ھەپتىدىن كېيىن داۋۇت مەيچى بىردىنلا چۆپقەتلىرىنىڭ ئازلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى سەزدى . كۈندە لىققىدە ئولتۇرۇپ ، بەزىدە نۆۋەت كۈتۈپ ئۆينى بازار قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ بېرىۋاتاتتى . چاتاقنىڭ نەدىن چىققىنىنى ، ئىشنىڭ قايەردىن ئوسەي كەتكىنىنى بىلەلمەي بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزىۋەتكەن داۋۇت مەيچى بىر كۈنى كەچتە سايىمجاننىڭ يوغان - يوغان كومزەكلەرگە قاچىلانغان مەيزاپلارنى كامىلجاننىڭكىگە تۇشۇۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ قالدى . _ نىمە ئىش بۇ ؟ كامىلجان بىر ئۈزى ئۈچۈن مۇنچە مەيزاپنى نىمە قىلىدۇ ؟ يا مەيزاپنىڭ باھاسى ئۈسىدىغان ئىش بولسا، ئالدىن بېسىۋالاي دېدىمىكىنە ؟بىراق ، سايىمجان ئۇنداق بىر گەپنىڭ ئىس بۇسىنى چىقارمىغانىدىغۇ ؟ يا... ئۇنىڭ نېرىسىنى ئويلاشقا كۆڭلى بارمىدى . يېقىن خوشنىسىنىڭ يەۋاتقان ئېشىغا چاڭ سېلىشىنى ئۇ ھەرگىزمۇ خىيالىغا كەلتۈرمەيتتى .بەلكىم، سايىمجاننىڭ توشۇۋاتقىنى باشقا بىر نەرسە بولۇشى مۇمكىن .ئۇ شۇ خىيال بىلەن كامىلجاننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا باردى . – نىمە توشۇۋاتىسىلەر سايىمجان ئاداش؟– سورىدى ئۇ كۈپلەرگە قىزىقىپ قاراپ، – نىمە بۇ ؟ – مەيزاپ ! – غېمىدە يوق جاۋاپ بەردى سايىمجان . – نىمە ؟ مەيزاپ ؟– دىككىدە چۈچۈگەن داۋۇت مەيچى ئىتتىكلا ئۆزىنى تۇتۇۋالدى، – كامىلجانگە بۇنچە كۆپ مەيزاپ نىمىگە لازىم بولۇپ قاپتۇ ؟ – سىلىنى يالغۇزچىلىق تارتىپ قالمىسۇن دېدىم داۋۇت ئاخۇن، – شۇ سوئالنىڭ ئۈستىگە چىققان كامىلجان جاۋاپ بەردى،– مەنمۇ تىجارەت قىلاي دېگەن خوشنام، ئىش باشلىغىلى ئىككى – ئۈچ كۈن بولدى. قانداق، بوپتىمۇ ؟ – بو ... بوپتۇ ئوبدان بوپتۇ ، – داۋۇت مەيچىنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن ھالدا جاۋاپ بەردى. ئۇ شۇندىلا نېمىشقا ئۆز قازنىقىنىڭ خىرىدارسىز قېلىۋاتقانلىقىنىڭ سىرىنى بىلگەندەك بولدى . – ئىككى خوشنا بىر يەردە تىجارەت قىلساق، – دەپ قۇشۇپ قويدى كامىلجان، – يوقنى تەڭ تېپىپ، بارنى ئۆز ئارا سۇنىشىپ تېخىمۇ ئوبدان روناق تاپقۇدەكمىز . شۇڭا مىنىڭكىگىمۇ قۇرت كىردى داۋۇت ئاخۇن . – قۇرت ئەمەس، قىزىتىلغان لوم تۈمۈر كىرىپتۇ خوشنام، – ئىچىدە پىچىرلىدى داۋۇت مەيچى، – قىلىدىغان باشقا ئىش تاپالمىغاندەك، مەندىن نان تالاشقىنىڭ نىمىسى؟ شۇمۇ خوشنىدار- چىلىق بولدىمۇ ئەمدى ... كونىلار ئەزەلدىن بىر قازاندا ئىككى قوچقارنىڭ كاللىسى پىشمايدۇ دېيىشىدىكەن. ئەمما كىچىككىنە قاينۇقتا ، يەنە كىلىپ بىر بىرىگە قاراپ تۇرىدىغان ئىككى ئۆيدە نەچچە قوچقارنىڭ كاللىسى ۋاراقلاپ قاينىماقتا . كامىلجان سودىسىنىڭ ئۈزى كۈتكەندىنمۇ ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتقىنىدىن سۈيۈنسە ، داۋۇت مەيچى ئۆز تىجارىتىنىڭ بارغانچە سۇغا چىلىشىۋاتقىنىدىن ، شۇنچە كونا چوپقەتلىرىنىڭمۇ تىزىپ كېتىۋاتقىنىدىن بىئارام بولاتتى . ئادەم دېگەن شۇنداق مەخلۇق بولسا كىرەك ، ھەر ئىككى ئۆيدىكى بىر ئۇستىنىڭ قولىدىن چىققان شاراپ بولسىمۇ ، ئەمما يېڭىسىغا بولغان قىزىقىش تۈپەيلى ، خىرىدارلار بارا-بارا كامىلجاننىڭ ئۆيىگە ئاقماقتا ئىدى .... مەھەللىدە ھەممىلا ئادەم كامىلجاننىڭ مەيزاپخانا ئېچىشىنى داۋۇت مەيچىدىن كۆردى ، خىيالىدا يوق ئادەمنى قىزىتىپ ، مەيزاپخانا ئېچىشقا سەۋەپچى بولغان دەل ئاشۇ ئىشەك نەسلى ، دوزاخقا تۇترۇق بولغۇچى داۋۇت مەيچى _ دېگەن گەپ ئۇلۇق- ئۇششاقنىڭ ئېغىزىدا ئېقىپ يۈرەتتى . «ئىشنى بۇزغان ئانىسى، چاقنى بۇزغان تانىسى» دېگەندەك، كامىلجاننى بۇزغان ئاشۇ نەس باسقۇر داۋۇت مەيچى دەپ قاينايتتى پىشقەدەملەر. ئەمەلىيەتتە داۋۇت مەيچى كامىلجاندىن خاپا ئىدى. ئۇ خوشنىسىنىڭ مەيزاپخانا ئېچىشىنى ئۆزىگە قىلىنغان چىدىماسلىق ، ھەسەت ، يىگەن ئېشىغا تۇپا چاچقانلىق دەپ بىلەتتى . ئۇ مىنىڭ چوپقەتلىرىمنى تارتىۋېلىپ سودامنى بۇزدى دەپ بۇ خوشنىسىدىن ئاغرىناتتى .... –مانا، كامىلجان با جۈجاڭنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىچە ئىسقىرتىپ كىرىپ كەتتى. تېخى ئەمەلدارنىمۇ ئۈگىتىۋاپتۇ دىسە، قارىغاندا ئۇنىڭ تەييارلىقى بوش ئەمەسكەندە! شۇنىڭغا يارىشا تاپقان پايدىسىمۇ مىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق...چۈنكى، ئەمەلدار دىمەك- پۇل دىمەك. قارىغاندا ئۇ تورنىڭ ئەڭ يۇغىنىنى تاشلاپتۇ – دە؟ ۋاي ئىچى قۇتۇر كاساپەت ، تاپقان ئىككى – تۆت تال پۇلۇمغا كۆز قىزارتمىساڭمۇ ساڭا قىلغۇدەك ئىش چىقار ئىدىغۇ ؟! ئۇنىڭ ئۈجمە كۈتىكىدە ئولتۇرۇۋىرىپ كاسىسى ئاغرىپ كەتكەنىدى . داۋۇت مەيچى ئورنىدىن تۇرۇپ تازا بىر كېرىلدى - دە ، ئۇستىخانلىرىنىڭ غاراسلىشىدىن بىر خىل ھوزۇر ھېس قىلدى . ئۇ كۈز شامىلىنىڭ بارغانسېرى ئەدەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ، ئۆزىنىڭمۇ توڭلاپ كەتكەنلىكىنى سىزىپ ، كامىلجاننى غايىۋانىسىغا بىر نەچچىنى تىللىغىنىچە ئۆيىگە ماڭدى . داۋۇت مەيچىنىڭ تىگىشلىك ئەدىپىنى بەرگەن ئايال خاخىراپ بىر خىلدا ئۇخلىماقتا ئىدى . ئۇ سەل ئاغرىپ تۇرغان كۆزلىرىنى سىلاپ قويغاندىن كېيىن ئىشتاننىڭ پۇل سېلىنغان يانچۇقىنى تۇتۇپ باقتى ۋە سامان تەككىنىڭ ئاستىغا تىقتى . يوتقاننى ئاستا قايرىپ بولۇپ يەنە يېپىپ قويدى .چۈنكى، ئەمدى ئۇ يوتقانغا پۈركىنىپ ، خوتۇنىنىڭ كۆكسىنى سىلاپ قانچە ياتسىمۇ قاچقان ئۇيقۇسىنى تېپىۋالالمايتتى . ئەتراپتىن خورازلارنىڭ ئىككىنچى قېتىم چىللىغان ئاۋازى كېلىشكە باشلىدى . دىمەك ، تاڭغا ئاز قالغان ئىدى . ئەمدى ئۇ ئۇخلايمەن دېسىمۇ ، كۈزى ئىلىنار – ئىلىنمايلا كۈن چىقىدۇ . يېڭى بىر ھاياتلىق باشلىنىدۇ . جان ساقلاش ئۈچۈن يەنىلا تىپىرلاش ، يوقنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاش كىرەك . ئۇ تورۇسقا قاراپ ئاچچىق يۇتقىنىچە خىيال سۈرۈشكە باشلىدى . _ ئەجەپ ئىش ھە ؟ بۇ كەمدە ئادەملەردە يۈز قالماپتۇ . ۋاي داۋۇتۇم دەپ يۈرگەن خېلى كونا چۆپقەتلىرىممۇ خۇددى ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ ئۈگىتىۋېلىنغان جالاپتەك كامىلۋاينىڭكىگە كۈنىۋاپتۇ .مەن ئۇلارغا نىمە قىلغان ؟ شۇ بۇيرۇتقىنىنى ھايالشىمايلا ئالدىغا تەقلەپ ، شاھ – ۋەزىرلەرنى كۈتكەندەك پالاقلاپ ، رەھمەتلىك دادامغا قىلمىغان ھۈرمەتلەرنى كۆرسەتكەنلا گۇناھىم بار . كامىلجان دېگەن دەيۈز ئۇلارغا نىمە قىلدىكىنا ؟ھەجەپ سۇ چوڭقۇرغا ئاققاندەك ، ھەممىسى شۇنىڭكىگە يۈگرەۋاتىدىغۇ ؟ توختا ، بۇنىڭ بىر ئامالىنى قىلمىسام بولمىدى . يار ئالغان يەرگە بۈكەگ قۇيۇش ئەلمىساقتىن تارتىپ بار ئىشقۇ ؟!ھە ، مەنمۇ بۇ يارنىڭ ئاۋال نەدىن ئېلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭغا بۈكەگنى قانداق قۇيۇشنى ئىنىقلىشىم كىرەك . بۇ ئىشنىڭ تىگىگە يەتمەي قويمايمەن ... تاڭ ئاتتى . ئۇيقۇسىزلا ئورنىدىن تۇرغان داۋۇت مەيچىنىڭ كۆزلىرى قۇم تىققاندەك ئېچىشىپ تۇراتتى . ئۇ ئىتتىكلا يولغا چىقىپ ، كامىلجاننىڭ دەرۋازىسىغا قارىدى . قوش قاناتلىق يوغان دەرۋازا ھىم ئىتىلگەن ئىدى . ئۇ ئاستا بېرىپ ئىشىك ئالدىدىكى يولغا قارىدى . توپىلىق يولدا ھەر خىل گۈللۈك نۇرغۇن ئاياق ئىزلىرى قالايمىقان چېچىلىپ ياتاتتى . ئاشۇ ھەررەڭ – سەررەڭ ئىزلار ئارىسىدا پاشنىسى يەرگە قۇزۇق قاققاندەك پاتقان ، چىكىت گۈللۈك ئىزلارمۇ بار ئىدى . _ ھە ، ئەمدى بىلدىم ، بۇ يەرگە ئىچەرمەنلەر يالغۇز كەلمەيدىكەن ، _ داۋۇت مەيچىنىڭ ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى چوڭ ئېچىلدى ، _ ئەسلىدە ، بۇ خوشنام سۇلامچىلىق بىلەن مەيزاپچىلىقنى بىللە قىلىۋاتقان ئىكەن – دە !؟ شاراپ بىلەن خوتۇن پۇل تاپقان ئەركەكنىڭ ئارمىنى دېگەن گەپ بىكارغا ئېيتىلماپتۇ ئەمەسمۇ ؟! راست ، ئادەم دېگەن شاراپنى مەست بۇلۇشقىلا ئىچمەيدىغۇ ؟ كۈڭۈل ئېچىشقا يەنە ...ھە ، ئەمدى بىلدىم . مەن بۇنى بۇرۇنراق ئويلىشىم كىرەكتىغۇ ؟ ئاخشام ئۇ دەيۈزنىڭ خۇشاللىقىدىن ئىسقىرتىپ كىتىشى بىكار ئەمەسكەن- دە ؟! شۇ چاغدا ھويلا ئىچىدىن بىرىنىڭ كېلىۋاتقان ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى ، داۋۇت مەيچى بۆرىدىن ھۈركىگەن قوي پادىسىدەك ئوپۇر – تۇپۇر كەينىگە ياندى ۋە يۈگرىگەندەك قىلىپ ئۆز دەرۋازىسى ئالدىغا كىلىۋالدى . خوشنىسىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئوزۇن شاخ سۈپۈركىنى كۈتۈرۈۋالغان كامىلجاننىڭ ئايالى چىقىپ كەلدى . ئۇ ئەتراپقا يېنىش – يېنىشلاپ قاراپ قويغاندىن كېيىن ئاشۇ قالايمىقان ئىزلارغا قارىتىپ سۈپۈركە سالدى . _ ھۇ پاسكىنا ، _ دەپ تىللىدى داۋۇت مەيچى ئىچىدە ئوغىسى قايناپ ، _ ئىز ئۈچۈرۈشكە نىمانچە ئۇستىسەن ؟ خۇددى مۈشۈك بەز يەپ بولۇپ، لىۋىنى بىر يالىۋېتىپلا ھېچنىمە يىمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالغاندەك ، مانا ، سولامچىلىقىڭنى مەن كۈرۈپ قالدىم .ئەمدى ئىزنى قانچە ئۈچۈرگىنىڭ بىلەنمۇ بۇ ئاتاقتىن مەڭگۇ قۇتۇلالمايسەن . داۋۇت مەيچىنىڭ ئىچى ئاچچىققا تولدى . ئۇ خوشنىسىنىڭ ۋاستە تاللىمايلا چوپقەتلىرىنى يىڭنىدىن يىپ سوغارغاندەك تارتىپ كەتكىنىگە غەزەپلەندى .ئەمدى ئۇمۇ كامىلجان دىگەن بىر نىمىنىڭ يۈزىگە قاراپ ئولتۇرمايدۇ .قىلغۇلۇق دىگەننى چېكىدىن ئاشۇرۇپ ، كامىلجاننىڭ مەڭگۇ ئىسىدىن چىقمىغىدەك بىر ساۋاق بىرىپ قۇيىدۇ . ئۈستىگە تاغ يىقىلغاندەك كەلگەن بۇ غايىۋانە زەربىدىن ئۇ ۋاي دات دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ ... _ مەن سىلەرنىڭ مۇلازىمىتىڭلاردىن بەكمۇ رازى بولدۇم ، بۇ يەرنىڭ مۇھىتى بۇلىدىكەن ، شۇنداق تېپ- تېنىچ ، ئەتراپىڭدا كۆز – قۇلاقمۇ يوق ، مەن ئەتە يەنە كىلىمەن ، پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي ئاشۇ خانىڭىزنى ماڭا ئېلىپ قۇيۇڭ ... ئادەمنىڭ يۈرەك بېغىشىغا تىگىدىغان بۇ قوپال ئاۋاز ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە يەنە بىر قېتىم ياڭرىغاندا ، داۋۇت مەيچىنىڭ ۋۇجۇدى مۇزلىدى . تىنى غال- غال تىترىدى . كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى . _ دىمەك ، ئاشۇ ... با جۇجاڭ ، ئۇ راستلا يەنە كىلەرمۇ ؟ ئەگەر ، تىلىفۇندا شۇنداقلا بىر ئىس بىرىۋەتسەم ، كېيىن بۇ توخۇ پوقى ئەمەلداردىن ماڭا بىرەر زىيان يىتەرمۇ ؟ نىمە قورقۇش ، مەندە ئېلىۋېتىدىغان تىرناقچىلىك ئەمەل يوققۇ ؟ ئاۋال قاراپ باقاي ، ئوبدان كۈزىتىپ ، توققۇز ئۆلچەپ بىر كەسمەمدىمەن ؟ ئۇ شۇ خىيالغا كەلگەندىن كېيىن ھويلا بىلەن يول ئارىسىدا قاتراپ ، كامىلجاننىڭ ئۆيىنى كۈزۈتۈشكە باشلىدى . بازاردىن ئەكىلىدىغان نەرسە – كىرەكلەرگىمۇ ئايالى بىلەن قىزىنى بۇيرىدى . تۇيۇقسىزلا ئۇداردىن چىقىپ كەتكەن بۇ مۇزىكىنىڭ _ بىر تال تۈگمىگە چاغلىق سودىغا ئۆزى قول تىقىدىغان داۋۇت مەيچىنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق ئۆزگىرىپ قالغانلىقىغا ھەيران بولغان ئايال ئۇنىڭغا قاراپ – قاراپ قويغاندىن كېيىن قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ بازارغا كەتتى. سايىمجان ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتقا مەيزاپ بېسىپ قاينۇققا يەنە كەلدى . ئۇ داۋۇت مەيچىگە يىراقتىن سالام بەرگەندىن كېيىن، ئېلىپ كەلگەن قاپاقلارنى كامىلجاننىڭ ھويلىسىغا ئەكىرىشكە باشلىدى . _ يۈزسىز ئادەمكەنسىلە سايىمجان ،_ دېدى داۋۇت مەيچى ئۇنى يېنىغا چاقىرىپ ، _ بىر كۈندە ئىككى ئەرگە تەككەن ئاجناق جالاپتەك قىلىپ يۈرگىنىڭلا نىمىسى ؟يا ماڭا ، يا ئۇنىڭغا تۇرماي... _ مەنمۇ مۇشۇ ئىش بىلەن نان يىمىسەم بولمايدۇ ، _ سايىمجان ئۇنىڭ يىندىن سېسىق بۇ گەپلىرىگە سەل خاپا بولغان بولسىمۇ چاندۇرمىدى ، _كىمنىڭ سودىسى ئاقسا ، شۇنىڭغا مەيزاپ تۇشۇيمەن داۋۇت ئاخۇن .كۈنلەمچى خوتۇندەك قىلىق قىلماڭلا ، ئەتىگىچە سىلىنىڭكىدە تۈگىسە يەنە مەيزاپ ئەكىلىمەن ئەمەسمۇ ؟ داۋۇت مەيچى ئىندىمەستىن سايىمجان تۇشۇۋاتقان مەيزاپ قاپاقلىرىنى ئىچىدە ساناشقا تۇتۇندى . _توپ توغرا يىگىرمە قاپاق ! تېخى ئۈلۈشكۈنلا ئون بەش كۈپ ئەكەلگەن ئىدىغۇ ؟ مال يۆتكەپ ئۈلگۈرمەپتۇ – دە ؟ قارىغاندا بۇ ئىبلىسنىڭ سودىسى مەن پەرەز قىلغاندىكىدىنمۇ ياخشى ئوخشىمامدۇ ؟ ئەمدى قاراپ تۇرسام يەۋاتقان نېنىمدىن ئايرىلىپ قالغۇدەكمەن . بىر ئىلاجىسىنى قىلمىسام بولمىغۇدەك ... شۇ كۈنى ئۇنىڭ قولى پەقەتلا ئىشقا بارمىدى . قانداق قىلىش ، كامىلجاننىڭ ئەدىۋىنى قانداق بىرىش ئۈستىدە قايتا – قايتا ئويلاندى . ئاشۇ با جۈجاڭ دېگىنى كەلسىلا ، تۇيدۇرماي ساقچىغا خەۋەر قىلىشتىن ياخشىراق چارىمۇ تاپالمىدى. بەلكىم ئۇنى شۇنداقلا خەۋەر قىلسا ساقچىلار ئەندىكمەسلىكى، پەرۋايىغا ئالماسلىقى، تېخى ئۇ يوغان ئەمەلدار بولسا قورقۇپ كەلگىلى ئۇنىماسلىقىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ھەم ساقچىلار كەلمىسە بولمايدىغان، ھەم كامىلجانمۇ دەماللىققا ئۈزىنى ئاقلىيالمايدىغان بىر سەۋەپ تېپىشىم كىرەك. خىروئىن سودىسى... ھۇي، بۇ ئىشنى شۇنداق قىلسام بولامدۇ نىمە؟ ھەببەللى ، ئۇ چاغدا ساقچىلارنىڭ كەلمەي ئامالى يوق، ئۇلار كەلسە ، ئۆز كۈزى بىلەن كۆرسە، بەلكىم قاراپمۇ تۇرماس، ئىتمۇ كۆرسە قاۋايدىغۇ ! ئۇنىڭ كاللىسىدا ئەڭ ئاخىرى پىشقان ئامال شۇ بولدى . ئەمما بۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا يەنىلا يىنىكلىك قىلىشقا بولمايتتى . ناۋادا ئىش يامىنىغا ئۆرۈلسە ، چۆگۈن قايناپ ئۆزىنىڭ بوينىغا تېشىشى، ئۇمۇ قولىنى كۆيدۈرۈۋېلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ ئۇلىغا دەز كېتىپ، ئىناق خوشنىدارچىلىقىمۇ بۇزۇلىدۇ . بۇنداق ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەر ئىككى ئائىلىگە پايدىسىز ئىدى . كەچ كىردى. ناھىيىدىن قاينۇققا تۇتىشىدىغان ئاسپالىت يولدا غالتەكلىرىنى ئىتتىرىپ بازاردىن قايتقان ئوقەتچىلەرنىڭمۇ ئايىغى ئۈزۈلدى . قاينۇقنىڭ كەچكى مەنزىرىسى ئوخشاشلا؛ ھەممە ئۆز ئۆيلىرىگە كىرىپ كىتىشكەن ، مۇرىلاردىن چىقىۋاتقان تاشكۈمۈرنىڭ قاڭسىق ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغان ، ئادەمسىز كۇچىلاردا ئىزغىرىن شامال كۈچەيگەن ، مەھەللە بالدۇرلا ئۇيقىغا كەتكەن بوۋايدەك تىنچىپ قالغانىدى . داۋۇت مەيچى لەپسىيىپ كېلىشكەن ئىككى قېرى ئىچەرمەننى قازنىقىغا باشلىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۇلار بۇيرۇتقان نەرسە- كىرەكلەرنى ئەكىرىپ بىرىشنى خوتۇنىغا تاپىلىدى – دە، ئۆگزىگە چىقتى . بۇ يەردىن قارىغاندا كامىلجاننىڭ دەرۋازا ئالدىنىلا ئەمەس ، ھەتتا ھويلىسىنىڭ ئىچىدىكى مەنزىرىلەرنىمۇ بىمالال كۆرگىلى بولاتتى . ئۇ كۈرەك جۇۋىسىغا ئورىنىپ ، ئاستا ئىس چىقىپ تۇرغان ئىسسىق مۇرىغا يۈلەندى ۋە ئاشۇ تەرەپكە قاراپ ، خۇددى قاپقاننى قۇرۇپ بولۇپ ، توشقاننىڭ كىلىپ چۈشۈشىنى كۈتۈپ تۇرغان سەۋرىچان ئوۋچىدەك ئولتۇردى . كامىلجاننىڭ دەرۋازا ئالدى بىردىنلا قىزىپ كەتتى ، مەيزاپ خۇمارى تۇتۇپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. ئەنە ، ئاۋۇ تۇماق كىيىۋالغان چىچەك يۈز ئۇنىڭ تۇنجى چوپقەتلىرىدىن ئىدى . كالچىيىپ ، كامىلجاننىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ ، خۇشامەت كۈلكىسى بىلەن بىر نىمىلەرنى دەۋاتقان ئاۋۇ شىنا قۇزۇق ئاۋاق ئاداشمۇ خېلىدىن بىرى ئۇنىڭ قازىنى ئەتراپىدا پىقىراپ يۈرگەنلەردىن ئىدى . ھە ، ماۋۇ بىر قىزنى باشلاپ كەلگىنى قاسىمجان ئىسىملىك ماتاڭچى ، ئۇ ئىلگىرى مۈشۈكتەك كىرىپ ، ئىچىدىغان مەيزىپىنى شەپىسىز ئىچىپ ، يەنە مىياڭشىمايلا كىتىپ قالىدىغىنىدىن ئىدى . ئۇمۇ بىر قىزنى قولتۇقلىۋاپتۇ . تېخى كامىلجاننىڭ ئايالى يۈگرەپ چىقىپ ئۇ قىز بىلەن مەڭزىنى يېقىپ كۈرۈشتى ،مانا ، ئاشۇ شوۋىچىلار سولامچىلىق قىلىپ شارائىت يارىتىپ بەرمىسە ، بىر ماتاڭچىنىڭ مۇنداق مەن- مەنچىلىك قىلىشقا بېشى ئونمۇ ؟ كامىلجاننىڭ دەرۋازىسىدىن يەنە ئۈچ جۇپ ئەر ئايال كىرىپ كېلىشتى . ئۇلاردىن بىرى داۋۇت مەيچىنىڭ ئۆيى تەرەپنى كۆرسىتىپ بىر نىمىلەرنى دېگەندىن كېيىن بېشىنى چايقاپ قويدى . ئۇنىڭغىچە كامىلجان بىر نىمىلەرنى دەپ ، ئۇلارنىڭ قېلىن پەلتۇلىرىنى قېقىپ ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ كەتتى .بۇ ئىشلارنى كۈرۈپ داۋۇت مەيچىنىڭ يۈرىكىگە ئوت كەتتى . _شۇنچە ئادەم ...تېخىچە كېلىۋاتقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى . ئاشۇ نىجىس مىنىڭ قازىنىمنى ئۆرۈش قەستىدە بولمىغان بولسا ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ داۋزامنى قېقىشقان ، بىر پۇلۇمنى ئىككى قىلىشقان ، مىنى ئوبدانلا سەمرىتكەن بولاتتى . توختا كامىل ، سورىقى يوق جاھان ئەمەس بۇ ، قىلىۋالدىم ، ئېتىۋالدىم دەپ كۈلمەي تۇر ! سىنى كۈلدۈرۈشنى بىلگەن خۇدايىم يىغلىتىشنىمۇ بىلىدۇ . ئالدىرىماي تۇر ، كۈرىدىغان كۈنۈڭ تېخى ئالدىڭدا ! دەل شۇ چاغدا كامىلجاننىڭ ئىشىكى يەنە قۇپال قېقىلدى . دەرۋازىنى قاققۇچى مۇشتۇمى بىلەن كامىلجاننىڭ دەرۋازىسىنى ئەمەس ، داۋۇت مەيچىنىڭ يۈرىكىنى ئۇرۇۋاتقاندەك بىر خىل سىزىم ئۇنى تىترىتىۋەتتى . كامىلجاننىڭ ئايالى يۈگرەپ چىقىپ دەرۋازىنى ئاچتى . بۇدا كەلگۈچىنى كۈرۈپ داۋۇت مەيچىنىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى . چۈنكى ئۇ ، قايسى كۈنى ياماق بازىرىدا داۋۇت مەيچىنىڭ ياقىسىدىن ئالغان ،نەرسە كىرەكلىرىنى سورۇپ چاچقان ، ئۆزىنى كونا چاپاندەك چۆرىۋاتقان ئاشۇ پور كۈتەك شۇ ئىدى . ئايال ئۇنى خۇددى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئاكىسى بىلەن دىدارلاشقاندەك ئېھتىرام بىلەن قارشى ئالدى . پور كۈتەكمۇ ھىجىيىپ – كالچاراپ ئايالغا بىر نىمىلەرنى دېدى . ئايال ئېغىزىنى تۇتۇپ ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە ئۇياقنىڭ مەڭزىنى چىمداپ قويدى .پور كۈتەكمۇ بوش كىلىدىغان نىمە ئەمەسكەن ، ئۇياق بۇياققا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئايالنىڭ ساغرىسىغا پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ قويدى ، دەل شۇ چاغدا ھويلىغا كامىلجان چىقىپ قالدى ۋە ئۇنى كۈرۈپ يىراقتىن قولىنى سۇنۇپ كىلىپ قىزغىن كۈرۈشۈپ ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ كەتتى . |