غازاڭ (ھېكايە)(2)

يوللانغان ۋاقتى:07-02-2014   مەنبە: تارىم 2012-6-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
ئۇلار ئىككى جەرەننىڭ رەسىمى بار بىر ئېلان تاختىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى. بالا ھەر كۈنى بۇ يەردىن ئۆتكەندە: ئاپا، ق

ئۇلار ئىككى جەرەننىڭ رەسىمى بار بىر ئېلان تاختىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى. بالا ھەر كۈنى بۇ يەردىن ئۆتكەندە:
−− ئاپا، قارا ئاۋۇ جەرەنلەرنى، ئاۋۇ ياقتىكىسى سەن، ماۋۇ ياقتىكىسى مەن، −− دەيتتى. ئۇ بالىنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن سۆيۈنۈپ كېتەتتى. بۈگۈن بولسا بالا بۇ رەسىمگە قاراپمۇ قويمىدى. بالىنىڭ كۆزلىرى يەنىلا يول بويىدىكى دەرەخلەردە ئىدى.
ئۇلار ئىككىسى بىر بانكىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى. بانكا ئالدىدا كۈندە مۇشۇ چاغدا پۇل توشۇش ماشىنىسى توختاپ، ئىككى ساقچى ئىككى تەرىپىدە مىلتىقىنى تۇتۇپ قوغدىغان ھالدا بۇ يەردىن پۇل يۆتكىلەتتى. بۇ ساقچىلارنىڭ تۇرقى بالىنىڭ قۇراشتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقىدىكى قورال تۇتۇپ تۇرغان ساقچىلارغا بەكلا ئوخشايتتى.
−− ئاپا، قارا ئاۋۇ ساقچىلارنى، مىلتىقىنى پوڭ - پوڭ - پوڭ... قىلىدۇ، −− دەيتتى. لېكىن، ئۇ بۈگۈن بۇ ساقچىلارغىمۇ قاراپ قويمىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى دەرەخلەردىلا ئىدى.
ئۇلار بىر كىيىم دۇكىنىنىڭ ئالدىدىكى بىر كىنو چولپىنىنىڭ شىم - كاستۇم ئېلانى ئۈچۈن چۈشكەن سۈرىتى ئالدىدىن ئۆتتى. بالا كۈندە بۇ رەسىمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، بۇ ئارتىسنىڭ كىنودىكى جانبازلىق ھەرىكىتىنى دوراپ قوياتتى. بۈگۈن ئۇنىڭغىمۇ قاراپ قويمىدى. يەنە يوللاردىكى ماشىنىلار، بالا كۈندە بۇ ماشىنىلارنىڭ ئاۋازىنى ۋە سىرتقى كۆرۈنۈشىنى ھەر خىل ھايۋانلارغا ئوخشىتاتتى:
−− ئاپا، قارا ئاۋۇ ماشىنا چوشقىغا ئوخشاش چاقى كىچىك، بوينى يوغان ئىكەن، ئاۋۇ ماشىنا سىگنال بەرسە مۈشۈكتەك مىياڭلايدىكەن...
بالا بۈگۈن گەپ قىلماستىن يول بويىدىكى ھەممە دەرەخقە قاراپ چىقتى. دەرەخلەر جان تالىشىۋاتقان ئادەمنىڭ تارتىشىپ قېتىشىپ قېلىۋاتقان بەدىنىگە ئوخشاش جەھل بىلەن چوقچىيىپ تۇراتتى. سوغۇق دەرەخلەرنىڭ جېنىنى قىمىرلاتماي تۇرۇپ سۈمۈرۈۋېلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
بالا يەسلىگە بارىدىغان يولنىڭ دوقمۇشىدىن قايرىلىۋېتىپ:
−− ئاپا قارا، ئاۋۇ دەرەخلەردە يوپۇرماق باركەن، −− دېدى بىردىنلا، −− دەرەختە يوپۇرماق بولغاندىكىن ئەمدى كەتمىسەڭمۇ بولار؟
ئۇ يول بويىدىكى ئاخىرقى قىزغۇچ غازاڭلار ساڭگىلاپ قالغان بىر دەرەخنى كۆرسەتتى. ئاپىسى دەرەخقە قاراپلا قالدى. بالىنىڭ يۇپيۇمىلاق كۆزلىرى چاقناپ كەتكەنىدى.
 




ھالقىلىق سۆزلەر : ھېكايە، تارىم


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار