ئالۋۇن (پوۋېست)(2)

يوللانغان ۋاقتى:16-11-2012   مەنبە: تەڭرىتاغ ژۇرنىلى   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 3 پارچە
2 قاينۇق مەھەللىسى ناھىيە بازىرىنىڭ بۇرنىغىلا جايلاشقان قەدىمىي مەھەللە . شەھەردىن باشلانغان ئاسپالىت يول مەھ

2

قاينۇق مەھەللىسى ناھىيە بازىرىنىڭ بۇرنىغىلا جايلاشقان قەدىمىي مەھەللە . شەھەردىن باشلانغان ئاسپالىت يول مەھەللىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ .بۇ يەردە ئولتۇرىدىغانلارمۇ  ئاساسەن ناھىيە بازىرىنى تەشكىل قىلىدىغان سان ساناقسىز ۋىنتىلار – باققال ، مۇزدوز ، ساتىراچ ، ۋاپۇرۇش ، ئاشپەز ، ناۋاي ، تۇنىكىسازلاردىن ئىبارەت . مۇشۇ كىچىككىنە ناھىيە بازىرىنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ يۈرگەن بۇ كىشىلەر خۇددى ئۆلچەمسىز قۇيۇلۇپ قالغان ھەررەڭ- سەررەڭ ۋىنتىلاردەك  يا تۈزۈك ئىشلىتىلمەي ، يا تاشلىۋېتىلمەي سۆرۈلۈپ يۈرۈپ مۇشۇ كۈنگىچە كەلگەنىدى .تېرىلغۇسىنىڭ تايىنى يوق ، كىشىلىرى بەكمۇ نامرات بۇ مەھەللىنىڭ قالدى- قاتتى يەرلىرىنى كەنىت مەسئۇللىرى تۈرلۈك يوللار بىلەن دۆلەت ئىشچى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئولتۇراق ئۆي سېلىشىغا سېتىپ بىرىپ ،تاپقان پايدىسىنى رېستۇرانلاردا توخۇ قوردىقىغا تىگىشىپ يەپ قۇرساق سېلىشقان بىلەن ، يەردىن ئايرىلىپ قالغان بىچارە دېھقانلار قىلارغا تۈزۈككىنە ئىش تاپالماي شەھەر كوچىلىرىدا لالما ئىتلاردەك لاغايلاپ يۈرۈشكە ئادەتلىنىپ قېلىشقانىدى . كېيىن نىمە بولغان ، بۇ مەھەللىدە ئازدۇر- كۆپتۇر  گازىر – پۇرچاق ، كاۋا- قاپاق  ،لوۋۇيا – ماش ساتىدىغان ئۇششاق يايمىكەشلەر پەيدا بولۇپ قالدى . سودا قىلىنغان ئىكەن ، خەخنىڭ قۇلىدا پارچە پۇرات بولسىمۇ پۇل پەيدا بولىدۇ . «ئاچنىڭ كۈزى ئاشتا » دىگەندەك سىنتىرغا زار كىشىلەر مەھەللىداشلىرىنىڭ قۇلىدىكى پارچە پۇرات بولسىمۇ شىرىقلاپ ، قۇلاققا ئاجايىپ چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان پۇلنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىغىنىدا ، ئۆز تەبىئىتىگە ماس ھالدا چىدىمايلا قېلىشتى . شۇنىڭغا ئەگىشىپ مەھەللىدە بەس- بەستە غالتەك ھارۋا ياساش قىزغىنلىقى كۈتۈرۈلۈپ ، باققاللار ، گازىرچىلار ، كاۋىچىلار ۋە تۈرلۈك ئۇششاق تىجارەتچىلەر بىراقلا بازارغا يۈرۈش قىلدى . ئۇلار ھەر كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن خۇددى بىرى كوماندا بەرگەندەكلا مايسىرىغان غالتەكلىرىنى غىچىرلىتىپ بازارغا پالاقلايدىغان بولدى .

داۋۇت مەيچىمۇ ئەتراپقا ئەلەڭلەپ قاراپ ، مەھەللىداشلىرىنىڭ قىلىپ يۈرگەن تىجارىتىگە يىراقتىن كۆز سېلىپ ،بىر نەچچە يىلنى ئۆتكۈزىۋەتتى . دېمىسىمۇ ئۇ ئاشۇ كىچىك ، قىستاڭ بازارغا قانداق كىرىشنى ، نىمە تىجارەت قىلىشنى ، قانداق پايدا ئېلىشنى بىلەلمەي دىلىغۇللۇقتا قالغانىدى . ئۇ كۈزىتەتتى ، باشقىلاردىن بازار ئەھۋالىنى تىڭتىڭلايتتى . بازاردا قانداق تىجارەتنىڭ ئېقىۋاتقانلىقىنى، نىمىنىڭ پۇل بولىۋاتقانلىقىنى  سۈرۈشتۈرەتتى . ئەمما بىر ناننى ئىككى قىلىپ بولالماي يۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆز رىسقىغا چاڭ سېلىش غەرىزىدە يۈرگەن ئادەمگە راست گەپ قىلىشى مۇمكىنمۇ ؟

              ھەي ئىسىت ، نېمىشقىمۇ بۇنداق پوقنى يىگەن بولغىيدىم ؟ سالغان دەسمايىنى قايتۇرۇۋالالماي يۈرىكىم ئېقىپ كىتىۋاتىدۇ داۋۇتۋاي ،تىجارەت قىلدىم دەپ ئۆز بېشىمغا ئۆزەم پىت سالغان ئىكەنمەن . بۇ كوچىغا خۇدايىم بەندەم دىسە ھەرگىز يولاتمىسۇن !

              بازارغا كىرىپ بولغۇچە  تۆت تەرەپتىن بازار باشقۇرغۇچىلار ،باجگىرلار ،شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىكىلەر، ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ،تازىلىق قىلغۇچىلار ، يەر ئورنى ھەققى يىغقۇچىلار شىۋاقلىقتىكى ئىشەك يېغىرىغا ئۈزىنى ئاتقان چىۋىنلاردەك ئەتراپىڭدا پەيدا بولىشىدۇ ، تاپقان بىر ئىككى تەڭگەڭ قايسى بىرىگە توشايدۇ دەيسەن ؟ ئاشۇ تويمىغۇرلارنى بېقىپ بولالماي پاتاڭغىچە قەرزگە بوغۇلدۇق . سىلە بولساڭلىمۇ تېنىچ ياشاڭلا داۋۇت ئاخۇن.

              مۇشۇ كۈندە ئالارمەندىن ساتارمەن كۆپ بۇلۇپ كەتتى ، بىز تېشىمىزدا ھېيت ئوينىغان بىلەن دەردىمىز ئىچىمىزدە ! ئاۋۇينىڭ بارىدا بىر نىمىلەرنى قىلىپ تىمىسقىلاپ يۈرىيمىز .

گەپ – سۆزلەر بەكمۇ  قورقۇنۇچلۇق ، ئىگەللەنگەن ئۇچۇرلار ئەندىشىلىك ئىدى .شۇڭا داۋۇت مەيچى تاپقان زاغرىسىغا شۈكرى قىلىپ يەنە بىر نەچچە يىلنى ئوزىتىۋەتتى .ئۇنىڭ كۈنلىرى يىلسىرى كەينىگە ماڭماقتا ئىدى . قىلىدىغان ئىشنىڭ تايىنى بولمىغاندىكىن ئەلبەتتە يانچۇقلارنىڭمۇ ھالى بوش ، تۇزغا تاپسا گۇگۇتقا يوق ، قازانغا تاپسا چۈمۈچكە يوق كۈنلەر ئۇنىڭ يەلكىسىدىن غايەت زور تاغدەك باسماقتا ئىدى .

              بۇ  قانداق كۈن بولۇپ كەتتى ھە ؟– بىر كۈنى ئۇ خوشنىسى كامىلجان بىلەن مۇخۇركا چىكىشكەچ ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشتى . دېمىسىمۇ ئەينى چاغدا داۋۇت مەيچىگە قوقاق سالغان يايمىكەشلەر بىرەردىن موتسىكلىتلىق بولۇپمۇ قېلىشقانىدى .كونىلىقىدىن ئاۋازىمۇ ئايرۇپىلاننىڭكىدەك گۈركىرەپ، مەھەللىنى چىپ تۇتىدىغان بۇ جانىۋارلارغا مىنىۋالغان نوچىلار تۇپىلىق يولدا بوغىناق چىقىرىشىپ چېپىپ يۈرەتتى . ئۇلار ئەبجەق موتسىكىلىتتا ئەمەس ، زۇڭتۇڭنىڭ مەخسۇس ئايرۇپىلانىدا ئولتۇرغاندەك كۆرەڭلەيتتى . ئىلگىرىكى سېرىق سىنىتنىڭ تۈشۈكىدىن مىڭ ئۆتىدىغان كۈنلىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا ھېچكىمنى كۆزگە ئىلىپمۇ قۇيۇشمايتتى . بۇ ھال داۋۇت مەيچىنىڭ ئىچىنى لازا سۈيى قۇيغاندەك ئېچىشتۇراتتى .

              ئۇلار ھەر نېمىلەرنى دېگەن بىلەن ئاز تولا مىدىرىغاننىڭ زىيىنى بولمىسا كىرەك ، – دېدى كامىلجان چىكىلىپ بولاي دەپ قالغان مۇخۇركىسىنىڭ كۈلىنى پۈۋلىگەچ ،– بىز كىشىلەرنىڭ ئەپقاچتى گەپلىرىگە ئىشىنىپ نۇرغۇن ۋاقىتنى قولدىن بىرىپ قۇيۇپتۇق ، ھېلىمۇ كېيىن ئەمەس ، زادى بىر ئىش قىلمىساق بولمىدى .

              نىمە قىلاي دەيسىلە كامىلاخۇن ؟– داۋۇت مەيچى قىزىقىپ سورىدى .

              تىجارەتكە دەسمىي يوق خوشنام ، چوڭراق بىر ئىش قىلالمايمەن . ياش قىرىققا تاقىغاندا بىرەر ھۈنەرنىڭ كەينىدىن مېڭىشمۇ ئەپلەشمەيدۇ ، خۇدا بەرگەن تەۋەرۈك دەسمىي_ مۇشۇ نىمكەش چاپانغا ئورالغان ئاۋاق تەندىكى ئىسسىق قان بىلەن ئاز تۇلا كۈچتىن باشقا ھېچنىمەم يوق. شۇڭا ئاتا كەسپىنى داۋام قىلىپ ساتىراچلىق قىلايمىكىن دەيمەن .

              مىنىڭمۇ ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ ياماقچىلىق قىلىش ئويۇم بار ،– داۋۇت مەيچى قۇلىدىكى مۇخۇركا كۈتىكىنى خۇددى يەۋېتىدىغاندەك كۈچەپ بىر ئىككىنى شورىغاندىن كېيىن يەرگە تاشلاپ پۇتىدا تۇپىغا ئىلەشتۈردى ، – ئاز تۇلا يىپ يىڭنە ، ئالقاندەك ياماقلىق ، بىر نەچچە تال ئۇششاق مىخ ، بىرەر كاللەك مۇم تېپىۋالسام ، دادامدىن قالغان تەۋەرۈك بولقىنىڭ ھىممىتىدە نان تېپىپ يىيەلەيمەنمىكىن دەيمەن . ئاشۇ كىشىلەر مىسىلداپ يۈرگەن رەستىلەردە خۇدانىڭمۇ بىزگە ئاتىغىنى باردۇ كامىلاخۇن .

              توغرا ، ھەركىم يىسە ئۆزىنىڭ رىسقىنى يەيدۇ ،– كامىلجان قەتئىيەت بىلەن بېشىنى كۈتۈردى . ئۇنىڭ ئۆسكىلەڭ قاشلىرى تىگىدىكى چوڭقۇر كۆزلىرىدە يىڭىدىن پەيدا بولغان بىر ئۈمۈد ئۇچقىندىدى ،– قېنى بۇرادەر ، بىزمۇ بىر ھە - ھۇ قىلىپ باقمايمىزمۇ ؟

   شۇ سۆھبەت بۇلۇپ ھەپتىدىن كېيىن ئىككى خوشنا ئەسۋاپلىرى قاچىلانغان سومكىلىرىنى كۈتۈرۈپ « يا تەۋەككەل» دىيىشىپ بازارغا مېڭىشتى .شەھەرگە تۇتىشىدىغان ئاسپالىت يول ، يولدىن تەرەپ تەرەپكە خۇددى دەريانىڭ تاراملىرىدەك سوزۇلغان ئەگرى -بۈگرى تار كوچىلار ، ئاسمانغا بوي سۇزۇشقان قەۋەت- قەۋەت ئىمارەتلەر ، غۇيۇلداپ كېتىشىۋاتقان ماشىنىلار ئۇلارغا ئاجايىپ كاتتا ۋەدىلەرنى بىرىۋاتقاندەك ئىدى . خۇدادىن رىسىق تىلەپ ، زور ئۈمىدلەر بىلەن كېلىۋاتقان بۇ ئىككى خوشنا  ئۇششاق ئوقەتچىلەر يايما ئاچىدىغان كەڭرىرەك بىر مەيدانغا كەلگەندە ھەيرانلىقتىن تۇرۇپ قېلىشتى . چۈنكى ، بازارنىڭ يەر ئاستى ئەۋرەز يۇلى بولمىغاچقا بۇ مەيدان ئاشپەز –زاسۈيچىلەرنىڭ ئاخشىمى تۆككەن مەلتەڭ – يۇندىلىرى بىلەن مىلىچلاپ تۇراتتى . يۈرەكلىك قەدەم ئالماقمۇ بەسىي مۈشكۈل ئىدى .

   كامىلجان ئەسۋاپلىرىنى كۈتۈرۈپ ساتىراچلار قاتارىغا يۈرۈپ كەتتى .داۋۇت مەيچى پاسىرى چېپىۋېلىنغان قۇناق كۈتەكلىرىدەك قاتار ئولتۇرۇشقان ياماقچىلار ئارىسىدىن ئۆزىگە ئورۇن تېپىش ئۈچۈن  خېلىلا قاترىدى . سومكىدىكى لاقا- لۇقىلارنى يامىتىش ئۈچۈن ئېلىپ كىلىنگەن ئاياغ دەپ بىلگەن ياماقچىلار ئۇنىڭغا ئۈمىد بىلەن بېقىشىپ ، ياسالما كۈلكىلىرى چىقىپ تۇرۇشقان كۆزلىرىدە ئىشارەت  قىلىشتى .

   – كونىنى كونا دېمەيمەن ، قانچە كونا بولسا شۇنچە يېڭىلايمەن ...

   – تىكىشى ئەرەبىستاندىن ، ھۈنىرى باغداتۇ – رۇمدىن ...

     – رازى بولمىساڭ پۇل ئالمايمەن خىرىدار ...

   داۋۇت مەيچى سەپنىڭ ئايىغىغا بېرىپ ، بالا كۆرپىسىچىلىك بوش يەرنى تاپتى-دە، بىسمىللا دەپ يايمىسىنى يايدى . ئۇنىڭغا ئۈمىدلىك بېقىلغان چىرايلاردىكى خۇش تەبەسسۇم دەرھال ئۆچۈپ ، يامغۇرلۇق ئاسماندەك تۇتۇلدى . كەلگۈچىنىڭ بىر خېرىدار ئەمەس ، ئاغزىدىكى لوقمىنى تارتىۋېلىشقا كەلگەن كالتە كۈسەي ھۈنەرۋەن ئىكەنلىكىنى بىلىشكىنىدە ، ياماقچىلار ئارىسىدىن غۇلغۇلا كۈتۈرۈلدى . ھەممەيلەن داۋۇت مەيچىگە يەۋەتكۈدەك ئالىيىپ ، ئاڭلىتىپ تۇرۇپ دوق قىلىشماقتا ئىدى :

   – نەدىن كەلگەن سۇپرا تاپان بۇ ؟ خۇددى بۇ يەردە ئانىسىنىڭ ئېلىشى باردەك ، كىلىپلا تۈگىدەك چۈكۈپ ئولتۇرىدىغۇ ؟

   –ئۇنىڭسىزمۇ ئاران جان ئېتىۋاتقان خەخ تۇرساق ، ئەمدى كىلىپ يەنە بىر ئاجناق كۆز قېتىلدىغۇ بۇ سەپكە  ؟

    – بىر ئوبدان كېتىۋاتقان بازار ئىدى ، قازاندىكى ئاشقا چىۋىن چۈشكەندەك بولدىغۇ ئەمدى .

   داۋۇت مەيچى قۇلىقىغا كىرىۋاتقان بۇ گەپ – سۆزلەرگە پەرۋا قىلماستىن كونا مىق ، لاتا پۇرۇچلىرىنى ئالدىرىماي رەتلەشكە تۇتۇندى . ئۇنىڭچە بولغاندا بىر ئاز چىدىسا ، بۇ غۇلغۇيلۇق قارا بورانمۇ ئۆتۈپ كېتەتتى . چۈنكى ،جاھاندا مەڭگۈ قاۋاپ ھارمايدىغان ئىت يوق ئىدى . شۇڭا ئۇ بېشىنىمۇ كۈتۈرمەستىن نەرسە كىرەكلىرىنى ئەستايىدىل رەتلەشكە باشلىدى .

                  كىمسەن ؟ – ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ، خۇددى تۇيۇقسىز بومبا پارتلىغاندەك گۈمبۈرلەپ ئاڭلانغان بىر ئاۋازدىن داۋۇت مەيچىنىڭ يۈرىگى جىغىلداپ ، پۇت قولىدا جان قالمىدى . ئۇ بېشىنى كۈتۈرۈپ ، ئۆزىگە مىقتەك قادىلىپ تۇرغان كاسا چىراي بىرىنى كۆردى . كۆزلىرى چەكچەيگەن ، چىشلىرى غۇچۇرلاپ ، يىرىك ساقىلى دىردايغان ، خۇددى بىچارە  چاشقاننى بۇغۇشقا تەييار تۇرغان سۈرلۈك مۈشۈكتەك بەستىدىن دەھشەت يېغىپ تۇرغان بۇ كىشى كىلىپلا داۋۇت مەيچىنىڭ چاپان – چارىلىرىنى بېشىدىن ئايلاندۇرۇپ ئېتىشقا باشلىدى ، –نەدىن كەلگەن ھابدالسەن ؟ بۇ يەرنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن ؟

              بۇ يەرنىڭ خان بازىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن ئۇكام ، بىزمۇ خانلىققا ، ھۈكۈمەتكە پۇقرا بولغاندىكىن بىر كىشىلىك يەر چىقار دەپ ئويلاپ ...

              نىمە ؟ ھۈكۈمەتكە پۇقرا بولساڭ ماڭا نىمىدى ؟ – ئۇياق قۇزۇققا ئولتۇرۇپ قالغان مايمۇندەك چىرقىرىدى ، – بۇ يەرنى بارغۇ ، شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى غۇجىكاڭغا تەخسىم قىلىپ بەرگەن ، ئاللىقانداق كەلگىندىلەرنىڭ ئۆزى خالاپ ئولتۇرىۋېرىدىغان مەسچىت ئالدى ئەمەس ، ئىگىسى بار يەر بۇ ! قوپە تۇز قوڭ ئوغرى ، سەپرايىم ئۆرلىمەستە ئىت جېنىڭنى ياقىغا ئال ،ھېلى بولمىسا سېسىق جېنىڭ ھارام بۇلىدۇ .

داۋۇت مەيچى كىملەردىندۇر مەدەت تىلىگەندەك ئەتراپقا قارىدى ، ھېلىلا غوتۇلداپ ، چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ، ئۇنى يەۋېتىدىغاندەك قىلىپ كىتىشكەن ياماقچىلار بايرام تەنتەنىسىگە چۈمۈشكەنىدى . قانداقتۇر بىر ئاتا مىراس ئۆچىنى ئېلىپ بىرىۋاتقاندەك مەمنۇنلۇق ئىلكىدە ھېلىقى پور كۈتەككە قاراپ كۈلىشەتتى .باش لىڭشىتىپ ، « بۇ قىلغىنىڭ تامامەن توغرا بولدى ، بۇ بازارغا بىزدىن باشقا ھېچكىمنى يېقىن ئەكىلىدىغان ئىش ئەمەس ، ئەجەب جايىدا ئىش قىلدىڭ ، ياشاپ كەت !» دىگەندەك مەنىلەردە ئىلھام بىرىشەتتى .

_يۇقال، – ئۇياق تېخىچە تىترەپ - تەمتىرەپ تۇرغان داۋۇت مەيچىنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ ، كونا لاتىنى چۆرىگەندەك  ئېتىۋەتتى . نەچچە سەنتۈرۈلۈپ ، يەرنى قۇچاقلاپ ئورنىدىن قوپقان داۋۇت مەيچىنى يىغا تۇتتى . شۇنچە كىشىلەرنىڭ – نامازدا بىر سەپ تۇرىشىدىغان ، بىر ئىمانلىق ، بىر ئېتىقادلىق بۇ ئوقەتچىلەرنىڭ بىر نان ئۈچۈن قىلىپ كېتىشكەن بۇ قىلىقىنى ئۇ زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالمىدى .ئەجىبا ، بازار بۇلارنى شۇنچىلىك بۇزىۋەتتىمۇ ؟ « ھەر كىم ئۆزىنىڭ رىسقىنى يەيدۇ » دېگىنى قېنى ؟ شۇنچە ئادەم مىغىلداپ يۈرگەن بۇ بازارغا داۋۇت مەيچى سىغماسما ؟ ئۇ ئەشۇ ئەبگا ھالىتى بىلەن بۇ يەردىكى ئوقەتچىلەرنىڭ قانچىلىك نېنىنى تارتىۋالار ؟ ھەي نان !

داۋۇت مەيچى ئۇياقنىڭ چاقچاق قىلمايۋاتقىنىنى ، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن بۇ بازارغا ، مۇشۇ كىشىلەر ئارىسىغا سىغمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى . ئىت جېنىدا « چاغ » دېسە كىتىدىغۇ ،  ئۇ  لاقا – لۇقىلىرىنى تىرىپ تىقىشتۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ بۇ ھالىغا ئېچىنىش ئەمەس ، خۇشاللىق بىلەن كۈلۈشۈپ تۇرغانلارغا نەپرەت بىلەن قاراپ قويغاندىن كېيىن ئاستا يۈرۈپ كەتتى .

شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ بىر نەچچە كۈنگىچە تالا تۈزگىمۇ چىقمىدى ، خوتۇنى گەپ سورىسا جاۋاپمۇ بەرمىدى ، ئاچچىق مۇخۇركىسىنى ئۇلاپ چىكىپ تۇرۇسقا قاراپ ياتقىنى ياتقان ئىدى . ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ خۇتۇنى ئىچ ئاغرىتىش ، ھالىغا يىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئەكسىچە تىنماي كوتۇلداپ بېشىنى ئوچاق قىلاتتى:

              ھە ، يېنى ئاجراپ كەتكەن مايماق ئىشەكتەك يېتىۋېرەمدۇق ؟ ئوسۇرۇپ – چىچىپ ياتقان بىلەن نېمىلىرى ھەل بولاتتى ؟ بازارغا بارىمەن دېدىلە ، ھە دېدىم ، بېرىپلا دەككىلىرىنى يەپ ، پالتا – كەكىلىرىنى قاقتۇرۇپ كەپلا ، ئەمدى بۇ دەرتنى بىزدىن ئالاملا ؟ كۈچلىرى يەتسە ئاشۇ نىجىسنىڭ چۇچىقىدىن ئېلىپلا ئاللا بارىكاللىسىنى چىقارسىلا بولمامدۇ ؟ قاچانغىچە يېتىپ بىرىدىلا ئەمدى ؟ خالتىنىڭ تىگى كۆرۈنۈپ قالغىلى نىكەم ؟ مەرىكىنىڭ پولوسىدىكى بىر تىكە گۆشتەك ياتماي قوپىلى ئەمدى ...

ئۇ ئايالىغا ئالىيىپ قاراپ قويدى - يۇ ، ئارتۇق گەپ قىلمىدى .

_ قىزىمىز بىر ساۋاقدىشىدىن گەپ ئېيتىپتۇ ، مەكتەپتىن كىتاپ پۇلىنى تاپشۇرۇۋېتىڭلا دېگەنمىش . دادام ئوتتۇز سوم ئىبەرتسۇن دەپتۇ .

_ پۇل يوق ، _ دېدى داۋۇت مەيچى تۇلىمۇ زەئىپ ئاۋازدا ، _ مەكتەپتە ئوقىما دىسەك ئۇنىمىدى . ئەمدى كىلىپ پۇل، پۇل دەۋەرسە مەن قانداق قىلىمەن ؟ يا خانىمىدىن ئالسۇن ، يا مىنى ئوتتۇز سومغا ئالىدىغان ئادەم بولسا ساتسۇن .

_ ۋاييەي ، سىلىنى ئوتتۇز سومغا ئەمەس ، ئۈچ موچەنگە ئالىدىغانمۇ ئادەم چىقمايدۇ .

_ئەمىسە مەندە پۇل يوق .

_ ھەي ، ئۇ دىگەن قىز بالا تۇرسا ، دېگىنىنى قىلىپ بەرمىسەك، ئالىمادىس بىرەر پۇلدار ئوغرى كۆز سېلىپ قالسا ئىش چاتاق بولمامدۇ ؟

__ قېنى شۇنداق قىلىپ باقسۇنچۇ ، ئاۋال ئۇنىڭ ، ئاندىن كېيىن سىلىنىڭ توڭكىيىڭلارنى چېقىپ ، بوينۇڭلارنى قۇچقاچنىڭكىدەك ئۆزىۋىتىمەن .

شۇ كۈنى كەچتە ئۆيگە ئىسقىرتقىنىچە  كامىلجان كىرىپ كەلدى ،ئۇنىڭ روھى ھالىتى خېلىلا كۈتۈرەڭگۈ ئىدى . كامىلجان كىرىپلا ئېغىزىدىكى يېرىمى چىكىلىپ بولغان ئاچچىق مۇخۇركىسىنى داۋۇت مەيچىگە سۇندى .

                   قانداقراق ؟– دېدى ئۇ ئاچكۆزلۈك بىلەن مۇخۇركا شوراۋاتقان خوشنىسىغا قاراپ ، – ئاچچىق بىر ئاز بېسىلغاندەكمۇ ؟

_قويۇڭلا كامىلاخۇن ، بىر مۇسۇلمان دېگۈچىلىكى قالماپتۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ، ھەي ...

_شۇ ئەمەسمۇ ؟ سىلە ئاچچىق يۇتۇپ ياتقىنىڭلا بىلەن ھېچكىمنىڭ بىر يىرى غىڭ قىلىپ قويمايدۇ ، ھەر كىمنىڭ قازىنى ئۆزى ئۈچۈن قاينايدىغان زامانكەن بۇ، نىمانچە قىلىسىلە دەيمەن ؟ قوپۇڭلا بۇرادەر .

            سىلىنىڭ ئوقەتچۇ  كامىلاخۇن ؟ ئۇستىرا – كاپقا ئېسىلىدىغان بىرەرسى چىقمىغاندۇ ؟
            كۈزىدە مىخ قاقىدىغانلار بار ئىكەن ، ئەمما ئاشكارە بىر نەرسە دېيىشمىدى . بولمىسا مىنىڭ ئاچچىقىمنىمۇ بىلىسىلە ، بىر ئىش نىرۋامغا تەككەندە كۈزۈمگە ھېچ نەرسە كۈرۈنمەي قالىدۇ ، خۇدا ساقلىسۇن ، بىرەرسى غىدى – پىدىڭ قىلىدىغان بولسا ، ئۇستىرىنى نەق گېلىغا سۈركىۋىتىمەن .
            بىر دەملىك ئاچچىقنىڭ كەينىگە ئالدىراپ كىرىپ سالماڭلا كامىلاخۇن ، يورۇق ئاپتاپ بولمىسىمۇ كۈن كۆرمىسەك بولماس ، – داۋۇت مەيچى شۇنداق دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ پوتىسىنى باغلىدى ،– نەگە بارىمىز خوشنام ؟
            يىراققا ئەمەس ، – دېدى كامىلجان ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ ، – يىراق يېزىدا بىر تۇنۇشۇم بار ئىدى ، شۇ بۇرادەر كۆڭلى تۇيغاندەكلا بىر قاپاق مەيزاپ كۈتۈرۈپ چىقىپتۇ ، نەپسىم تاقىلداپ ھۈنەرنى تىزلا يىغىشتۇردۇم – دە، ئۆيگە كەلدۇق . سىلىنىڭمۇ كۆڭلۈڭلا جايىدا ئەمەس ، نەچچە كۈندىن بىرى ھۈنەر بىلەن بولۇپ كىتىپ تۈزۈكرەك ھال- ئەھۋالمۇ سورىيالمىغانىدىم ، شۇڭا بىرەر يېرىمدەم گۇڭۇر – مۇڭۇر بولىشايلى دەپ كىرىشىم .

– رەھمەت ! – داۋۇت مەيچىنىڭمۇ لولىسىغا ئوت كەتتى . ئۇ شۇنداق دەپلا كامىلجاننىڭ ئالدىدا ئۆيدىن چىقتى . چۈنكى ، نەچچە كۈندىن بىرى ئۇمۇ بىر- ئىككى سەر قېقىۋېلىش بىلەن يۈرىكىدىكى بۇ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ، يانچۇقنىڭ ھالى خاراپ بولغاچقا ئىچىگە تىنىپ ،  دەردىنى ئاچچىق مۇخۇركىسىدىن ئېلىپ يېتىۋەرگەنىدى.




ھالقىلىق سۆزلەر : ئالۋۇن، پوۋېست، تارىم


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار