنە- ئېتىز، ئېرىقنىڭ بېشى. سەھنە-قېرى توغراق سايىسى، چىتسىز باغنىڭ ئىچى ھەم تېشى؛ گېزى كەلسە، توپىلىق سەينا، يۇلغۇن تۈۋى بارغاننىڭ قېشى. ئەلنەغمىگە، ئۇسسۇلغا ئۇستا، باياۋاننىڭ مويسىپىت يېشى. كۈي پۇتلاشماس كەتمەن چاپقانغا، ئېقىۋىرەر ئەمگىكى-ئىشى. ئەڭ مۇزەپپەر ئەمگەكچى دېھقان،
ئەڭ مۇنەۋۋەر سەنئەتچى دېھقان، بەزمە-مەشرەپ، ئەلنەغمە، مۇقام، دىل ئارامى، كۆڭلىنىڭ خوشى. ئارام دېگەن دېھقانغا نەدە، ئون ئىككى ئاي ئەس-يادى يەردە، ئوينىۋالسا ئىككى-ئۈچ پەدە، ئىشتىن يېنىپ، شۇ «ھاردۇق ئېشى». سۇچى يىگىت «غېرىب» رولىدا،
مەھەللىنىڭ چىغىر يولىدا، تولۇنئايدەك كەتمەن دولىدا، ناخشىنى دۇڭ توۋلاپ ئۆتىدۇ؛ چېكىسىدە يۇلغۇن چېچىكى، نان جىگدىگە تولغان ئېتىكى، دۈپۈلدەيدۇ ئەنسىز يۈرىكى، سەنەم ئۇنى ياندا كۈتىدۇ. شۇ ئىخلاستىن، شۇ ئەقىدىدىن، بىر ئەمەس مىڭ داستان پۈتىدۇ. ئوتياشلىقتا خېنە ئاقتۇرۇپ،
ئوسما تەرگەن دېھقاننىڭ قىزى. بىر يىگىتنى قالغان ياقتۇرۇپ، گۈزەل مەشۇق «لەيلى»نىڭ ئۆزى؛ جىگدىلىكتىن چىقار شۇ يىگىت، ئاشىقلىققا ئىقرار شۇ يىگىت، كۈي قاتىدۇ ئوتياشلىق تامان، ئۇنىڭ كۆزى «مەجنۇن»نىڭ كۆزى. نە ئەجەبكى كۈينىڭ لەرزىدىن، قىزىرىدۇ «لەيلى»نىڭ يۈزى... «پەرھاد» چېكەر ھەسرەت، ئىزتىراپ،
گۇگۇم پەيتى شورىدىن ماراپ، «شېرىنجان»نىڭ يولىغا قاراپ، بايان ئەيلەر كۆڭۈل سىرىنى؛ يېيىلغاندا تۈننىڭ پەردىسى، ئەسكە چۈشۈپ بەرگەن ۋەدىسى، يېقىنلاشسا يارنىڭ گەۋدىسى، قۇچاق ئاچار ئۇنىڭ «شېرىن»ى. ھەيھات، ئاجىز قەلەم سۆيگۈنىڭ پۈتەلمىدى مىڭدىن بىرىنى... «تاھىر» يۈرەر دەريا بويىدا،
«زوھراجان»نىڭ ۋەسلى كويىدا، «زوھرا» ئاللىكىمنىڭ تويىدا، ياتقا سالماس كۆزنىڭ قىرىنى. ئىپپەت-ھايا، ساداقەت، ۋاپا، ھۆكۈمراندۇر ئۇنىڭ روھىدا. جان پىداسى «تاھىر»دىن بۆلەك، ھېچكىشى يوق خىيال ئويىدا. ھەيھات، ئاجىز قەلەم سۆيگۈنىڭ پۈتەلمىدى مىڭدىن بىرىنى... باياۋاندا شۇنداق بىر كۈي بار،
ئاڭلىسا جان يايراپ كېتىدۇ. ئاۋۋال ئۇنى بابالەر ئېيتقان، سەنمۇ پەرۋىش ئەيلەپ، بېيىتقان، شۇ تەۋەررۈك، يادىكار كۈينى، يەنە ئەۋلاد-نەسلىڭ ئېيتىدۇ. كۈي بولامدۇ بۈگۈن تۆرىلىپ،
ئەتە-ئۆگۈن ئۆلۈپ قالغىنى؟ دۇردانە كۈي ياشايدۇ ئۇزاق، توزۇپ كېتەر ساختا-يالغىنى؛ مۇقامىغا چۈشمىگەن پەدە، ئىززەت ئابروي تاپقىنى نەدە؟ ئۇ، بىر خەستە، قالىدۇ پەستە، ئەخلەت كەبىي سۆرۈلۈپ يەردە. مۇقامغا پەر كەلگەن پەدىنىڭ سادالىرى كۆككە يېتىدۇ. قايرىپ قويۇپ گۆھەر مۇقامنى،
«زامانىۋى كۈي مۇشۇ» دېمە. تالاي زامان سىناقتىن ئۆتكەن، تاغ-داۋاندىن، توساقتىن ئۆتكەن، ئۇلۇغ ئەجداد ئارمىغان ئەتكەن، خەلقىمنىڭ قان-تەرىدىن پۈتكەن؛ ياشىغانچە ياشنايدىغان كۈي، يەنە ئۇزاق ياشايدىغان كۈي، مەڭگۈ جۇلا تاشلايدىغان كۈي، «زامانىۋى كۈي» بولماي نېمە؟! 7 ئۆلمەس مۇقام، كۆمۈلمەس مۇقام، ئۆڭمەس مۇقام، ئۈزۈلمەس مۇقام. راۋاب، قالۇن، غېجەكنىڭ تارى، سەنسىز بەلەن تۈزۈلمەس مۇقام. سەن باركى غەم-قايغۇ، پىغانلار، ماڭا قىلچە بىلىنمەس مۇقام. سەن كۈيلەرگە رەھنىما، پەدەر، كىممۇ سەندىن سۆيۈنمەس مۇقام؟! 8 تۇققۇز مۇقام-توققۇز باياۋان ، جەۋلانى بار توققۇز پەلەكتە. ئوتتۇز ئوغۇل، توققۇز قىز-جانان، مەشرەپ تۈزەر قۇتلۇق تىلەكتە. لاۋالىغان مىڭ يالقۇنتاغنىڭ گۈلخانى بار ھەربىر يۈرەكتە. ئەپلەشمەيدۇ مەشرەپسىز مۇقام، ئەپلەشمەيدۇ مۇقامسىز مەشرەپ. ئۆگۈت، ھېكمەت، ساۋاق ئالىسەن، ئۇ ئىلىمگە ھۆددىگەر مەكتەپ؛ بىلدۈرىدۇ ئادەم بولۇشنى، بىلدۈرىدۇ پەزىلەت-ئەدەپ. كەل نىگارىم، بۇنداق مەكتەپنى،
كۆرگەنمىدىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن؟ كەل، قورۇنما، قۇچاق ئاچىدۇ، ئىجازەتسىز، بىزگە بۇ سورۇن؛ مەشرەپ دېگەن ئەزىز مېھمانغا، تۆر تەرەپتىن بېرىدۇ ئورۇن. كۈي باشلىنار «باش باياۋان»دىن،
«چېكىتمە»سى، «سەنىمى» ئاندىن. كۆر «سەلىقەس»، «سېرىلما»سىنى، بەرنا يىگىت، رەنا جۇۋاندىن. مەۋج ئۇرغان سۆيگۈ دولقۇنى، كەلگەنمىدۇ ئابى راۋاندىن؟ سەن توۋلىساڭ «زىل باياۋان»نى،
مەنمۇ كەزدىم «چۆل باياۋان»نى. ئۇندا كۆردۈم يېڭى ئىز سېلىپ، ئۆتۈۋاتقان بۈيۈك كارۋاننى؛ ئارتىۋاپتۇ تۆگىلىرىگە مىڭ تىلەكنى، مىڭبىر ئارماننى. سىنچاي تۇتتى «ئۆتەڭ باياۋان»،
قاندى باغرىم، ئالدىم ئارامنى. يەتتىم ئاندىن «بوم باياۋان»غا، سەيلە قىلىپ باغراش، سايرامنى، داۋا مەشرەپ، ناۋالىق مەشرەپ، ساقايتىدۇ كۆڭۈل يارامنى. «سىم باياۋان» سىرلىق رەۋىشتە،
يۈرىكىمگە چاتتى بىر رىشتە. قىزىماقتا سەينادا مەشرەپ، مەن زېمىندا، روھىم ئەرشتە؛ پىرقىرايدۇ چۆرەمدە شۇ تاپ، ئۇسسۇل ئويناپ سانسىز پەرىشتە. تاڭدا چولپان چاچىدۇ شولا،
باياۋاندا نۇر، ھۆسىن، «جۇلا». «سېرىق سەبدە جان تولۇنئاي»دەك، «جۇلا» پەيزى ھەممىدىن تولا؛ جور بولىدۇ كۆكتە بوز تورغاي، باغدا كاككۇك، كۆلدە ئاققۇلار. كۈي ئەۋجىدە ياڭرار «دۇگامەت»،
تۈگەنچىدە «خۇدەك باياۋان». مەشرىپىڭنى مەڭگۈ داۋام ئەت، قانات يېيىپ توزدەك، باياۋان. كۆرۈنىسەن ئوڭۇم، چۈشۈمدە، كۆزلىرىمگە گۈلدەك باياۋان. 9 ئىپتىخارىم «توققۇز باياۋان»، تىلتۇمارىم «توققۇز باياۋان». قانداق مۇراد تاپسۇن سېنىڭسىز، دىلخۇمارىم «توققۇز باياۋان»؟ كۈيلىرىڭگە سىڭگەن خۇشلۇقۇم، ئاھۇ زارىم، «توققۇز باياۋان». ئوتقاش رەڭلىك يۇلغۇنلۇقلىرىڭ، لالە زارىم «توققۇز باياۋان». ئۇيغۇر دولان-ھىممەتلىك دولان، جان دېسە جان بېرەر مېھمان دەپ. ئىززىتىنى بىلگەن كىشىگە، بەزمە-مەشرەپ تۈزەر، مېھمان دەپ. زاغرا، توقاچ بولسىمۇ ئۇشتۇپ، ئاش ئېتىپ، چۆپ سۈزەر مېھمان دەپ. قوغۇنلۇقتا پىشقان كۆكچىنىڭ باش بۇرنىنى ئۈزەر مېھمان دەپ. پاقلان سويۇپ، ھەتتا موزاينىڭ كاللىسىنى كېسەر مېھمان دەپ، ھاجەت بولسا ئېغىر ئالماستىن، باياۋاننى كېزەر مېھمان دەپ. تۈگەنچە
سەندە يىلتىز، ئەسلىم، باياۋان، سەندە سۆيگۈ ۋەسلىم، باياۋان. ئۆتمىگەنمۇ نەۋقىران چېغىم، سەندە باھار پەسلىم، باياۋان. زىكرى قىلسام نام-شەرىپىڭنى، دىلدا پەۋەس ئوتلۇق ھاياجان. يارالمىشىم تۇپراقلىرىڭدىن، مەۋجۇتلىقىم سەندە نامايان. جەننەت ئىزلەپ نەلەرگە باراي، قوينۇڭ ماڭا جەننەتۇل رىزۋان. توختاتمىغىن ھايات كۈيىنى، ياشا، ياشنا «توققۇز باياۋان!» ----------------------
شائىر ئابلەت ئىسمائىل ئوغلاننىڭ "توققۇز باياۋان قەسىدىسى" ناملىق بۇ لىرىك داستانى
"قەشقەر" ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنىپ،
18-نۆۋەتلىك "خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى"غا ئېرىشكەن
|