– ئەمدى بولدى قىلىشالىمىكىن ، – دېدى سايىمجان تىزىغا مۇشتلىغىنىچە خىر – خىر كۈلۈپ ،–بۇ مەيزاپنىڭ ھەممە سىر ئەسرارلىرىدىن تۇلۇق خەۋەر تېپىپ بۇلۇشمىدىلا تېخى ،
– نىمە ، ئۇنىڭ يەنە بىز بىلمەيدىغان خاسىيىتى بارما ؟
– ئەلبەتتە ، – سايىمجان ئۆزىگە قاراپ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ئولتۇرۇشقان ئىككى ئۈلپىتىگە قاراپ قۇيۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ،– ئەكەلگەن بىر قاپاق مەيزىپىنى داڭلاپ ھاۋىدا ئۇچۇرۇۋاتىدۇ دەپ قېلىشمىسىلا ، مەيزاپچى قوشنىمىز ئۇنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، يەنەچىكىملىكنىڭ ئاكىسىدىن ئاز - تۇلا ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن ئىكەن ، ئۇنى ئىچكەن ئادەم تۇرماق سۈيدۈك پۇراشقىمۇ ماجالى قالمىغان قېرى ھاڭگىلارغا شۇنداقلا پۇرىتىپ قويسا ، ئارغامچىسىنى ئۈزۈپ، مەھەللىنى بېشىغا كىيەرمىش ،ئۇچرىغانلا مادىنى چىشلەپ تالاپ ، ئارقىسىدىن قوغلاپ ئارام بەرمەسمىش .شۇڭا ۋالىي – ھاكىملارمۇ بۇ مەيزاپنىڭ شۇنداق يىرىگە خۇمار بولغانمىش .ناۋادا سىلىمۇ ئىچىپ كەيىپ بولۇپ قالسىلا ،باغلانجا توشىماسمىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم . – بۇ مەيزاپنىڭ راستلا شۇنداق ھېكمەت - سىرلىرى بارمىكەن ؟– ئىككىسى تەڭلا سوراشتى. – بولمىسا ئۇنىڭ شۇنداق داڭقى چىقىپ كىتەمدۇ ؟– سايىمجان ھەييارلىق بىلەن كۆزىنى قىسىپ قويدى ، – بىلىپ قېلىشىلا ، كۈچىنى كۈرۈپ قېلىشىلا ، نىچاغدىن بىرى مۈگدەك يۈرگەن خوتۇنلىرىنىڭ بۈگۈن ئۇيقىسى ئېچىلىپ ، « جان ئانا » دېمىسە بۇ مەيزاپ ھارام بولۇپ كەتسۇن . كامىلجان يەنە بىر پىيالە قۇيدى ، داۋۇت مەيچى ئىتتىكلا قولىنى سۇندى . – ئىنساپ داۋۇتاخۇن ، ئىنساپ ! ئازراقلا گېلىم سىقىلىپ چاقىرىپ قويسام ، ئەمدى ئاشقا تاشلانغان پۇكانبايدەك قول سۇنۇپ ئولتۇرالمايلا كەتتىلىغۇ ؟توختىسىلا ،ئالدىرىماي نۆۋىتىدە كىلىدۇ دەيمەن ،– كامىلجان ئات سوغۇرغاندەك ئىسقىرتىپ تۇرۇپ چىنىدىكى مەيزاپنىڭ ھەممىسىنى بىر كۈتۈرۈشتە ئىچىۋەتتى .ئۇنىڭ ئورا كۆزلىرى خۇمارلىشىپ بارغانسىرى تېشىغا تەپمەكتە ئىدى . داۋۇت مەيچى ئەمدى قاپاقتىكى شاراپتا ئۈزىنىڭ نېسىۋىسى قالمىغاندەك ، ھەر قانچە يېلىنىپ يالۋۇرسىمۇ بىرەر پىيالە شاراپقا ئېرىشەلمەيدىغاندەك لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى .
– مانا ، بازار دېگەن مۇشۇ ، – سايىمجان ئۆز نۆۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئالقىنى بىلەن دىردىيىپ تۇرغان قارامتۇل لەۋلىرىنى سۈرتۈپ قويدى ، – مېلىڭ جىڭ بولسا ، بازارغا بېرىپ كىشىلەر بىلەن بىر موچەننىڭ ئۈستىدە تاك تاك ئوينىماي ، كۆرپەڭنى قات قات سېلىپ ، ئاللا يارىمغا دۆڭ توۋلاپ ياتساڭمۇ خىرىدار دېگەن ئۈزى بۇسۇغاڭنى ئاۋات قىلىپ بازارغا ئايلاندۇرىدۇ . ئاللىكىملەرنىڭ ئالدىدا سارغىيىپمۇ يۈرمەيدىغان گەپ ، سىلەر نىمىشقا بۇ ئىشنىڭ كەينىگە كىرىپ باقمايسىلە ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېگەن بازار يېرى تۇرسا ، تىجارەتنى قانداق قىلساڭلارمۇ ئېقىۋىرىدۇ ئەمەسمۇ ؟ سايىمجان بارغانسېرى قىزىشىپ ، بۇ ئىشتىن كىرىدىغان پايدىنى كونا چوتاكەشتەك ھىساپلاشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ ئېغىزىغا قاراپ ئولتۇرغان ئىككى ئۈلپەتنىڭ بېشى ۋاڭشىپ كەتتى . _ شۇنداق پايدا چىقىدىغان ئىش بولسا ، سىلە نىمىشقا قىلمىدىڭلا ؟– ئاسماقچىلاپ سورىدى كامىلجان ئىشەنمىگەندەك قىلىپ . – مىنى شۇنداق قىلىشنى ئويلىمىدى دەمسىلە ؟– ئۇ كامىلجاننىڭ بۇ سوئالىدىن رەنجىگەندەك چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويدى ، –لېكىن بىزنىڭ ئۆي مەسچىتكە يېقىن ، ئىمامنىڭ كۈزىدىن ھېچقانداق ئىشنى يۇشۇرۇپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس ،جامائەتتىنمۇ ئەيمەنمىسەم بولمايدۇ . ناۋادا ئۇلار سىزىپ قالغۇدەك بولسا ئۆيۈمگە ئوت قۇيىۋېتىشتىن يانمايدۇ .
– شۇنداق ئىمام ۋە جامائەت ھەممە يەردە بار ، – داۋۇت مەيچىمۇ بىر ئىشتىن ئازار يەپ قالغان ئادەمدەك تۇلىمۇ مەيۈسلۈك بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى .
– لېكىن بازار يىرىدە بۇنداق چېپىلغاق موللىلارنىڭ، ھەممىگە چات كىرىۋالىدىغان پەتىۋاچى جامائەتلەرنىڭ بۇرنىنى پوردا تەشمەك قىيىن ئەمەس ، – دېدى سايىمجان قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ ، – سەللا دىققەت قىلسا ، ئۇلار ھېچ نېمىنى بىلمەي قالىدۇ . ئىشقىلىپ ھەر ئىشنىڭ بىر يۇلى تېپىلىپ قالىدۇ بۇرادەرلەر .
– مىنىڭ بىر ئوبدان تىجارىتىم بار، – كامىلجان قاپاققا قول سوزدىيۇ، داۋۇت مەيچىنىڭ بىلىنى رۇسلاپ، ئوۋغا تەييارلانغان بۆرىدەك بېشىنى كۈتۈرگىنىنى كۈرۈپ ئىتتىكلا قولىنى تارتىۋالدى ،– مەن بازاردا ساتىراچلىق قىلىمەن، ھېچكىم مىنى ئۇيان تۇر، بۇيان تۇر دىيەلمەيدۇ. قولۇمدىكى ناننىمۇ تارتىۋالالمايدۇ . شۇنداق قىلىشقا ھەددىمۇ ؟ مەن ئاشۇ ئۇستىرامغا تايىنىپ نان تېپىپ يەيمەن . ئۇ كامىلجانغا قاراپ ئالىيىپ قويدى ، چۈنكى ، ئۇ داۋۇت مەيچىنىڭ نەخ يۈرىگىدىكى جاراھەتنى تاتىلاشقا باشلىغانىدى .شۇ ئىش يادىغا يەتسىلا سەپرايى ئۆرلەيتتى .ئۈزىنى غايەت زور قۇرام تاشنىڭ ئاستىدا قالغاندەك ، ئاشۇ تاشنى ھېلىقى پور كۈتەك ئوغرى دەسسەپ تۇرغاندەك، ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدى ئاشۇ قۇرام تاشنىڭ ۋەزنىدىن ئەمەس ، نومۇس كۈچىدىن پارە -پارە بولغاندەك ھېس قىلاتتى. – خەخنىڭ ئىڭىكىنى سىلاپ يۈرۈشنىمۇ بىر ئوبدان ئوقىتىم بار دەپ كەتكۈلۈكمۇ ؟– داۋۇت مەيچى مەنسىتمىگەندەك بېشىنى چايقىدى ، – سوپۇن ماغزىپىغا چىلىنىپ ، ھە دېسە قىل چۇپۇ يەپ يۈرىدىغان گەپقۇ ئۈزى . –خەخنىڭ ئىڭىكىنى سىلاش ، قاغا چوقۇۋالقان تاپنىڭ كونا تېرىسىدە ئىشلەنگەن لاتا پۇرۇچلارنىڭ ئارىسىدا بىخسىپ ئولتۇرغاندىن كۆپ ياخشى - دە ،– مەيزاپنىڭ كەيپىدە قىزىشقان كامىلجانمۇ تېرىكتى ، – ماكچىيىپ كەتكەن ئىسكەتسىز ئاياغنىڭ قونچىغا تۈكۈرۈپ – مىشقىرىپ يۈرگەندىن قىل چۇپۇر يىگەنمۇ ياخشىراق ! ئۆز ھۈنىرىنىڭ مۇنداق مەسخىرە قىلىنىشىغا چىداپ تۇرالمىغان داۋۇت مەيچى پەشلىرىنى قېقىپ ئورنىدىن تۇردى ۋە سايىمجاننىڭ « ھاي ، ھۇي » لىرىغىمۇ پەرۋا قىلماستىن سىرتقا ماڭدى . 4
دەرت ئۈستىگە دەرت ئارتىۋالغان داۋۇت مەيچىگە بەكمۇ ئۇزۇن بىلىنگەن بۇ كىچە ئاخىرى ئۈتۈپ كەتتى .تاڭ ئاتتى . ياز ماۋسۇمىنىڭ ئۇچۇق ئاسمىنىدا قىپ قىزىل چوغلانغان شەپەق ئاستا – ئاستا كۈتۈرۈلمەكتە ئىدى . ئۇنىڭدىن تارىغان تالا – تالا قىزغۇچ نۇر كوكاتلار بېغىشىدىكى شەبنەم تامچىلىرىنىمۇ قىزارتىپ ، بەئەينى تۇنجى توي كىچىسىنى ئۆتكۈزگەن كىلىنچەكنىڭ مۇنچىدىن چىقىپ ئىرىگە قارىغاندىكى يۈزلىرىگە ئوخشىتىپ قويغانىدى . ئەتراپتىن تاڭ پەيزىگە چۆمگەن قۇشلارنىڭ شاتلىق ناخشىسى ياڭرايتتى . داۋۇت مەيچى ئۇيقۇسىزلىقتىن ئېغىرلىشىپ ، قاپاقتەك ۋاڭشىپ تۇرغان بېشىنى تەستە كۈتىرىپ ئۆيىدىن چىقتى . ھويلا ئالدىدىكى تۇپىلىق يولدىن ھېلىلا بىرسى پادا ھەيدەپ ئۆتتىمىكىن ، ئەتراپتىن نىپىز بىر قەۋەت توپا بۇخسۇپ تۇراتتى . ئۇ نىمىشقىكىن كامىلجاننىڭ ھويلىسى تەرەپكە قاراپ قويدى . ئېغىر قوش قاناتلىق دەرۋازا ھىم ئېتىلگەن ، كامىلجاننىڭ بازارغا ماڭغان – ماڭمىغانلىقى ، سايىمجاننىڭ كەتكەن – كەتمىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى . ئۇ ئاخشامقى سۆھبەتنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتتى . گەرچە كامىلجاننىڭ كەيىپلىكتە دېگەن گەپلىرى ئۇنىڭ زەردىسىنى قاينىتىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن سايىمجاننىڭ دېگەنلىرى ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيتتى . مىياڭلىمىغان مۈشۈكنىڭ گۆشنى ئاز يىگىنى نەدە بار ؟ ئىشنى جىمجىتلا ، شەپىسىزلا بىر تەرەپ قىلسا كىم بوران چىقىرىپ بىر نەرسە دىيەلەيدۇ ؟ لېكىن ، ھەر ھالدا يىتەرلىك مەبلەغ ، بەزىبىر شارائىت بولمىسا بۇ ئىشنى ھە دەپلا باشلىغىلى بولمايتتى . ئۇ ئەتراپقا ئالاڭلاپ قاراپ ، مەھەللە يۇلىدا بىر پەس ئايلاندى . كىچىك ئېرىقتا شوخلىنىپ ئېقىۋاتقان بىر تارام سۇ ، غۇچچىدە مىۋىلىرى قىزىرىشقا باشلىغان قەدىمىي جىگدىلەر ، سۈيدۈك پۇراپ ، باش بېغىنى ئۈزەلمەي تىپىرلاۋاتقان ياش ھاڭگا ، يول بويلىرىدا مىكىيان قوغلاپ يۈگرەپ يۈرگەن چۈجە خوراز ... بۇ مەنزىرىلەر ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايتتى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يادىغا يەنە سايىمجاننىڭ ئاشۇ بىمەززە سۆزلىرى كېلىپ قالدى . –بۇ شاراپنىڭ شۇنچىلىك خاسىيىتى باركى ، نىچاغدىن بىرى ئۇيقىسى ئېچىلمىغان خوتۇنلىرىڭلا تاتلىق ئىڭراپ ، « جان ئانىكا » دېمىسە ھىساپ ئەمەس ....
ئۇ ئاخشام ئۈزىنىڭ ئاچچىق يۇتۇپ جىمجىتلا ياتقىنىنى ، بىمەھەل يۇتقان ئاچچىقنىڭ شاراپنىڭ خاسىيىتىنى كېسىپ يوققا چىقارغىنىنى ئويلاپ سوغۇق كۈلۈپ قويدى . _ دەسلىۋىدە ئېتىكاپتا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان مۇنەججىمدەك مىسىلداپ ئولتۇرغان سايىمجاننىڭ بىردىنلا شاراپنىڭ خاسىيىتى ئۈستىدە شۇنچىۋالا كاپشىغىنى قىزىقتە ، ئۇ نىمە مەخسەتتە شۇنداق دەيدىغاندۇ ؟ ياكى مەيزاپچى بۇ يەردىمۇ بىر بازار ئېچىش ئۈچۈن ئۇنى ئاتايىن قاينۇققا ئىبەرتكەنمىدۇ؟ ناۋادا مىنىڭ شۇنداق بىر تىجارەتنى باشلىۋالغىنىمنى ئۇقسا ، قاينۇقلۇقلار نىمە دەپ قالار ؟ مىنىڭ جان بېقىش ئۈچۈن شۇنداق يولنى تاللىغىنىمنى ئۇلار چۈشىنەرمۇ ؟ داۋۇت مەيچى باش ئايىغى يوق خىياللار بىلەن مەھەللە ئىچىنى نەچچە ئايلانغان بولسىمۇ كاللىسىدا ھېچ بىر پىلان شەكىللەنمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ لىڭشىپ مېڭىپ ئاسپالىت يولغا چىقتى - دە ، سەۋدا كېسىپ كېلىش ئۈچۈن بازارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى . ناھىيە بازىرى ئەۋۋەلقىدەكلا بىر تەرىزدە كىشىلەرنىڭ شاۋقۇن – سۈرەنلىرى بىلەن گۇڭۇرلاپ تۇراتتى .ئالارمەندىن ساتارمەن كۆپ بۇ بازاردا ھەقىقەتەن بىر خىل ئېچىرقاش ، تەمە ، بىر - بىرىگە يۇشۇرۇن خىرىس قىلىشلار ھۈكۈم سۈرمەكتە .تىجارەتچىلەر بىر بىرىگە گۇمانى نەزەر بىلەن قارىشاتتى .ئۆتكەن – كەچكەنلەرگە ئىلتىجالىق نەزەر بىلەن بېقىشاتتى . نان قايغۇسى ھەممىنى ساراسىمىگە سېلىۋەتكەن ، بىر - بىرىنىڭ پېيىغا چۈشۈشلەر ،بىر خىرىدارنىڭ ئۆز مېلىغا نەزەر سالماستىن ئۆتۈپ بېرىپ خوشنىسىنىڭ مېلى ئالدىدا توختىغانلىقىغا نارازى بولۇپ ئالىيىشلار ، ئىچىدە تىللاشلار ، قاراڭغۇدا ھومىيىشلار ... ۋاي ۋۇي ، بازارنىڭ قايسى بىر ئىشىغا ئاغرىنىپ بولسۇن ؟ ھەركىم بۇ بازاردىن پەقەت بىر ئۆزىلا نان تېپىپ يىيىشنى ئويلىسا كىرەك ، ئەمما تەقدىر ئۇنى شۇ ئارزۇسىغا مەڭگۈ يەتكۈزمەيدىغاندەك ئىدى . داۋۇت مەيچى نىمە ئۈچۈندۇر ياماقچىلار رەستىسىگە قاراپ يول ئالدى .ئو ئاشۇ كۈنى ئۆزىنى كونا چاپاندەك چۆرىۋەتكەن پور كۈتەكنىڭ قايسى ھالدا ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ بېقىشنى ئويلىدىمىكىن ؟ياكى ئۈزى پاتمىغان ئاشۇ بازاردا ياماقچىلارنىڭ قانچىلىك ھاللىنىپ، قانچىلىك نەپدار بولغانلىقىنى بىلىپ باقماقچىمىكىن ؟ ئىشقىلىپ شۇنىڭغا ئوخشاپراق كىتىدىغان بىر قىزىقىش ئۇنى يەلكىسىدىن ئىتتىرىپ ، مىچىلداپ تۇرغان مەيداندىكى ياماق بازىرىغا ئېلىپ كەلدى . ئۇ ئاستا ئايلىنىپ قايسى كۈنى ئۆزى ئورۇن راسلىغان يەرگە كەلگەندە ئاشۇ پور كۈتەكنىڭ بېشىنى چاترىقىغا ساڭگىلىتىپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى . خىرىدارسىز بازاردا ئۇ بەكمۇ بىچارە كۈرىنەتتى . داۋۇت مەيچى قەستەن گېلىنى ياساپ يۈتىلىپ قويدى . ئېغىر خىياللار قوينىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىققان پور كۈتەك ئىتتىكلا بېشىنى كۈتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئىلتىجالىق نەزەردە تىكىلدى . – كەلسىلە مىھمان ، ئاياغ دىگەننى يالىغاندەك پارقىرىتىمەن ، ھۈنەر دېگەننى يىپ ماڭمىغاندەك قىلىمەن ، ئەرزىمىسە پۇل ئالمايمەن ، كەلسىلە ....
داۋۇت مەيچى بىردىنلا ئۇنىڭغا قاراپ توختاپ قالدى . ھەيرانلىقتىن كۆزلىرىنى چوڭ ئاچقىنىچە ئۇنىڭغا تىكىلدى . ئۆز دۇكىنى ئالدىدا توختىغان بىرىنى كۆرگەن پور كۈتەكنىڭ چىرايىغا ئىللىق تەبەسسۇم ، خۇشال كۈلكە يامرىدى . ئۇ ئىتتىكلا ئورنىدىن تۇرۇپ داۋۇت مەيچىنى يېنىغا چاقىرىپ ئۇرۇن كۆرسەتتى . – كەلسىلە ، ياماق بولسا سۇ كىرمىگۈدەك، شامال ئۆتمىگۈدەك يامايمەن، ئاياغنى يالىغاندەك پارقىرىتىمەن ، بۇ بازاردا مىنىڭ ئالدىمغا ئۈتىدىغان كاسىپ يوق ، كەلسىلە ...
داۋۇت مەيچىنىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىدى . بۇ بازاردا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۈتىدىغان ھۈنەرۋەننىڭلا ئەمەس ، ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىچارىنىڭمۇ يوقلىقىغا شەكسىز ئىشەندى . شۇ تۇرقىدا پور كۈتەك ئۇنىڭ كۆزىگە بىر ھۈنەرۋەن ئەمەس ، ئۆزىگە قاراپ قول سوزىۋاتقان قەلەندەردەك كۈرۈندى . ناۋادا ، يانچۇقىدا سېرىق سىنىتنىڭ پارچىسى بولغان بولسا ، ئۇ بېشىدىن ئۆرۈپ پور كۈتەكنىڭ ئالدىغا تاشلىغان بولسا ، ئۇ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلارمىدى ياكى قايسى كۈندىكىدەك غەزەپكە كىلىپ ، داۋۇت مەيچىنى كونا چاپاندەك چۆرىۋىتەرمىدى ؟ ياق ، پور كۈتەكتە ئۇنداق جاسارەت بۈگۈن كۈرۈنمەيتتى . – يامايدىغان يۈرەك بار ، دەرت كىرمىگۈدەك ئېتەلەمدىلا ؟
– نىمە ؟ يۈرەك ؟ – پور كۈتەك ئۇنىڭغا قاراپ دەقىقە ئىچىدە تۇرۇپ قالدى ،– ساراڭ بولۇپ قالغان ئوخشىماملا ؟ نەدىمۇ يۈرەك دىگەننى يامىغىلى بولسۇن ؟ قىلىپ كۆرمىگەن ھۈنەرغۇ بۇ ؟ مىنى كولدۇرلاتماي يوللىرىغا ماڭسىلا ، ئا ... نەدىكى بىر دەلدۈشكە ئېغىز ئۇپراتقىنىمنى كۆرمەمدىغان ، – پور كۈتەك لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى .
داۋۇت مەيچىنىڭ ئىچى بوشاپ ، ئۈزىنى قۇش پېيىدەك يەڭگىل سەزدى . ئۇ شۇ تۇرقىدا سەللا يۈگۈرسە قانات قېقىپ ئۇچامدىكىن ؟ ئادەم دىگەنگە خوشاللىق شۇنداق يارىشامدىغاندۇ ؟ قايسى كۈنى ئۇ بىر ئۈزى دادىسىنىڭ تاۋۇتىنى كۈتۈرۈپ ماڭغاندەك ، قەدەملىرى بەكمۇ ئېغىر بىلىنگەن بولسا ، ئەمدىلىكتە ئۆزىنى ئۇچۇشتىن ئاران ئاران تۇتىۋېلىۋاتقاندەك ، يەڭگىل چامدىماقتا ئىدى . – توغرا ، پۇل تېپىش كىرەك . چوقۇم پۇل تېپىش كىرەك ! قانداق يولدا بولمىسۇن بىرەر ئوقەتنىڭ بېشىنى تۇتۇپ ، يانچۇقنى توملىغاندا ، ئاشۇ پور كۈتەكلەرنى ئاياغنى يالىغاندەك مايلاتقىلى ، گىدىيىپ ئولتۇرۇپ ئالدىڭدا باش ئەگدۈرگىلى بولىدۇ . مەن بىر ئىش قىلاي ، ئۆيدە مەيزاپ ساتساممۇ مەيلى ، پۇللا تاپىدىغان ئىش بولسا ئەمدى ھەرگىز قاچمايمەن ، كىمنىڭ نىمە دېيىشى بىلەن پەرۋايىم پەلەك !
|