«ئىئانە» (ھېكايە) تۇردى ئىسرائىل چوڭ يول ياقىسىدىكى ئالدى مەكتەپ تەرەپكە قارىتىلىپ سېلىنغان ،ئۇزۇن يىللار ئىشلىتىلىمىگەنلىكتىن ئىسكەتىدىن چۈشكەن كونا بۇيۇمدەك بوينىنى قىسىپ تۇرغان دۇكاننىڭ ''غوجايىن''ى ھەر كۈنى سەھەرلىك ئادىتى بويىچە دۇكاننىڭ ئىچى-تېشىنى سېرىپ–سۈپۈرۈپ، قورۇ ئىچىگە ئورنۇتۇلغان باسما قۇدۇقتىن ئېرىنمەي سۇ تارتىپ ،تەكشى سۇ سېپىپ ئىشلارنى تەرتىپلىك تۈگۈتۈپ،تالجىقىقىنىدىن گېپىسلانغان بىماردەك قېتىپ كەتكەن بەللىرىنى ئوڭشاش ئۈچۈن،گاھ قوللىرىنى ئېگىز-پەس ھەركەتلەندۈرسە،گاھ ئېڭىشىكىنىچە خۇددى مەكتەپ باللىلىرى گېمىناستىكا ئوينىغاندەك ئاللىقانداق ھەركەتلەرنى ئىشلىدى.ئۇ ئىشلىرىدىن رازى بولۇپ، كۆڭلى ئەمىن تاپقاندەك بولۇپ، ئەتراپقا بويۇنداپ قاراپ مەكتەپ تەرەپتىن ئوقۇغۇچىدەك رەڭلىك گىلاستۇك تاقىۋالغان بىرسىنىڭ تۆت ئەتىراپقا ئەلە ڭشىپ قارىغىنىچە، ئۇدۇللاپ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى . موماي،بۇغداي ئۆڭ،سىم بۇرۇت،زامانغا لايىق ئالى دەرىجىلىك كىيىملەرنى كېيىپ، ياشلارغا خاس چەبدەس قەدەملەر بىلەن كېلىۋاتقان بۇ يىگىتنى ئالى مەلۇماتلىق زىيالىلار تەبىقىسىدىن بولسا كېرەك –دەپ قىياس قىلدى. سىرتىدىن قارىسا بەئەينى پادىچىلارنىڭ قىشلاقتىكى مال قۇتىنىنى ئەسلىتىدىغان ئەمما شادىسىز دېرىزىنىڭ غاز قانىتىدەك ئىككى تەرەپكە تەرەپكە كېرىپ قويۇلغان قاپقاقلىرى ، دېرىزە ئەتىراپىدىكى سامانلىرى ئۆسۈپ كەتكەن ساقالدەك دىردىيىپ تۇرغان لاي سۇۋاق تامغا ، ئاق قەغەزگە قىزىل سىيادا قىڭغىر-قېيسىق قىلىپلا چوڭ يېزىلىپ ،ۋېۋىسكا ئورنىدا چاپلاپ قويۇلغان «تۈرلۈك ماللار دۇكىنى » دېگەن كۆرۈمسىز خەتكە دېھققەت قىلمىسا ، خۇددى بوۋايدەكلا مۈكچۈيۈپ قالغان بۇ« ئەسىرە-ئەتىقە»نى دوكان دېسە ھېچكىممۇ ئىشەنمەيتى. موماي ئۇزايىدىن بايۋەتچىلىكى چىقىپ تۇرغان ئۇ «مەلۇماتلىق ياش »قا سەھرا كىشىلىرىگە ئورتاقلىشىپ كەتكەن كونا قائىدە بۇيىچە ، يىگىتنىڭ باشتىن –ئايىقىغىچە تازا زەن سېلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئېگىلىپرەك سالام قىلدى ۋە بۇ يىگىت قاق سەھەردەبۇ تەرەپلەرگە نېمە ۋەجىدىن كەلدىكىنە،ۋاي ئېسىم قۇرۇسۇن !بۇ كىشى يەنە دۇكىنمدىن مال ئالىدىغان خىرىدار بولۇپ قالمىسۇن ،«بېگىمنىڭ ئېتىنى سۇغار پۇلىنى ئال»-دەپ، ئۇنىڭغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ، پۇلىنى ئالساممۇ ھېساب ئەمەسمۇ -دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى ۋە كىشىلەر ئادەتتە مېھمان كۈتۈپ قېلىپلىشىپ كەتكەن سۆزلەر بىلەن يىگىتنى دەرھال دۇكانغا باشلىدى . موماي دۇكان ئېچىۋاتقان بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مۇنداق ئازغان –تازغاندەك تۇيۇقسىز كېپ قالىدىغان خىرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ ئۇبدان چارىلىرىنىمۇ ئۈگىنىۋالغان ئىدى. خىرىدار« دۇكان»غا كېرىپ ،ھۆتمە-تۈشۇك بولۇپ كەتكەن تورۇستىن چۈشىۋاتقان گىرىمسىمەن يۇرۇقلۇقتا ، مال جاھازىلىرىغا تىزىپ قويۇلغان دەپتەر-قەلەم، سۇلىياۋ بوتۇلكىلارغا قاچىلانغان سۇغاق ئىچىملىكلەر ،چاي –سۇپۇن... قاتارلىق تۇۋارلارغا نەزىرىنى ئاغدۇرغاچ ، موماينىڭ بۈگۈن ئۆزىنىڭ قارىغا ئالماقچى بولغان نىشانىنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى ،ئۆقەت دېگەننى نىشاننى ئۇبدانراق قارىغا ئېلىپ قىلمىسا، قىلتاققا دەسسەپ ،ھەپسىگە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى،شۇڭىلاشقا ئۇئۆقەت قىلغان چاغلىرىدائەنە شۇنداق ئىگە –چاقىسىز يېتىم-يېسىر ،مېيىپ -ئاجىزەلەرنى كۆپىرەك قارىغا ئالىدىغانلىقىنى،ئۇنىڭ بۇ قېتىم قارىغا ئالغان نىشانى ئۆزى ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا لوق گۈش بولمىسىمۇ بىراق،«قۇشقاچ گۈشىمۇگۈش»دېگەندەك، ئۇنىڭدىن ئازغىنە بولسىمۇ نەپ يۇقىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە بۇ قېتىم نىشاننى ئۇبدان تاللىغانلىقىنى، ئاتقان ئوقىنىڭمۇ زايا بولماي نىشانغا دەل تېگىدىغانلىقىنى ئويلاپ،مىيىقىداكۈلۈپ قويدى ،موماي يىگىتتىكى بۇ ئۆزگۈرۈشلەرگە ئانچە دېھققەت قىلىپ كەتمىدى. «دوكان»غا خۇشخۇي قەدەم تەشىرىپ قىلغان يىگىت يانچۇقىنى سىيلاشتۇرغىنىچە: - ئانا، ئۆزۈم ئىۋۇ قۇشنا ناھيىدىن،بۇ تەرەپلەرگە شۇ ئۇششاق-چۈششەك تىجارەت ئىشلىرى بىلەن كېلىۋىدىم.ئۆزۈممۇ شۇ ئۇنى ئېلىپ، بۇنى ساتىدىغان ئۇتتۇر ئۆقەت ئادەممەن. بۇ ئالتۈن كۈزنىڭ ساخاۋەتلىك كۈنلىرىدە بۇ تەرەپلەرگە شۇ ئازىراق بولسىمۇپاختا تىجارىتى قىلىپ باقاي-دەپ كېلىۋىدىم.ئاڭلىسام مۇنۇ مەكتەپتە-دېدى ئۇ بېشى بىلەن مەكتەب تەرەپنى ئىشارەتلىگەچ،ئوقۇش قۇراللىرى سېتىۋېلىشقىمۇ قۇربى يەتمەيدىغان نامىرات ئوقۇغۇچىلار كۆپمىش –دەپ ئاڭلايمەن. «قولۇڭ ماي بولسا، پىشىڭگە سۈر »دەپ،مەنمۇ شۇ ئەشۇ جاپاكەش دېھخانلاربولغاچ،شۇلاردىن سەي-كۈكتات،بۇغداي-قۇناق،مېۋە-چېۋە،يۇڭ-تېرە،پاختا-چىگىت،...دېگەندەك نەرسىلەرنى توپ سېتىۋىلىپ، ئۇنى يۇرت ئاتلاپ پارچە سېتىپ ،خۇدا بۇيرۇسا يانچۇقى توم يۇرت چوڭلىرىدىن بولالمىساممۇ، ھەر ھالدا مەھەللىدە توي-تۈكۈن،نەزىرە-چىراق،بەزمە-مەشىرەپ...ئۆتكۈزۈلگەن سورۇنلاردا «ئۇتتۇز ئوغۇل»نىڭ بىرى بولاپ،گۈلدەك ياشاۋاتىمىز دېسىلە.ئۆزۇممۇ شۇ چوڭ ئانا، ،مۇشۇ پۇل دېگەن نەرسىنى قوغلۇشۇپ يۈرۈپ، گاھىدا ناماز دېگەننىمۇ قازا قىلىپ كېتىپ بارىمەن ئەينا.ئۆزۈمنىڭ ئەشۇ قازاغا كەتكەن نامىزىمنىڭ گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن بولسىمۇ، شۇ جاپاكەش دېھخان پەرزەنتلىرىگە ئازدۇر-كۆپتۈر بولسىمۇ ئوقۇش قۇراللىرى سوۋغا قىلىپ، بالىلارغا بولغان مېھىرىمنى ئىپادىلەي دېۋىدىم.شۇنداق قىلالىساملا بۇنىڭ شاپائىتى بىلەن، قىلىۋاتقان ھالال سودىلىرىم پىشكە بەرىكەت تېپىپ،سودىدىن ئالىدىغان پايدام بىرى ئىككى ،ھەتتائۈچ بولاپ كەتسە ئەجەپ ئەمەس-دەپ ئويلۇدۇم چوڭ ئانا . - يىگىت بالام، باياتىن نۇر تەپچىپ تۇرغان روخسارلىرىغا بىر قايلاپلا، ئالدى ئۇچۇق، پاك نىيەت،توغرا يول،كەڭ قۇرساق،يولى داغدام ئۆقەتچى ئىكەنلىكلىرىنى بىلىپ قالغان ئىدىم .بەلەن ئويلاپلا،ئۇبدان ئىش دېگەننى كىشىگە سۆزلەپ يۈرمەيلا، ئۆزى بىلىپلا خۇپىيانە قىلىۋەرگۈلۈك. پانى دۇنيادا،بىراۋنىڭ كىشىلەرگە قىلغان ياخشىلىقلىرىنى شۇ كىشى بىلىشكە قادىر بولالمىسا ،ئۇ دۇنياغا بارغاندا ئاللا تاھاللا ئىگەم سەۋەپنىڭ ئالىمى بىلەن ،شۇنداق بەلەن ئىشلارنى كۆپ قىلغان ئادەمنىڭ دىلىغا، سىلە قىپ بەرگەن مىننەتسىز ئىشنىڭ ساۋابىنى يەتكۈزىدۇ .ئاللاھ تاللاھنىڭ مۈھمىن تەقۋادارلىرىغا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا كىپايە.خۇدا يولىدا قىلغان بۇ بەلەن ئىشلىرىغا مەندەك بىر پۇتى گۈرگە ساڭگىلىغان مومايمۇ بەش ۋاق نامىزىمدادۇئا-تىلاۋەت قىلىپ، سودىلىرىغا ئاللا-تائاللادىن نۇسىرەت –شاپائەت تىلەپ تۇرىمەن ،جېنىم بالام –دېدى موماي ۋە خۇداۋەندى كېرىمنىڭ قاق سەھەردە ئۆز ئايىقى بىلەن ئەۋەتكەن بۇ پەرىشتە سۈپەت يىگىتنىڭ قولىدىكى پىچىتىنىمۇ بوزۇلمىغان پۇللارنى كۆرۈپ ، «نامىراتنىڭ كۆزى پۇلدا، بۇيتاقنىڭ كۆزى تۇلدا» –دېگەندەك،دادىسىدىن ھېيتلىق ئالغان سەبىيلەردەك : -يىگىت بالام،قايلىسام يانپاشلىرى توم بايۋەتچى ئادەمدەكلاقىلىدىلا.سىلىدەك يانچۇغى توم بايۋەتچىلەرنىڭ ماڭا قىلىپ بېرىدىغان بۇ سودىلىقلىرىدا ماڭا بېرىدىغان بىرەر –ئىككى يۈزكوي پۇل دېگەن ئوقەتلىرىدە تاپقان پايدىلىرىنىڭ پەقەت ئونىدىن بىرى ياكى يۈزدىن بىرى بولار دەيمىنا شۇ . ماڭا بېرىدىغان بۇ ئازغىنا پۇللىرى سىلىدەك ئۆقەتنىڭ پىشىنى چىڭ تۇتۇپ،قازان-چۈمۈچى ماي بولاپ تۇرىدىغان بايۋەتچىنىڭ يانچۇقىنىڭ تۈشۈكىدىن چۈشۈپ قالىدىغان ئۇششاق سېنىتلار دېگەن گەپقۇ شۇ .«ئەجىر بىلەن ئەر كۆكىرەر ،يامغۇر بىلەن يەر ...»دەپ،ئۇبدان ئويلاپلا جېنىم بالام .شۇنداق ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلمايمۇ بولمايدىغان يېرىگە كەپتىكەن شۇ. «يەكتا سەپەرچىگە ئاق نىيەت ھەمىرا» –دېگنى شۇ بولسا كېرەك-دېدى موماي. يىگىت ھەميىنىدىكى پىچىتىمۇ بوزۇلمىغان پۇللار ئىچىدىن چاققانلىق بىلەن جۇلالىنىپ تۇرغان رەڭلىرى كۆزىنىڭ يېغىنى تارتىپ تۇرىدىغان بىر پارچە 100كويلۇق پۇلنى ئايرىپ، مومايغا ئۇزاتتى-دە: : -موما، ماڭا ھازىرچە ئاۋۇ دەپتەرلىرىدىن 20كويلۇق،قەلەملىرىدىن 10كويلۇق بەرسىلە بولارمۇ ،سۇمكامدىغۇ بۇرنا كۈندىن باشلاپ ئىۋۇ قۇشنا يېزىدىكى بىر قانچە مەكتەپنىڭ نامىرات ئوقۇغۇچىلىرىغا تارقىتىپ، ئېشىپ قالغان پىشكە دەپتەر –قەلەممۇ بار ئىدى لېكىن بۇ ئازلىق قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ-دېدى ۋە بۇنى كۆرۈپ قوي- دېگەندەك مەنادا قول سۇمكىسىنىڭ سىرىتمىسىنى ئېچىپ ،ئىچىدىكى دەپتەر-قەلەملەرنى مومايغا ئەتەي كۆرسۈتۈپ قويدى. موماي يىگىتنىڭ ئۇزاتقان پۇلنى ئالدى-دە يەرگە تاشلاپ بىرنەچچىنى دەسسىۋىتىپ قايتىدىن ئېلىۋالدى ھەم ئۇ مال ئەكېلىدىغان توپ مال تارقىتىش ئورۇنلىرىدىكى پىركازچىكلارنىڭ خىرىدارلارنىڭ مال ئېلىش ئۈچۈن بەرگەن 100 ، 50،20كويلۇق پۇللىرىنى بىر نۆۋەت كۈن نۇرىغا تۇتۇپ، پۇلدىكى سۈرەتلەرنى قولى بىلەن سىلاپ، ئاندىن ئالدى-ئارقىسىغا تەكشى قارايدىغان ھەرىكەتلىرىنى رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا ئىستىخىيىلىك ئورۇنداپ باقتى. گەرچە موماي ئۇ يەردىكى پىركازچىكلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنىڭدەك قىممىتى چوڭ پۇللارنى ئۆرۈپ-چۈرۈپ قاراپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلىپ كەتمىسىمۇ. موماي يىگىتنىڭ بۇيرۇتمىلىرىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ،كىچىككىنە غەللە ساندۇقىنى چوقچىلاپ ،خىرىدارغا كوي10، بەش كوي،بىر كوي ۋە بەش مو،بىر مولۇق پۇللارنى بىر ھازا رەتلىگەندىن كېيىن ، بارماقلىرىغا تۈكۈرۈپ بىر ھازا سانىغاندىن كېيىن: -غۇجام بالام،ئۆزلىرى كۆرۈپ تۇرۇپتىلا ،بىزدېگەن دۇكان ئىچىۋاتقىنىمىز بىلەن شۇ كۈنلۈك تاپقىنىمىز شۇ كۈنىمىزگە ئاران يېتىدىغان ئوتتۇر ئۆقەت ئادەملەرمىز.شۇڭاغەللەممۇ ئۆزەمگە ئوخشاشلا نامىرات.نامىراتلىقىمدىن سىلىدەك بايۋەتچى بەرگەن يوغان پۇللىرىنى ئاتا-ئانىلىرى بالىلىرىغا بەرگەن ھېيتلىق پۇلدەك پارچە-پۇرات قىلىۋەتتىم. خاپا بولمىسىلا ئۇكام.نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىغۇ بۇ پۇل دېگەن يۈزسىز نەرسە مەندە نېمىش قىلسۇن؟پەلەك مېنى نامىرات كۆرگەچكە ، پۇل دېگەن ئۇ دەيۈزمۇ ماڭا ئارقىسىنى قىلىۋىلىپ،تۇتۇق بەرمەي يۈرگەن .ھازىرقى كۈنلەردە بەش نامازنى تەرك قىلماي ، خۇدادىن تىلىگەنلىرىمنىڭ شاپائىتى بولاۋاتامدۇ ،جاھان ئوڭشۇلۇپ ،بەك بەلەن بولاپ كېتىگلىك.بىر كۈنى پېشىننى ئوقۇپ ئولتۇرسام ،بىر توپ كىشىلەر ئۇدۇللاپ ئۆيۈمگىلا كىرىپ: - چوڭ ئانا،بۇ توپ-توغرا 1000يۈۋەن پۇل ،بۇ پۇلنى سىلىنىڭ دۇكان ئېچىپ پايدىلىنىشلىرى ئۈچۈن ئېلىپ كەلدۇق.ئەندى سىلى ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇپلا كەنت ئاھاللىرى ۋە مەكتەب ئوقۇغۇچىلىرىغا كۈندۈلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىپ، شۇنىڭدىن كىرگەن كىرىمگە تايىنىپ، جانلىرىنى گۈلدەك باقىدىلا. سىلى ئاچىدىغان دۇكاننىڭ ئورۇن مەسىلىسىگە كەلسەك،بىز ئۇنى كەنت مەسئۇللىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇق.ئۇلار ئۇستىكاھ تەكلىپ قىلىپ، مۇنۇ بىكار تۇرغان ئۆيلەردىن دۇكان قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغىنىنى رىمۇنتلاپ بېرىدۇ.مال تىزىدىغان جاۋەننىڭ ئىشىنى ياغاچچى ئۇستىلار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىسكىلاتىداتۇرىۋاتقان كونا ئىشكاپ ،يېزىق شىرەلىرىنى ئۆزگەرتىپ،مال تىزغىدەك ھالەتكە كەلتۈرىدۇ . قالدى ئىشلارغا يەنە بىزبار.يېڭى ئەھۋاللار بولسا بىزگە ئىنكاس قىلسىلا . سىلىنىڭ دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى يەنە بىز كۆڭۈللىرىدەك ھەل قىلىپ بېرىمىز .مۇنۇ پۇل بۇندىن ئىتىبارەن سىلىگىلا تەۋە بولۇپ كەتتى چوڭ ئانا،بىز ئۇ پۇلنى ھەرگىز سىلىدىنقايتۇرۇپ ئالمايمىز .مۇشۇ پۇل بىلەن مەرھۇم جالال ئاكىمىزنىڭ چىرىقىنى ئۈچۈرمەي ، تۇرمۇشلىرىنى قامداپ تۇرسىلا ،يەتمىگىنىگە تەشكىل بار ،مۇنۇ پۇلنى –سانىۋالسىلا چوڭ ئانا -دەپلا ،بىر مۇنچە پۇلنى ئالقىنىمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ كېتىپ قىلىشتى. ئۆزۈم قېرىپ،بىر پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىغاندا ،ئۇلۇغ ئاللاھ رېسقىمنى مۇشۇ دۇكانغا چاچقان ئوخشايدۇ. تەشكىلنىڭ شاپائىتى بىلەن دۇكان ئېچىۋالغىلىمۇ 3-4يىلچە بولاپ قالدى.مانا شۇ تەشكىلنىڭشاپائىتى بىلەن،تۇرمۇشۇم ئۇبدانلا ئۆتەۋاتىدۇ –دېسىلە.سودا بولمايدىكەنيەي،زىيان تارىتتىميەي دەۋېلىپ،تەشكىلگە تۇز كورلۇق قىلىدىغان ئىشلارنى ئەزبىرايى قىلماسمىنا.مانا كۆرۈپ تۇرۇپتىدىلا تەشكىلنىڭ غەمخۇرلىقى بىلەن، كۈنلۈك تامىقىمدا بىرەر ۋاق گۈش يېيەلمىسەممۇ،ھەر ھالدا تەكيىنى قىرلاپ، ناۋات چاينى قېنىق دەملەپ ئىچەلىگىدەك ئۇبدان كۈنلەرگە ئېرىشتىم دېسىلە ئوغلۇم. ھەر ھەپتىنىڭ بازار كۈنى قۇشنىلىرىم بىلەن ،گۇڭۇر-مۇڭۇر قىلىشىقىنىمچە بازارغا چاپىمەن-دە،ئۆزۈمنىڭ سودىلىقلىرىنى قىلغاچ ،دۇكانغىمۇ لازىمەتلىك مال سېتىۋىلىپ ، سودامنى قىلىۋىرىمەن.ھازىرغۇ ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ، بىزدەك تول خوتۇنلارنىڭ جان باقمىقىمىزسەل تەسلىشىپ كېتىۋاتامدۇ قانداق.شۇنداق بولسىمۇ يەنە بولارىم شۇ، بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن –دەپ، قىلىۋاتقان جاھاندارچىلىقىمىدىن ۋاز كېچىپ، سەكلىتار –مودىرلارنىڭ قولىغا تەلمۈرۈپ تۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا قانداقمۇ يۈزۈم چىدىسۇن.دۇكىنىمىز سىلىدەك بايۋەتچىلەرگە ھەر دائىم ئۇچۇق.بۈگۈنكىدەك كۆزنىڭ يېغىنى يەپ تۇرىدىغان ئانار چېچىكىنى كۆپىرەك ئەكېلىپ، سەھراھى قىيامەتتىكى يىقىلىش ئالدىدا تۇرغان توغراقتەك ھالغا كېلىپ قالغان دۇكىنىمنىڭ سودىسىنى يەنىمۇ ئاينىتىپ بەرسىلە ،ئىگەكىم بار ئۇزاققا قالماي، ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ كېتىمىز يا ئەينا.سىلىنىڭ دۇكىنىمغا كېلىپ مال ئېلىشلىرىنىڭ ئۆزىلا ،بايلىق ئىلاھىنىڭ ھىدلاۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر. ئۆتكۈزىۋاتقان كۈنلىرىمىزگە شۈكىرە دەيمەن .بىزنىڭمۇ كىشىلەر ئېغىزىدا،ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا ، ئۇنداق نامراتيەي،مۇنداق گادايەي –دەپ ئاتىلىۋەرگىمىز يوق. بىزمۇ مانىڭ ياقى سودىمىزنى ئاينىتىپ، ئۆقەت دېگەننى ياخشىراق قىلىپ ،خۇدا بۇيرۇسا تەشكىلنىڭ شاپائىتى بىلەن بىزمۇ ئازكۈنگە قالماي، نامىرات دېگەن بۇ ئەسكى چولۋۇرنى يىراققا چۈرىۋەتسەم، ئىگەكىم بارئۇ چاغدا بېشىمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يۈرۈيدىغانمۇ بولىمەن .ئۇ چاغلاردا مەھەللىدىكىلەرنىڭ مېنى جەرەستاندا كۆرۈپ قالغىدەك بولسا، بىلىنەر -بىلىنمەس باش لىڭشىتىپ،خۇشياقا-خۇشياقماس قول بېرىپ،بېلىنى گېپىسلىتىۋالغان بىماردەك ئادەمنىڭ جېنىغا تېگىپ، غادايغىنىچە سوغۇق سالام قايتۇرۇدىغان كىشىلەرنىڭ ھومۇيۇپ قاراشلىرىدىنمۇ بىر يولىلا قوتۇلارمەن شۇ- دېدى ۋە ئۆزى شۇنچە باي لېكىن، كۆڭلىدە قىلچە كىبىرى يوق كەمتەر ،چىقىشقاق ،خۇش پىچىم بۇ يىگىت بىلەن مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرۇپ ،يىگىتنىڭ ئۆزىنىڭ بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىدە بىھۇدە ئۆلۈپ كەتكەن رەھمەتلىك جۈرىسىگە قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغانلىقى ئېسىگە كەلدى-دە،كۆزلىرىگە ياش تامچىلىرى سەلدەك يامرىدى .بەندىنىڭ تەقدىرنىڭ ئاچچىق چاقچىقى ئالدىدا تىز پۈكۈپ،بېشىغا كەلگەن ئەجەلگە ئەلەكمۇھىلىلا دېمەكتىن باشقا يەنە قانداق چارىسى بار دەيسىز ؟ موماي ياشلىرىنى يىگىتتىن يۇشۇرۇنچە باش ياغلىقىنىڭ بۇرجىكى بىلەن سۈرىتىۋالدى . يىگىت مومايدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشلەرگە ئانچە دېھققەت قىلمىغاندەك قىلاتتى.يىگىت خۇشلۇشۇپ ماڭغاندا ،موماي قەدىناسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ يىگىتنىڭ قارىسى يىتكىچە قاراپ قالدى... * * * جالال بىلەن سارىخاننىڭ تويى بولغىلى دەل ئىككى يىل بولغان كۈنلەردە ، جالالنىڭ يىراق تاغ ئېتىكىدىكى«پولات تاۋلاش»قا كەتكىنىگىمۇ بۈگۈن ئىككى ئاي بولغانىدى .ئۇ پولات تاۋلاش ئورنىدىكى نەق مەيدان ئىشلىرىغا قۇماندانلىق قىلىۋاتقان چوڭ ئەتىرەد باشلىقىدىن : -ھۆرمەتلىك مودىر ماڭا ئۈچ كۈنلۈك رۇخسەت بەرگەن بولسىلا .ئايالىم ئېغىر ئاياق ئىدى.ئۇنىڭ ھازىر ئەھۋالى قانداق بولۇپ كەتتى.مەن بۇنىڭدىن تېخى بىخەۋەر .ئايالىمنى يوقلاپ كېلىۋالغان بولسام- دېگەن مەزمۇندىكى نەچچە قېتىملىق يالۋۇرۇپ-يېلىنىش بەدىلىگە،ئۆيىنى يوقلاپ كېلىشكە ئىككى كۈنلۈكلا مۈھلەتكە ئېرىشكەن جالال ،ئېغىر ياتقۇ مەزگىلى بىلەن ئۆيىگە يېتىپ كېلىپ ،ئەندىلا ئىسسىق ئورۇنغا كىرىپ تۇرۇشىغا بىراۋنىڭ دەرۋازىنى گۆمبۈرلىتىپ ئۇرۇپ ،ياۋا چۇشقىلاردەك سەد چىقىرىغان ئاۋازى قولىقىغا كىرىپ قالدى-دە، ئورنىدىن ئالمان-تالمان تۇرۇپ كەتكەن جالال دەرۋازا ئالدىغا چىقتى. ،دەرۋازىنى ئۇرغىنى باشقا بىرسى بولماستىن بەلكى چوڭ ئەتىرەدنىڭ مەھەللىدە تۇرۇپ، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتقان مۇئاۋېن باشلىقى ئىدى. باشلىق جالالنى كۆرۈپلا بېگىز بارمىقىنى جالالنىڭ بۇرنىغا تەڭلەپ تۇرۇپ: -ھۇ ھارام سۈيدۈك، باشقىلار تاغدا جانلىرىنى پىدا قىلىپ پولات تاۋلىسۇن، سەن ھارامزادە يۈرىكىڭنى قاپتەك قىلىپ،مۈشۈكتىن بېلەت ئېلىپلا تاغدىكى قاينام-تاشقىنلىق ئىش ئورنىدىن يۇشۇرۇنچە قىچىپ كەپسەن. بىلىپ قوي سويما، بۇ پولات تاۋلاش ھەركىتى يالغۇز مۇشۇ چوڭ ئەتىرىدىمىزدىلا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىش بولماستىن بەلكى پۈتۈن مەمىلكەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان داغدۇغلۇق «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش » ھەركىتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.سەن مەمىلكەت بۇيىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسى ھەرىكەتكە بوزغۇنچىلىق قىلىش غەرىزىدە بولىۋاتامىسەن؟بىلىپ قوي. بۇ قىلمىشلىرىڭ يۇقىرى ئوتتۇرىغا قويغان داغدۇغلۇق سىياسى ھەرىكەت- «چوڭ سەكىرەپ ئىلگىرلەش ھەركىتى»گە قارشى مۇقام توۋلىغىنىڭ.مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدىلا سەن بەدبەخقە دۆلەتنىڭ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش سىياسىتىگە قارشى چىققان نەق ئەكسىل ئىنقىلاپچى - دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ، ساقچىغا تۇتۇپ بەرسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ،كىسپۇرۇچ.ئايالىڭ سارەككە يىراقراق تۇغقان كېلىدىغانلىقمنىڭ يۈزىنى قىلمىسام ئاممىزە ، كۆرگۈلۈگۈڭ بار ئىدى سەن ھارامزەدىنىڭ. -جېنىم باشلىق،سىلىدىن ئۇ دۇنيا،بۇ دۇنيا خۇش بولاپ كېتەي،كۈز ئايلىرىدىكى تاغ سوغۇقىدا ئىككى ئايدىن بۇيان، ئۇۋىسىغا ئۇدۇللاپ كىرىپ-چىقىدىغان سوغۇردەك ،يوتقانغا كىيىم بىلەنلا كىرىپ يېتىپ ، كىيىملىرىم غىچلا پىت بولاپ كېتىگىلىك.ماڭا مۇشۇ بىر قېتىم كەڭچىلىك قىلسىلاباشلىق .ماڭا قىلغان ياخشىلىقلىرى مەندىن يانمىسا ئاللاھدىن يانار. ئىش ئورنۇمدىن كەلگىچە تاغ يولىدا ئېزىپ قىلىپ، ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۈپ ،مانا كۆرۈپ تۇرۇپلا ، ئۈچ كۈن دېگەندە ئاران ئۆيۈمنى تېپىپ كېلەلىدىم. ھېلىمۇ رېزقىم تۈگىمەپتىكەن.ئۆلۈپ كەتمىدىم.سىلىنىڭ سۆزلىرىنى يىرىش مېنىڭ ھەددىممۇ. -خەيىر ،بولاپتۇ يالاڭ تۈش ،بەندىچىلىكتە سۆزۈڭنى بىر قېتىم ئاڭلاپ قوياي.ئەتە يۇرۇق چۈشۈشتىن بۇرۇن تاغقا مېڭىپ كەتمىسەڭ، مەندىن يامانلاپ يۈرمە.ئەگەر ئەتە ئەتتىگەندە تاغقا ماڭماي ، ناۋادا سېنى بىرەر جايدا كۆرەپ قالغىدەك بولسام، شۇ يەردە تۇتۇپلا، چوڭ ئەتىرەد قورۇسىدىكى قاپاق تىرەككە ئېسىۋىتىمەن نان كۇچۇكى ،بىلدىڭما . خەيىر بولاپتۇ ،بۈگۈنچە ساڭا يول قوياپ تۇراي، چوڭ ئەتىرەد قورۇسىدا تاغقا سەي-كۈكتات، ئون-پۇن ئېلىپ ماڭىدىغان تىراكتۇر بار .ئەتە ئەتىگەندە يۇرۇق چۈشۈشتىن بۇرۇن ، شۇفىرغا ھەمىرا بولغاچ، شۇ تىراكتۇردا تاغقا مېڭىپ كەت جۇما قاتتىق ئىشتان،بولمىسا كۆرگۈلۈكىڭنى كۆرسىتىمەن-دېدى مۇئاۋېن باشلىق جالالنى يەۋىتىدىغاندەك ئەلپازدا. دەبدەبىلىك يەرلىك سىياسەتلەرنى ئىجىرا قىلماسلىققا ھېچ بىر كىشىنىڭ چامى يەتمەيدىغان ئۇ ئاپەتلىك يىللاردا ، يەرلىك خاقانلارنىڭ بۇيرۇقلىرى تاشتىنمۇ قاتتىق ئىدى.جالالدەك بېشىدىن دۇپپىسى چۈشۈپ كەتسە، شۇلارنىڭ ئالدىغا چۈشىدىغان «يىتىمەك»لەرگە ، بۇ« يەرلىك پادىشاھ»لارنىڭ بۇيرۇقىنى يىرىش،ئۆلمەي تۇرۇپ دۇزاخقا كىرىش بىلەن باراۋار ئىدى. -بولىدۇ باشلىق .«قول قولنى يۇسا، قول چىقىپ يۈزىنى يۇيار »دېگەندەك،ئۆزلىرىمۇخۇدا يولىدا ئايالىم بىلەن تۇغقاندارچىلىقنىڭ يۈزىنى قىلىۋاتسىلا ، قىلىچىتىن ئىتتىك بۇ بۇيرۇقلىرىنى يىرىش مۇمكىنما؟مەن ئەتە سەھەردىلا يولغا چىقىپ، يوليۇرۇقلىرىنى دەرھال ئىجىرا قىلاي مودىر -دېدى جالال يۈز –كۆزلىرىنى قاپ -قارا مۇي بېسىپ ،خۇددى ئېيىقنى ئەسلىتىدىغان بۇ مۇئاۋېن باشلىققا. -ھەي جالال دېگەن قاتتىق ئۈتۈك ،ماڭا بۇنداق پۇقتىن سېسىق گەپلىرىڭنىڭ لازىمى يوق ،ھېلى بىكار، بۇرنۇڭنىڭ بېزىنى ئېلىپ قويماي يەنە ھە ،ئالدىمدا ھە!دەپ قويۇپ،ئارقامدىن «ئېشىكىم كۈۋرۈكتىن ئۆتكىچە نەزىرە » قىلىپ، «ئىش ئايلىخانغا، يول سارىخانغا»بولاپ كەتمىسۇن يەنە ھە.مۇبادا شۇنداق بولاپ كېتىدىغان بولسا ،قولاڭنى گەجگەڭگە چىقىرىپ ، ئۇدۇللا ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بېرىمەن ،ئۇقتۇڭما لاتا . -بولىدۇ جېنىم ئاكا ،سىلىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرمەسلىككە جېنىم ئونما مېنىڭ –دېدى جالال ھەم ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ، يول تەييارلىقىنى قىلىش ئۈچۈن ئارقىسىغا قايتتى . جالال خۇرازلارنىڭ ۋاقىتنىڭ يېرىم كېچىدىن ئاشقانلىقىدىن شەپە بېرىشىپ تۇشمۇ –تۇشتىن چىللاشقان ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .سارىخاننىڭ كۆڭلىدە شۇ تاپتا جالال بۇ قېتىم تاغقا كېتىپ قالسا،ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۇ كۆرۈشەلمەيدىغاندەكلا بىر مەۋھۇم سايە كىزىپ يۈرەتتى. سارىخان جالالنىڭ بويۇنلىرىغا چىڭ گىرە سېلىپ،ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىشقا كۆڭلى قىيىماي، ،چاچلىرىنى ئۇزاق پۇرىدى . جالال سارىخانغا ئاخشام كەچتە، دەرۋازا ئالدىدا ھېلىقى «ئېيىق»نىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەسكەرتىكەندىن كېيىنلا ،سارىخان ئاللاھ تائاللاھدىن ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك تىلەپ، دەرۋازا سىرتىغىچە ئۇزۇتۇپ قويدى.سارىخاننىڭ قانداقتۇر بىر ۋەھىمىدىن ئېغىپ تۇرغان يۈرىكى تېخىچە دۈپۈلدەپ سۇقىۋاتاتتى... جالال ئەتىرەد قورۇسىغا يېتىپ كەلگەندە ،تىراكتۇرچى ئۇچەي-ئۈچەيلا دەپ قالغان گۈلخان ئالدىدا، كۈرەك جۇۋىغا يۈگەنگىنىچە، ھاراق ئىچىپ ئولتۇراتتى.ئۇ جالالنى كۆرۈپ: -ھەي سەن جالال ياۋاشما، تاغدا قالمىدىڭمۇ سەن ، ئىت پۇق يېمەستە بۇ يەردە نېمىش قىلىسەن؟ تىراكتۇردا ئولتۇرۇپ تاغقا قايتىمەن دېدىڭما؟ بولدى جالال ئاغىينە، بۇ تىراكتۇرنى ھايداپ، كۆرىۋاتقان ئىتنىڭ كۈنى مەن بىلەنلا كەتسۈن. شۇمۇ كۈن بولدىما ؟ ئاستىراق گەپ قىل دەۋاتامسەن، قۇرقمايمەن ئۇ ئېيىقتىن. يامان بولسا قېنى چىقىپ باقسۇن. جانغا تۇياپ قالغاندا،ئۇ ئوغرىنى ئۆلتۈرۋىتىپلا كۆرگۈلۈكۈمنى كۆرەرمىنا . شۇمۇ كۈن بولدىما ؟بىر كۈنى گۇگۇم ۋاقتىدا باشلىقلار: - ئۇزۇق-تۈلۈك تۈگگىلىۋاتىدۇ. سەن تاغدىكى ئىشىڭنى بولدى قىلىپ، دەرھال مەھەللىگە بېرىپ،ئۇن-پۇن ،سەي كۈكتاتتەك بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلمىسەڭ بولمىدى .يەيدىغان روزىغار تۈگىسە ،بۇ پولات تاۋلاش دېگىنىمىز قۇرۇق گەپ بولاپ قالىدۇ.ھازىرلا يولغا چىق- دەيدۇ .مەن باشلىققا ، تىراكتۇرنىڭ چىرىقى ئالىدنقى قېتىم تاغقا كەلگىچە كۈيۈپ كەتتى، كېچىدە ماڭغىلى بولمايدۇ ،ئەتە ئەتتىگەندە يولغا چىقاي باشلىق- دېسەم،ئۇ نېمە دەيدۇ دېمەمسەن ؟ھەي يوتقان تېشىدىن بولاپ قالغان سۈيدۈك،مۇشتۇمىمدەك تۇرۇپ، گېپىمنى يىرغۇچى بولدۇڭما؟ئوزۇق –تۈلۈكتىن چاتاق چىقىپ، تاغدىكى بۇ سىياسى ۋەزىپە ئورۇنلانماي ،مېنى ئۇدۇللا تۈرمىگە كىرىپ كەتسۇن دەۋاتامسەن؟ قانداقلا قىلىپ بولمسۇن بۈگۈن كېچىچە مېڭىپ،ئەتە يۈك-تاقىلارنى بېسىپ، ئىندىنلىققا كېلىپ بول .بولمىسا سەندەك نان كۇچۇكىنى كىشى كۆرمىگەندە،رودا ئېرىۋاتقان خۇمدانغا ئىتتىرىۋىتىپلا ،تۈگە كۆردۈڭمۇ ،كۆرمىدىم -دەپلا قوتۇلىمەن،ھارامزادە -دەيدۇ .شۇنىڭ بىلەن مەن ئاينىڭ گىرمسىمەن يۇرۇقىدا،بوينىنى باغلاپ ئوۋغا ئېلىپ ماڭغان ئىتتەك، مەجبۇر يولغا چىقىپ،بىر نەچچە كىلومىتىر ماڭا-ماڭمايلا ،بۇ ياش جېنىمنىڭ ئۇ دۇنياغا مۇنداقلا ئالدىراپ كېتىشىگە چىدىماي ، تاغ ئۆڭكۈرىدە يېتىپ ،تاڭ ئېتىشى بىلەنلا يولغا چىقىپ،، ئەتىرەد قورۇسىغا چۈش –پېشىن بىلەن چاندۇرماي يېتىپ كېلىپ،تەييارلاپ قويۇلغان سەي –كۈكتاتلارنى بېسىپ تۇرسام ، چوڭ ئەتىرەددىكى ھېلىقى ئېيىق:- ھۇ ھارام تاماق، سېنى كېچىدىن كېپ بولىدۇ دېگەنتىغۇ گوڭشېدىكىلەر.يولدا ئويناپ ئەندى كەلدىڭما يالاڭ تۈش –دەپ ،بىكاردىن-بىكار ئۇرۇپ يۈرۈيدۇ.ئاچچىقىمدا ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۈپ مۇنداق ياشىغاندىن كۆرە ،بۇ ئوغرىنى ئۆلتۈرىۋىتىپلا ،بۇ ئىسسىق جېنىمدىن مەنمۇ بىر يوللا قوتۇلاي –دەپ ئويلاپ، تىراكتۇرنىڭ رۇكايتكىسىنى ئېلىپ،ئالدىغا يۈگۈرسەم،ئۇ ئېيىق قاچقانچىلا ھويلىسىغا كىرىپ، دەرۋازىسىنى چىڭ تاقىۋىلىپ ، قايتا چىققۇچى بولمىدى .دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا بىر دەم ساقلاپ بېقىپ،ئاچچىقىمنى ھاراقتىن ئېلىپ بۇ يەردە ئىچىپ ئولتۇرىمەن.ئىستەي گۈلدەك ياشلىقىمىز، تاغدىكى ھېسىياتسىز قارا تاشلاردەك قەدىرسىزلا ئۆتۈپ كېتەرمىزما ؟سەنمۇ بىر نەچچە يۇتۇم ئىچىۋالە ئاغىينە . ئازىراق ئىچىۋالساڭ بىر نەنجىدىن تاغنىڭ سوغۇقىدا توڭلاپ كەتمەيسەن.ئىككىنەنجىدىن تاغ يوللىرىدا ماڭدامدا بىر ئۇچىراپ تۇرىدىغان بۆرە ...قاتارلىق ياۋايى مەخلۇقلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭ ئانچە قۇرقۇش ھېس قىلمايسەن. مەن ئىچمەي دېدىڭما،ئىچمىسەڭ بوپتۇ.بۇ ئاچچىق نەرسىنىڭ ئازابىنى مەنلا تارتىپ ئۆتۈپ كېتەي. ئالدىرىساڭ تاغدىكى مالچىلارنىڭ پادا ھايدايىغان چىغىر يولى بىلەن ماڭغاچ تۇر . ئۇ يولدا مالچىلار داۋاملىق مېڭىپ تۇرغاچقىمۇ ، بىر ئاز بىخەتەررەك. بۆرىمۇ ئۇنچىۋالامۇ جىق ئۇچىراپ تۇرمايدۇ. قولۇڭغا بىرەر تال ھاسادەك بىر نەرسىلەرنى ئېلىۋىلىشنى ئۇنۇتما .يولدا ھېرىپ،چاڭقاپ كەتكىدەك بولساڭ ،تىراكتۇر ماڭىدىغان چوڭ يولغا چىقىپ ،مېنى ساقلاپ تۇرغىن. مەنمۇ ھايالشىمايلا يېتىشىمەن.ئۇ چاغدا تىراكتۇر پېرېستىپىغا چىقىۋالساڭ ،گۈڭۈر-مۈڭۈر قىلىشىپ، تاغقىمۇ ئۆلۈپ كەتمىسەك، قاراڭغۇ چۈشكىچە يېتىۋالارمىز-دېدى. تىراكتۇرچى غەرق مەس تۇرسا ،قۇرقماي ئۇنىڭ تىراكتۇرىغا قانداقمۇ چىققۇلۇق .جالالنىڭ باشلىقنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە تىراكتۇرغا چىقىپ تاغقامېڭىش خىيالى سۇغا چىلاشتى.ئۇ ئايالى كېچىچە ئۇخلىماي تەييارلاپ بەرگەن نان ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى سېلىنغان بوقچىسىنى تىراكتۇرچىغا ئالغاچ بېرىشنى جىكىلەپ قويۇپلا ، تاغقا پىيادە يۈرۈپ كەتتى.ئۇ كېتىۋىتىپ مەرھۇم دادىسىنىڭ :-ئوغلۇم ،مەندىن كېيىن قالساڭ،«ماڭمىغان يولنىڭ ئوي-چوڭقۇرى بار» -دەپ، نىيتىڭنى دۇرۇس تۇتۇپ ، ھارام كەيىپلەردىن يىراق تۇرغۇنۇڭ ئەۋزەل ،ھارام نىيەت ئارلاشقانئىش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشماي قالمايدۇ...- دېگەن دانا نەسىھەتلىرى قولاق تۈۋىدە قايتا جاراڭلىغاندەك بولدى. جالال:-تىراكتۇرچىنىڭمۇ دېگەنلىرى ئورۇنلۇق،گۈل ياشلىق دېگىنىمىز ئەسلىدە ھايادىمىزنىڭ ئالتۇن چاغلىرى ئىدىغۇ. ،بۇ مەزگىلدە ئىنسان دېگەن يېڭى نەرسىلەرنى ئۈگۈنۈپ، ئىخىتىرا قىلىشى ، كەلگۈسى ھاياتى ئۈچۈن ئۇل تىزىشى لازىم ئىدىغۇ بىراق مەن ۋە تىراكتۇرچى ئۇنداق قىلالمىدۇق.تىراكتۇرچى ئىھتىمال ياشلىقىدا كۆرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان بۇ مۇدىھىش تەقدىرىدىن بىزار بولغان بولىشى مۇمكىن . شۇڭىلاشقا ئۇ مۇنداق ئىتلارلا تارتىپ ئۆتىدىغان پىغانلىق تۇرمۇشتىن بىراقلا ۋاز كېچىپ،ئاچچىقىنى ،ھىدىنى ئىت پۇراپ قالسىمۇ بەدەر تىكىۋىتىدىغان ھاراق دېگەن ئېبلىستىن ئېلىۋاتسا كېرەك .ھەممىگە قادىر خۇدا،مېنى ئۇنداق يامان قىسمەتلەرگە دۇچار قىلما ،مۈشكۈلچىلىكلىرىمنى ئاسانلاشتۇرۇپ مەدەت بەرگەيسەن – دېگىنىچە،تاغقا قاراپ دەرھال يۈرۈپ كەتتى. جالالنىڭ بىر كېچە ئۇخلىماي ياماشتۇرغان ئايىقى، بۇ ئەگرى-بۈگرى تاغ يولىدا چۈشكىچە ئارانلا دال بولالىدى.ئۇ تاغ يولىدا پۇتىغا بىر ئاز بولسىمۇ دالدا بولغان بۇ ئاياغنى تاشلىۋىتىش ئۈچۈن ،پۇتلىرىدىن سالدىيۇ ، «ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى» دېگەندەك ، ئاياغ تاغدىكى ئىش ئورنۇمدا چۇقۇم ئەسقاتىدىغۇ- دېگەنلەرنى ئويلاپ ، ئايىقىنى يىپلىرى بىلەن چېتىپ مۈرىسىگە ئارتىۋىلىپ ،يولىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى .بېگىزدەك تاشلار چۇقچۇيۇپ چىقىپ تۇرغان تاغ يولىدا، بىرەر سائەتچە يول ماڭغان جالالنىڭ پۇتلىرىنى تاش يالاپ، يوللىرىدا قىپ-قىزىل ئىزلار قالدۇرۇپ ، سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مۇمكىن بولمىدى .ئەندى ئۇنىڭغا تىراكتۇرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشتىن باشقا بىرەر ئۇبدانراق ئامالمۇ يوقتەك قىلاتتى. ئەپسۇس، ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندە ، مالچىلار چوڭقۇرجىلغىغا ئاغدۇرۇلغان تىراكتۇر پېرىستېپى ئاستىدىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان ئىككى ئادەمنىڭ جەسىدىنى ئېلىپ چىقىشتى. جەسەت مەھەللىگە كەلتۈرۈلگەندە سارىخان جالالنىڭ مېيىتىنى قۇچاقلىغىنىچە: -جېنىم جالال، يۈرەك پارەڭ تېخى كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرمەي تۇرۇپلا يېتىم بولاپ قالدىغۇ ،ئەندى ئۇ كىمنى دادا دەپ چاقىرىدۇ –دېگىنىچە ئۇزاققىچە ئۈن سېلىپ يىغلىدى... * * * تەلەيسىز جۈرىسىنى شۇم ئەجەل ئېلىپ كەتكەن شۇ يىللاردا ، ئاللاھ سارىخانغا ئاتا قىلغان بولىمىش ۋارىسى قۇرسىقىدا ئەندىلا يەتتە ئايلىق بولغانىدى.سارىخان ئۇماق ئوغلى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندا تەگبىر ئېيتىپ، ئەزان توۋلاپ ، ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇبارەك نامىنى شېپى كەلتۈرۈپ،يۈرەك پارىسىغا خۇدابەردى- دېگەن چىرايلىق ئىسىمنى قويۇپ ئۆلگۈرگەن ئىدى.سارىخان دادا يۈزىنى كۆرۈشمۇ نىسىپ بولمىغان بۇ يۈرەك پارىسىنى،ئۆزى يېمەي –يېگۈزۈپ ،كېيمەي –كېيدۈرۈپ تۆت ياشقا كىرگۈزىۋىدى ، قىزىل دېگەن ئەزىرائىل جالالنىڭ پانىي دۇنياغا قالدۇرغان بۇ يۈرەك پارىسىنىمۇ ئېلىپ كېتىپ، بىچارە سارىخاننى تۇللۇقنىڭ تېگى كۈرۈنمەس ھاڭلىرىغا ئىتتىرىۋەتتى.شۇ يۈرەك پارىسى ھاياد بولسىدى، سارىخانمۇ ئاللىمىقاچان نەۋرە-چەۋرىلىك بولۇپ قالار ئىدى.ئۇ چاغقا كەلگەندە سارىخان نەۋرە-چەۋرىلىرىنىڭ توي-مەرىكىلىرىنى چوڭ ئۆتكۈزۈپ بېرەلمىسىمۇ ، يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنۇپ ، كاتتا رېستۇرانلارنى تەمە قىلمايلا ، «تاپقىنى قوي ئۆلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز »دېگەندەك ، كەنتنىڭ دېھخانلارغا پەن-مەدەنىيەت دەرسى ئۆتەپ بېرىدىغان ئىۋۇ زالىدا ھالىغا تۇشلۇق ئۆتكۈزۈپمۇ بېرەر ئىدى بىراق... * * * قاق سەھەردە كېلىپ، سەھرايى قىيامەتتىكى غېرىپ دۇكىنىنى بىزە بولسىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۇپ، سودىسىغا پىشكە بولسىمۇ بەرىكەت ياغدۇرغان بۇ بايۋەتچى يىگىتتىن كۆڭلى ئالەمچە شادلىققا تولغان موماي،دۇكىنىدىكى ماللىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ، چۈشلۈك تامىقىنى يەۋىلىپلا ،كەنتنىڭ يېڭىدىنلا ئاسفالىت ياتقۇزۇلغان يولىدا قاتناشقا باشلىغان كوچا ئاپتۇۋۇزىغا ئولتۇرۇپ، زور ئۈمىدلەر قاينىمىغا چۈمگىنىچە،توپ مال سېتىۋىلىش ئورنىغا يۈرۈپ كەتتى. موماي توپ مال سېتىۋىلىش ئورنىغا خىرىدارلار سېلىككەن ئەلۋەك ۋاقىتىتا يېتىپ كەلگەچكىمۇ مال سېتىۋالىدىغان خىرىدارلار ئاز ئىدى. موماي يانچۇقىدىن مال تىزىملىكىنى چىقارغاچ ، قولياغلىققا ئەپچىل چېگىلگەن پۇللىرىنى پىركازچىققا ئۇزاتتى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ سىناق سوئاللىرىغا راۋان ۋە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە جاۋاب بېرىپ، مۇئەللىملەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىدەك ،ئۆزى ئالماقچى بولغان ماللارنىڭ سانى ۋە تۈرىنى ئېدىتلىق مەلۇم قىلىدى.كاسسىر قىز پۇل چېگىلگەن قول ياغلىقنى ئېچىپ،ئۇنىڭ ئىچىدىكى پۈتۈن ۋە پارچە پۇللارنى تۈرى بۇيىچە پەشتاختىغا تىزغاندىن كېيىن، پۇللار ئىچىدىكى پۈتۈن پۇل دېيىلگەن 100، 50 ، 20، 10 ،بەش،بىر يۈەنلىك پۇللارنى تەكشۈرۈپ ، ئاللىقانداق بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك موماينىڭ پۇللىرى ئىچىدىكى بىردىن-بىر 100يۈۋەنلىك پۇلنى ئايرىۋىلىپ، مومايغا كۆرسەتكەچ : -موما، مۇنۇ 100يۈۋەنلىك پۇللىرى ساختا پۇل ئىكەن . بۇ پۇلنى سىلىگە كىم بەرگەن؟ پۇللىرى ساختا دېگەن گەپنى ئاڭلىغان موماينىڭ ئاقىرىشقا باشلىغان چاچلىرى تىك ئۆرە بولدى .ئۇئاۋازىنى قويىۋىتىپ : -بۇ پۇلنى كىمدىن ئالغان دېدىڭىزما؟ نەدىكى گەپنى قىلىۋاتىسىز؟ ئۇ پۇلنى سارجا-كاستىيۇمنى قاتۇرۇپ كېيگەن بىر بايۋەتچى يىگىت سودىلىقىدا بەرگەن تۇرسا،ما پاخمىباش قىز ، پۇلىڭىز يالغانكەن دەپ ئادەمنىڭ قوۋۇرغىسىنى ئىگىدىيا ،قىزىم، ئۇ يىگىتنىڭ بايۋەتچى سۈپىتىدىن ھېلىغۇ مەن، سىزمۇ ئەيمىنىپ قالىسىزيا ئەينا .شۇنداق خۇش پىچىم ،كۆپنى كۆرگەن،ھۈرمەتكە سازاۋەر پۇلدار يىگىتنى ئالدامچى دېىسىڭىزقىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنى خۇدا راۋا كۆرەرما؟ -ۋاي ئانا،مەن راست گەپ قىلىۋاتىمەن.سىلىدەك جاھاننىڭ ئىسسىق –سوغۇقىنى كۆپ كۈرگەن ئانام سۈپەتلىك ئادەمگە كۈپۈ-كۈندۈزدە يالغان سوزلەيدىغانغا بېشىم ئىشىپ قالمىدى مېنىڭ. ئەگەر سىلىگە يالغان سۆزلىگەن بولسام، يالغاننى توقۇغان مۇنۇ تىلىم كۈيۈپ كەتسۇن.ئەزبىراھى خۇدا ،مېنىڭ سۆزۈمگە ئىشەنسىلە. بۇ پۇللىرى ساختا،چوڭ ئانا. - ۋۇي مېتىس باش قىزىم(بۇ يەردە موماي، قىزنىڭ بۇدىرە قىلىنغان چاچلىرىنى ، ئاۋېستىرالىيىدىن كىرگۈزۈلۈپ، باي ناھيىسىدە كۆپەيتىلىۋاتقان ،چەتئەل ئىنچىكە يۇڭلۇق مېرىنىنۇس قويى يەنى مېتىس قويغا ئوخشۇتىدۇ )سىز نەۋرەمدەك تۇرۇپ، ماڭا قىلتاق قويىۋاتامسىزما ؟شۇنچە يىللاردىن بۇيان ھېلىقى كۇمۇنا دېگەندە نېمە كۈنلەرنى كۆرمىدۇق دەيسىز؟دۈمبىدىن شۇر ئۆرلىتىپ،كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا ئىشلىسەكمۇ،ئىشلىگىنىمىز كانايغا چىقىشماي، بىر كۈنى بولسا ،گەدىنىڭدە يىللىق ئوماچ قەرزىڭدىن مۇنچە پۇل ئېشىپ قاپتۇ-دېيىشىپ، بارى-يوقى ئۆيۈمدىكى بىردىن-بىر مۈلىكىم بولغان چىشقاق پاقلىنىمنى ئېلىپ كېتىشىۋاتقان.يەنە بىر كۈنى بولسا ،كۇمۇنانىڭ ئەمگىكىگە ئانچە كۈن قاتناشماپسەن ئىينا-دېيىشىپ، تۆت سېنىت تاپسام ، چىشىمنىڭ كاۋىكىغا تىقىپ ساقلاپ يۈرۈپ ساقلاپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ ئۆيلىرىگە بارسام پۇتلىرىمغاپىشكە بولسىمۇ ئارامچىلىق بىرەرمىكىن –دەپ سېتىۋالغان ،سۆيۈملۈك قاتناش قۇرالىم بولغان ئىشىكىمنى موسادىرە- دېيىشكىنىچە ئېلىپ كېتىشىۋاتقان...سەنمۇ يە شۇ شەيتاننىڭ پەتىۋالىرىنى توقۇپ، مېنىڭ پۇللۇرۇمغا قىلتاق قويۇۋاتقان بولاڭچىنىڭ بىرسىمۇ يا .ھازىرغۇ جاھان ئوڭشۇلۇپ، ئۆتكەن ھەر قانداق چاغدىن بەلەن بولاپ كېتىگلىك. لېكىنزە جەمىئەت بىر ئاز قالايمىقان شۇ. بالدۇر چالغان ئەبجەق دومباقلىرىمىز ئەندىلا يېرىلىپ،شۇر ئۆرلىگەن دوللرىمىز پىشكە كۈن كۆرەپ ،ئىشلىگىنىمزگە يارىشا مەنپەئەت ئالالايدىغان ئۇبدان كۈنلەرنىڭ شاپائىتىدىن،مەندەك نامىرات تۇل موماي ھەسەلگە نان تۈگۈرۈپ يېيەلمىسەممۇ، تەشكىلنىڭ غەمخۇرلىقى بىلەن ،ھەر ھالدا ناۋات چاي بولسىمۇ دەملەپ ئىچەلەيدىغان بولدۇميا ئىينا.سەنمۇ شۇ داقىيانىسنىڭ ۋاقتىدا يېرىلىپ كەتكەن ئەبجەق دۇمباقنى قايتا چالىدىغانلارنىڭ جارچىسىمۇ يا خېنىم؟! -ۋاي جېنىم ئانا،ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ-دەپ، ئاچچىقلىرىغا ھاي بەرسىلە.ئەزبىراھى خۇدا،مېنىڭ دەۋاتقا نلىرىم بەرھەق راست. -ۋۇي قىزچاق، سۆزىڭىزنى تىڭشاپ تۇرۇپ بەرسەم،مېنىڭ كۈكۈن نەۋرەمدەك تۇرۇپ، يالغاننى تۇقۇشقا ئويالمايۋاتىسىزغۇ،مېنى ياۋاش چاغلاپ قالدىڭىزمۇيا ؟قانداقسىگە شۇنچە پوزۇر كېيىنىپ ،يۈرۈش –تۇرۇشى رەتلىك، باي ئەرباپنى،،ساقتا پۇل تىجارىتى بىلەن شۇغۇللۇنغانغۇچى -دېسىڭىز ،مەن تۈگۈل چەۋرەممۇ ئىشەنمەس.قالايمىقان جۈيلۈپتىلىڭىز كۈيۈپ كەتمىسۇن يەنە.ھەر كۈنى پۇلنى جىق تېپىۋىرىپ ،سەمىرىگەن خورازنىڭ كۈتىدەك ، كۆزىڭىزگە ياغ تولۇپ ،مەندەك غېرىپ موماينى ئەخمەق قىلغىڭىزكېلىۋاتامدۇ يا سىزنىڭ. كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ، مەن بېرىپ،تېخى پېتىمۇ چۈشمىگەن ئۇ پۇلغا ئۇبدانراق زەن سېلىپ قايلاپ ، ئاندىن بىر نېمە دېمەمسىز.بولمىسا پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىزمۇ ياق دېمەيمەنيا .مەن :-پۇلىڭىز راستكەن دېگەن دۇكاندىن مېلىمنى ئېلىپلا ، ئۇدۇللاپ ئۆيۈمگە كېتىۋىرىمەن شۇ .سىزگە تۆت داچەن قەرزىم يوق مېنىڭ.ئەكېلىڭ پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بېرىڭ. -راست خان ئانا.ئۇ بايۋەتچىنىڭ سىلىگە بەرگەن بۇ 100يۈۋەنلىك پۇلى راستىنلا ساختا.ھازىر ئۇنىڭغا ئوخشاش ساختا پۇل بىلەن ئۇبىرۇت بازىرىنى قالايمىقان قىلىدىغانلار «كىيىم ئەسكىسى ئەمەس،ئادەم ئەسكىسى»دەپ ،كىيىمنىڭ نوچىسىنى كىيىپ، تەقىۋادار ،بايۋەتچى سىياقىغا كىرىۋىلىپ،ساقتا پۇل ئوبىرۇتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، كىشىلەرنى ئالدايدىغان قويمىچىلار كۆپۈيۈپ قالدى. سىلە ئۇ قويمىچىدىن پۇل ئالغاندا زەن قويۇپ تەكشۈرۈپ ئالماپلا شۇ.ئۇنداق جىددىلەشمىسىلە. -ۋاي قىزىم، كۈپۈ-كۈندۈزدىلابىراۋ پۇلۇڭ ساختىكەن –دەپ ،كۆزۈمگە تۇپا چېچىپ، بىر مۇنچە پۇلنى ئېلىۋالماقچى بولىۋاتسا جىددىلەشمەمتىم ئەمسە.سىزغۇ خىرىدارىمنىڭ ماڭا بەرگەن پۇلىنى ساختا پۇل دەپ رەتتىن چىقىرىۋەتتىڭىز.بۇنىڭغىمۇ ئەلەكمۇلىلىلا دەي ،ئۇ نىڭ ھەمىيىنىغا سېلىۋالغان شۇنچە كۆپ پۇلنىڭ ھەممىسى ساختا پۇلمۇ؟-بۇنىڭغا ئالدىراپ،بىر نېمە دېمەك تەس.بەلكىم شۇ كۆپ پۇلنىڭ ھەممىسىلا ساختا پۇل بولىشى مۇمكىن.ئانا ،بولسا سىلە ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئۇ بولاڭچىنى ئىزدەپ تاپسىلا .ئۇ ئانچە يىراققا كېتەلمىگەن بولىشى مۇمكىن.ئۇ ناكەس يەنە بايۋەتچى سىياقىغا كىرىۋىلىپ، ساختا پۇللىرىنى راست پۇلغا ئايرىۋاشلاپ، سىلىگە ئوخشاش ھالال سوداقىلىدىغان كىشىلەرنى زىيانغا ئۇچۇرۇتۇپ يۈرمىسۇن . بولاڭچى تۇتۇلسا بۇ ئىش ھەممىز ئۈچۈنمۇ بەلەن ئىش بولاتتى .ئۇ قويمىچىنىڭ سىلىنى ئالداپ ئېلىپ قاچقان پۇللىرى سىلىگە تولۇقى بىلەن قايتىدۇ- دېگەن گەپ. -ۋاي خېنىم بالام،باياتىننىڭ بىرىسى قىلغان سۆزلىرىڭىزىدىنغۇ گىپىڭىزنىڭ راستلىقىغا نۆزەمبىللا ئىشەندىم،خان قىزىم .مۇنداق بولسۇن دەيمەنيا.سىلە ئۇ قويمىچىنى ناھىيە بازىرىدىن يىراققا كېتىپ بولالمىدى دەيلا . ئادەملەر پىلە قۇرىتىدەك مېغىلدىىشىپ يۈرۈشىدىغان بۇ شەھەردىن بايۋەتچى سىياقىغا كىرىۋالغان چىل بۆرىنى قانداق ئىزدەپ تاپىمەنيا.باياتتىنىڭ بىرىسى سىزنىمۇ خاپا قىلىپ قويۇپتىمەن. ئاچچىق گەپلىرىمنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ.پۇلنىڭ بىر ئۇچى يۈرەكتە،بىر ئۇچى بېلەكتە دەپ،پۇل ئاچچىقىدا شۇنداق قىپ ساپتىمەن. ئاچچىق گەپلىرىمنى كۆڭلىڭىزگە ئالماي، مېنى كەچۈرۋىتىڭ.ئۇ نائەھلىنى قانداق قىلسام تاپاليايمەنيا؟ماڭا بىرەر ئۇبدان چارە كۆرسەتكەن بولسىڭىز، سىزدىن ئۇ دۇنيا ،بۇ دۇنيا رازى بولغان ئىدىم يا ئاينا. بۇنچە چوڭ بازاردىن قۇدۇقتىن يىڭنە ئىزدىگەندەك ھەرەج تارتىپ، ئۇ ئوغرىنى تېپىشقا نۆزەمبىللاھ كۆزۈم يەتمەگلىك. -بولىدۇ،سىلە چوڭ ئانام دېمەتلىك مەزلۇمكەنلا.مەن سىلىگە ھەمدەم بولۇپ، ئۇ بولاڭچىنى تېپىشلىرىغا چۇقۇم ھەمدەم بولاي.يامان ئادەملەرگە زەربە بېرىش ھەممىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرىچىمىز.ھازىر ئۇنىڭدەك ساختا پۇل ئەتكەسچىلىرى ناھىيە-شەھەرلەردىكى سودا ئورۇنلىرىغا كىرەلمەيدۇ چۇنكى شەھەردىكى تىجارەتچىلەرنىڭ ساختا پۇللارنى پەرقلەندۇرۈش ئېڭى ئۆسۈپ، پۇلنىڭ راست-يالغىنىنى بىر قاراپلا بىلىۋالغۇدەك دەرىجىگە يەتتى.ئەگەر كۆزى بىلەن پۇللارنىڭ راست ياكى ساختىلىقىنى پەرقلەندۈرەلمىسە،پۇل تەكشۈرىدىغان ئېلېكتىرۇنلۇق ئاپىراتىمىز بار.خىرىدارلار ئوبىرۇت قىلماقچى بولغان قىممىتى چوڭىراق پۇللارنى شۇ ئاپىراتتا تەكشۈرۈپ چىقساقلا ، پۇلنىڭ راست-يالغىنىنى دەرھاللا بىلىۋالالايمىز.شەھەرلەردەئۇنداق ساختا پۇل ئەتكەسچىلىرىگە زادىلا ئورۇن يوق-دېدى ۋە كىچىكرەك ساندۇقچە چوڭلۇقتىكى يېشىل رەڭلىك نۇر تاقىتىپ تۇرغان بۇيۇمنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ. - قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن ئۇبدان قىزىم.ئۇ ئادەملەر سودا-سېتىق قىلىدىغان شۇنچە كۆپ پۇلنى نەدىن تاپىدۇ؟ -نەدىن تاپىدۇ دەۋاتاملا ،نەدىن تاپماقچىدى ،دۆلەت ئىچىگە يۇشۇرىنىۋالغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى يامان غەرەزلىك كىشىلەر غەرب دۆلەتلىرىدىكى يامان ئادەملەر بىلەن مەخپى تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىلىمىزنىڭ يۈكسەك ئىناقلىق ئاساسىدا قۇرۇلغان پۇل-موئامىلە بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش غەرىزىدە، ئەلۋەتتە چەت ئەللەردىكى پۇل بېسىش ماشىنىلىرىدا دۆلىتىمىزدە ھازىر ئوبىرۇت قىلىنىۋاتقان خەلق پۇلىغا تەقلىد قىلىپ ،ساختا پۇللارنى ياساپ، دۆلىتىمىز چىگرىسىدىن خۇپىيانە ئېلىپ كىرىپ، ھېلىقىدەك بايۋەتچى سىياقىغا كىرىۋالغان يامان ئادەملەردىن پايدىلىنىپ، جەمىيەتكە تارقىتىدۇ-دە دېدى قىز ۋە دەرھال مومايغا ھېلىلا قايتۇرۇپ بەرگەن ھېلىقى ساختا پۇلنى موماينىڭ قولىدىن ئېلىپ، غەللىسىدىن راست پۇلدىن بىر ۋاراق ئالدى-دە، دۇكىنىغا مال سېتىۋىلىشقا كەلگەن تىجارەتچىلەرمۇ ئورتاق كۆرسۈن- دېگەن مەنادا ، پۇلنى بېشىدىن ئېگىز تۇتۇپ، پۇلنىڭ ئالدى ئارقىسىدىكى رەڭلەرنى كۈن نۇرىغا توغرىلاپ،ئۆچىرەت كۈتۈشۈپ تۇرغان تىجارەتچىلەرگە تەپسىلى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ۋە ئاخىرىدا پۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسىملەرنى تۇتۇپ تۇرۇپ: ئەگەر سىلەر پۇلنى كۆزىڭلار بىلەن كۆرۈپ ، راست-يالغىنىنى پەرق ئېتەلمىسەڭلار، مۇنۇ ئورۇننى قولۇڭلار بىلەن سيلاپ كۆرسەڭلارمۇ بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق پۇلنىڭ راست-يالغىنىنى پەرقلەندۈرەلەيسىلەر.يەنى راست پۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسىمنى سىيلىساڭلار رەسىمنىڭ سەل مۇدۇر-چۇقۇر ئىكەنلىكى سىزىلىدۇ لېكىن ،ساختا پۇلنى قول بىلەن سىيلىغاندا ئۇنداق ئالامەتلەرنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ، قېنى موما، سىلىمۇ بىر قېتىم سىناق قىلىپ باقسىلا . موماي ئەندىلىكتە بالدۇرقىدەك شەھەردە كۆرىۋالغىنى بويىچىلائىستىخيىلىك ھالدا پۇلنى ئاندا-مۇندا تەكشۈرۈپلا بولدى قىلمايدىغان ،پۇلنىڭ ئالدى-ئارقىسىغا تازا زەن سېلىپ،كۈن نۇرىغا تۇتۇپكۆرۈپ، پۇلنىڭ راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرەلىگىدەك بولغان ئىدى. موماي قولىدىكى پۇلنى پىركازچىكقا قايتۇرۇپ بەرگەچ: -ئەجەپ بى ناۋاتتەك گەپ قىلىدىڭىزيا قىزىم.سىزنىڭ گەپ-سۆزلىرىڭىزدىن بۇنىڭ ياقى ئاشتاق پۇللارغا بەكىراق قايلاپ باقسام بولغىدەكيا ئاينا ، قىزىم.ئەمدى ئۆز گىپىمىزگە كېلەيلى: سىز ھېلىقى بولاڭچىنى تۇتۇشۇپ بېرىشكە ۋەدە قىلىدىڭىزيا ئاينا.ئۇنى جەزمەن تۇتۇشۇپ بېرەمدىلايا ؟ -ۋاي بولمايچۇ چوڭ ئانا ،ئەلۋەتتە بولىدۇ.مەن ئۇ ئوغرىنى تۇتۇشۇپ بېرىشكە جەزمەن ياردەم قىلىمەن .سىلىدەك ئانام سۈپەتلىك كىشىگە ياردەم قىلمىسام قانداق بولىدۇ.سىلە قېرىغاندا بۇ ئىشنى قاملاشتۇرۇپ بولالمايلا-دېدى ۋە موماينىڭ قولىقىغا ئاللىقانداقتۇر بىر نېمىلەرنى شىۋىرلىغاندىن كېيىن: -موما،ئىش ئەمسە مەن دېگەندەك بولسۇن ھە .سىلە بۇ ئىشتىن خاتىرجەم بولۇپ،سودىلىرىنى قىلىۋەر سىلە.قالدى مۈشكۈلچىلىكلىرىنى خۇدەۋەندى كېرىم ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.«سەۋرىنىڭ تېگى ئالتۇن»-دېگەن گەپ بارغۇ.ئوغرى تۇتۇلسا ،بىزدەك،سىلىدەك ھالال سودا بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ئەجىرىنىڭ نېمىتىنى چېقىۋاتقانلار ئۈچۈنمۇ بىرئامەت دېسىلە .مەن دېگەن ئىشلارنى چۇقۇم بىر نۆۋەت قىلىپ كۆرسىلە-دېدى قىزچاق موماينى ئۇزاتقاچ. * * * سارىخان موماي قىزنىڭ ئېيتقىنى بۇيىچە ،دۇكىنىغا ئاممىۋىي تېلېفۇن ئورناتقۇزدى.ئەمدىلىكتە قىزنىڭ دانا مەسىلىھەتلىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچكەن موماينىڭ كۆڭلى خاتىرجەم ،كۈنلىرى خۇشال-خۇرام ئۆتۈۋاتاتتى. * * * قىزنىڭ ئېيتقانلىرى راستىنلا كەلدى.يۇندىغا ئۈگەنگەن ئىت يالاق پۇرىماي قالمايتى.موماي ئۆيىدە پېشىننى ئوقۇپ بولۇپ ، تەسۋى سىرىپ ئولتۇراتتى .بىراۋنىڭ دەرۋازىنى ئۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ ، ئەپسىز ۋاقىتتا ئىشكىنى چىكىپ، نامىزىمنى بوزغان كىمدۇ بۇ –دېگەنلەرنى ئويلاپ، دەرۋازا ئالدىغا چىقتى-دە،دەرۋازا ئالدىدا ھېلىقى نا ئىنساپ ئەبلەخنى كۆردى .موماي شۇ تاپتا بۇ ئادەم سىياقىغا كىرىۋالغان چىل بۆرىنى چايناپ پۈركىۋەتسىمۇ غەزىپى بېسىلمايتى. موماي ھېلىقى توپ مال سېتىش ئورنىدىكى قىزنىڭ ئۈگەتكەنلىرى بۇيىچە ، بۇ چۇپقىتىنى قىزغىن موئامىللىرى بىلەن ئۆيىگە باشلىدى. موماي چۇپقىتىگە چاي قويغاچ ، ئۇنىڭ بۇ ياقلارغا پاختا تىجارىتى بىلەن كەلگەنلىكىنى، موماينىڭ ئۆيى ئۆتەر يولىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، يولدىن ئۆتكەچ ئۇنى يوقلاپ ئۆتۈشنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكىدەك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن موماي مېھماننى ھە دەپ چاي ئېچىشكە تەكلىپ قىلغاچ: -ئۇبدان ئويلاپلا بالام .سىلە ھېرىپ كەلگەندە چاي ئىچكەچ ئارام ئېلىپ تۇرسىلا.مەن ئىۋۇ بىرەر يۈز موچە كېۋەز تېرىغان ھەقەم سايەمگە تېلېفۇن ئۇرىۋىتەي.ئۇ بىرەر ھەپتىنىڭ ئالدىدا مېنى يوقلىغاچ كېلىپ،بىر مۇنچە پاختىنى سېتىشقا تەييارلاپ قويغانلىقىنى، بىراق ھازىر پاختا شىركەتلىرىنىڭ باھاسىنى سەل تۈۋەن كۆرۈپ، باھا ئۆسۈشنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى،باھا ئۆسسىلا دەرھال قولدىن چىقىرىۋىتىدىغانلىقىدەك بىر گەپلەرنى قىلغان. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ باقاي.ئەگەر باھاسى پىسەنتلىرىگە يېقىپ قالسا ،بۇ سەھراھى قىيامەتتە پاختا ئالىمەن –دەپ چېپىپ يۈرۈپ، ئارتۇق جاپا تارتمىسىلا. «بىر كۆرۈشكەن تونۇش، ئىككى كۆرۈشكەن تۇغقان»دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟ مانا كۆرەپ تۇرۇپتىلا. ھازىر سىلى بىلەنمۇ خۇددى يېقىن تۇغقانلاردەك بولاپ قالدۇق ئەمەسمۇ .سىلە مېھماننى يالغۇز تاشلىۋەتتى –دەپ ئويلاپ قالماي ،چاي ئىچكەچ ئولتۇراپ تۇرسىلا-دېدى موماي ئىچكەركى ئۆيىگە تېلېفۇن ئۇرۇش ئۈچۈن ماڭغاچ. شۇ تاپتا موماينىڭ بۇ چۇپقىتى ئوغرى مۈشۈكتەك ئۆينىڭ تۆت تەرىپىگە قاراپ،قانداقتۇر بىر ئىشلاردىن شۈبىھلەنگەندەك قىلاتتى.ئۇ قولىقىنى دىڭ تۇتۇپ موماينىڭ : -ھە تىچ تۇردۇڭمۇ ئوغلۇم، باھانىڭ ئۆسۈشىنى ساقلاپ تۇرىۋاتىمەن دەۋاتاتتىڭ.بىزنىڭ ئۆيگە قوشنا ناھيىدىن پاختا تىجارىتى قىلىدىغان بىر تۇغقىنىم كەلگەنتىيا . شۇڭا سودىگەر تۇغقىنىمغا كۆرسۈتۈش ئۈچۈن،پاختاڭدىن پىشكە ئېلىپ كەلسەڭ بولاپتىكەن. باھادا قاملىشىپ قالساڭ ،پاختاڭنى شۇ كىشىگىلا سېتىپ بېرەمدىكىن –دەپ ئويلىۋىدىم. بولىدۇ دېدىڭما ؟ئۇنداق بولسا ئارقىسىدىن ئىس چىقىپ ماڭىدىغان ھېلىقى شەيتانچاققا مېنىپلا ھايالشىماي كەلسەڭ. سېنى ئۆيدىلا ساقلاپ تۇرايلى. بولىدۇ ئەمسە.شۇنداق بولسۇن، خۇش –دېدى ۋە قايتىپ چىقىپ،ئوقەتچى يىگىتكە: -ھەر نە بولسا يوللىرى قىسقاراپ،ئىشلىرىمۇ تىز بىجىرىلىدىغان بولدى . ھەقەم سايىمىز پاختىنى مۇشۇ يەرگىلا ئېلىپ كېلىدىغان بولدى –دېدى. * * * يېزىلىق ساقچىخانىدىن كەلگەن خەلق ساقچىسى سىرىتتىن ئېتىلىپ كىرىپلا ،چاشقاننى باسماقدىغان مۈشۈكتەك چاققانلىق بىلەن،«شەپقەتچى»نىڭ قولىغا كويزا سالدى. «شەپقەتچى» مۈشۈكنىڭ پەنجىسىدىكى چاشقاندەك تىپىرلاپ قالىغانىدى. قولىدىكى كويزا ئوكسىدلانغان قوغۇشۇندەك يېقىمسىز يالتىرايتى... ... بۈگۈر ناھيە باغۋەنچىلىك مەيدان باشلانغۇچ مەكتىبىدىن: تۇردى ئىسرائىل 2011-يىل 12-يانىۋار .بۈگۈر |