غازاڭ (ھېكايە)
يوللانغان ۋاقتى:07-02-2014
مەنبە: تارىم 2012-6-سان
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 1 پارچە
ئاپتورى: پەرھات تۇرسۇن بالا ئاپىسىغا يېتىشىپ مېڭىش ئۈچۈن ئاپىسىنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتقىنىچە پات - پات سىكىلدەپ يۈگۈرۈپ قوياتتى. بىر ك

ئاپتورى: پەرھات تۇرسۇن
بالا ئاپىسىغا يېتىشىپ مېڭىش ئۈچۈن ئاپىسىنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتقىنىچە پات - پات سىكىلدەپ يۈگۈرۈپ قوياتتى. بىر كېچىلىك ئۇيقۇسىزلىق ۋە تىل - ئاھانەت دەستىدىن بالىنىڭ چىرايىمۇ، ئاپىنىڭ چىرايىمۇ سارغىيىپ كەتكەنىدى. تۆت ياشتىن ھالقىغان بۇ بالا ئۇنچىۋالا تىل - ھاقارەت ۋە سەت گەپلەرنى چۈشىنەلمەي قىينىلىپ چىرايى تاتارغان بولسا، يېشى 30لارغا كىرىپ قالغان ئاپىنىڭ خاپىلىقنى كۆتۈرگۈدەك ھالى قالمىغاچقا، خاپىلىق خۇمارى بار ئەرنىڭ خۇمارىنى قاندۇرۇپ بولالماي چارچاپ، يۈزىدە قان دىدارى قالمىغانىدى.
بالا ئىلگىرى ئۆيدە جېدەل چىقسا ئاتا - ئانىسىغا قارىغىنىچە ئۈن سېلىپ يىغلايتتى. لېكىن ئاخشامقى جېدەلدە يەنە بىر ئۆيگە كىرىپ كېتىپ تېلېۋىزور كۆردى، باشتىن - ئاخىر ئۈن چىقارمىدى. ئايال شۇ چاغدىلا بالىسىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى، ئۆزىگە ئوخشاش ئازابلارغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەنلىكىنى ھېس قىلدى.
−− بالام، مەن سېنى بىردەم كۆتۈرۈۋالاي، −− دېدى ئاپىسى ۋە توختاپ بالىغا ئېڭىشتى.
−− ياق، ئۆزۈم ماڭىمەن.
بالا ئاپىسىغا ھېلىتىن ئېغىرلىقىنى سالمايدىغان بولۇشقا تىرىشقاندەك قىلاتتى. بۇ جەھەتتە ئاپىسى ئۇنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ پەخىرلەندى.
−− مەن سېنى بىردەم كۆتۈرەي، ساڭا گېپىم بار.
بالا شۇندىلا ئاپىسىنىڭ قۇچاقلاپ ئۆزىنى كۆتۈرۈشىگە كۆندى.
−− بالام، كەچتە سېنى يەسلىگە ئالغىلى كېلەلمەيمەن، مەن ئىچكىرىگە كېتىمەن.
−− قاچان؟
−− بۈگۈن.
−− نېمىشقا؟
−− بۇ يەردە تۇرۇشقا تاقىتىم قالمىدى، كۆردۈڭغۇ، داداڭ مېنى بىر كېچە تىللاپ چىقتى.
بالا يېشىغا ماس كەلمىگۈدەك خىيالچان ئىدى. ئاپىسى سەرگەردانلىققا تولۇق تەييارلىق قىلىپ قويغانىدى. ناتونۇش شەھەر، ناتونۇش كوچىلار، ناتونۇش ئادەملەر ئارىسىدا ئۇنىڭ نەدە يېتىپ - قوپقىنى، نەدە تۇرغىنى، نەگە بارغىنى بىلەن ھېچكىمنىڭ چاتىقى يوق.
ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئاساسەن روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى سەرسانلىقتىن قۇتۇلالماي ئۆتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى سەرگەردانلىق ئىدى. ئۇ بۇنىڭدىن ئالتە يىل ئىلگىرى توي قىلغاندا بۇنداق سەرگەردانلىقنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقىنى بەكلا ئارزۇ قىلغانىدى. لېكىن، يېرىم يىل ئۆتمەيلا تەكرارلىنىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ سەرگەردانلىقتىن مۇستەسنا ئاخىرقى ئورنىنىڭ پەقەت قەبرىستان ئىكەنلىكىنى بىلدى. چۈنكى، ئۇ بىركۈنى ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئەتراپىغا قاراپ يېتىپ بىردىنلا ئېرىنىڭ پېشانىسى ئۈستىگە قويۇۋالغان بىلىكىگە قاراپ، ئۇنىڭ بېغىشىدىكى بىر تارتۇقنىڭ ئىزىنى بايقاپ قالدى. بۇ تارتۇق خېلى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن ئەرنىڭ تېرىسى سارغۇچ بولغاچقا تازا دىققەت قىلمىسا كۆرگىلى بولمايتتى. بۇ تارتۇققا قاراپلا ئۇنىڭ تىنىقى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. بۇ تارتۇقتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ ئېرى ئىلگىرى ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنغانىدى.
ئۇ ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان چاغدىكى ئەسەبىيلەشكەن ھەرىكەتلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمەي بىرھازا ئاۋارە بولدى ھەم قورقۇشقا باشلىدى.
−− سەن بۇ يەردە تۇرۇۋېرەمسەن، ئەتراپتىكى يېقىنراق بىر شەھەردە تونۇشۇڭ بولسا شۇ يەرگە بېرىپ تۇرۇپ كەلسەڭمۇ بوپتىكەن، −− دېدى ئېرى بىركۈنى ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا.
−− نەگە بارىمەن؟
−− نەگىلا بولسا بىر يەرگە بېرىپ تۇرۇپ كەلسەڭ بولاتتى.
−− نېمىشقا؟
−− ئازراق مەزگىل ئايرىلىپ تۇرساق، بىر - بىرىمىزنى سېغىنىپ ھېسسىياتىمىز چوڭقۇرلىشاتتى.
−− ھېچ يەرگە بارغۇم يوق.
ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى زادىلا ئويلىمىغانىدى. ئېرى توي قىلىپ يېرىم يىل ئۆتمەيلا ئۇنى بىرمەھەل ئۆزىدىن نېرى قىلىپ تۇرماقچىدەك قىلاتتى.
ئەر غەزەپلىنىپ ئايالىنى ئىككى تەستەك ئۇردى، مانا شۇنىڭ بىلەن تۈگىمەس جېدەل - ماجىرا باشلاندى. ئۇ ئېرىنىڭ ئوڭشىلىپ قېلىشىنى خۇددى راك كېسىلىنىڭ مۆجىزە يۈز بېرىپ ئويلىمىغان يەردىن ساقىيىپ قېلىشىنى كۈتكەندەك كۈتتى.
كېيىن ئۇ تىجارەت بىلەن بەزىدە ئىچكىرىدىكى شەھەرلەرگە، بەزىدە چەت ئەللەرگە كېتىدىغان بولدى. لېكىن ئايرىلىپ تۇرۇش زادىلا ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىۋەتمىدى، ئەكسىچە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات تېخىمۇ سۇسلىشىپ كەتتى. ئۇ ئاخىر تەقدىرگە تەن بېرىپ، پەقەت سەرگەردانلىقتىنلا ئۆزىگە تەسەللى تاپىدىغان بولدى. ھازىر ئۆزى بارىدىغان شەھەردە بىرنەچچە يىل، ھەتتا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تۇرۇش قارارىغا كەلدى. ئەمدى ئۇنىڭ بىركۈن بولسىمۇ جېنىم ئارام تاپسۇن دەپ ئويلايدىغان چاغلىرى كەلگەنىدى. ئۇ خاپىلىققىمۇ ئۇنچىۋالا چىدىيالماي قالمايتتى، ئۇنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى ئۆزىدە ئەرلەرگە بولغان قىزىقىشنىڭ ئېرىنىڭ بىشەملىكى ۋە تەلۋىلىكى سەۋەبىدىن سۇسلاپ كېتىشى، ھەتتا يوقاپ كېتىش ئېھتىمالى ئىدى. بۇ دۇنيادىكى ئۇنىڭغا بىردىنبىر شادلىق بېرىدىغان بۇ تۇيغۇ يوقالسا ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات بەكمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ كېتەتتى.
تۈنۈگۈن ئېرى ئۇنىڭ بىلەن بىر كېچە ئۇرۇشتى. ئۇ گەپ قىلماي تۇرۇپلاۋالسىمۇ توختىماي تىللاپ چىقتى. ھەدەپ ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن خاتا توي قىلىپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ سەت چىرايىنى كۆرسە دائىم قۇسقۇسى كېلىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. پىچاقنى كۆتۈرۈۋېلىپ گاھ ئۆزىگە تىقماقچى بولاتتى، گاھ ئۇنىڭغا تىقماقچى بولاتتى. بالا دادىسىنىڭ سەت ۋە يالىڭاچ گەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدى. دائىم يېڭى نەرسىلەرگە ئادەتتىن تاشقىرى قىزىقىدىغان بۇ بالا ئاتا - ئانىسىنىڭ ئاغزىدىن چۈشەنمىگەن سۆز چىقسا، سوراپ مەنىسىنى بىلىۋالمىغىچە بولدى قىلمايتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان سەت گەپلەرنىڭ بىرىنىمۇ سورىمىدى.
−− دادام بەك ئەسكى.
−− ياق، ئۇنداق دېمە، بالام، داداڭنىڭ گېپىنى ئاڭلا، −− دېدى ئاپىسى.
−− بۈگۈن كەتسەڭ قاچان قايتىپ كېلىسەن؟
ئۇ بالىغا نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشىنى بىلەلمەي بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ئېيتتى:
−− قارلار ئېرىپ دەرەخلەرگە يوپۇرماقلار چىققاندا بالام.
بالا گەپ قىلمىدى، ئاپىسى ئۇنى يەرگە قويدى. بالا ئاپىسىنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە يەنە دەم يۈگۈرۈپ، دەم مېڭىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىۋاتاتتى. بالا يول بويى ئەتراپتىكى دەرەخلەرگە قاراپ ماڭاتتى. يالىڭاچلىنىپ قالغان دەرەخلەر قىشنىڭ سوغۇق شامىلىدا خۇددى سىرتتا كېچىلەپ يالاڭ قالغان سەرگەرداندەك تىترەپ تۇراتتى.
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------