– شۇ چاغدا كەم ئەقىللىق قىلغان ئىكەنمەن، – دېدى بىر كۈنى داۋۇت مەيچىنى قۇچاغلاپ يېتىپ، – ئوقىتىمىزنىڭ مۇنداق بازار تېپىشىغا پەقەت كۆزۈم يەتمەي، بىر زىرە ئۈچۈن كۈزۈمنىڭ يۇندىسىنى ئېقىتىپ كىتىپتىمەن. رەنجىمىسىلە دادىسى، مەن سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا بەكمۇ خىجىل، كەلسىلە ، شۇ كۈندىكى گۇناھىمنى بۈگۈن بىر يۇياي ... – توختاڭلا ئانىسى . – نېمىشقا ؟ – مەيزاپتىن ئازراق ... _بولدى، بولدى، بۈگۈن مانا مەن مەيزاپ، قانچىلىك ئىچىمەن دېسىلە ئىختىيارلىرى ... ئۆي ئىچىدىن مۈشۈك سۇ ئىچىۋاتقاندەك يىنىك شىپىلداش ئاۋازى كېلىشكە باشلىدى. – خۇ ... خۇدا بۇيرىسا ، – قاراڭغۇلۇقتىن داۋۇت مەيچىنىڭ ھاسىراش ئارىلاش ئۈزۈك -ئۈزۈك ئاۋازى كەلدى، – سو ... سودىمىزدىن كۆز چىقماي مۇ ... مۇشۇنداق يۈرۈشسە، بىر يىلغا قالماي تە... تەۋەرۈك زىرەڭلەرنى بىر، ئۈ...ئۈزۈكىڭلارنى ئىككى قىلىپ بىرىمەن خوتۇن. مە ... مەھەللىدە ھە...ھەممىنىڭ كۆ...كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋىتىمەن ئوت ... – بۇنداق چاغدا خۇدانىڭ ئىسمى سۇپاتىنى ئېغىزغا ئالمىسىلا دادىسى ، يامان بولىدۇ . – نېمىشقا ؟ – چۈنكى، سىلە ھازىر جۇنۇپ ، پاكىزە ئەمەس . – ئەمىسە سىلىمۇ دېدىڭلارغۇ ؟ – نىمە ، مەنمۇ دېدىمما ؟ ۋاي خۇدايىم ... – يەنە دەۋاتىسىلەغۇ ؟– قاراڭغۇلۇقتىن داۋۇت مەيچىنىڭ خىر -خىر قىلىپ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى . – بېشىنى يەيدىغان داۋۇتۇم ، ئادەمنى ئازدۇرۇپ گۇناھقا شىرىك قىلغانلىرى نىمىسى ؟ _ سىلىنىڭ شۇنداق پات -پات ئېزىپ تۇرۇشۇڭلىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن خوتۇن . _ ھەشىلە دەپ بەرسەم ئېشىۋالمىسىلا ئەمدى، – ئايال داۋۇت مەيچىنىڭ بېقىنىنى نازلىق چىمدىدى،– ھە راست، قىزىمىزنى كىلەر ئايدا مەكتەپتىن قۇيىۋەتكۈدەك. نەرسە كىرەكلىرىمنى ئەكىلىشكە دادام ئۆزى كەلسۇن دەپ بىر ساۋاقدىشىدىن تۇنۇپتۇ . _ ئاخىرى ئەپەندىم دىگەن دەيۈزلەردىن قۇتۇلۇپتۇ- دە ! بىزنىڭ قۇلىقىمىزمۇ ئەمدى تىنچىپ قالغۇدەك،_ داۋۇت مەيچى يىرگىنىشلىك بىر ئىشنى تىلغا ئېلىۋاتقاندەك ئاۋازىنى غەلىتە چىقىرىپ خورسىندى ، _ ئاشۇ يىلى ئۇنى مەكتەپكە بەرمەي سەيپۇڭ قىلىلى دەپ تۇرىۋالغىنىمدا، ئۇ كىراكەش ئەپەندىلەر مىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ مۇزدەك ئىشخانىغا بىر كىچە سولىمىدىمۇ ؟ ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ خوتۇن . _ بىراق ، مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىسى ئاسىيە خانىم ئۇنىڭغا بەك كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلدى دادىسى ، بۇ ياخشىلىقلارنىمۇ ئەسلىرىدىن كۈتۈرىۋەتمىگەنلىرى ياخشى . _ بۇ خانىم بەك قاقۋاش ئىكەن ، ئۇ قىزىمىزغا ياخشىلىق قىلىپ ، بىرەر تال كونا كىيىم ، ئانچە مۇنچە پۇل- پىچەك دىگەندەك نەرسىلەرنى تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ، ئۇنى ئۆزىگە يامان ئۈگىتىۋالدى ، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ قىزىمىزنى كۆندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر قىلتاق ئىكەنلىكىنى كىم بىلمەيدۇ ؟ _ بوپتۇ ، شۇنداقمۇ بولسۇن دەيلى ، ئەمدى قىزىمىز ئاشۇ قىلتاقتىن قۇتۇلۇپ قايتىپ كەلمەكچى ، ئۇنى يەنە سەيپۇڭ قىلىمىزمۇ نىمە ؟ _ ئايال يەنە قۇشۇپ قويدى ، _ ھۈنەر ئۈگۈنىدىغان ئىش بولسا قايسى ئۇستىغا تۇتقىزىمىز ؟ _ كىم ئۇنى ھۈنەرگە بىرىمىز دەپتۇ ؟ _ قاراڭغۇلۇقتىن داۋۇت مەيچىنىڭ قۇپال ئاۋازى ئاڭلاندى ، _ ھۈنەرگە بىرىمىز دېگەن بىلەن ، قىز بالىنىڭ ئاتىقى يامان ، تۈشۈك تورلاشنى ئۈگىنىپ بولغىچە قۇلىقىمىز ساق تۇرمايدۇ .ئەڭ ياخشىسى ئۇ يېنىمىزدا تۇرۇپ بىزنىڭ تىجارەتكە قارىشىپ بەرسۇن . ئىككى قولنى تۆت قىلالماي يۈرگەندە، ئۇنى تەييار مەدىكار قىلىپ خەخكە تۇتقۇزۇپ قۇيىمىزما ؟ ئۇنداق ئەخمەق داۋۇتاخۇن تېخى ئانىسىنىڭ قۇرسىقىدىن يەرگە چۈشمىدى . _ لېكىن ئۇ قىز بالا تۇرسا ، مەستلىكتىن شەيتىنى ئۆرلەپ تۇرغان ھاڭگىلارنىڭ يېنىدا ئۇنى ساقلىماق تەس بولارمىكىن ؟ |