دۇنيانىڭ بارلىق گۈزەللىكىنﯽ يىغىپ ھويلىمىزغا تۆكۈۋاتقاندەك تېخىمۇ نۇرلىنىپ كەتكەنتﯽ. ئەتراپتىن گۈللەرنىڭ خۇش ھىدﯼ تارايتتﯽ. __ ئەتىگەندىن بېرﯼ گۈللەرگە سۇ قۇيۇشنﯽ ئۇنتۇپتۇق، __ دېدىم بىر ئىش ئېسىمگە كەلگەندەك. تېخىچىلا ماڭا مەستخۇشلۇق ئىلكىدە كۆزىنﯽ ئۈزمەي قاراپ تۇرغان گۈلخۇمار: __ بۈگۈندىن باشلاپ گۈللەرنﯽ ئۆزۈم سۇغىرىمەن. سىز ئىشىڭىزغا تەييارلىق قىلىڭ، __ دېدﯼ. __ سىزمۇ ئىشقا بارىسىزغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ھازىردىن باشلاپ ئېغىر نەرسىلەرنﯽ كۆتۈرسىڭىز بولمايدۇ. __ ئەمىسە، سۇنﯽ سىز ئەپكىلىڭ، گۈلنﯽ مەن سۇغىراي. مەن سۇنﯽ ئەپكەلدىم. ئۇ تۇنجﯽ قېتىملىق سۇغىرىشنﯽ رەيھانگۈلىدىن باشلىدﯼ. »بەخت ساڭا يۈزلەنمىسە سەن بەختكە يۈزلەن. شۇندىلا ھايات يەنە ساڭا كۈلۈپ باقىدۇ.« گۈلخۇمار بۇ سۆزنﯽ ئۆز - ئۆزىگە ئەمەس، ماڭا دېگەندەكلا قىلاتتﯽ. ھەر قېتىم گۈلخۇمارنىڭ چەكسىز بەخت كۈلكىسﯽ يېغىپ تۇرغان نۇرانە چېھرىگە نەزەر سالغىنىمدا كۆزۈمنﯽ ئۈزەلمەي قالاتتىم. تۇرۇپلا ئۆتمۈشۈم قايتىپ كەلگەندەك، گۈلخۇمار رەيھانغا ياكﯽ رەيھان گۈلخۇمارغا ئۆزگىرىپ قالغاندەك غەلىتە خىياللارغا ئەسىر بولاتتىم. ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈنۈم ئارىلىقىدا تېڭىرقايتتىم. ئىلگىرﯼ رەيھان بىلەن گۈلخۇمار ئوتتۇرىسىدىكﯽ ئوخشاشلىقنﯽ تاپالماي ئىچىم سىقىلاتتﯽ. ئەمدىكﯽ بۇ خىل ئوخشاشلىقتىن تۇرۇپ خۇش بولسام، يەنە تۇرۇپ ئەنسىرەيتتىم. بىر قېتىم يىلان چېقىۋالغان ئادەم كۆزىگە يىراقتىن كۆرۈنگەن ئارغامچىمۇ يىلاندەك كۆرۈنىدۇ، دېگەندەك ھەر كۈنﯽ ئەتىگەن، كەچلەردە گۈلخۇمارنﯽ ئىشقا ئۆزۈم ئاپىرىپ ئەكىلەتتىم. ھەرگىز سىرتلارغا يالغۇز چىقىشقا يول قويمايتتىم. __ مەن كىچىك بالا ئەمەس، __ ئۇ بەزىدە شۇنداق دەپ جېدەل قىلغانمۇ بولاتتﯽ. لېكىن بۇ قىلغانلىرىمدىن كۆڭلىدە ئالەمچە خۇش بولۇۋاتقانلىقىنﯽ سېزىپ تۇراتتىم. __ مېنىڭ سىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالغۇم يوق، __ دېگەن سۆزنﯽ ئاغزىمدىن چىقارمىساممۇ، ئۇ ھامان ئۆز سەزگۈسﯽ بىلەن كۆڭلۈمدىكىنﯽ ئاسانلا بىلىۋالاتتﯽ. بىر كۈنﯽ گۈلخۇمار مەندىن تۇيۇقسىزلا سوراپ قالدﯼ: __ رۇستەم، سىز بالىمىزنﯽ ئوغۇل بولسۇن دەمسىز ياكﯽ قىزمۇ؟ __ ماڭا بەرىبىر، ئوغۇل ياكﯽ قىز بولسۇن ئوخشاشلا ياخشﯽ كۆرىمەن. ئۇنىڭ كۆزلىرﯼ خۇشاللىقتىن نۇرلىنىپ كەتتﯽ. ناۋات رەڭ يۈزﯼ ئالمىدەك قىزىرىپ، غۇنچىدەك لەۋلىرﯼ بەخت كۈلكىسىدىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان گۈلدەك يۇمۇلماي قالغانتﯽ. __ ئاخىرقﯽ سۆزىڭىزنﯽ يەنە بىر دەڭە. __ قايسﯽ سۆزنﯽ دەيسىز. __ ئەڭ ئاخىرقىسىنﯽ »ياخشﯽ كۆرىمەن«، دېگىنىڭىزنﯽ. نېمە ئۈچۈندۇر تىلىم كالۋالاشتﯽ. __ مەن - مەن شۇ بالىمىزنﯽ... دېمەكچﯽ بولغىنىم. __ ئۇھ، بولدﯼ سۆزلىمەڭ، __ دېدﯼ ئۇ، ھەسرەتلىك تىنىپ، __ قاچانمۇ ماڭا شۇ سۆزنﯽ دەرسىز. ئۇنىڭ ئاۋازﯼ تولىمۇ مەيۈس ئىدﯼ. باياتىنقﯽ تەبەسسۇم ئويناپ تۇرغان ئەپتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانتﯽ. چىرايىدىن چەكسىز مۇڭ ھەسرەت تۆكۈلۈپ تۇراتتﯽ. لېكىن بۇ ئۇزاق داۋاملاشمىدﯼ، چىرايﯽ تېزلا ئەسلىگە كەلدﯼ. __ سىزدىن بىر ئۆتۈنۈشۈم بار جېنىم. ئۇنىڭ مېنﯽ تۇنجﯽ قېتىم جېنىم دەپ ئاتىشﯽ ئىدﯼ. يۈرىكىم شۇررىدە ئېرىگەندەك بولدﯼ. __ قانداقلا تەلىپىڭىز بولسا ئېيتىۋېرىڭ. قولۇمدىن كەلسىلا ئورۇندايمەن. __ ئەگەر بالىمىز ئوغۇل بولسا ئىسمىنﯽ ئۆزىڭىز، قىز بولسا مەن تاللىسام دەيمەن. __ ئەلۋەتتە، ئەلۋەتتە بولىدۇ، __ دېدىم ھېچقانچە ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا. ئۇنىڭ كۆزلىرﯼ يەنە باشقىدىن نۇرلىنىپ كەتتﯽ. __ يەنە بىر ئۆتۈنۈشۈممۇ بار. __ قېنﯽ ئېيتىڭ. __ مەن ساق سالامەت يەڭگىپ چىققان ئاشۇ كۈنﯽ ماڭا بىر دەستە گۈل سوۋغا قىلىشنﯽ ئۇنتۇپ قالماڭ. __ بۇنﯽ قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي. __ بىراق قايسﯽ گۈلنﯽ سوۋغا قىلىشنﯽ بىلەمسىز. __ ئەلۋەتتە سىز ياخشﯽ كۆرىدىغان گۈللەر ئىچىدىن بولىدۇ - دە. __ مەن قايسﯽ گۈلنﯽ ياخشﯽ كۆرىمەن جېنىم. ھەر قانچە ئويلاپمۇ ئۇنىڭ قايسﯽ گۈلنﯽ ياخشﯽ كۆرىدىغانلىقىنﯽ ئويلاپ يېتەلمەي تىلىم تۇتۇلدﯼ. __ ئۆز قولىڭىز بىلەن ئۆستۈرگەن رەيھان گۈلىنﯽ سوۋغا قىلىڭ. __ بىراق سىز... __ نېمىشقىكىن گېپىمنىڭ ئاخىرﯼ بوغۇزۇمدىلا قالدﯼ. __ ھەيران قېلىۋاتىسىز ھە، بىلسىڭىز مەن ئاشۇ گۈلنﯽ ھەممىدىن بەك ياخشﯽ كۆرىمەن. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ساختىلىق ياكﯽ كىنايىدەك ئالامەت كۆرۈنمەيتتﯽ. سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىشىمنىڭمۇ ئورنﯽ يوقتﯽ. __ بىلمىدىم قانداق بولۇپ سىز ئۇ گۈلنﯽ... __ ھەيرانلىقىمنﯽ يوشۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئوچۇقلا سورىدىم. ئەگەر بالىمىز قىز بولسا رەيھانغا ئوخشاش ھەقىقىي سۆيۈشكە ئەرزىگۈدەك قىز بولسىكەن، ئوغۇل بولسا سىزگە ئوخشاش... خىيالىم دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۈزۈلۈپ قالدﯼ. يىراقتىن كىملەرنىڭدۇر بىر نېمىلەرنﯽ دېيىشىپ دوختۇر ئىشخانىسﯽ تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان ئاياغ تىۋىشىدىن ئۆزۈمنﯽ ئوڭشىۋېلىشقا ئاران ئۈلگۈردۈم. ئامال بار ئۆزۈمنﯽ تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىپ، ئۇلارنىڭ كېلىشىنﯽ كۈتۈپ تۇردۇم. ھايال ئۆتمەي دوختۇر ئايال ئىشخ_انىسىغا بىر قانچە سېستىرا بىلەن كىرىپ كەلدﯼ. |