3
كامىلجاننىڭ ئۆيىمۇ داۋۇت مەيچىنىڭكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى .ئىسلاشقان تاملار ، ئۆمۈچۈكلەر قالايمىقان تور تارتىشقان تورۇس ، بىر قەۋەت تۇپا ئاستىدا سۇس يۇرۇپ تۇرغان تۈۋەن قۇۋۋەتلىك لامپۇچكا ، مانتا ئۇچاقتا شىڭىلداپ تۇرغان قۇمچۆگۈن ، داستىخاندىكى قىڭغىر – قىيسىق كاكچا نان ، بىر تەخسىدە يېرىمى يىيىلىپ بولغان بەسەي قورىمىسى ، ھەر ھالدا كامىلجان ساتراچلىق قىلىپ يۈرۈپ پۇل تاپقاننىڭ نىشانى بۇلۇپ بىر ئىككى تەخسە پۇرچاقلىق لەمپۇڭ... داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرغان ئۈچ ئەرنىڭ خېلىلا كەيپى كۈتۈرۈلۈپ قالغانىدى .ئەلبەتتە بۇلارنى كەسپى ھاراقكەش دەپ ئاتاش ئارتۇقچە ، چۈنكى ، كاناي ياغلىغىلى يوق تۇرسا ، سۇنايغا نەدە تۇرۇپتۇ دىگەندەك ،تاپقان تەرگىنى نانغا ئۈلگۈرمىگەن بۇ بىقۇۋۇللارغا ھاراق ئېلىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس . ئەمما ، ھويلىسىدىكى تاللىرى ئۇبدان ئوخشاپ قالغان يىللىرى ئانچە – مۇنچە سىركە – مەيزاپ سېلىۋالىدىغان ئادىتى بار . بەزىدە ناھەق دەشنام تېپىپ يەپ قۇرسىقى كۆپكەن چاغلاردا قازناققا شۇڭغىشىپ ، خۇدادىن ئەيمەنمىگەن بىلەن ئاۋامدىن نۇمۇس قىلىشىپ ، ھېچقانداق ئىس- بۇسىنى چىقارمايلا بىرەر قېتىم ياشاپ قۇيىدۇ . ئۇلارغا شۇ نەرسىمۇ ئايانكى ، ئۈزۈمنى خۇدا ياراتقان ، سۈيىنىمۇ بىللە ئاپىرىدە قىلغان ، خۇدانىڭ نېمىتىدە ياسالغان بۇ مەيزاپ دىگىنى ئەلبەتتە ھارام ئەمەس ، شۇڭا ئەقلىنى يۇقاتمىغان ھالدا ئاز تۇلا ئىچىپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق ... مانا ، كامىلجاننىڭ يىراق يېزىلىق ئاغىنىسى – ئۇزۇن يەكتىكىنىڭ پېشىنى تىزىنىڭ ئاستىغا قىستۇرۇپ ، ئىككى قولىنى قولتۇغىدىن ئاجراتماي ئەدەپ ساقلاپ ئولتۇرغان سايىمجان قىرىقلەرنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان تەمبەل يىگىت . ئۇنىڭ ئارتۇق تۈشۈك سۆزىمۇ يوق ، ئۈلپەتلىرىنىڭ سۈزىگە كۈلۈمسىرەپلا قۇيىدۇ . نۆۋىتىنى بېشىنى تۈۋەن سالغىنىچە جىم -جىتلا ئىچىدۇ . غۇرتۇلدىغان ئاۋازغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ گېلىدا يۈگرەپ يۈرگەن بۇغدىيەك كىشىگە بەكمۇ كۈلكىلىك تۇيىلىدۇ . ئۇ مەيزاپنى ئىچىپ بۇلۇپ ، لەۋلىرىنى تامشىغىنىچە پىيالىنى چىڭ تۇتۇپ بىر ئاز ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن ساقىغا قاراپ بىرنى ھىجىيىدۇ – دە ، پىيالىنى بېشىدىن ئىگىز كۈتۈرۈپ ، ئەدەپ بىلەن ئىگىلىپ تۇرۇپ قايتۇرۇپ بىرىدۇ .ئۇنىڭ بېشىنى تۈۋەن قىلىپ ، پىيالىنى مەھكەم تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كەتكەن ئاشۇ ھالىتى ئادەمگە نۇرغۇن دەردى بار كىشىدەك تەسىرات بىرىدۇ . – شۇنداق قىلىپ ، شۇنداق قىلىپ ، – دېدى داۋۇت مەيچى بىر پىيالىنى كۈتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن يىرىك ساقاللىرى ئارىسىغا يۈگرىگەن مەيزاپ ساقىندىلىرىنى ئالقىنى بىلەن سۈرتۈپ ، – نەچچە كۈندىن بىرى يۈرۈگۈمنى غاجاپ كىلىۋاتقان دەرت – ئەلەملەردىن بىراقلا قۇتۇلغاندەك بولدۇم-يا !
– بۇ ئەسلى ئۇنچىۋالا دەرت تارتقۇدەك ئىشمۇ ئەمەس، – كامىلجان ئۇنىڭ قولىدىن پىيالىنى ئالغاچ قۇشۇپ قويدى، – سىلە – بىزنىڭ مۇشۇ يېشىمىزغىچە تارتقان نۇرغۇن دەرتلىرىمىزنىڭ ئالدىدا، بىر توڭغۇزنىڭ دەشنىمى دىگەن قانچىلىك ئىشتى؟ ناھايىتى ياماق بازىرىدىن قوغلاپتۇغۇ شۇ ؟
– سىلە شۇنداق دېگىنىڭلا بىلەن، بىرمۇنچە ئادەمنىڭ كۈزىچە كونا چاپاننى ئاتقاندەك نېرى بېرى قىلىپ يۈرسە، ساقال ئاقارغاندا ئادەمگە ئېغىر كىلىدىكەن. نىمىلا كۆرسەك مەيلى دەيدىغان يەردىن ئۈتۈپ كەتتۇق كامىلاخۇن . – ئۆتۈپ كىتىپ نەگە باردۇق بۇرادەر؟ – سايىمجان ئالقىنىغا جىرتتىدە تۈكۈرۈپ، ئۇنى يەكتىكىنىڭ ئىچ ئەستىرىگە سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن تۇلىمۇ ئىنچىكە ئاۋازدا ئۈن قاتتى، – بىز دېگەن شەھەرلىكنىڭ نەزىرىدە يەنىلا ئادەم ئەمەس، ئۇلار دېگەن بىزنى نىمە قىلسا قىلىۋىتەلەيدۇ . – ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار نەدە يۈرۈپ شەھەرلىك بولۇپ قاپتىكەن؟ ناھايىتى شۇ شەھەرنىڭ كىندىك ئاستىدىن قوپقان بىر نىمىلەر ئۇ ، – داۋۇت مەيچى شالىسىنى چېچىپ قايناپ كەتتى ، – شەھەرلىك دېسە بىزنى دېسە بولىدۇ، مانا، ئاتا -بوۋىمىزدىن تارتىپ مۇشۇ بازار ئەتراپىدا ياشاپ كەلگەنمىز، كىندىك قېنىمىزدىن باشلاپ تۇنجى ئوغۇز پوقىمىزغىچە مۇشۇ يەرگە سىڭگەن ... – ئاي ... نىمە دېگىنىڭلا بۇ داۋۇتئاخۇن؟– كامىلجان بېشىنى چايقىدى، – نەدىكى گەپنى قىلىۋاتىسىلەر ؟ سىلە شۇنداق دېگەن بىلەن، بازار ئاللىقاچان ئەشۇنداق پوركۈتەكلەرنىڭ ئىلكىگە ئۈتۈپ كەتتى . شۇڭا پوقلۇق قوڭۇڭلىنى ئېيتقىلىمۇ ئۇدۇل كەلگەن يەردىن خالىغانچە بىرەر كاللەك چالما ئالالمايسىلە . قۇيۇڭلا ئۇنداق گەپنى ... – راست دېدىلە، – سايىمجان يەنە شۇنداق يەرگە قاراپ ئولتۇرغىنىچە پەس ئاۋازدا سۆزىنى داۋام قىلدى ، – بىز بازارغا كېيىن قالغان ، شۇڭا ئاسانلىقچە پاتمايمىز . ئەمما ، بازار دېگەننى قۇربىڭ يەتسە نەدە قىلساڭ بولىۋېرىدىغۇ . مەسىلەن، مۇشۇ يەردە، مۇشۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ... – سايىمجان، ئاغىنە، بىر ئىككى پىيالە ئارتۇق كەتتىمۇ نىمە؟ ئىشتانسىز تۇرۇپ يۇپتاق ئىشەككە مىنىپ چۈش كۆرگەندەك جۆيلۈپ قوپتۇڭلارغۇ ئەمدى .
داۋۇت مەيچى بىلەن كامىلجان قاقاقلىشىپ كۈلۈپ كىتىشتى – مىنى مازاق قىلىشمىسىلا، – سايىمجان سۇس كۈلۈمسىرەپ ئۇلارغا ئايانچلىق نەزەردە قاراپ قويدى،– سىلى بىزنى مۇشۇ ئۆيگە جەم قىلغان نىمە؟ خۇمار ! مەيزاپ خۇمارى ! ھەئە ، دەل ئۆزى شۇ. بۇنداق خۇمار مۇشۇ ئۈچىمىزدىلا بار دەپ قارىشامدىلا ؟ ھازىر دىگەن بارغۇ، خۇدانىڭ بەيتىنى كۈرۈپ، بىلىپ بىلمەي شەيتانغا تاشنى تەتۈر ئېتىپ كەلگەن ھاجىلىرىمىز جېنىدا قاپاق بىلەن مۇڭدىشىپ، كەيىپ سۈرۈۋاتىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدا « ئاق ھاراق – شەربىتى مېيىپ ، پىۋا دېگىنى – شەربىتى زەئىپ ، مەيزاپ – مۇسەللەس دېگىنى –شىددىتى زىۋىت » دىگەن بىر قىزىق چاقچاق كىزىپ يۈرۈپتۇ، شۇنىڭدىنلا ئىشنىڭ نەگىچە بېرىپ قالغىنىنى بىلىشمىدىلىما؟ ھازىر كۆپ سانلىق ئىچەرمەنلەر ئاق ھاراقتىن كېچىپ، مەيزاپ – مۇسەللەسلەرگە تۈرلۈك دورا – دەرمەكلەرنى قۇشۇپ ، ئىسسىقىنى ئاشۇرۇپ، پىلىك ئەشكەن شوينىدەك لىڭتاسما بولۇپ قالغان جىسمىغا قۇۋەت تۇلۇقلىماقتا. مەيزاپ – مۇسەللەسلەرنىڭ تېخىمۇ بازىرى چىقىدۇ بۇرادەرلەر. بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ بىر مەيزاپچى بار. ئۇ شاراپنى ئاتا – بوۋىسىنىڭ مەخپى رېتسىپى بۇيىچە قەدىمىي ئۇسۇلدا تەييارلىغاچقا يېقىن- يىراققا داڭقى كەتكەن، ناھىيە بازىرىدىن تارتىپ ۋىلايەت مەركەزلىرىگىچە ھەممىلا ئادەم ئۇنىڭ مەيزىپىغا يۈگرىشىدۇ. ئاڭلىسام ئۇنىڭ مەيزاپلىرى ۋالىي بىلەن ھاكىمدىن ئاشماسمىش ...مانا، بۇ مەيزاپمۇ شۇ زاتى مۇبارەك ئۇستىنىڭ تەۋەرۈك قولىدا ياسالغان، تەمى قانداقراق ئىكەن ؟
كامىلجان ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن ئىتتىكلا بىر پىيالىغا لىقلاپ مەيزاپ قۇيدى – دە، ئاچكۆزلۈك بىلەن غۇرتىلدىتىپ ئىچىشكە باشلىدى. داۋۇت مەيچىمۇ لەۋلىرىنى تامشىپ، پىيالىدىن كۈزىنى ئۈزەلمەيلا قالدى . – قانداق، گېپىم راستمىكەن؟– سايىمجان مەغرۇرلۇق بىلەن كۈلۈپ قويدى، – بىلسەڭلا سىلە ۋالىي بىلەن ھاكىمدەك ئىلتىپاتقا سازاۋەر بولدۇڭلا .
–تىز، تىزرەك بولۇڭلا كامىلاخۇن، – داۋۇت مەيچى تۈپرىكىنى يۇتقىنىچە كامىلجانغا ئىلتىجا قىلدى، – قېنى، بىزمۇ تېتىپ باقىلى .
كامىلجان پىيالىنى قۇرۇقداپ، تاڭلىيىنى چاكىلدىتىپ، خۇددى داڭلىق ھاراق-شاراپ باھالىغۇ- چىلىرىدەك بىر ئاز تۇرىۋالغاندىن كېيىن تەنتەنىلىك ھالدا جاكارلىدى:–راست، تەمى بۈلەكچە ئىكەن، ھەقىقەتەن داڭلىغۇچىلىكى بار ئىكەن، رەھمەت سايىمجان ئاغىنە، شۇنچە يىراقتىن بىزنى دەپ كۈتۈرۈپ كەلگەن بىر قاپاق مەيزىپىڭغا مىڭ مىڭ رەھمەت ! – قېينى ئانامنىڭ مىس مىس مۈشۈكىدەك ئەزمىلىك قىلماي تىزرەك بىر پىيالە قۇيۇڭلا كامىلاخۇن، بىزمۇ ئۇسساپ كەتتۇق،– داۋۇت مەيچى سۈت خۇمارى تۇتقان كىچىك بالىدەك قەغىشلىك قىلىپ تىپچەكلىدى، – قېنى، بىزمۇ بىر پىيالە ...
كامىلجان قاپاقنى يېنى قىلىپ، چوڭ پىيالىغە بۇلدۇقلىتىپ مەيزاپ قۇيۇشقا باشلىدى . داۋۇت مەيچى تېخىچە تولۇپ بولالمىغان پىيالىگە دەممۇ- دەم قول سۇنماقتا ئىدى . سايىمجان ئەتىدىن بىرى نىمە ئىچكىنىگە دىققەت قىلماي ، ئەمدىلىكتە داڭقىنى ئاڭلاپلا تۇرالماي قالغان بۇ ئىككىسىگە قاراپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى .ئاخىرى داۋۇت مەيچىنىڭ قۇلىغىمۇ بىر پىيالە مەيزاپ تەگدى . ئۇ چىنىدىكى شارابقا بىر پەس قاراپ تۇرغاندىن كېيىن تۇلىمۇ نازۇك بىر ھەرىكەتتە ئاستا كۈتۈرۈپ ئېھتىيات بىلەن ئېغىزىغا ئاپاردى . ئۇ سەللا دىققەت قىلمىسا مەيزاپنى تۈكىۋېتىدىغاندەك ئىھتىيات بىلەن پىيالىنى لىۋىگە يېقىپ يەنە سەل تۇرىۋالغاندىن كېيىن ، كىرت – كىرت ئاۋاز چىقىرىپ سۈمۈرۈشكە باشلىدى . – ئەزمەڭلىنى ئىزىپ ئادەمنى ھەجەپ تىت – تىت قىلدىڭلىغۇ داۋۇت ئاخۇن ؟ خاتىرەڭلىنى جەم قىلىپ ، لىۋىڭلىنى قورۇپراق ئىچىۋىرىڭلا، كۇماك چىشىڭلار ئارىسىدىن ئېقىپ كەتمەيدۇ .
داۋۇت مەيچىنىڭ بۇنداق چاقچاقلارغا ئى مىي دىيىشىگە پۇرسەت يوق ، ئۇ پۈتۈن ئىشقى بىلەن چىنىنى دەممۇ دەم يۇقىرى كۈتۈرۈپ مەيزاپ ئىچمەكتە .ئۇ ھاسىراپ تۇرۇپ چىنىنى پەسكە چۈشۈرگەندە چىرايى ئالمىدەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى . _ راست ، راست ئىكەن ، سايىمجان دوستىمىزنىڭ دېگەنلىرى راست ئىكەن، _ دېدى داۋۇت مەيچى لەۋلىرىنى تامشىپ تۇرۇپ ،_ ئېغىزىمغا چىش چىققاندىن بىرى بۇنداق تېتىملىق مەيزاپنى ئىچىپ بېقىشىم تۇنجى قېتىم . يەنە بارمۇ ؟– ئۇ ئاچكۆزلۈك بىلەن قاپاققا تىكىلدى . |