ئۆكسۈشلىرىم بېسىقمايۋاتاتتﯽ، ئۆكۈنۈش، پۇشايمان ھەم ئۆتكەن كۈنلەر خاتىرىسﯽ كۆڭۈل ئېكرانىمدىن ئۆتمەكتە ئىدﯼ. 2 كىشىلىك ھاياتتا ھەركىمنىڭ ئوخشىمىغان قىزىقىشﯽ بولغىنىدەك مەن گۈل بېقىشنﯽ تولىمۇ ياخشﯽ كۆرىمەن. بولۇپمۇ رەيھانگۈلىنﯽ. ئۆيۈمدىكﯽ گۈل تەشتەكلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ھەر يىلﯽ ياز پەسلىدە باراقسان ئۆسكەن رەيھانگۈلﯽ جۇلالاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن تارىغان خۇشبۇي ھىدلار سىرتتىن ئۆيگە كىرگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ مەيلىنﯽ ئۆزىگە تارتىپ، قەلبىگە يېقىشلىق تۇيغۇ بەخش ئېتىدۇ. بىراق ئايالىم ئىسمﯽ - جىسمىغا لايىق گۈلخۇمار بولسىمۇ، رەيھانگۈلىگە مەندەك ئامراق ئەمەس. باھار پەسلﯽ يېتىپ كېلىشﯽ بىلەن تەڭ، مەن قىشتىن بېرﯼ ساقلاپ كېلىۋاتقان گۈل ئۇرۇقلىرىنﯽ بوش تەشتەكلەرگە تېرىشقا تۇتىنىمەن. بۇنﯽ كۆرگەن ئايالىم: __ رۇستەم، تېرىيدىغانغا باشقا گۈل يوقتەك ھە دېسىلا مۇشۇ گۈلنﯽ تېرامسىز، __ دەپ سورايدۇ. __ قايسﯽ گۈلنﯽ دەۋاتىسىز؟ __ بىلمىگەن بولۇۋېلىپ سورايمەن. ئۇنىڭ قاپىقﯽ تۈرۈلۈپ، چىرايلىق يۈزﯼ تاتىرىدۇ. __ تېرىۋاتقىنىڭىزچۇ؟ __ ھە، رەيھاننﯽ دەۋاتامسىز؟ __ جاھاندا گۈل تېپىلمىغاندەك قاچانلا قارىسام مۇشۇ گۈل بىلەنلا بولىسىز. مەن سىزگە نەچچە قېتىم دېدىم. بۇ گۈلنىڭ پۇرىقﯽ ماڭا رېئاكسىيە قىلىدۇ، دەپ. ئايالىمغا گۈلنىڭ پۇرىقﯽ ئەمەس، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ رېئاكسىيە قىلىدىغانلىقﯽ ماڭا ئايان بولسىمۇ، چاندۇرماي كۈلگەن بولۇپ تۇرۇۋالىمەن. ئەر - ئايال ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا ئۈن - تىنسىز گۈل جېڭﯽ باشلىنىدۇ. ئايالىم گۈل بازىرىغا، پارنىكلارغا قاتراپ ھارمايدۇ، باشقا ئىشلارغا شۇنچە پىخسىقلىق قىلسىمۇ گۈلگە كەلگەندە پۇلنىڭ كۆزىگە زادىلا قاراپ قالمايدۇ. قىممەت پۇللۇق، رەڭدار گۈللەرنﯽ ئەكىلىپ تەكچىلەرگە تىزىۋېتىدۇ. __ قاراڭ رۇستەم، __ دەيدۇ ئۇ ماختانغاندەك تەلەپپۇزدا سېتىۋالغان گۈللىرىنﯽ ماڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ، __ بۇ مودەن گۈلﯽ نېمىدېگەن چىرايلىق ئېچىلغان، مۇنۇ پىكۇسگۈلىچۇ تېخﯽ، شۇنداق نەپىس، مانا ماۋۇ چايگۈلﯽ پۇرىقﯽ ئاجايىپ مەززىلىك، بۇ پانۇس گۈلىنىڭ كۆركەملىكىنﯽ دېمىسەممۇ بولار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ گۈللەر ياخشﯽ پەرۋىش قىلىنسا قىش - ياز قۇرۇپ قالمايدۇ. سىز تېرىغان گۈللەردەك ھەر يىلﯽ ئاۋارە بولۇشنىڭمۇ ھاجىتﯽ يوق. مىيىقىمدا كۈلۈپ قويىمەن. ئەخمەق، سەن بۇ گۈللەرنﯽ تەشتەككە ئەمەس يۈرىكىمگە تېرىۋاتقىنىمنﯽ بىلمەيسەن، دەيمەن ئىچىمدە. لېكىن بۇ سۆزلەرنﯽ ئېغىزىمدىن چىقىرالمايمەن. بىر كۈنﯽ ئىشتىن چۈشۈپ ئىشىك ئالدىغا كېلىشىم گۈلخۇمارنىڭ ئۆيدىن بىر قانچە تەشتەكنﯽ كۆتۈرۈپ چىقىشىغا توغرا كەلدﯼ. ئۇنىڭ قولىدىكىسﯽ يېڭىدىن ئەي بولۇپ، باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان رەيھانگۈللىرﯼ ئىدﯼ. __ نېمە قىلىۋاتىسىز؟ __ بۇ گۈللەرنﯽ سىرتقا ئەپچىقىۋېتەيمىكىن دەيمەن. __ نېمىشقا ئەمدﯼ؟ __ ئۆي ئىچىنىڭ ھەممىلا يېرىنﯽ مۇشۇ گۈلنىڭ پۇرىقﯽ قاپلاپ كېتىپتۇ، ئادەمنىڭ ئىچىنﯽ ئىلەشتۈرۈپ، شۇڭا ئەپچىقىۋېتەي دېدىم. __ توۋا، گۈلنىڭ پۇرىقىنىڭ ئادەمنىڭ ئىچىنﯽ ئىلەشتۈرۈشىنﯽ تۇنجﯽ قېتىم سىزنىڭ ئېغىزىڭىزدىن ئاڭلاۋاتىمەن. تېز ئۆيگە ئەكىرىۋېتىڭ. __ ياق، قوشنىلارغىمۇ بىر قانچە تەشتەكنﯽ بېرىۋەتتىم. سىزنﯽ دېمىگەن بولسام ھەممىنﯽ بېرىۋېتەتتىم. ئەمدﯼ قالغانلىرىنﯽ مۇشۇ يەرگە تىزىپ قويايلﯽ. قاراڭ ئىشىك ئالدىدا گۈل بولسا نېمىدېگەن ياخشﯽ. ئۆزۈمنﯽ تەسلىكتە تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ: __ ئەمىسە قالغان گۈللەرنىمۇ ئەپچىقىپ تىزايلﯽ، __ دېدىم تەئەددﯼ بىلەن. __ نېمە دەۋاتىسىز، ئۇلار دېگەن قىممەت باھالىق گۈللەر تۇرسا. __ ئەمىسە بۇ گۈللەرچۇ؟ __ ۋېييەي، بۇ دېگەن قانچىلىك نېمىتﯽ. يۈرىكىم ئاچچىق ئەلەمدىن ئېچىشىشقا باشلىدﯼ. ئايالىمنىڭ بۇ قەدەر جاھىللىقىنﯽ تۇنجﯽ قېتىم ھېس قىلىشىم ئىدﯼ. __ گېپىمنﯽ ئاڭلامسىز يوق؟ __ ياق. ئۆي ئىچىگە بوراندەك ئېتىلىپ كىردىم. ئايالىم تېخﯽ يېقىندىلا سېتىۋالغان، مەن ئىسمىنﯽ بىلىشكىمۇ ئۈلگۈرمىگەن چوڭ بىر تەشتەك گۈلنﯽ كۆتۈرۈپ سىرتقا چىقتىم. ئۇ ئىشىك ئالدىدا ھەرىكىتىمنﯽ كۆزىتىپ تۇراتتﯽ. گۈلنﯽ ئەپچىققىنىمنﯽ كۆرۈپ: __ نېمە قىلاي دەيسىز؟ __ دېدﯼ ئالدىمنﯽ توراپ، قولىدا تېخىچىلا بايا مەن كەلگەندە كۆتۈرۈپ چىققان تەشتەكلەر بار ئىدﯼ. __ بۇ گۈللەرنىمۇ ئەپچىقىۋېتەي دەيمەن. __ ساراڭ بوپسىز. __ ئۆزىڭىز ساراڭ بوپسىز. __ بۇنداق قىلىشىڭىزغا يول قويمايمەن. __ نېرﯼ تۇرۇڭ. __ رۇستەم ساراڭلىق قىلماڭ. بۇ گۈلنىڭ قانچە پۇل ئىكەنلىكىنﯽ بىلەمسىز. بۇ دېگەن... پۇلنىڭ گېپىنﯽ ئاڭلاپ جەھلىم تېخىمۇ قاتتﯽ، ئۇنﯽ تۈرتۈپ سىرتقا ئىنتىلدىم. شۇ چاغدا بىلمەيلا قالدىم. جاراڭ قىلغان بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ ئايالىمنىڭ قولىدىكﯽ گۈل تەشتىكﯽ يەرگە چۈشۈپ، پارە - پارە بولۇپ كەتتﯽ. __ مانا ئەمىسە. __ مەنمۇ قولۇمدىكﯽ گۈل تەشتىكىنﯽ تاشلىۋەتتىم. كەينىمگە ياندىم، قولۇمغا چىققان تەشتەكتىن بىرنﯽ ئېلىپ، ئۇنىمۇ يەرگە تاشلىدىم. قولۇم - قوشنىلار بىردىن - ئىككىدىن كېلىپ، ئىشىك ئالدىغا يىغىلىشقا باشلىدﯼ، بىر قانچىسﯽ ئۆيگە كىرىپ ماڭا نەسىھەت قىلىشقانمۇ بولدﯼ. ئاخىر ھېچكىمگە قارىماستىن ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. ئايالىم نومۇس كۈچىدىن بېشىنﯽ يەردىن كۆتۈرمەستىن ئىشىك ئالدىدىلا قالدﯼ. شەھەر مەركىزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان دەريا ساھىلىنﯽ مەقسەتسىز ئايلىنىپ يۈرگىنىمگە بىر قانچە سائەت بولغان بولسىمۇ ئاچچىقىم تېخىچىلا بېسىقمايۋاتاتتﯽ. كۆڭلۈم خۇددﯼ لايقىپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىدەك تولىمۇ غەش ئىدﯼ. ئەتراپنﯽ گۇگۇم پەردىسﯽ قاپلىغان بولۇپ، بۇلۇتلۇق ئاسماندا ئاي تەنھا كېزىپ يۈرەتتﯽ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا نە بىرەر تال يۇلتۇز كۆرۈنمەيتتﯽ. شۇ تاپتا مەنمۇ ئۆزۈمنﯽ يۇلتۇزلار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئاشۇ ئايدەك تولىمۇ غېرىب ھەم مىسكىن سەزمەكتە ئىدىم. ئايالىمنىڭ بۈگۈنكﯽ بولمىغۇر قىلىقىنﯽ ئويلىغانسېرﯼ غەزىپىم تاشاتتﯽ. ئۆيگە زادىلا قايتقۇم كەلمەيتتﯽ. مېڭىۋېرىشتىن زېرىكىپ، ساھىلدىكﯽ مەجنۇنتاللار ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاش ئورۇندۇقلارنىڭ بىرسىگە كېلىپ ئولتۇردۇم. دەريا سۈيىنىڭ شاۋقۇنسىز ئېقىشىغا قاراپ، سۇنغان تەشتەك پارچىلىرىدەك پارە - پارە بولغان يۈرىكىمگە مەلھەم بولغۇدەك ئەستىلىكلەرنﯽ كۆڭۈل ئېكرانىمدىن بىر - بىرلەپ ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم. خۇشاللىقتىن كۆپرەك ئازابلىق قىسمەتلەرگە تولغان ئۆتمۈش خاتىرەمدە پەقەت رەيھاندىن ئىبارەت بىرلا سېما زاھىر ئىدﯼ. »رەيھان«، دەپ ئۆز - ئۆزۈمگە بوشقىنە شىۋىرلىدىم. ئوتلۇق بىر نەپەس لەۋلىرىمنﯽ سۆيۈپ ئۆتكەندەك تاتلىق بىر سېزىم ۋۇجۇدۇمنﯽ چۇلغاپ، تېنىم مىسكىن ئاينۇرىغا پۈركەنگەن مەجنۇنتال يوپۇرماقلىرىدەك تىترەپ كەتتﯽ. كۈچلۈك بىر ھاياجاندىن نەپىسىم يېتىشمەيۋاتقاندەك چوڭقۇر نەپەس |