ئادەمسىمان مايمۇن
(ئىملىي فانتازىيلىك ھىكايە)
ئۆمەر مەھمۇد
بۇندىن نەچچە ئون مىليۇن يىللار ئىلگىرى ئافرىقنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تىروپىك بەلۋاغ ئورمىنىنىڭ مەلۇم بىر رايۇنىدا بىر توپ ئادەمسىمان مايمۇنلار ياشايدىكەن.ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەركە دەيدىغان بىرى بۇلۇپ،ئۇ كۆپ ھاللاردا دەرەخ شېخىغا ئېسلىپ يۈرۈشتىن،ئورمان ئەتىراپىدىكى جايلارنى سەيلە قىلىشنى ياقتۇرىدىكەن.
بۈگۈن سەھەردىلا ئەركە يەنە يېڭى سەيلىسنى باشلاش ئۈچۈن ئاستا پەسكە چۈشۈپ مېڭىشقا تەمشەلدى.
-ئەركە بۈگۈن ھاۋا ئەجەپ ياخشى-ھە!بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ يۈرىكى گۈپۈلدەپ سۇقۇۋاتاتتى،چۈنكى بۇ ئەركە ئۇزۇندىن بىرى كۈزۈتۈپ كېلىۋاتقان شەھلانىڭ ئاۋازى ئىدى.
-ھە...
-يەنە سىرىتقا ماڭغان ئوخشىمامسەن؟
ئەركىنىڭ ھۇجۇدىنى ئىللىق بىرخىل تۇيغۇ ئىگەللىدى.ئۇ خوجا مايمۇننىڭ بۇ ئەتىۋارلىق قىزىنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتى-يۇ،بىراق ئۇنىڭغا گەپ قىلىشقا پېتىنالمايتتى.ئۇ خوجا مايمۇننىڭ خاپلىقىدىن قورقۇپمۇ ياكى بۇ ھۆر پەرىنىڭ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپلا قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپمۇ،ئىشقلىپ ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا شۇنچلىك ئېغىرلىقنى بىلەلمەيتتى. ئىككىنچى قېتىم يەنە ھەئە دەپ تاشلىغان ئەركە،ئەمدى ئۆزىنى ئەيىپلەشكە باشلىدى.ئەگەر ئۇ ياق دېگەن تەقدىردە بەلكىم بۇ مايمۇن پەرى بىلەن بىردەم بولسىمۇ پاراڭلىشىش پۇرستىگە ئىگە بولغان بولاتتى،ئەركەك بۇلۇش سۈپتى بىلەن گېپىدىن يېنىۋىلىشقا بولمايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ توپتىكى مايمۇنلار گېپىدىن يېنىۋالغان ھەرقانداق بىرىنى يالغانچى ساناپ ئۇنىڭغا ئۆچ كېتىشى ھەتتا ئۇنى ئۆلتۈرۋېتىشىمۇ مۇمكىن ئىدى؟
-سەن سىرىتقا بەك ئامراق-ھە!مەنمۇ سىرىتقا چىقىپ سەيلە قىلىشنى شۇنداق ئارزۇ قىلمەن،بىراق دادام مېنىڭ سىرىتقا چىقىشىمغا يول قويمايدۇ.سەن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن سىرىتتا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىڭنى ماڭا دەپ بەرگىن بولامدۇ؟
ئەركە بېشىنى ئاستا لىڭىشتىپ،ئېغىر قەدەملىرى بىلەن يولىنى داۋام ئەتتى.ئۇ دائىم بۇ قىز بىلەن ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا مۇڭدىشىشنى،قىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ-غارايىپ ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بىرشنى ئويلايتتى،مانا بۈگۈن ئۇنىڭ شىرىن خىيالى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى.ھازىر ئۇ ئەتىراپتىكى ھەربىر نەرسىگە شۇنداق ئىنچىكلىك بىلەن قاراپ كېتىۋاتىدۇ.
ئېگىز-ئېگىز دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى ئارىسىدىن كۆزنى چاقنىتىپ پارقىراۋاتقان قۇياش نۇرى،بۇرنىغا ئىللىق ئۇرۇلىۋاتقان نەمخۇش ھاۋا،ئۇ شاقتىن بۇ شاققا سەكىرىشىپ يۈرگەن توپ-توپ مايمۇنلار،ئۇنىڭغا ھىچ بىر يېڭلىق ئەمەس،بىراق ئۇ يەنىلا ھەربىر شەيئىگە ئەنە شۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن نەزەر ئاغدۇرىشى كېرەك.
-قاراڭلار ئەركە ئەجەپ خوشالغۇ؟
-ئۇ ئەزەلدىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ماڭاتتى،بۈگۈن نىمە كارامەت بۇلۇپ كەتتى؟
ماكان،زامان،ئامان قاتارلىق بىر قانچە مايمۇن ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرى بىلەن قاراپ تۇراتتى،ئەركە ئۇلارغا پەرۋا قىلماي يۇلىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى،ئۇ ئورماندىن بالدۇرىراق چىقىپ،تۈنۈگۈن كەچ بۇلۇپ كەتكەچكە بارالمىغان ھېلقى جايغا تىزىراق بېرىشنى ئويلىدى. ئۇ جايدا كىچىك بىر ئۆڭكۈر باردەك قىلغان،شۇ ئۆڭكۈردە ئۇنىڭغا يېڭى نەرسىلەر ئۇچىراپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
قۇياش شەرىققە قىيسايغاندا،ئۇ تۈنۈگۈنكى ئۆڭكۈر بار يەرگە يېتىپ كەلدى. ئۆڭكۈر ئىچىدىن غەلتە بىرخىل نۇر چاقناپ تۇراتتى.ئەركە باشتا ئۇ جايغا كىرىپ بېقىشتىن سەل خاۋاتىرلەندى،شەھلانىڭ سۆزى بىردىنلا خىيالىغا كېچىپ ئالدىغا قاراپ دادىل قەدەم ئالدى.
بۇ ئاجايىپ سىرلىق بىر جاي بۇلۇپ،قۇياش تېخى غەرىپتە ئىدى.ئۇنىڭ نەپىسىگە ئۇرۇلغان ھاۋامۇ گالنى قىچىشتۇرۇپ،بىئارام قىلۋاتاتتى.كۆز ئالدىدا ئانچە ئېگىز بولمىغان دەرەخلەر بار شالاڭ بىر ئورمان تۇراتتى.ئۇ بۇ مەنزىرىگە ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپ تۇرۇپ، بىرىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكنى سەزمىگەنتى.
-ھەي،سەن كىم؟
ئەركە چۆچۈپ كەتتى.يوغان بەتبەشىرە بىرى ئۇنىڭغا قاراپ سۆزلەۋاتاتتى.
-سېنىڭ ئەپتىڭ غەلىتىغۇ،سەن زادى كىم ،قەيەردىن كەلدىڭ؟
ئەركە ئۇنىڭ يوغان بەستىنى كۆرۈپلا خوجا مايمۇننى ئېسىگە ئالدى،بىراق ئۇنىڭ تۈكلىرى،قىسقا بوينى ۋە بەدىنىدىكى بىر قىسم ئالامەتلەر خوجا مايمۇندىن خېلىلا پەرىقلىق ئىدى.
-مە...مەن...ئەركە.
-ئەركە،مۇشۇنداقمۇ ئىسىم بولامدۇ؟سەن زادى بۇيەردە نىمە قىلسەن؟
-مەن ئاۋۇ ئارقا تەرەپتىكى ئورمانلىقتىن كەلدىم...پەقەت مۇنداقلا ئايلىنىپ چىقاي دېگەن.
-ئارقا تەرەپتە ئورمان يوق،ئەبلەخ.تولا مېنى كولدۇرلاتما.سەن قايسى جايدىن كەلدىڭ دەۋاتىمەن؟بۇ قېتىم ئۇ بەتبەشىرىنىڭ ئەلپازى يامان ئىدى،ئەركە ئەمدى نىمە دىيشنى بىلەلمىدى ،قارىغاندا بۇ باشقا بىر جايدەكلا قىلاتتى.
-بۇ ئافرىقا ئەمەسمۇ؟
-ياق،بۇ ھىندىنوزىيە.سەن ئافرىقنىڭ تىروپىك بەلۋاغ ئورمىنىدىن كەلدىم دېمەيدىغانسەن؟
-شۇنداق،مەن دەل شۇيەردىن...
ئۇ يوغان مەخلۇق ئەركىنى بىر چۆرگىلەپ چىقىپ،بېشىدىن ئايىغىغىچە سىنچىلاپ قارىدى.
-توۋا بۇ مۇمكىنمۇ؟ئافرىقنىڭ تىروپىك بەلۋاغ ئورمىندا بۇندىن تەخمىنەن 12مىلىيۇن يىل ئىلگىرى قەدىمكى ئورمان ئادەمسىمان مايمۇنى ياشىغان،ئەجىبا گىئولوگىيلىك تەكشۈرۈش نەتىجلىرىدە مەسىلە بارمىدۇ؟
ئەركە ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمىدى،ئەمما قىزىقىۋاتاتتى.
-ماڭا تەپسىلى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز،12مىلىيۇن يىل،گىئولوگىيلىك تەكشۈرۈش دېگەنلەر نىمە؟ئۇ ئەركىگە ئۇزاق بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن،سۆزىنى باشلىدى.
-بىر قىسم ئالىملار تاش قاتىملارغا بەلگە سېلىپ تەكشۈرۈش ئارقلىق،بۇندىن تەخمىنەن 12مىلىيۇن يىل ئىلگىرى ئاسىيا،ياۋرۇپا ئافرىقا رايۇنلىرىدا ئادەمسمان مايمۇنلارنىڭ ياىشغانلىقنى جەزىم قىلغان.بۇ پاكىت بىلەن ئادەم ۋە ھازىرقى زامان ئادەمسىمان مايمۇنلىرىنىڭ ئورتاق ئەجدادى قەدىمكى ئورمان ئادەمسىمان مايمۇنى دېگەن يەكۈننى كەلتۈرۈپ چىقارغان.12مىلىيۇن يىل مابەينىدە سىلەر(قەدىمكى ئورمان ئادەمسىمان مايمۇنى)،يەر پوستىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئورماندىن ئايرىدىڭلار،ئورمانلار ھەرخىل جىلغىلارغا ۋە سازالىقلارغا ئايلىنىپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن بىر قىسملار يەنە باشقا ئورمانلىقلارغا بېرىپ ماكان تۇتتى،يەنە بىر قىسملار بولسا يەر يۈزىدە ياشاشقا مەجبۇر بۇلۇپ،تۆت پۇتلاپ مېڭىشتىن ئۆرە تۇرۇپ(ئىككى پۇتلاپ) مېڭىشقا ئۆتتى،ئۇلار قىينچلىق ۋە ھەرخىل خىرىس ئىچىدە ياشىغان بولغاچقا،ئەقلىي ئىقتىدارى بارا-بارا تەرەققىي قىلىپ،ئادەملەر بارلىققا كەلدى.
-ئۇنداقتا سىز ئادەممۇ؟
-ياق مەن گورىن(ھازىرقى زامان ئادەمسىمان مايمۇنى)،ئادەملەر بىزگە ئوخشىمايدۇ،ئۇلار ھازىر بىز ياشاۋاتقان بۇ تەبىئەتنىڭ خوجايىنلىرى.مەن ئەينى ۋاقىتتا ئورمانلىقتا ماكان تۇتقان ئادەمسىمان مايمۇننىڭ ئەۋلادى.
-سىزمۇ ئادەمگە ئۆزگىرەلەمسىز؟
-ياق،ھازىر ئۇنداق شارائىت يوق،شارائىت بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزگەرمەيمەن،ئادەملەر بەك قەبىھ،ئاچكۆز ئۇلار شۇنچە كەڭ زىمىغا ئىگە تۇرۇپ يەنە بىزنىڭ ئورمانلىرىمىزغا كۆز تىكىپ ئۇنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ،بۇنى ئاز دەپ يەنە بىرقىسم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مېڭسنى ئېسل غىزالار قاتارىغا كىرگۈزۈپ مەززە قىلىپ يەۋاتىدۇ...بۇندىن باشقا ئىنسانلارنىڭ يەر شارىغا كەلتۈرگەن زىيىنىمۇ ھەددى ھېسابسىز.
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئەركىنى ھەقىقەتەن سۈر باستى.يەنە نۇرغۇن مەسىللەرنى سورىغسى بار ئىدى.بىراق ئالدى تەرەپتىن غەلىتىلا بىر ئاۋاز كەلدى،ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق ئاۋازنى ئاڭلاپ باقىمىغان ئىدى.
- تىز قاچ!ئىنسانلارنىڭ ماشىنىسى كېلىۋاتىدۇ،ئەگەر ئۇلار كۆرۈپ قالسا ئىش چاتاق.گورىن شۇنداق دەپلا ئورمانلىق تەرەپكە يۈگۈردى.
ئەركە ماشىنىنىڭ نىملىكنى بىلەلمىدى،بەلكىم ئۇ غەلتە ئاۋاز ماشىنا بولسا كېرەك دەپمۇ ئويلىدى.ئۇ شۇنداق تىز يۈگىرەپ كېتىۋاتىدۇ،ئادەم،ماشىنا دېگەن ئۇقۇملار ئۇنىڭغا يەنىلا بىر سىر، پەقەت ئاشۇلارنىڭ ئۇنى تۇتۇپ مېڭىسنى يەيدىغانلىقىلا ئايان ئىدى.ھىچنىمىگە قارىماي ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان قەدەملەر بىردىنلا توختاپ قالدى.
ئەتراپقا تەشۋىش بىلەن قارىغان ئەركە ئېگىز-ئېگىز دەرەخلەر بار ئورمانلا كۆردى ،ئارقىدا چەكسىز كەتكەن تۇنۇش يوللار قىزىل رەڭدە سۇزۇلۇپ ياتتى.ئۇ ئەمدى ئۆزى ھەم قېرىنداشلىرىنىڭ مېڭىسىدىن ھازىرىچە ئەنسىرمىسمۇ بولىدىغانلىقنى جەزىملەشتۈردى.
شۇندىمۇ بۇ ئەھۋاللارنى باشقىلارغا ئەينەن مەلۇم قىلىش كېرەك،چۈنكى ئۇلار كەلگۈسىدە ئادەمگە ئايلىنىپ كېتىپ قالسا بالايى ئاپەت يۈز بېرىدۇ.
ئورماننىڭ ئىچكىرىسگە قاراپ يۈگىرەپ كېتىۋاتقان بۇرادىرىنى كۆرگەن زامان، ماكان، ئامانلار بۇ قېتىم تېخىمۇ ھەيران قالدى.ئۇلار ئادەتتە ئەركىنىڭ قىيالماسلىق نەزىرى بىلەن ئارقىغا قاراپ-قاراپ كېتىۋاتقانلىقنى كۆرەتتى.
ھەيرانلىقنى بېسىقتۇرۇشنى ئويلىغان بۇ ئۈچ مايمۇن،شاختىن-شاخقا سەكرەپ ئەركىگە ئەگەشتى.ئەركە شەھلانىڭ يېنىغا كەلگەندىلا ئاندىن توختىدى.ئۇ ئۈچەيلەن ئەركىنى چۆچۈتۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىدىكى چوڭ بىر تۈپ دەرەخنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇندى.
-شەھلا مەن ئاجايىپ ئىشلارنى كۆردۈم.ئەركە بايا گورىندىن ئاڭلىغانلىرىنى بىرمۇ بىر سۆزلەۋاتاتتى.
-12مىلىيۇن يىلدىن كىيىن بىزنىڭ بۇ جاي سازلىققا ئۆزگىرىپ قالامدىكەن؟دەرەخ كەينىگە يۇشۇرۇنغان ئۈچ ھەيلەن تەڭلا ۋارقىرىدى.ئۇلار ئەركىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ گاھ ھەيران بولسا،گاھ ئىشەنمەسلىك نەزىرى بىلەن قارايتتى.
ئەركە دائىم خوجا مايمۇننى كۆرسىلا قېچىپ كېتەتتى،ھازىر ھىچنىمىگە پەرۋا قىلماي سۆزىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى.
-جۆيلىمە،ئادەم دېگەن نىمىۇ؟ماشىنا دېگەن نېمىۇ؟تېخى بىزنىڭ مېڭىمىزنى يەمدىكەن
.سېنىڭ ھامان يالغانلچىلىق قالدىغانلىقڭنى بىلەتتىم ،مانا ئاخىر شۇنداق بولدى.
خوجا مايمۇن خىرىس قىلىپ،ئۇنى قوغلاۋاتاتتى.ئەركە يەنىلا بار ئاۋازى بىلەن شەھلاغا قاراپ:
-ياق شەھلا بىز ئادەمگە ئۆزگەرسەك بولمايدۇ،ئۇلار بەك قەبىھ ئۇلار ھەممە نەرسىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.ئۇلار يەنە ماشنا بىلەن كېلىپ...دەپ ۋارقىراۋاتاتتى.
ئورماندا كۆتىرىلگەن بۇ قىيا-چىيا خوجا مايمۇننىڭ دەھشەتلىك ھالدا ئەركىگە ئېتىلىپ،ئۇنىڭ بارلىق ئۈنىنى ئۆچۈرگەنگە قەدەر داۋاملاشتى.
ئاسمان بارغانسىرى كېچىكلەپ كېتىۋاتاتتى.يۇپۇرماقلار دەرەخلەر بارا-بارا كۆزىدىن يۈتۈپ ھەممە جاي تىپتىنىچ بۇلۇپ قالدى.
قاراڭغۇلۇق بۇ قەدىمى ئورماندا بىرىنىڭ ‹‹ مەڭگۈ ئادەمگە ئايلانمايمەن›› دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىمىغاندەك قىلاتتى...
ئادېرىس: شايار ناھىيە يېڭى مەھەللە بازىرى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ
پوچتا نۇمۇرى: 842206
تېلېفۇن:13565159510
|