تەلەي(ھېكايە)

يوللانغان ۋاقتى:27-08-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: admin   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 5 پارچە
بۇ ھېكايىدە ئاساسلقى چەتئەلگە چىقىش ئارزۇسنى، ئاتىسىدىن يوقىرى ئورۇنغا قويغان ئەسئەتجاننىڭ مۇرەككەپ ئىدىيسىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ ، ھايات ھە

 

تەلەي
ھېكايە

سەمەتجان غاپپار ئەلتۈرك


ئەسئەتجان باش دىرىكتورنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى دۇبەيگە كەسپى خىزمەت بىجىرىپ كېلىشكە ئەۋەتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ قەۋەتلا خۇشال بۇلۇپ كەتتى.خەۋەرنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقىدىن ئۆزنى قۇيىدىغان جاي تاپالماي قالغان ئەسئەتجان ئۆز ئىشخانسىدا ناھايتى خۇشال.ئازادە، ئاددىيغىنە بېزەلگەن بۇ ئىشخانا ئۇنىڭغا شۇنداق سۆيۈملۈك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئۇ ئەزەلدىن چەتئەلگە خىزمەت ئۈچۈن چىقىپ باقمىغاچقا، مانا شۇنداق خۇشال ئىدى. ئۇ سەپەرگە چىقىشنىڭ تەييارلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدى.ئۆزىگە:«دوبەي تىپىك ئىسلام مەدەنىيىتى شەھىرى، مەن ئالاقە قىلىدىغان كىشىلەر ئەرەب سودىگەرلىرى.چوقۇم ياخشى تەييارلىق قىلىپ، بۇ قېتىمقى شىركەتنىڭ ئىشىنى ياخشى بېجىرىپ كېلەي، بۇنىڭدىن كېيىن باشقا دۆلەتلەرگە خىزمەتكە چىقش مۇشۇ قېتىمقى ئش بېجىرىش ئىقتىدارىمغا باغلىق. »دىگەنلەرنى ئويلىدى. ئۇ ئادەتتىكىدىن خۇشال ئىدى.ياتىقىغا قايتىپ سەپەر ھەققىدە شېرىن خىيال سۈرمەكتە ئىدى.تۇيۇقسىز سائەت 8دىن 10مىنۇت ئۆتكەندە تېلفۇنى سايرىدى.
-ئاكا ياخشى تۇرۋاتامسەن؟مەن ئىنىڭ ساۋۇتقارى. ئاكا،دادام قازالاپ كەتتى. دەرھال كەلگىن.
ئەسئەتجان جىددىيلىشىپ قالدى.ئۆز ئاتا-ئانىسى قازا قىلسا ھەر قانداق ئادەم جىددىيلەشمەي قالمايدۇ.ئۇنىڭ سەپەرگە ماڭىدىغىنىغا ئۈچ كۈن قالغان ئىدى.«ئۆلگەننىڭ ئۈستىگەتەپمەك»دىگەندەك ماۋۇ ئىشنى قارا، ئاران بىر كەلگەن پۇرسەت قولدىن كېتەرمۇ؟ بارمىسام قانداق بۇلار؟ ئۆلگەنلەرنىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ...
ئەسئەتجان گادىرماچ خىياللار بىلەن ياتىقىدا بىر ھازا ئولتۇرۇپ قالدى. ئىسىنى يىغىپ يېقىن ئاغىنىسى گۇۋاڭجۇدا يان تېلفۇن تىجارىتى قىلىۋاتقان مەردانجانغا تېلفۇن قىلدى. مەردانجان ئەسئەتجانغا:
ئاغىينەم، چەتئەلگە كېيىن چىقىش پۇرسىتى بۇلۇپ قالار، ئاتاڭنىڭ يۈزىنى بىر كۆرۋالغىن.
ئەسئەتجان ئەتىگەن ئىشقا بېرىپلا ئىككىلىنىش ئىچىدە باش دىرىكتورغا ئاتىسىنىڭ قازالاپ كەتكەنلىكىنى، ئاتىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىۋېتىپ، ۋاقتىدا يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى، چەتئەلگە چوقۇم چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ شېنجىندىن دەرھال ئۆيگە قاراپ يولغا چىقتى. ساۋۇتقارى ئاكىسىنىڭ ۋاقتىدا يېتىپ كېلىشىنى، ئاتىسىنىڭ يۈزىنى ئاخىرقى قېتىم بىر كۆرۈۋېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە ئىدى.
ئەسئەتجان ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇپ ئاتىسىنى ئەسلەپ قالدى. ئۇرۇق، ئىگىز ، ياداڭغۇ قورۇلۇپ كەتكەن چىرايى، ئۆزىنى جاپاغا چىداپ، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق – سوغوقلىرىدىن ۋايسىماي ياخشى ئوقۇتقان ئاتسىنىڭ سىماسى كۆز ئالدىغا كېلىپ، ئەسئەتجاننڭ ئىچىنى مۈشۈك تاتلىغاندەك ئازاپلىماقتا ئىدى.
ساۋۇتقارى، ئاكىڭىز بۈگۈن كېلىپ بۇلالمايدىغان ئوخشايدۇ، مىيتنى قوندۇرۇش ياخشى ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا ئىسىق، بۈگۈنكىدەك ياخشى جامائەتنىڭ يىغىلماقلىقى ئاسان ئەمەس. شۇڭا نامازنى چۈشۈرسەك بۇلارمىكىن دىيىشىپ قالدۇق، دېدى مەھەللە ئىمامى غۇپۇر قارى.
ساۋۇتقارى:
- ئىككى سائەت ئەتراپىدا ساقلايلى. ئەگەر كېلىپ بۇلالمىسا، ئاندىن قوندۇرماي ئاچىقايلى، دىدى تىت-تىت بولغان ھالدا.
ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاقتىدا كېلىپ بۇلالمىغانلىقىغا ئىچ-ئىچىدىن ئازاپلانماقتا ئىدى. نەچچە رەت تېلفۇن قىلىپمۇ ئالالمىدى. ئۇ ماڭار چاغدا ۋاقتىدا بىر كۈندە ئايرۇپىلان بىلەن يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى، توردا بېلەت ئېلىپ بۇلۇپ يولغا چىققانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئاتىسىنىڭ ناماز شام بىلەن قازالاپ كەتكەنلىكىنى، ئەتە پېشىن ناماز ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ كەلمىسە بولمايدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىدى. مەھەللە جامائەتلىرى شۇنداق ئاقكۆڭۈل، مېھرىبان بىرەرسى تۈگەپ كەتسە، ھەرقانداق تىجارىتىنى، ئالدىراش دېھقانچىلىق ئىشلىرنى تاشلاپ، شۇ ئائىلىگە بېرىپ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بۇلىدۇ. ھەتتا شۇ كۈنلەردە بولماقچى بولغان توي-چايلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ مەرھۇمنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ قايغۇسىغا ھەمدەم بۇلىدۇ. شەھەرلىكلەردىكىدەك ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن، دوست - بۇرادەرلىرىدىن باشقىلار ياردەم بەرمەيدىغان، ئۇ ئۆيدە يىغلاۋاتسا، بۇ ئۆيدە توي ئوينايدىغان ئەھۋال يوق دىيەرلىك. جامائەت مېيتنى ۋاقتىدا يەرلىككە قويسا ساۋاپ بۇلىدىغانلقىنى، ئۇزۇن ساقلاشنىڭ مېيتكە ئازابى بارلىقىنى دىيشىپ ساۋۇت قارىغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.
يەنە ئازراق ساقلايلى،ئاتام ئاكامنىڭ گېپىنى بەك قىلپ كەتكەن. ئەسىر نامىزىغىچە ساقلاپ باقايلى، كېلىپ بۇلالمىسا ئاچىقايلى دەپ يەنە تېلفۇن قىلدى،تېلفۇن ئۇلانمىدى. ساۋۇت قارىمۇ جامائەتنىڭ ئىشلىرىنى ئۇبدان چۈشەنگەچكە، جامائەتنىڭ يەنە ساقلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئۇبدان بىلەتتى. يەنە ساقلاۋەرسە ئۆزىنىڭ يۇرت ئىچىدىكى، چوڭلار ئالدىدىكى ئىناۋىتىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى، ئۇرۇق –جەمەتىنىڭ يۈزىگە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدى بولغاي نامازنى ئاچىقايلى دەپ، مېيتنى تاۋۇتقا ئېلىپ، جامائەت بىلەن مەسچىد ئالدىغا ئېلىپ باردى. ساۋۇت قارى پات-پات كەينىگە، ئەتراپقا قارايتتى، ئاكىسىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتتىمۇ بولسا كېلىشىنى خۇدادىن تىلەيتتى. ئىمامنىڭ يېتەكچىلىكىدە ناماز ئوقۇلدى. جامائەت شۇنچە ساقلىغان بولسىمۇ ، ئەسئەتجان ئاتىسىنى ئاخىرقى قېتىم بىر كۆرۈشكە، پەرزەنتىلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ۋاقتىدا كېلەلمىدى، نامازغا قاتنىشالمىدى. جامائەت قادىركامنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ بۇلۇپ، ئائىلىسگە كىرىپ پەتە ئوقۇپ قايتىشتى. مەھەللە جامائەتلىرى، قۇلۇم – قوشنىلار ئۆلۈم چىققان ئائىلىدىكىلەرنى ئۈچ كۈنگىچە ئۆيىدە قازان قايناتسا ياخشى بولمايدۇ، دەپ بىر قانچە ئۆيدە بىر كۈندىن بۇيان ئاچ قۇرساق مېيت ئىگىلىرنى ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىشاتتى.
ساۋۇت قارى قادىركامنىڭ يېنىدا كىچىكىدىن باشلاپ ئايرىلىپ باقمىغان، بىللە ئولتۇرۇپ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان بىردىن بىر ئوغلى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاچا - سىڭىللىرى ساۋۇت قارىنىڭ ئاغىزىغا قارايتتى. ساۋۇت قارى ئۆيىدىكىلەرنى، بىر تۇغقانلىرىنى بىر قانچە قۇلۇم- قوشنىلىرنىڭ ئۆيىگە بۆلۈپ، ھەممىسىنى ئۆيدە ئايرىلىپ قالماي كىرىپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ساۋۇت قارى ئۇدۇل قوشنىسى داۋۇتقارىنىڭ ئۆيىگە بىر قانچەيلەننى باشلاپ چىقتى. ئۆزنىڭ ئۇدۇل قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە چىقىشىدىمۇ مەلۇم سەۋەپلەر بار ئىدى. بىرى، يىراقتىكى بەش يىلدىن بۇيان يۈز كۆرۈشمىگەن قېرىندىشى ئەسئەتجاننى كېچە بولسىمۇ ئۆيگە يېتىپ كېلىدۇ ، ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالمىسام بۇلمايدۇ دەپ قارىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، يىراق – يېقىندىن نامازغا قاتنىشالمىغان تۇنۇش – بىلىشلەر كېلىپ قالسا ئۆيىدە يوق بۇلۇپ قالسا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئۇبدان بىلەتتى.
راست، ساۋۇت قارىنىڭ ئويلىغىنىدەك كىچىك ئوغلى تۇرسۇنجان يۇگۇرۇپ كىردى. ئەسئەتجان تاغسىنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ساۋۇت قارى ئۇزۇندىن بۇيان كۆرمىگەن ئاكىسىنى كەلدى دىگەننى ئاڭلاپ ۋۇجۇدىنى يىغا قاپلىدى. زورىغا ئۆزىنى بېسۋىلىپ، ئاكىسىنىڭ ئالدىغا يۇگۇرۇپ چىقتى. ئەسئەتجان ساۋۇت قارى بىلەن سوغوقلا كۆرۈشۇپ، ئاتىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى. ساۋۇت قارى ئاتىسىنىڭ ئۇرۇن تۇتۇپ بىر نەچچە كۈن يېتىپ قالغانلىقىنى، مىجەزىنىڭ، سالامەتلىكىنىڭ ياخشىلىنىپ قالغانلىقىنى، ئەمما ئۇشتۇمتۇت تۈگەپ كەتكەنلىكىنى، ئەسئەتجانغا خەۋەر قىلاي دىسە، ئىشى ئالدىراش، يىراقتىن كېلىپ ئاۋارە بولماسلىقىنى جىكىلەپ خەۋەر قىلىشقا يول قويمىغانلىقىنمۇ ئېيتىپ بەردى.
-ئۇكام، ماڭا ساقلىماپسىلەرغۇ؟ دىدى قۇپال تەلەپپۇزدا ساۋۇت قارىغا.
ئاكا، بىر كۈن ساقلىدۇق، جامائەت مېيتىنى ئۇزۇن ساقلىسا يامان بۇلىدۇ، ۋاقتىدا ئامانەتنى تاپشۇرايلى دىگەنىدى، ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا ئىككى كېچە قوندۇرۇش ياخشى ئەمەس دەپ قاراپ كۈن پاتارغا يېقىن ئاچىقتۇق. ساۋۇت قارى نىمىشقا ۋاقتىدا يولغا چىقمىغانلىقىنى، تېلفۇن قىلىپ تۇرسىمۇ ئالاقە قىلالمىغانلىقىنى... يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى دىمەكچى بولغان ئىدى. ئەمما قېرىنداشلىق مېھرى، ئۇنىڭ خىيالىدا ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا بولغاچقا ئاران شۇلارنى دىيەلىدى.
ئەسئەتجان :«مەن بالىسى تۇرسام، نېمىگە يامان بولغۇدەك. ھېلىغۇ بىر-ئىككى كۈن ئىكەن، چەتئەلدە بالىسى بارلارمۇ ئۆلۈپ قالسا تۇغقانلىرى كەلگىچە ساقلايدۇغۇ، ھاۋا ئىسسىق بولسا ھاۋا تەڭشىگۈچ قۇيۇپ ساقلىساڭلار بولمامدۇ؟» دىمەكچى بولدى –يۇ، ئىنسىنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق تېگىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ، كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئېغزىدىن چىقىرالمىدى. ئەسئەتجان ساۋۇت قارىنىڭ باشلىشى بىلەن قوشنىسى داۋۇت قارىنىڭ ئۆيىگە چىقتى. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن خوشلىشىپ ئۆيگە چىقتى. ساۋۇت قارى ئاكىسى ئەسئەتجاننىڭ ھارغىن قىياپىتىگە قاراپ ، ئۇنىڭ ۋاقتىدا ئارام ئېلىشىغا، ئەتە ئەتىگەن مەسچىدگە بالدۇر چىقمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئايالى زورىگۈلگە ئېيتىپ، ئاكىسى ئۈچۈن ئايرىم ئۆيگە ئۇرۇن راسلاپ بەردى. ئەسئەتجان ئۆيگە كىرىپلا ئۆزنى تاشلىدى. ھويلىدىكى تاراق- تۇرۇق ئەسئەتجانىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇردى. ئەسئەتجان بالىلىق ۋاقىتلىرنى ئوي جاڭگالدىكى مال باغقان ۋاقىتلىرنى، دوستلىرنى ئەسلىدى. ئوقۇشقا بېرىش جەريانىنى، ئاتىسىنىڭ تۈنجى ئوقۇشقا ماڭدۇرغان چاغدىكى خۇشاللىقلىرى، شېنجىندىكى خىزمەت ئورنىنى بىرمۇ –بىر ئەسلەپ چىقتى. بۇلۇپمۇ ئۆيىگە قايتىشنىڭ ئالدىدىكى باش دىرىكتورنىڭ دوبەيگە خىزمەت بىجىرىپ كېلىشكە ئوقتۇرغانلىقى توغرسىدىكى مەنزىرە كۆز ئالدىغا كەلگەندە، ئىچىنى بىر خىل ئازاپ قىينايتتى. مۇشۇ قېتىم چەتئەلدىكى خىزمەتنى ياخشى بىجىرىپ كەلسەملا ، شىركەتتىكى ئورنۇمدىمۇ ئۆزگىرش بۇلاتتى. ئاتام ئەجەپ يامان ۋاقتىدا قازالاپ كەتتى. ماۋۇ كېلىشمەسلىكنى قارا. يەنە ئىككى كۈن قالدى، ئەتە مەھەللە-يۇرتىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ يولغا چىقسام ۋاقتىدا بارالايتىم دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئويقۇغا كەتتى.
ئاكا،تاھارەت ئېلىڭ، مەسچىدكە چىقايلى دەپ ئويغاتتى ساۋۇت قارى.
ئەسئەتجان ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىچكىردە تۇرغان بولغاچقا، تاھارەت ئېلىشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى.شۇنداقتىمۇ كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئاتىسىنىڭ تاھارەت ئېلىشنى ئانچە-مۇنچە كۆرگەچكە شۇنى ئەسلەپ ئۆزى بىلگەنچە بىر نېمىلەرنى قىلىپ تاھارەت ئالدى. ساۋۇت قارى ئاكسىنىڭ قارلىقى ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن تەييارلىق قىلىپ قويغان ئىدى.
ئاكا، ماۋۇ سەللە يۆگەلگەن دوپپا ، مۇنۇ ئۇزۇن چاپاننى كىيىۋېلىڭ.
ئۇكام، مۇشۇ كىيىمنى كېيىمەنما، دوپپا كىيۋالساملا بولدى.
ساۋۇت قارى، ئۇشۇقچە گەپمۇ قىلمىدى. ئاكىسىنىڭ بۇنداق دىگىننى بەك كۆڭلىگە ئېلىپمۇ كەتمىدى، ساۋۇت قارى ئادەتتە كىچىكىدىن ئاكىسىنىڭ كۆڭلىنى ئايايتتى. لېكىن جامائەتنىڭ گەپ-سۆز قىلىشىدىن سەل ئەنسىرگەن بولسىمۇ، ئاكىسىنىڭ خالىغىنى بۇيىچە باشلاپ مەسچىتكە كىردى. ئىمام كىرىپ بولغۇچە ساۋۇت قارى پۇتۇن ئىخلاسى بىلەن ئىككى رەكىئەت سۇننەت ناماز ئوقۇدى.ئەسئەتجان ئۇكسىغا ئەگىشىپ، قانداق قىلسا شۇنداق دوراپ ناماز ئوقۇدى.مەزىناخۇنىمنىڭ: سەپ رۇس، دەپ توۋلىشى بىلەن ئىككى رەكىئەت پەرىز ناماز ئوقۇلدى.ئەسئەتجان يۆكۈنۈپ ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنمىگەنلىكتىن پۇتلىرى ئاغرىپ ئولتۇرالماي قالدى.كۆڭلىدە بولدىلا، چىدىۋاتاي، بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتەر دەپ ئويلىدى ئەسئەتجان پاقالچىكىنى سىلىغاچ.
تۆنۈگۈن مەھەللىدىكى ئاتىسىنىڭ مېيتنى ئۇزۇتۇش پائالىيىتىگە تۇللۇق قاتناشقان بولسا ئىدى، ئەسئەتجان بۇنى توغرا چۈشەنگەن بۇلاتتى. بۇ پائالىيەت ئەسئەتجاننىڭ ئىچىنى سىقماقتا ئىدى. ئىمام قادىركامنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ خەيرىلىك بۇلۇشىنى تىلەپ ئايەتلەرنى ئوقۇدى دۇئا قىلدى.ئەسئەتجان بۇلارنى چۈشەنمەيتتى. ساۋۇت قارى پۇتۇن ۋوجۇدى بىلەن ئىچىدە ئايەت ئوقۇماقتا، ئاتىسىنىڭ ساۋاپقا ئېرىشىشىنى، ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بۇلۇشنى تىلەپ دۇئا قىلدى.
مەھەللىدىكى جامائەتلەر ئاۋۋال مەرھۇمنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تەسەللىي بىرىش ئۈچۈن ساۋوت قارىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، خەتمە-قۇرئان ئوقۇغاندىن كېيىن تەسەللىي بېرىپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
ئەسئەتجان بۇلارنى خۇددى شىركەتتىكى يىللىق خىزمەت دوكلات بېرىش يىغىننىڭ تەرتىپلىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن دىگەنلەرنى خىيالدىن ئۆتكۈزدى.
ئۆزىنىڭ دوبەيگە چىقىش سەپىرىدىن قېلىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى. ئۇكىسىغا:
مەن چەتئەلگە بىر خىزمەت ئىشغا جىددى چىقمىسام بولمايتتى، شىركەت مېنى بېكىتكەن. مەن ھازىر ماڭسام 15-چىسلاغا ئاران ئۈلگۈرۈپ بارىمەن. قالغان ئىشلارنى ئۆزەڭ بىر تەرەپ قىلارسەن.
ساۋۇت قارى بەش يىلدىن بۇيان كەلمىگەن ياق، كېلەلمىگەن ئاكىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدى.ئاكسىنى بۇنداق تېز كېتەر، ھېچ بولمىغاندا يەتتە نەزىرسىنى ئۇزۇتۇشۇپ بېرەر ، مېنىڭ يالغۇزلۇقۇمنى بىلندۇرمەس دەپ ئويلىغان ئىدى. ئاكىسىنىڭ جاھىل، قىلىمەن دىگىننى قىلمىسا بولدى قىلمايدىغان مىجەزىنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۇبدان بىلەتتى. بۇنىڭغا باشقىچە گەپمۇ قىلمىدى.ئاكىسىنى ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن بېكەتكىچە ئۇزۇتۇپ قويدى.ئەسئەتجان ئاللبۇرۇن قايتىشنىڭ بېلىتىنى زاكاس قىلىپ قويغان ئىدى. ساۋۇت قارى بۇنىڭدىن پۇتۇنلەي خەۋەرسىز ئىدى.ئەسئەتجان ئۈرۈمچىدىن شېنجىنغا ماڭىدىغان بېلەتنىمۇ ئېلىپ قويغان ئىدى. ئۇ ئايرىدۇرۇمغا قاراپ ماڭدى. ھاۋا تۇمانلىق كۈنلەردە ئۇچمايدىغانلىقىنى ، سەپەرنىڭ كېچىكتۇرۇلدىغانلىقىنىمۇ ئۇبدان بىلەتتى. ھاۋا تۇمانلىق بولغاچقا، كۆڭلىدە بۈگۈن قوزغىلالسىاملا ئىش كۈتكەندەك بۇلاتتى دەپ خىيال سۈرمەكتە ئىدى.ئايرىدۇرۇمغا بېرىپ ھەيران قالدى. ئاڭلىتىش بۆلۈمىدىن بۈگۈن ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچالمايدىغانلىقىنى، ھاۋا ئېچىلمىسا ئىككى كۈن يولۇچىلارنىڭ ساقلايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز ھالدايىغلىۋەتتى. ئەتراپتىكىلەر نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمىگەچكە ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپ قېلىشتى...


ئاپتۇر: ئاۋات ناھىيەلىك يېڭىئېرىق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن.




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار