رەيھان (ھېكايە)
يوللانغان ۋاقتى:08-01-2014
مەنبە: تارىم 2013-10-سان
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
ئاپتورى:ئابدۇسالام ئابلىز بىسلان يولدا كەلگۈچە نېمىلەرنﯽ ئويلىغىنىم، دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت ئۆيىگە قا
ئاپتورى:ئابدۇسالام ئابلىز بىسلان
1
يولدا كەلگۈچە نېمىلەرنﯽ ئويلىغىنىم، دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت ئۆيىگە قانداقلارچە يېتىپ كەلگىنىم ئېسىمدە يوق. پەقەت قېيىنئاچامدىن كەلگەن تېلېفوننﯽ ئېلىپلا ئۆيدىن بۇياققا قاراپ يۈگۈرگۈنىمنﯽ بىلىمەن.
__ كەلدىلىمۇ بالام.
قېيىنئانامنىڭ سالاملىشىشنىمۇ ئۇنتۇپ سورىغان سوئالىدىن ئۇنىڭ خېلىلا جىددىيلىشىپ قالغانلىقﯽ بىلىنىپ تۇراتتﯽ.
__ يولدا ماشىنا توسۇيالماي...
كېچىكىپ قالغىنىمدىن باشقا گەپ قىلالماي قولۇمدىكﯽ گۈلگە قارىغان بولدۇم. شۇ تاپتا گۈلنىڭ قىزارغان يوپۇرماقلىرىدەك يۈزۈممۇ خىجىللىقتىن ئوت بولۇپ يانماقتا ئىدﯼ.
__ گۈلخۇمارنﯽ تېخﯽ ھازىرلا ئەكىرىپ كېتىشتﯽ، __ دېدﯼ قېيىنئانام تۇغۇت ئۆيىنﯽ كۆزﯼ بىلەن ئىشارە قىلىپ تۇرۇپ. مەن بىر نەرسە دېگۈچە نېرىراقتا تۇرغان قېيىنئاچاممۇ يېتىپ كەلدﯼ.
__ ھەر نېمە بولسا ۋاقتىدا كەلدىڭىز رۇستەم. بايىدىن بېرﯼ دوختۇرلار سىزنﯽ بىر قانچە قېتىم سوراپ بولدﯼ، قول قويىدىغان بىر ئانكىت باركەن... __ قېيىنئاچامنىڭ گېپﯽ تۈگىمەي تۇرۇپ »گۈلخۇمارنىڭ يولدىشﯽ كەلدىمۇ« دېگەن زىلغىنە بىر ئاۋاز ئاڭلاندﯼ. بۇرۇلۇپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم. چىرايلىققىنا سېسترا قىز قولىدا بىر ۋاراق قەغەزنﯽ كۆتۈرۈپ بىزگە قاراپ كېلىۋاتاتتﯽ.
__ كەلدﯼ قىزىم، كەلدﯼ. مانا مۇشۇ ئوغلۇم شۇ، __ دەپ جاۋاب بەردﯼ قېيىنئانام. سېسترا قولىدىكﯽ قەغەزنﯽ ماڭا تەڭلەپ:
__ ئانكىتنﯽ تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، قوشۇلسىڭىز قول قويۇۋېتىڭ، __ دېدﯼ.
ئ_انكىتنﯽ ئ_ېلىپ تېگىشلىك ئورۇنغا ئىمزايىمنﯽ قويۇپ بەردىم.
__ خۇدايىم بىر ئاسانلىقنﯽ بېرەر، __ دېدﯼ قېيىنئانام.
__ دېگىنىڭ كەلسۇن، __ دېدﯼ قېيىنئاچام.
مەن گەپ قىلمىدىم. ئارىمىزدا قىلىشقۇدەك گەپمۇ قالمىغانتﯽ. تۇغۇت ئۆيﯽ ئالدىدىكﯽ تارغىنە كارىدورنىڭ بىر تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بوش ئورۇندۇقلارغا كېلىپ جايلىشىپ ئايالىمنىڭ يەڭگىشىنﯽ كۈتۈپ تۇردۇق.
مۇشۇ مىنۇتلاردا كۆڭلۈمدە مىڭلارچە خۇشاللىق، ھاياجان، تەشۋىش ئارىلاش چالغۇش خىياللار ئەگىپ يۈرەتتﯽ. دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىمدىن ئۆزۈمنﯽ تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلاتتىم، تۇرۇپلا بولغۇسﯽ پەرزەنتىمنﯽ بىردە ئوغۇلدەك يەنە بىردە قىزدەك كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتىم. بەختتىن مەست بولغان كۆزلىرىمنﯽ تۇغۇت ئۆيﯽ ئىشىكىدىن ئۈزمەيتتىم، ئارىدىن خېلﯽ ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ تۇغۇت ئۆيىدىن بىرەر تىۋىش ئاڭلانمايتتﯽ. قېيىنئانام ھېلىدىن - ھېلىغا ئورنىدىن تۇرۇپ، تۇغۇت ئۆيﯽ ئىشىكىنىڭ ئاراچلىرىدىن مارىلاپ، تىۋىشلارغا قۇلاق سېلىپ ھارمايتتﯽ. بىركەمدە ئۆي ئىچىدىن بوشقىنە ئىڭرىغان ئاۋاز ئاڭلانغاندەك بولدﯼ. تېخﯽ ئەمدىلا جايىغا كېلىپ ئولتۇرغان قېيىنئانام يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىشىككە قۇلىقىنﯽ يېقىپ ئۈلگۈرگەنىدﯼ.
__ خۇداغا شۈكۈر، تولغىقﯽ كەلدﯼ. __ دېدﯼ ئۇ بىزگە قاراپ.
قېيىنئاچام بىلەن تەڭلا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ كەينىگە كېلىپ، ئۆي ئىچىدىكﯽ ئاۋازغا قۇلاق سېلىپ تۇردۇق.
ئايالىمنىڭ بىردە بوش، بىردە چىڭراق ئىڭرىغان ئاۋازﯼ ئەمدﯼ تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلىنىشقا باشلىدﯼ، بۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە كىمدۇر بىرىنىڭ:
__ كۈچەڭ ھە، يەنە بەكرەك كۈچەڭ، مانا ئاز قالدﯼ، بەرداشلىق بېرىڭ. __ دېگەنگە ئوخشاش سۆزلىرىمۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتﯽ. ھاياجانلانغىنىمدىن يۈرىكىمنىڭ سوقۇشﯽ تېزلىشىپ نەپەسلىرىم يېتىشمەي قېلىۋاتقاندەك، خۇددﯼ ھازىرلا بالامنىڭ تاغ سۈيىدەك سۈزۈك، بۇلبۇل كۈيىدەك يېقىملىق يىغا ئاۋازىنﯽ ئاڭلايدىغاندەك تۇيغۇدا قاچانغىچە تۇردۇمكىن، تۇرۇپلا ئايالىمنىڭ ئاۋازﯼ جىمىپ كەتتﯽ. ھەيرانلىقىمنﯽ يوشۇرالماي يېنىمدا تۇرغان قېيىنئاچامغا قارىدىم. ئۇنىڭ چىرايىدىن ھېچنېمىنﯽ بىلگىلﯽ بولمايتتﯽ، قېيىنئانام ئەپسۇسلانغاندەك:
__ تولغىقﯽ قېچىپ كەتتﯽ، __ دېدﯼ.
شۇ چاغدا بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنﯽ چۈشەنمىگەنىدىم، نېمە دېيىشىمنىمۇ بىلمەيتتىم، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشﯽ بىلەن ئايالىمنىڭ تولغىقىنىڭ بىر قانچە قېتىم كېلىپ - كېتىشىدىن ئۇنىڭ بارغانسېرﯼ تولغاق ئازابىدا ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنﯽ ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئامالىمنىڭ بارىچە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشنﯽ ئويلايتتىم. لېكىن بۇنىڭغا ئامال يوق ئىدﯼ. كونىلارنىڭ »ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيگەندىن تېشىدا كۆيگەن يامان« دېگىنىدەك قانداق قىلىشىمنﯽ بىلەلمەي ئىچ - ئىچىمدىن پۇچۇلىنىپ كېتىۋاتاتتىم. كىمدىندۇر مەدەت كۈتكەندەك ئەتراپىمغا ئىلتىجالىق بىلەن باقاتتىم، يېنىمدا ئولتۇرغان ئىككﯽ ئايالنىڭمۇ ئەھۋالﯽ مېنىڭكىدىن قېلىشمايتتﯽ. بولۇپمۇ قېيىنئانامنىڭ تۇرقىغا قاراپ ئۇنىڭغا تولىمۇ ئىچىم ئاغرىدﯼ. بىچارە ئايال شۇ تاپتا چىرايىنىڭ ئۆڭسۈلﯽ يوق، كىچىك بالىدەك ئۈمچىيىپ، ياشاڭغىرىغان كۆزلىرىنﯽ تۇغۇت ئۆيىنىڭ ئىشىكىدىن ئۈزمەي ئولتۇراتتﯽ.
تۇغۇت ئۆيﯽ ئىچﯽ - سىرتىنﯽ يىڭنە يەرگە چۈشسە ئاڭلانغۇدەك جىمجىتلىق قاپلىغان بولۇپ، بۇ خىل جىمجىتلىق ك_ىشﯽ قەلبىگە ئارامسىز تۇيغۇ بېغىشلايتتﯽ. شۇ تاپتا ئۆزۈمنﯽ پايانسىز دېڭىز ساھىلىدا، دېڭىزدا يىراقتىن ئۈزۈپ كېلىۋاتقان كېمىگە قاراپ تۇرغان تەنھا ئادەمگە ئوخشىتاتتىم. كېمە ھەر قېتىم قىرغاققا يېقىنلاشقاندا تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلگەن دېڭىز دولقۇنﯽ ئۇنﯽ يىراقلارغا ئېلىپ كېتەتتﯽ. كېمە ھەدەپ قىرغاققا قاراپ ئۈزەتتﯽ، دولقۇنلار يەنە ئۇنﯽ ئېلىپ كېتەتتﯽ. كېمە ئۈستىدىكﯽ ئادەم ماڭا قاراپ قول پۇلاڭلىتاتتﯽ. توختىماي ئىسمىمنﯽ چاقىراتتﯽ.
__ رۇستەم.
قېيىنئاچامنىڭ يېقىملىق چاقىرغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ كۆزلىرىمنﯽ ئاچتىم. بايىدىن بېرىقﯽ جىمجىتلىق ئىچىدە نېمىلەرنﯽ خىيال قىپكەتتىمكىن، چۈشەكىگەندەك ئۇنىڭغا قارىدىم.
__ دوختۇر سىزنﯽ چاقىرىۋاتىدۇ.
قاچانلاردىن تۇغۇت ئۆيىنىڭ ئىشىكﯽ ئېچىلىپ دوختۇرنىڭ چىقىپ كەلگەنلىكىنﯽ تۇيمايلا قالغانىدىم. كۆزلىرىمنﯽ قېيىنئاچامدىن ئاغدۇرۇپ، ئالدىمدا تۇرغان غۇنچە بوي، سۈزۈك چىراي، چوڭ قوي كۆزلىرىدىن بىر خىل ھارغىنلىق ئارىلاش مۇلايىملىق يىغىپ تۇرغان، يېشﯽ 50 لەردىن ھالقىغان ئايالغا باقتىم.
__ سىز يولدىشﯽ بولامسىز؟
دوختۇر ئايالنىڭ ئاۋازﯼ تۇرقىدەكلا مۇلايىم ئىدﯼ.
__ ھەئە.
__ مەن بىلەن ئىشخانىغا بارسىڭىز بوپتىكەن.
دوختۇرنىڭ قاراشلىرىدىن ماڭا دەيدىغان مۇھىم سۆزﯼ باردەك قىلاتتﯽ.
ئۈن - تىنسىز ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم.
دوختۇر ئىشخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ مېنﯽ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ئالدىمغا بىر ئىستاكانغا چاي قۇيغاچ:
__ ئىسمىڭىز رۇستەمغۇ دەيمەن، __ دەپ سورىدﯼ. ھەيرانلىقىمنﯽ يوشۇرالمىدىم. دوختۇر سۇسقىنە كۈلۈپ قويۇپ گېپىنﯽ داۋاملاشتۇردﯼ. __ ئايالىڭىز تۇغۇت ئۆيىگە كىرگەندىن بېرﯼ سىزنىڭ ئىسمىڭىزنﯽ چاقىرىپ، زادىلا ئېغىزىدىن چۈشۈرمىدﯼ. شۇنىڭدىن بىلدىم. ئۇ سىزنﯽ ھەقىقەتەن ياخشﯽ كۆرىدىكەن، تەلىيىڭىز باركەن. ئۇ سۆزىدىن توختاپ، كۆزۈمگە دەقىق تىكىلىپ قارىدﯼ، چىرايىدىن كۆپنﯽ كۆرگەن ئايال ئىكەنلىكﯽ بىلىنىپ تۇراتتﯽ. بۇ ئۇنىڭ ماڭا دەيدىغان ھەقىقىي سۆزﯼ ئەمەس ئىكەنلىكىنﯽ، پەقەت مېنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغىنىمنﯽ بىلىش مەقسىتىدە گەپنﯽ ئەگىتىپ باشلاۋاتقانلىقىنﯽ كۆڭلۈم تۇيدﯼ.
__ قانداقلا گەپ بولسا دەۋېرىڭ دوختۇر، __ دېدىم.
دوختۇر سەل ئىككىلەنگەندەك بولۇپ گېپىنﯽ داۋاملاشتۇردﯼ:
__ ھەر ھالدا ئىدىيەڭىزدە تەييارلىق بولسۇن. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت بىر پەرەز. بەلكىم بىز ئويلىغاندىنمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇشﯽ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ سىزگە دەپ قويۇشنﯽ لايىق كۆردۈم. قارىسام قېيىنئانىڭىز خېلىلا ياشىنىپ قاپتۇ. ئۇنﯽ ئەنسىرەپ كەتمىسۇن دېدىم.
ئۇنىڭ قىلغان گېپىدىن ھېچنېمىنﯽ چۈشىنەلمىگەنلىكىم چىرايىمدىن ئايان بولسا كېرەك. ئۇ قايتا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدﯼ:
20 نەچچە يىللىق كەسپىي ھاياتىمدا تۇنجﯽ قېتىم بۇنداق قىيىن تۇغۇتقا ئۇچرىشىم. ئايالىڭىزنﯽ تۇغۇت ئۆيىگە ئەكىرگىلﯽ ئون نەچچە سائەت بولدﯼ. ئۇ بەك قىينىلىپ، بارغ_انسېرﯼ ھ_ال_سىزلىنىپ كېتى_ۋاتىدۇ. مۇشۇنداقلا كېتىۋەرسە ئاقىۋىتىنﯽ تەسەۋۋۇر قىلماق تەس. بەلكىم باشتىلا ئوپېراتسىيە قىلغان بولساق بالىنﯽ ساقلاپ قالالمىغان تەقدىردىمۇ، ئانىسىنىڭ ھاياتىنﯽ ساقلاپ قېلىش مۇمكىنچىلىكﯽ كۆپ ئىدﯼ. بىراق، ئۇ بۇنىڭغا زادىلا ئۇنىماي تۇرۇۋالدﯼ. ئەگەر بىرەر مۆجىزە يۈز بەرمىسە قورساقنﯽ يېرىپ بالىنﯽ ئېلىشتىن باشقا ئامال يوق. لېكىن بۇنداق قىلساق بالىنﯽ ساقلاپ قالغان تەقدىردىمۇ ئانىسىنﯽ بىر نېمە دېگىلﯽ بولمايدۇ. شۇڭا ئىدىيەڭىزدە تەييارلىق بولسۇن. باشتا سىزگە دېگىنىمدەك بۇ پەقەت بىر پەرەز. ئەلۋەتتە، بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشىمىز...
دوختۇرنىڭ ئاخىرقﯽ سۆزلىرﯼ قۇلىقىمغا كىرمىدﯼ. كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ، ئىشخانا ئىچﯽ چۆرگىلەۋاتقاندەك بىلىنىۋاتاتتﯽ. پەقەت ئېغىزىمدىن جۆيلىگەندەك »دوختۇر ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۇنﯽ قۇتقۇزۇۋېلىڭ، ئۇنﯽ قۇتقۇزۇۋېلىڭ« دېگەن سۆز ئۈزۈلمەيتتﯽ.
__ ئۆزىڭىزنﯽ بېسىۋېلىڭ، بىز تىرىشىمىز، بەلكىم ھېچ ئىش يۈز بەرمەس.
ئۇ يەنە نېمىلەرنىدۇر دېمەكچﯽ بولۇپ تۇرىۋېدﯼ، ئىشخانىغا بىر سېسترا قىز يۈگۈرگەندەك كىرىپ كەلدﯼ.
__ دوختۇر، تۇغۇت ئۆيىدىكﯽ ئايال بولالمايۋاتىدۇ.
__ ھە، مانا.
ئۇ مېڭىشقا تەمشەلدﯼ.
__ توختاپ تۇرۇڭ دوختۇر، __ دېدىم.
__ خاپا بولمىسىڭىز مۇنۇ گۈلنﯽ ئۇنىڭغا ئالغاچ كىرسىڭىز.
دوختۇر قولۇمدىكﯽ گۈلنﯽ ئېلىپ ئىشخانىدىن تېزلا چىقىپ كەتتﯽ. ئىشخانا ئىچىدە يالغۇز قالغاندىن كېيىن ئۆزۈمنﯽ ھەر قانچە بېسىۋېلىشقا تىرىشساممۇ ئىچ - ئىچىمدىن كەلكۈندەك يامراپ كېلىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنﯽ زادىلا توختىتىۋالالمىدىم. ئىچىمدە تەقدىرگە نالە قىلاتتىم، قايسىبىر گۇناھىم ئۈچۈن مېنﯽ بۇنچە قىينايدىغانلىقىنﯽ بىلمەيتتىم، ئوخشاش بىر قىسمەتنىڭ بېشىمغا كەينﯽ - كەينىدىن كەلگەنلىكىدىن ھەيران ئىدىم. بىر قانچە يىللار ئىلگىرﯼ مۇشۇ دوختۇرخانىدا قەلبىمدە مەڭگۈلۈك جاراھەت ئىزﯼ قالغانىدﯼ. مانا ھازىرمۇ دەل شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قىسمەت يۈرىكىمگە نەشتىرىنﯽ بىلەپ، سانجىشقا تەييار تۇراتتﯽ. كۆز ئالدىمدا بىردە قان ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتقان رەيھان، بىردە تۇغۇت ئازابىدا قىينىلىپ جان تالىشىۋاتقان ئايالىم گۈلخۇمار زاھىر بولۇپ، توختىماي ئىسمىمنﯽ چاقىرغاندەك قىلاتتﯽ. ئازابلىق ئەسلىمىلەر، تەشۋىشلىك خىياللار ھەدەپ قەلب جاراھىتىمنﯽ تاتىلايتتﯽ.
__ ئۇ سىزنﯽ ھەقىقەتەن ياخشﯽ كۆرىدىكەن، تەلىيىڭىز باركەن.
بۇ ھەرگىز دوختۇرنىڭ مېنﯽ تەسىرلەندۈرۈش ئۈچۈن تاپقان گېپﯽ ئەمەس ئىدﯼ. ئايالىمنىڭ ھەقىقەتەن مېنﯽ ياخشﯽ كۆرىدىغانلىقىنﯽ بىلەتتىم. بىراق مەنچۇ؟ تا مۇشۇ كەمگىچە ئۇنىڭغا بىرەر قېتىم بولسىمۇ سېنﯽ ياخشﯽ كۆرىمەن دېگەن سۆزنﯽ دەپ باقمىدىم. ئۇنىڭ قانچە قېتىملاپ مۇھەببەتلىك بېقىشلىرىنﯽ، يېلىنىشلىرىنﯽ نەزەرىمگە ئىلمىدىم. كۆڭلۈمدە ئۇنﯽ ياخشﯽ كۆرىدىغانلىقىمنﯽ ئىقرار قىلغۇم كەلمىدﯼ، مېنىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغىنىم مۇھەببەت ئەمەس، ئازاب بولدﯼ. مانا ئەمدﯼ شۇ قىلغانلىرىم ئۆزۈمگە يېنىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولۇۋاتىمەن، شۇ تاپتا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ مەن ئۈچۈن نەقەدەر زور يوقىتىش ئىكەنلىكىنﯽ ھېس قىلىۋاتىمەن، ياراتقۇچىدىن ماڭا پەقەت ۋە پەقەت بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشىنﯽ، ئۇنىڭغا ئۆز ئاغزىم بىلەن سېنﯽ ياخشﯽ كۆرىمەن، دېگەن بىر ئېغىز سۆزنﯽ قىلىۋېلىشىمغا رۇخسەت قىلىشىنﯽ تىلەۋاتىمەن. كۆز ياشلىرىم توختايدىغاندەك قىلمايتتﯽ.
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------