چاھار باغدا يىلان يوق

يوللانغان ۋاقتى:29-06-2011   مەنبە: تارىم 2010-7-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 29 پارچە
ئاپتورى: رازىيە قادىر 12 - مارت بۈگۈن ئەتىگەن نېمىشقىدۇر يۈرىكىم سېلىپلا قوپۇپتىمەن. شۇ كۆڭۈل غەشلىكى ئىچىدە ئۆيدىن چىقتىم. ئىشخانىغا

 


 

ئاپتورى: رازىيە قادىر

12 - مارت
بۈگۈن ئەتىگەن نېمىشقىدۇر يۈرىكىم سېلىپلا قوپۇپتىمەن. شۇ كۆڭۈل غەشلىكى ئىچىدە ئۆيدىن چىقتىم.
ئىشخانىغا كىرىپلا كۆڭۈل غەشلىكىم تېخىمۇ كۈچەيدى. يېقىندىن بۇيان سېنىڭ توي خەۋىرىڭ مېنى مۇشۇنداق قىلىپ قويۇۋاتاتتى. شۇ ئارىدا جۈرئەت باغاق كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى.
−− ئەقىدە، سىزنىڭ باغىقىڭىزنى ئاۋۇ ئىشخانىغا ئەكىرىپ قويۇپتىكەن، ئالغاچ چىقتىم.
−− رەھمەت !
كۆرۈشتىن قورقۇپ تۇرۇپ باغاقنى قولۇمغا ئېلىپ ئالدىراپ ساھىبخانا ئىسمىغا قارىدىم.
«نىجات ئۆتكۈر، دىلنار مۇھەممەد»
ئاھ، خۇدا...! ماڭا بۇ كۈنلەرگە بەرداشلىق بەرگۈدەك سەۋر - تاقەت، چىدام - غەيرەت بەرگىن !
باغاقتىكى «ھۆرمەتلىك ئەقىدە، سىزنى 23 - مارت ئۆتكۈزۈلىدىغان توي مەرىكىمىزنىڭ ئەزىز مېھمىنى بولۇشقا تەكلىپ قىلىمىز.» دېگەن سۆزلەر خۇددى «ئەقىدە، 23 - مارت ئەجىلىڭ توشىدۇ. ئامانەتنى تاپشۇرۇشقا تەييارلان !» دېگەن سۆزلەردەك تۇيۇلۇپ، يۈرىكىم تارتىشىپ كەتتى. قۇرلار ئارىسىدىن دىلنار ئىسىملىك ناتونۇش بىر قىز ماڭا قاراپ سوغۇق كۈلەتتى.
باغاقتىن كۆزۈمنى ئۈزۈپ قارىسام جۈرئەت ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ. بىردىنلا جىددىيلىشىپ كەتتىم. ئۇ چىرايىمدىن بىرەر نەرسىنى سەزگەنمىدۇ؟ ياق - ياق، بۇ مۇمكىن ئەمەس. بەلكىم مۇنداقلا قاراپ قويغانغا توغرا كېلىپ قالغاندىمەن.
ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشقا ھەرقانچە تىرىشسامۇ يەنىلا ئەركىن بولالمىدىم، ئاخىر كارىدورغا چىقىپ كەتتىم.
−− ئەقىدە، باغىقىڭىزنى ئالغانسىز؟
بۇ ئاۋازنىڭ ئىگىسى سەن ئىدىڭ، ئاھ...! مەن مىسلىسىز زور بىر غەيرەت بىلەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ، ساڭا قاراپ ئاددى جاۋاب بەردىم:
−− ھەئە، ئالدىم!
سەن كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتىپ، لىفىت تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتىڭ. كەينىڭدىن قاراپ نەچچە دەقىقە تۇرۇپ قالدىم.
سەن ئەزرائىلسەن، ماڭا ئۆلۈمنامە ئەۋەتكەن! بۇ ئۈنسىز نىدايىمنى سەن ئەلۋەتتە ئاڭلىمايتتىڭ.
لىفىت ئېچىلىپ، سېنى قوينىغا سېلىپ يۈرۈپ كەتتى. بوشلۇققا ئېسىلغان بۇ يوغان تۆمۈر ساندۇق ماڭا رىۋايەتلەردىكى تاھىر دەريادا ئاققان ساندۇقتەك سىرلىق تۇيۇلمىسىمۇ، لېكىن، تاھىرنى يات ئەل مەلىكىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزغىنىدەك، سېنىمۇ ئۇدۇللا دىلنار ئىسىملىك ئاشۇ بەختلىك كۈندىشىمنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارىدىغاندەك تۇيۇلۇپ، رەشىك ئوتىدا گويا سۈيى قۇرۇپ كېتىۋاتقان كۆلچەكتىكى بېلىقتەك تولغاندىم، بەلكى جان تالاشتىم.
ئاھ...! بۈگۈن...
23 - مارت
تاك... تاك... تاك...
ئىشىكنىڭ يەڭگىل ئەمما تاقەتسىز چېكىلىشىدىن ئويغىنىپ كەتتىم ۋە چۆچۈپ ئىشىككە قارىدىم. ئاۋاز جىمىپ كەتتى. دېرىزىدىن سىرتقا قارىدىم. تېخى تاڭ يورۇمىغان، پەقەت كوچا چىراغلىرىنىڭ شولىسى ئۆينى غۇۋا يورۇتۇپ تۇراتتى. ئالدىراپ سائەتكە قارىدىم. ئىستىرېلكا بەشنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. بۇ چاغدا مېنى كىم ئىزدەپ كېلەر؟ چۈشۈممۇ - يا...
تاك... تاك... تاك...
ئىشىك يەنە چېكىلدى. كەينىدىنلا مەن كېچە - كۈندۈز ياد ئېتىدىغان يېقىملىق ئاۋاز قۇلاق پەردەمگە ئۇرۇلدى:
−− ئەقىدە!
ئاھ... بۇ ئاۋاز! ئەجەبا، مۇشۇنداق كۈنلەرمۇ كېلىدىكەن - ھە!
كارىۋاتتىن قانداق چۈشۈپ، ئىشىكنى قانداق ئاچقىنىم ئېسىمدە يوق. پەقەت ئېسىمدە قالغىنى ئۇزۇن كېچىلىك كۆڭلىكىمنىڭ ئېتىكىگە دەسسىۋېلىپ يىقىلىپ چۈشكىنىم ۋە شۇ ھامان چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتكىنىم.
ئىشىك ئالدىدا پورەكلەپ ئېچىلغان ياپيېشىل بىر دەستە ئەتىرگۈل تۇتۇپ سەن تۇراتتىڭ. بەرگىمۇ، ياپراقلىرىمۇ يېشىل بىر دەستە ئەتىرگۈل! ياق، بىر دەستە گۈل ئەمەس، مەن ئۈچۈن چاھار باغ، بەلكى جەننەت تۇتۇپ تۇراتتىڭ.
ئاھ، يېشىللىق! ئاھ، باھار!
−− ئەقىدە، بىمەھەلدە كېلىپ سىزنى قورقۇتۇۋەتتىممۇ؟ كەچۈرۈڭ، ماڭىمۇ ئامال يوق. ئورنۇمدىن تۇرۇپلا كەلدىم.
سەن گۈللەر ئارىسىغا قولۇڭنى شۇنداقلا سېلىپ بىر پاي ھالقىنى ئالدىڭ. ئۇ مېنىڭ ھالقام! ئۆتكەن يىلى نورۇز كۈنى سېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغاندا سېنىڭ يېنىڭدا چۈشۈپ قالغان بەختلىك بىر پاي ھالقام ئىدى.
−− سىزگە ئاچچىقىم بار، ئەقىدە. نېمىشقا بۇنداق يوشۇرۇنۇۋالىسىز؟ −− سەن شۇنداق دەپلا ئاستا ھالقىنى قۇلىقىمغا ئېسىپ قويدۇڭ. خۇشلۇقۇمدا قۇلاقلىرىمنى تۇتتۇم. ئىككىلا قۇلىقىمدا ھالقا بار ئىدى. ئەجەبكى، قاچانلاردا بىر پاي ھالقىنى تاقاپ ئۇخلاپ قالغاندىمەن؟ ھاياجان ئىچىدە بېشىمنى كۆتۈرۈپ ساڭا قىيا باقتىم - يۇ، دەرھاللا قولۇمدىكى گۈللەرگە قارىۋالدىم. چۈنكى، كۆزلىرىڭدە قايناپ، تاشقىنلاپ تۇرغان سۆيگۈ دېڭىزىغا غەرق بولۇشتىن قورقتۇم.
−− ئەمدى، يوشۇرۇنۇۋېلىشقا رۇخسەت يوق! −− بۇ سېنىڭ ماڭا چۈشۈرگەن مۇھەببەتلىك مۇقەددەس پەرمانىڭ ئىدى.
بىر ئەمەس، مىڭ جېنىم بىلەن تەسەددۇق بولاي ساڭا، جېنىم!
دىلىم ئېيتقان بۇ سۆزنى تىلىم ھەرگىز ئېيتالمايتتى. ئەمما ماڭا خائىن كۆزلىرىم بۇ سۆزلەرنى ساڭا ئېيتىپ قويۇۋاتاتتى.
−− يۈرۈڭ، −− دېدىڭ قولۇمنى تارتىپ.
−− نەگە؟
−− مەن ئۇ توينى قىلمايمەن ئەمدى!
يىراقلاردىن تەمبۈرنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاستا كۆزۈمنى ئاچتىم، يەنىلا يالغۇز ئۆزۈم. تاتلىق چۈشۈم ئېزىتقۇدەك غايىب بولغانىدى. تەمبۈرنىڭ يۈرەكنى ئەزگۈچى مۇڭلۇق ئاۋازى قۇلىقىمدىن ئۇدۇللا يۈرىكىمگە باردى. زەخمەك گويا يۈرىكىمگە ئۇرۇلۇپ، يوشۇرۇن ئىشققا مۇپتىلا بولغان روھىمنى ۋە كىچىككىنە جىسمىمنى بۇردا - بۇردا قىلماقتا ئىدى. قولۇمنى شۇنداقلا سوزۇپ كارىۋات بېشىدىكى كىچىك چىراغنى ياندۇردۇم. چۈنكى يۈرەك - باغرىمنى پارە ئەيلەيدىغان تەمبۈر ساداسى مەن ئۈچۈن ئاشىق نىداسىلا ئەمەس، بەلكى تاڭ ئەلچىسى ئىدى.
بايىقى شېرىن چۈشۈم كاللامدا ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. بىر دەستە يېشىل ئەتىرگۈل! نېمىدېگەن چىرايلىق! ئېھتىمال ئېرىشىش ئىمكانىيىتى يوق نەرسىلەر كىشىنى شۇنداق مەپتۇن قىلسا كېرەك. بىردىنلا ئىچىم سىقىلدى. دېرىزىنى ئاچتىم، ئەتىيازنىڭ سوغۇق شامىلىدىن بەدىنىمگە تىترەك ئولاشتى. شۇنداقتىمۇ ساپ ھاۋادىن چوڭقۇر - چوڭقۇر نەپەس ئالدىم. تېخى يورۇشقا ئۈلگۈرمىگەن ئاسمان كۈچلۈك چىراغ نۇرىدا تېخىمۇ قارىيىپ كۆرۈنەتتى.
بەلكىم ھازىر سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ بولغانسەن، بۈگۈن سەن ئۈچۈن قۇتلۇق كۈن. بۈگۈن سەن ئەڭ ئالدىراشتۇرسەن بەلكىم.
ئازابىمنى ئۇنتۇلدۇرارمەن دەپ بۈگۈن ئۆزۈمگە بىر مۇنچە ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇۋالغانىدىم. ئازابقۇ ئۇنتۇلمايدىكەن، ھەر ھالدا جىمجىت ئولتۇرۇپ ياش تۆككەندىن ياخشىراقكەن.
چۈشتىن كېيىنلا ئىشخانىلاردا ئانچە ئادەم قالمىدى. سېنىڭ تويۇڭ باشقىلارنىمۇ ئالدىراش قىلىۋەتكەنىدى.
ئۇنداقتا، مەنچۇ؟ مەنمۇ پەردازخانىغا بېرىپ ياسىنىپ كېلەمدىم؟! ياق! يۈرىكىمدىن پەريادقا ئوخشاش بىر نىدا كەلدى. مەن بەرداشلىق بېرەلمەيمەن. تويغا بارمىغىن، دەيتتى يۈرىكىم. يۈرىكىم راست ئېيتىدۇ، مەن بەرداشلىق بېرەلمەيمەن. سېنىڭ بەختىڭنى كۈلۈپ تۇرۇپ تەبرىكلىيەلمەيمەن. كۆز ياشلىرىمنى باشقىلارغا كۆرسەتكۈم يوق. شۇڭا مېنى كەچۈرگىن، بەختلىك بول، نىجات!
−− ئەقىدە، كەچتە بىللە ماڭامدۇق؟ −− قەلبىنۇر يېنىمغا كەلدى. ئېنىقكى ئۇ سېنىڭ تويۇڭغا دېمەكچىدى.
−−  مەن...
−− نېمە بولدى، ئىشىڭىز بارمىتى؟
−− ھە... ھەئە... بىر دوستۇم كەپتىكەن، −− مەن سەل ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ دېدىم، −− ئۇ قىزنى تاشلاپ قويۇپ كەتسەم قانداق بولار؟
−− بىللىلا ئېلىپ بارمامسىز بولمىسا.
−− تونۇمىغان ئادەمنىڭ تويىغا بارغىلى ئۇنىماس ھەقىچان، −− مەن پورتمالىمدىن 100 يۈەن ئېلىپ قەلبىنۇرغا ئۇزاتتىم، −− پۇلۇمنى سىز قوشۇپ قويارسىز، كېيىن ئۆيىگە چاقىرغاندا بارارمەن.
−− مەيلى، ئەمىسە، −− قەلبىنۇر پۇلنى ئېلىپ كېتىپ قالدى.
ئىدارىدىن چىقىپ، كوچىلارنى مەق−سەتسىزلا بىر ھازا ئايلاندىم. ئاندىن ياتىقىمغا قايتىپ كىردىم. مەن بۇ كىچىككىنە ياتىقىمدا ئەزەلدىنلا يالغۇز ئىدىم. بىراق، بۈگۈنكىدەك يالغۇزسىراپ باقمىغانىدىم، نىجات!
تېلېۋىزور ئېكرانىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئىپادىسىز قاراپ ئولتۇرىمەن. سەنچۇ؟ شۇ تاپتا سەن... ياق، سېنى ئويلىماي! بۈگۈنمۇ مەن ئۈچۈن ئادەتتىكى بىر كۈن بولسۇن.
خىياللاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ قولۇمغا كىتاب ئالدىم.
«بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر شاھنىڭ ئاي يۈزلۈك بىر گۈزەل قىزى بار ئىكەن. ئۇ مەلىكە شۇنداق ئەقىل - پاراسەتلىك ئىكەن...»
چۆچەكلەرنىڭ ھەممىسىلا بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا دەپ باشلىنىدۇ. ئاندىن ئەقىللىق ھەم گۈزەل مەلىكىگە بىر پەم - پاراسەتلىك، سۇمباتلىق شاھزادە ئاشىق بولىدۇ. ياق، مەلىكىگە يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ئاشىق. پەقەت بىرلا شاھزادە ئۇنىڭ قىيىن سىناقلىرىدىن ئۆتەلەيدۇ...
خىيال قۇشلىرىم يەنە قاناتلىنىپ سېنىڭ قەلب ئاسمىنىڭ تامان ئۇچۇپ كەتتى.
... مەلىكە تەلىپىنى ئورۇندىيالمىغان يىگىتلەرنىڭ كاللىسنى ئېلىپ تاشلايدۇ.
توغرا! يار ۋەسلىگە يېتەلمىگەن ئاشىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ تاشلاش كېرەك. شۇندىلا ئۇلار مەندەك ئازابلىنىپ ئولتۇرمايدۇ. جېنى ئارام تاپىدۇ. ئۆلۈم ۋىسالسىز ئاشىقلارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى مۇكاپاتكەن ئەمەسمۇ، نىجات! بىراق، ماڭا ئىشەن، نىجات. مەن بۇ كۈنلەردىنمۇ ئۆتۈپ كېتەلەيمەن. چۆچەك توغرىسىدا سۆزلەپ قويسام ئەنسىرەپ كەتمىگىن. بۇ جاھاندا مېنى خۇش قىلىدىغان يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر بار. مەن چوقۇم ياخشى ياشاپ كېتەلەيمەن. نىجات، كۆڭلۈمنى بىلگەن بولساڭ مېنى قوبۇل قىلارمىدىڭ؟ ئۇ سېنى مەندەك سۆيەرمۇ؟ بولدى، بەك كەچ بولۇپ كەتتى. ئەمدى ئۇخلاي. خۇدا، ئەزرائىل بۇ كېچىدە جېنىمنى ئالماس - ھە؟!
27 - مارت
دۇنيادا ئادەمدىنمۇ بەرداشلىق بېرىش كۈچى زور، چىداملىق مەخلۇق بولمىسا كېرەك. بۇ كۈنلەردە ھايات تۇرۇۋاتقانلىقىمغا ئۆزۈممۇ ھەيران. ئامال يوق. يەنىلا خۇشال - خۇرام، تېتىك ياشاشقا مەجبۇرمەن.
چۈشتىن كېيىن سەل بىكار بولۇپ قاپتىمەن. يالغۇز ياتاققا قايتقۇم كەلمەي، بازار ئايلاندىم. كىيىم - كېچەكلەرنى كۆرۈۋېتىپ، توساتتىن كۆزۈم ئاللىبۇرۇن باشقىلارغا مەنسۇپ بولۇپ كەتكەن قەلب سۇلتانىمغا چۈشۈپ قېتىپ قالدى.
يېنىڭدا قىزىل كىيىملىك بىرى چۆرگىلەپ يۈرگەندەك قىلىدۇ. مەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالدىم. سەن مېنى كۆرمىدىڭ. مەنمۇ يېنىڭدىكى قىزىل كۆڭلەكنىڭ ئىگىسىنى ئېنىق كۆرمىدىم. ھېلىمۇ دىلنار دېگەن بۇ ئىسىملا مېنى يەتكۈچە ئازابلاۋاتىدۇ. مۇشۇمۇ يەتمىگەندەك يەنە ئۇنى كۆرۈپ نېمە قىلارمەن؟ كۆزۈمنىڭ بۇرجەكلىرىگە ئىلىنىپ قالغان قىزىل كۆڭلەك يەنە قاچانغىچە شۇ ھالەتتە تۇرار؟ نېمىشقىمۇ بازار ئايلانغاندىمەن؟
29 - مارت
ئىشىكتىن قانداقلارچە كىرگىنىم ئېسىمدە يوق. پەقەت قىپقىزىل (+) بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ئاپپاق يوتقانغا پۈركىنىپ ياتقان ھالىتىڭنى كۆرۈپ، تۇرۇپ قالدىم.
−− ئەقىدە، −− سەن بوش ئەمما تولىمۇ يېقىملىق ئاۋازىڭ بىلەن مېنى چاقىردىڭ، مەن خۇددى سېھىرلەنگەن كىشىدەك بىھوش ھالدا يېنىڭغا باردىم.
−− ئەقىدە، مەن بەك پۇشايمان قىلىۋاتىمەن. مەن بەكمۇ خاتا قىپتىمەن، −− سەن شۇنداق دېگىنىڭچە تەستە ئۆرە بولۇپ كۆكسۈمگە بېشىڭنى قويۇپ، مېنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدىڭ.
مەن چاچلىرىڭنى، قۇلاقلىرىڭنى قولۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى ساڭا ئاشىق يۈرىكىم بىلەن سىلىدىم.
توساتتىن كۆزۈم تومپۇچكا ئۈستىدىكى بىر جۈپ ھالقىغا چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ بىر پېيى مېنىڭ سەندە قالغان ھېلىقى ھالقام ئىدى. يەنە بىرى بولسا پاسونى مېنىڭكىگە ئوخشاش، ئەمما قارىداپ قالغان ھالقا ئىدى. ئەجەب ئىش، ھالقامنىڭ يەنە بىر پېيى ئۆزۈمدە تۇرسا... مەن ئەجەبلىنىپ ساڭا قارىدىم. سەنمۇ ھالقىلارغا قاراپ تۇرۇپسەن.
−− ئاشۇ بىر پاي ساختا ھالقا مېنى ئازدۇردى، −− سەن بېرىپ ھالقامنى قولۇڭغا بەكمۇ ئاۋايلاپ ئالدىڭ، −− ئالتۇن ھامان ئالتۇن - دە!
مەن گەپ قىلالماي تۇرۇپ قالدىم.
−− مېنىڭ ئالتۇنۇم سىز، −− سەن ھالقىنى قۇلىقىمغا ئېسىپ قويدۇڭ.
−− ئالتۇن...؟!
−− ھەئە، ئالتۇنۇم، ياقۇتۇم... بارلىق قىممەتلىك نەرسىلەردىن قىممەتلىك، ئېسىل سىز!
−− نېمە بولسام بولاي، پەقەت سىزنىڭ بولساملا بولدى، −− بۇ گەپنىڭ ئاغزىمدىن قانداقلارچە چىقىپ كەتكىنىنى سەزمەيلا قالدىم.
−− ئەقىدە، −− سەن مېنى مەھكەم باغرىڭغا باستىڭ. ئاتەش نەپەسلىرىڭ يۈزۈمنىلا ئەمەس، يۈرىكىمنىمۇ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلماقتا ئىدى. مەن باغرىڭغا سىڭىپ كېتىۋاتاتتىم. توساتتىن سەن مېنى تېخىمۇ بەكرەك قۇچاقلىدىڭ. كۈچلۈك بىلەكلىرىڭ ئارىسىدا قالغان نازۇك تېنىم قاراسلاپ كەتتى. مەن مەستخۇشلۇق ئىلكىدە بوشقىنە ئىڭرىدىم.
−− ۋايجان!
ئاۋازىمدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. يەنە چۈش كۆرۈپتىمەندە. باياتىنقى شادلىقلىرىمنى رەھىمسىز رېئاللىق يەنە يۇتۇپ كەتتى.
ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم. ياشاش كېرەك، ياشىغاندىكىن چوقۇم ياخشى ياشاش كېرەك.
خۇشياقماي ئىشىكتىن چىقتىم. ئىشخانىغا كىرىپ سېنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم. دەم ئېلىش ۋاقتىڭ بۇنچە تېز توشماس؟!
سەن بىلەن ئاددىيغىنە سالاملىشىپ، ئۈستىلىمگە بېرىپ ئولتۇردۇم. باشقىلار بىلەن قىلىشقان گەپ - سۆزلىرىڭدىن ئىشخانىدا قالغان بىر نەرسەڭنى ئالغىلى كەلگەنلىكىڭنى بىلدىم.
نىجات، كۆرۈشمۇ، كۆرمەسلىكمۇ ئوخشاشلا ئازابكەن. سېنى كۆرۈپ خۇش بولغىنىم بىلەن، باشقىلارنىڭ شېرىن ئايلىرىڭ توغرىسىدىكى چاقچاقلىرىنى پەقەتلا ئاڭلىغىم كەلمىدى. ئاستا ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتىم.
29 - ئاپرېل
خاتىرە يازمىغىلى بۈگۈن بىر ئاي بوپتۇ. نېمە دېسەم بولار، بۇ بىر ئاي ئىچىدە نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتتى...
شۇ كۈنى ئىدارە دەرۋازىسىغا يېقىنلىشىشىمغا سەن دەرۋازىدىن تېلېفوندا سۆزلەشكىنىڭچە چىقىپ كەلدىڭ. تۇرقۇڭدىن قارشى تەرەپكە ئاچچىقلاۋاتقىنىڭ بىلىنىپ تۇراتتى. ئارىلاپ يەنە بىر قولۇڭنى سىلكىپ قوياتتىڭ. مەن يولنىڭ بۇ تەرىپىدە، سەن ئۇ تەرىپىدە ئىدىڭ. ئەمما سەندىكى خاپىلىق مېنى ساڭا كۆرسەتمىگەنىدى. ئاچچىقىڭ بېسىلاي دېمەيتتى، يولنى كېسىپ ئۆتۈۋەردىڭ. ئاھ، خۇدا!... نىجات! ساڭا يېقىنلاپلا قالغان يوغان يۈك ماشىنىسىنى سەن ئەسلا كۆرمىدىڭ. شۇ دەقىقىدە سېنىڭ قان ئىچىدە ياتقان ھالىتىڭ كۆزۈمگە كۆرۈنگەندەك بولدى. مەن ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بېرىپ سېنى كەينىڭگە بار كۈچۈم بىلەن ئىتتەردىم. ئەمما تېنىمگە زەرب بىلەن ئۇرۇلغان قاتتىق بىر نەرسىنىڭ تەسىرىدىن ھوشۇمنى يوقاتتىم...
−− ئەقىدە... ئەقىدە...
يىراقلاردىن تونۇش ئاۋازىڭ قۇلاقلىرىمغا ئۇرۇلدى. تېنىم يەڭگىل سىلكىنەتتى. سېنى كۆرمەكچى بولاتتىم. ئەمما پەقەتلا كۆرەلمەيۋاتاتتىم. بىر ھازادىن كېيىن سېنى غۇۋا كۆردۇم. سەن مېنى قۇچىقىڭغا ئېلىۋاپسەن. ئاھ، نەقەدەر بەختلىكمەن! ئەسلىدە كۆزۈمنى يۇمۇۋاپتىكەنمەندە. مۇشۇنداق بەختلىك مىنۇتلاردا كۆزۈمنى يۇمۇۋالغىنىم نېمىسى؟ شۇنداق غۇۋا كۆرۈپمۇ چىرايىڭنىڭ تاتىرىپ، ئۆزگىرىپلا كەتكەنلىكىنى بىلىۋالدىم. مەن سېنى ھېچقاچان بۇنداق جىددىيلىشىپ كەتكەن ھالدا كۆرمىگەنىدىم. ئاغزىمنى شۇنچە ئۆمەللەپ، بار كۈچۈمنى ئاۋازىمغا يىغىپ مىڭ تەستە سەندىن سورىدىم:
−− سىز ساقمۇ؟ −− گەپ قىلىشنىڭمۇ بۇنچىلىك تەسلىكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدىم.
−− مەن ساق، ئەقىدە. مەن ساق...
سېنىڭ ساقلىقىڭى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولغان بولسام كېرەك، قۇچىقىڭدا يەنە ئاستا ئېسىمنى يوقاتتىم...
شۇ سېنى ئەڭ ئاخىرقى كۆرۈشۈم بولۇپ قاپتۇ، نىجات. «سىز ساقمۇ» دەپ سورىغان سوئالىم سەندىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئەھۋال سورىشىم بولۇپ قاپتۇ. سېنىڭمۇ «مەن ساق» دەپ بەرگەن جاۋابىڭ ماڭا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى گېپىڭ بولۇپ قاپتۇ. مەيلى، ھەممىگە رازىمەن، نىجات. چۈنكى سەن ئۈچۈن جان بەردىم ئەمەسمۇ، يەنە كېلىپ سېنىڭ قۇچىقىڭدا جان بەردىم. بۇنداق بەخت كۆرگەنلا كىشىگە نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ. بىلىمەن، مېنىڭ ئۆلۈمۈم سېنى گاڭگىرىتىپ قويدى. ھېلىقى بىر پاي ھالقامنى تىقىپ قويغان يېرىڭدىن ئېلىپ، كۆرۈپ باقتىڭ، ماڭا باغلاپ ئويلاپ باقتىڭ. گۇمانلىنىپ قالدىڭ، بىراق، جەزملەشتۈرەلمىدىڭ. ئۇنداق قىلما، نىجات. سەن بەختلىك ياشىغىن، مەن رازى. ھاياتلار قوۋمىدا بىز بىللە بولالمايمىز. چۈنكى، مەن سېنىڭ يېنىڭغا بارالمايمەن. ئەمما، سېنى ئويلىساملا كۆرەلەيمەن. مەن دائىم سېنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. ھالقىنىڭ يەنە بىرى ھازىرمۇ مەندە بار. كىشىلەر باقىي دۇنياغا قىل چاغلىق مال - دۇنياسىنى ئەكىلەلمىسىمۇ، چىن دىلى بىلەن ئەقىدە قىلغان مەلۇم بىر نەرسىسى ئۆزلۈكىدىنلا بۇ يەردە پەيدا بولۇپ قالدىكەن. مەن ھازىر شۇ بىر پاي ھالقىنى تاقاپ يۈرۈۋاتىمەن. بۇنداق دېسەم كۈلمىگىن، نىجات. بۇ يەردە رىشتىلەرنى باغلاپ تۇرىدىغان ئاددىي ئەمما قىممەتلىك نەرسىلەر ھەر ۋاقىت ئادەمگە ھەمراھ بولىدىكەن. بۇ يەردىكىلەر بۇنى ھەرگىزمۇ غەلىتىلىك ھېس قىلمايدىكەن. ھە راست، بىر چاغلاردا چۈشۈمدە سەن ماڭا بەرگەن يېشىل ئەتىرگۈللەر ئېسىڭدىمۇ؟ ھازىر مېنىڭ تۇرالغۇم دەل ئاشۇ يېشىل ئەتىرگۈللەردىن تۈزۈلگەن. پەرىشتىلەرنىڭ دېيىشىچە كېيىنكى بىر كۈنلەردە سەن كەلسەڭ ئىككىمىز مۇشۇ جايدا تۇرىدىكەنمىز. ئىككىمىز مەڭگۈ ئايرىلمايدىكەنمىز. ئاھ، نىجات! مەن سېنى بەكرەك ئويلاپ قالساملا، سەنمۇ مېنى ئەسكە ئالىسەن. مانا ھازىرمۇ يەنە شۇنداق بولدى. مەن يادىڭغا يېتىپ، يەۋاتقان تامىقىڭنى قويۇپ قويدۇڭ. ئۇنداق قىلمىغىن، نىجات. سەندىن ئەنسىرەيمەن. مەن سېنى ئويلىماي، تامىقىڭنى يەۋالغىن!
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ چاھار باغقا باردىم. بۇ يەردىكىلەر شۇنداق ياخشى. مەن دائىم دېگۈدەك چاھار باغقا كېلىمەن.
بۈگۈن سەنەمجان بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ ھېلىھەم غېرىب تىزغان گۈلدەستىنى كۆتۈرۈۋالغانىدى. مەن بىلىمەن. بۇ ئۇنىڭ بىردىنبىر قىممەتلىك نەرسىسى.
مەن ئۇنىڭ بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ قالدىم.
−− سىلەر، −− دەپ گەپ باشلىدى ئۇ. ئۇنىڭ سىلەر دېگىنى ھازىرقى ھاياتلار قوۋمىدا ياشاۋاتقانلار ئىدى، −− بىر - بىرىڭلارنى ئالدايدىكەنسىلەر، بىرىدىن ئايرىلىپ يەنە بىرى بىلەن ئۆتىدىكەنسىلەر. بەك ئۈجمە كۆڭۈلكەنسىلەر. نېمىشقا شۇنداق قىلىسىلەر، ياكى سىلەرگە بېسىم قىلىدىغان شاھ ئاتاڭلار، خان ئاناڭلار بولمىسا؟
−− بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ −− دېدىم سەل خاپا بولۇپ، −− سىز بىر دۆلەتنىڭ مەلىكىسى، يارىڭىزدىن بىردەم ئايرىلغانغا «بولدى، ياشىغۇم يوق» دەپ يېتىۋالسىڭىز بىر توپ كىشىلەر سىز ئۈچۈن پايپېتەك بولغىنى بىلەن، سىز دېگەن كىشىلەر مەلىكە ياكى شاھزادە ئەمەس. ئۇلار ئۆز ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئېلىشى كېرەك. يەنە ھالال، ياخشى ياشىشى كېرەك. بىرىدىن ئايرىلىپ، يەنە بىرىگە كۆڭۈل بېرىشنى خۇدا راۋا كۆرىدۇ - يۇ، سىز نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟ مەنمۇ مەلىكە بولغان بولسام نىجاتنىڭ تويىنىڭ گېپى چىققان ھامان قوپماي يېتىۋالاتتىم. بىر توپ كىشىلەر ئەتراپىمدا چۆرگىلەپ يۈرگەن بولاتتى، −− نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ قالدى.
−− كەچۈرۈڭ، ئەقىدە. دېگەنلىرىڭىز توغرىدۇ. ئۆز ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئېلىشمۇ ياخشىكەن. كۆرۈۋاتىسىز، مېنىڭمۇ ھازىر يېنىمدا بىرمۇ كېنىزەك يوق. ھەتتا، ئالتۇن تاجلىرىممۇ، شاھانە لىباسلىرىممۇ يوق. پەقەتلا مۇشۇ گۈلۈم، −− ئۇ شۇنداق دەپ گۈللىرىنى چوڭقۇر مېھرى بىلەن سىلاشقا باشلىدى.
توساتتىن يېنىمدىكى بىر تۈپ گۈل قىمىرلاپ كەتتى. يىلان بولمىسۇن يەنە دېگەن بىر خىيال بىلەن قورقۇپ ۋارقىراپ تاشلىدىم.
−− ۋايجان، يىلان!
−− ھا... ھا... −− سەنەمجان كۈلۈپ كەتتى، −− ئەقىدە، سىز بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇزاق بولمىغاچقا كۆنۈپ كېتەلمەپسىز. چاھار باغدا ئەزەلدىن يىلان بولمايدۇ. بۇ يەرنىڭ قەيەرلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ، بۇ دېگەن جەننەت!
−− توغرا، بۇ دېگەن جەننەت. بارلىق ياخشى نەرسىلەرنىڭ مۇجەسسەملەنگەن جايى!
−− غېرىبجان مېنى ساقلاپ قالدى، كەچۈرۈڭ، −− سەنەمجان شۇنداق دەپ كېتىپ قالدى.
بىردىنلا يالغۇزسىراپ قالدىم. سەنەمنىڭ غېرىبى ئۆزى بىلەن بىللە، ئۇلار خۇددى تەڭ تۇغۇلغاندەك، جەننەتكىمۇ تەڭ كىرىپتۇ. نېمىدېگەن ياخشى. بىراق، مېنىڭ نىجاتىم! ياق، نىجات. سېنى مۇشۇنچىلىك كۆرۈپ تۇرالىغىنىمغىمۇ مەن رازى. ھاياتلار دۇنياسىدىكى ئىشلىرىڭنى خاتىرجەم قىلىۋال. مەن سېنى كۈتىمەن، جېنىم، نىجات!
−−  نىجات... نىجات... ھالقا... ھالقام... −− ھالقام يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ياق، يەرگە ئەمەس ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان سەن بەرگەن يېشىل ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىدە تۇرۇپ قالدى، خۇددى چۆچۈرىدەك قۇلاقلىرىمغا ئېسىلغاندەك...
−− ھوشىغا كەلدى!
−− ئاخىرى ھوشىغا كەلدى!
يىراقلاردىن قۇلىقىمغا ئاۋازلار كىرىشكە باشلىدى. شۇنچە ئاۋازلار ئارىسىدىنمۇ سېنىڭ يېقىملىق ئاۋازىڭنى تونۇۋالدىم، ئاستا كۆزۈمنى ئاچتىم. ھەممە نەرسە ئاپپاق ئىدى. بۇ قەيەر؟ مېنىڭ جەننەتتىكى يېشىل ئەتىرگۈللۈك تۇرالغۇم قېنى؟
−− ئەقىدە، ئاخىر ھوشىڭىزغا كەلدىڭىز. باياتىن سۇ سورىدىڭىزمۇ؟ سۇ ئىچەمسىز؟
ھارغىن چېھرىڭگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ مەندىن سورىغان سوئالىڭغا بوشقىنە باش چايقىدىم. ھېلىمۇ ياخشى جۆيلۈگەندىكى گېپىمنى بىلەلمەپسەن. بولمىسا قانداقمۇ يۈزۈڭگە قارار ئىدىم. توغرا نىجات، سەن بۇ يەردە نېمە قىلىسەن؟ ئەتراپقا ئاستا قارىدىم، يېشىل گۈللىرىمچۇ؟
−− مىدىرلىماڭ، ئەقىدە. دوختۇر سىزنى ياخشى ئارام ئالسۇن دېگەن. سىزگە نېمە كېرەك بولسا ماڭا دەڭ، −− دېدىڭ تولىمۇ مۇلايىملىق بىلەن. سېنى ماڭا بۇنداق يېقىن تۇرۇپ ئەھۋالىمنى سورايدۇ دەپ ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. مەن نەقەدەر بەختلىك! دېمەك مەن ئۆلمەپتىمەندە! نېمىدېگەن ياخشى! يەنە سېنى كۆرۈپ تۇرالايدىغان بولدۇم!
تەقدىر قىسمەت دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن. بەختىمگە بۇ بىر ئايدا ھەركۈنى سېنى كۆرۈپ تۇردۇم.

 




ھالقىلىق سۆزلەر : باغ، يىلان، ھېكايە


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار