ئالۋۇن (پوۋېست)(12)

يوللانغان ۋاقتى:16-11-2012   مەنبە: تەڭرىتاغ ژۇرنىلى   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 3 پارچە
بىردىنلا ئۇنى يىغا تۇتتى . ئۇ ئېچىشىپ تۇرغان يۈرىكىنى قاماللىغىنىچە يۇلتۇزلار چاراقلاپ تۇرغان ئاسمانغا بېقىپ

بىردىنلا ئۇنى يىغا تۇتتى . ئۇ ئېچىشىپ تۇرغان يۈرىكىنى قاماللىغىنىچە يۇلتۇزلار چاراقلاپ تۇرغان ئاسمانغا بېقىپ ، خۇددى بۆلتۈرۈكلىرىدىن ئايرىلغان ئانا بۆرىدەك ھۇۋلىدى . يىغلاپ قاقشىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تۇلىمۇ ھەسرەتلىك ، تۇلىمۇ ئازابلىق پۇشايمان ياشلىرى سەلدەك قۇيۇلدى . ئۇنىڭ ئاشۇ ئاھۇ – پەريادىغا چىدىمىغاندەك ، پارلاپ تۇرغان تۇلۇنئاي ئۆزىنى بىر پارچە قارا بۇلۇتنىڭ كەينىگە ئاتتى ...

داۋۇت مەيچى كۈرەك جۇۋىسىنىڭ ئالدىنى ئېچىۋەتتى . مۇزدەك سوغۇق شامال ئۇنىڭ ئوتقا قاقلىغان داپتەك چىڭ ، چۇپۇر باسقان قاتمال كۆكسىگە زەرپ بىلەن ئۇرۇلۇپ ، ئوت كەتكەن يۈرىكىگە ئازراق ئاراملىق بەرگەندەك قىلدى . ئۇ ئېغىزىنى چوڭ ئاچقىنىچە تولدۇرۇپ نەپەس ئېلىپ ، ئاشۇ يالغۇز ئاياق يول بىلەن جاھاننىڭ ئۇ تەرىپىگە چىقىپ كەتمەكچى بولغاندەك تىز تىز مېڭىشقا باشلىدى .

مەھەللە تەرەپتىن خورازلارنىڭ بەس بەستە چىللىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .

_ئاۋۇ بوم ئاۋاز ، _ دەپ ئويلىدى داۋۇت مەيچى ئەتراپتىن كېلىۋاتقان بۇ ئاۋازلارنى تۇنۇپ باقماقچى بولغاندەك ، _ تالىق ئاخۇننىڭ چار خورىزى شۇ ، كاساپەت ، ئۆتكەن يىلقى ئەلنەغمىدە قاسىم مىراپنىڭ مىڭ سوملۇق داڭلىق خورىزىنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋەتكەنىدى . ھە ، ماۋۇ يىغلىغاندەك چىققىنى مەسۇمخان يوبداننىڭ مىكىجىن خورىزى شۇ ، ھە ، ئۇياقتىن كېلىۋاتقىنى ئابدۇغۇپۇر قارىمنىڭ ئالتۇن پەيلىك ئەنجان خورىزى . كاساپەتنىڭ پەيلى يامان ، خۇددى ئىگىسىدەكلا ئادەمنى چوقۇشقا تەييار تۇرىدۇ ...

ئۇ مەھەللە ئاسمىنىدا ياڭرىغان مىڭلارچە خوراز ئۈنىنى بىر ھازا پەرق ئىتىپ كۆردى . ئەمما بۇ ئورۇنۇشلىرىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى قايغۇ تۇمانلىرىنى تارقىتىۋىتەلمىدى . نىمىلا قىلمىسۇن ، قالداق ئويلىمىسۇن ، ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ھۇۋۇلداپ تۇرغان بىر مۇدھىش سوغۇقلۇق ، تىكەندەك يالغۇزلۇق ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا بولغان چارىسىزلىك ھۈكۈم سۈرەتتى . ئۇ ئاشۇ روھى ھالەتتىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدىغاندەك قىلاتتى .ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشۇ كۈنى قىزى بىلەن خوتۇنىنىڭ جاۋاپ بىرىش قىيىن بولغان سۇئاللىق كۆزلىرى چىمچىقلاپ تۇرغاندەك بىلىنەتتى ، « بۇ ئىشنى سىلە قىلدىلىمۇ ؟ » دېگەن سۇئال ھېلىھەم ئۇنىڭ ئوت بولۇپ كۈيۈشىۋاتقان يۈرىكىنى ئامبۇردا قىسقاندەك ئازاپلايتتى .

ئەھلى مەھەللە ئۇياقتا تۇرسۇن ، بىر ئۆيدىكى ئادەمنىڭ ئىشەنچىسىدىن قېلىشمۇ قورقۇنۇچلۇق بىر ئىشتە !ئاشۇ كۈندىن بۇيان ئۇ ئايالىنىڭ گەپ سۆزلىرىدە تاغدەك ئېغىر بىر ۋەزىننى بايقاپ قالدى . ئەكسىچە ئۆزىنىڭ بىر باش پىيازچىلىكمۇ قەدرى قالمىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى . ئۇ ھەر قېتىم ئايالىنىڭ كۈزىگە قارىغىنىدا، ئۈزىنىڭ قانچىلىك پەسلىشىپ كەتكەنلىكىنى سىزىۋالاتتى . كىچىككىنە سودىنى دەپ قىلىپ قويغان قارا يۈزلىكىنى ئويلىسا ئۆزىنى قويغۇدەك يەر تاپالمايلا قالاتتى .

داۋۇت مەيچى تەلپىكىنى قۇلىغا ئالدى . سۈتتەك ئاي نۇرىدا ئۇنىڭ بېشىدىن ئىسسىق ھور كۈتۈرۈلگەنلىكىنى ئىنىق كۆرگىلى بۇلاتتى . ئۇ ئاشۇ سوغۇق يولدا قەدىمىنى بارغانسىرى ئىتتىكلىتىپ ، قانداقتۇر بىر ئىشقا ئۈلگۈرۈپ بارمىسا بولمايدىغاندەك كېتىپ باراتتى .

خورازلارنىڭ ئىككىنچى قېتىم چىللىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى . بۇ چاغدا زىمىن ئەڭ قاتتىق ئۇيقىسىنى باشلىۋەتكەن ئىدى .ئەتراپتىن خۇددى بەسلەشكەندەك چىللىشىۋاتقان خورازلارنىڭ ئاۋازىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ھەممە يەر گۆرۈستان جىملىقىغا چۆمگەن ئىدى .ئاشۇ ئۈلۈمگە تەڭ قاتتىق ئۇيقىدىن ئويغىتىش ئۈچۈن خورازلار ئاۋالقىدىنمۇ بەكرەك كۈچەۋاتقاندەك ، جەھلى بىلەن چىللىماقتا ئىدى !

ھېرىپ جۇللىقى چىققان داۋۇت مەيچى ئاستا كەينىگە ياندى . ئۇ ئەمدى قايتىپ بارمىسا ئايالى ۋە قىزىنىڭ يولغا قاراپ تىك ئولتۇرىدىغانلىقىنى يادىغا ئالغان ئىدى . « بىرىمىزنىڭ ۋىجدان ئازابىدىن قىينالغىنىمىزمۇ يىتەر »_ دەپ ئويلىدى  داۋۇت مەيچى خورسىنغان ھالدا .ئۇ قېنىپ بىر يىغلىۋالغىنى ئۈچۈن كۆڭلىدىكى ئازاپلىرىنى بىر ئاز يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى . ئۇزۇندىن بىرى ياش تۆكۈپ باقمىغان كۆزلەر رۇشەنلىشىپ ، ھەممە نەرسىنى شۇنداق ئېنىق كۈرۈۋاتقاندەك ئىدى .

قاينۇق مەھەللىسى يېڭى بىر تاڭنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇراتتى . شەرق ئاسمىنى بارا- بارا سۈزۈلۈپ، بىلىقنىڭ قۇرسىقىدەك ئاقىرىشقا باشلىغان ئىدى .داۋۇت مەيچى ئۆزىنىڭ قانچىلىك ماڭغىنىنى ، نەلەرگە بارغىنىنى سەزمىگەن ھالدا مەھەللىگە كىرىپ كەلدى . بازار دىكى رادىئو كانىيىدىن تىكىستىنى ئۇققىلى بولمايدىغان قانداقتۇر  بىر ناخشا كاكىراپ ئاڭلانماقتا ئىدى. دەل شۇ ناخشا بىلەن بەسلەشكەندەك ، قاينۇق ئاسمىنىدا بارات مۇئەززىننىڭ ئۇيقۇلۇق ھالدىكى مۇڭلۇق ئەزان ساداسى ياڭراشقا باشلىدى .

ئۇ ھويلىسىغا كىرىپ كەلگىنىدە قانداقتۇر بىر كېلىشمەسلىكنى سەزگەندەك ، يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ تۇرۇپلا قالدى . چۈنكى ، قازناق تەرەپتىن ئايالىنىڭ ئەللەي ناخشىسىغا ئوخشاپ كىتىدىغان يىغا ئاۋازى ئاڭلانماقتا ئىدى . ئۇ خۇددى قىزى كىچىك ۋاقىتلاردا ئۇنى ئۇخلىتىش ئۈچۈن ئەللەي ناخشىسى ئوقۇپ بىرىۋاتقاندەك مۇڭلىنىپ ، قۇشاق قېتىپ يىغلىماقتا ئىدى . يىغىدىن ئاۋازى پۈتۈپ كەتكەن ئايالنىڭ ئۈنى خىقىراپ چىقاتتى .

ئۇ تەلپەكنى چۆرۈپ قەيەرگىدۇر تاشلىغاندىن  كېيىن ، ئۆزىنى قازناققا ئاتتى . كۆردىكى ،  گۈلجامال قازناق سۇپىسىدا سوزۇلۇپ ياتاتتى . ئۇنىڭ يۈزىگە بىر ئاق ياغلىق يېپىپ قۇيۇلغان ئىدى .ئانا قىزىنىڭ ئۈستىگە ئۈزىنى تاشلاپ ھازا ئاچماقتا ئىدى .

_ نى...نىمە بولدى ؟_ جەھلى بىلەن ۋارقىرىدى داۋۇت مەيچى . ئەمما ئۇنىڭ سوئالىغا ئايالىدىن جاۋاپ بولمىدى . ئايال ھەممىنى ئۇنۇتقان ھالدا يىغلايتتى .

ئون گۈلۈڭنىڭ بىرى ئېچىلماي قىزىم ،

بوران سوققان چىچەكتەك تۇزۇدۇڭغۇ قىزىم .

مەن بىچارىنى نىمە بولسۇن دېدىڭ قىزىم ،

مەيچى داداڭدىن تويدۇڭمۇ قىزىم ،

يۇندىكەش ئاناڭدىن تويدۇڭمۇ قىزىم .

بۇ دۇنيانىڭ خورلىقىدىن قىزىم ،

ئۇ دۇنيانىڭ خوۋلىقىنى ئىستىدىڭمۇ قىزىم...

ئانىنىڭ يىغىسى ئېچىنىشلىق ، بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى . ئۇنىڭ ھازا قۇشىقىدا مۇشۇ ئائىلىنىڭ بىردىن بىر پاجىئەسى تۇلۇق ئەكىس ئەتكەن ئىدى . داۋۇت مەيچىنىڭ يالغۇز- يىگانىلىقى ، دىلىنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن نۇرغا تەلپۈنگەنلىكى ، ھاياتقا بولغان ئوتتەك مۇھەببىتى ۋە تۇرمۇشقا بولغان چەكسىز چۈشكۈنلىكى ئىپادىلىنەتتى .بۇ ھازا قۇشىقىغا ئۇنىڭ مۇشۇ ئاخشام قاينۇق ئەتراپىدا كىزىپ يۈرۈپ ئويلىغان ھەننىۋا ئازاپ ئوقۇبەتلىرى مۇجەسسەم ئىدى !

ئۇ ئاستا بېرىپ قىزىنىڭ يۈزىدىكى ياغلىقنى كۈتۈردى . لامپۇچكىنىڭ يورۇقىدا ئۇنىڭ ئاق خەسىدەك تاتىراڭغۇ يۈزلىرى پارقىرىدى ، ئۆرۈكسىز چاچلىرى سامان تەككىي ئەتراپىدا سويلاپ تۇراتتى . ئۇ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمغىنىچە ئۇيقىغا كەتكەندەك كۈرۈنەتتى . ئاشۇ كۆزلەرنىڭ مەڭگۈلۈككە يۇمۇلغىنىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى .

_ نىمە بولدى ؟ نىمە ئىش بۇ ؟ قىزىمىز قانداقسىگە..._ ئۇ خوتۇنىدىن يېنىش- يېنىشلاپ سورىدى . ئەمما ئايالنىڭ قۇلىقى گاس بولۇپ ، كۈزى كۆرمىگەندەك ، ئالدىدا بىر نىمىلەرنى سوراۋاتقان ئىرىنىمۇ كۆرمىدى ، نىمە دىگەنلىكىنىمۇ ئاڭلىمىدى . ئۇ بارغانسىرى ئىزىلىپ ، بوغۇلۇپ يىغلىماقتا ئىدى .

تاڭ ئاتتى . قاينۇقلۇقلار يېڭى بىر كۈننى كۈتۈۋالدى . ئوقەتچىلەر ئاۋالقىدەك غالتەك ھارۋىلىرىنى غىچىرلىتىپ بازارغا مېڭىشتى . ئۇلار داۋۇت مەيچىنىڭ ئۆيىدىكى ھازىنى ئاڭلىمىغاندەك ئىدى . مەھەللىدە ئىتلار ھاۋشۇپ ، ئىشەكلەر جەھلى بىلەن ھاڭرىشاتتى . ئايرۇپىلاندەك گۈرۈلدەپ، مەھەللىنى بېشىغا كىيىدىغان موتسىكلىتلارمۇ زۇۋانغا كەلگەن ئىدى .

داۋۇت مەيچىنىڭ كۆزلىرىدىن بىر تېمىممۇ ياش چىقمىدى . چۈنكى ، ئۇ يىغلايدىغان يىغىسىنى كىچىچە پۇخادىن چىققۇدەك يىغلىۋالغانىدى .تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ پاجىئە ئۇنىڭغا چىدىغۇسىز قاتتىق زەربە بولدى . ئۇ شۇ تۇرقىدا قانداق قىلىشىنى بىلمەي ئولتۇرۇپ كەتتى . ئىلگىرىلەردە بىر ئۆيدە مۇسىبەت بولسا ھەممەيلەن يوقلاپ كىرىپ ، ئاخىرەتلىك ئىشلارنى قول قولدىن تالىشىپ قىلىشاتتى. ھازىدارغا يىغلاپ ھازا ئېچىشتىن بۈلەك ھېچقانداق ئىش قالدۇرۇلمايتتى. مانا ، تاڭ ئېتىپ، كۈن خېلىلا بىر يەرگە بارغان بولسىمۇ داۋۇت مەيچىنىڭ ئۆيىگە ھېچكىم پەتىلەپ كىرمىدى . قىزىنىڭ بېشىدا خۇددى ياغاچتىن يۇنۇپ ياسالغان قونچاقتەك ئولتۇرغان داۋۇت مەيچى يالغۇزلۇقنىڭ ، غېرىپلىقنىڭ ئاچچىق شارابىنى يەنە بىر قېتىم تويغىدەك ئىچتى . دۇنيادا ئادەم بالىسى ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئېغىر كۈن بولماس ! ئۈلۈپ ياتقان قىزىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگىدەكمۇ ئادەمنىڭ چىقماسلىقى ئۇنى بەكلا تۈگەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى .

كۈن چۈش بولدى . بۇ ئۆيگە قاينۇقلۇقلاردىن ھېچكىم كىرىپ قويمىدى . ئانىنىڭ يىغىدىن ئاۋازى پۈتۈپ كەتكەن ئىدى . داۋۇت مەيچىمۇ  قىزىنىڭ بېشىدا مۇردىدەكلا  قېتىپ ئولتۇراتتى . ئىككى گەۋدە _ ھەسرەتلىك ياش تۈكۈۋاتقان ئانا ، پۇشايمان گۈلخېنىدا چاراسلاپ كۈيۈۋاتقان ئاتا _بىر- بىرگە قاراپ باش چايقىشاتتى. قىيامەتكە تەڭ بۇ ئېغىر كۈننىڭ ئۆز بېشىغا كەلگەنلىكىگە ئۇلارنىڭ زادىلا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى . ئەمما بۇ كۈن راستلا ئۇلارغا قۇچاق ئاچقانىدى .

بىر چاغدا بوسۇغىدا ئىككى گەۋدە پەيدا بولدى . داۋۇت مەيچى بىلەن ئايالى ئىشىك تەرەپكە قاراپ ، ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى .چۈنكى ، ئىشىكتىن كامىلجان بىلەن قارىلىق كىيىم كەيگەن ئايالى پەتىلەپ كىرگەنىدى .تەنھالىق ،غېرىپلىق ئىسكەنجىسىدە قىينىلىپ ،ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەۋاتقان بۇ ئەر خوتۇن بۇ ئاددى كۆلبىسىگە خىزىر كەلگەندەك خۇشال بولدى . كامىلجاننىڭ ئايالى ئېچىنىشلىق يىغا سالغىنىچە داۋۇت مەيچىنىڭ ئايالىنى قۇچاقلىدى . ئىككى ئانا قايتىدىن ئىزىلىپ ، ھەسرەتلىك يىغىسىنى باشلىۋەتتى . كامىلجان ئاستا كىلىپ داۋۇت مەيچىنى قۇچاقلىدى . دەل شۇ چاغدا داۋۇت مەيچىنىڭ چۈيۈندەك قېتىپ كەتكەن قەلبى شۇررىدە ئىرىپ ، ئۇ يەردىن قاسراققا ئوخشايدىغان بىر نەرسە سويۇلۇپ چۈشكەندەك بولدى . ئۇ كامىلجاننى قۇچاقلاپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى ، ئۇنىڭ بۇ يىغىسىنى قىزىنىڭ ئۈلۈمىگە ئېچىنىپ يىغلاۋاتامدۇ ياكى ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا ئېچىنىپ يىغلاۋاتامدۇ ، بىلگىلى بولمايتتى .




ھالقىلىق سۆزلەر : ئالۋۇن، پوۋېست، تارىم


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار