رەيھان (ھېكايە)(4)

يوللانغان ۋاقتى:08-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-10-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
تېلېفون تۇيۇقسىزلا ئۈزۈلۈپ قالدﯼ. ئۆزۈمنﯽ دوختۇرخانا تەرەپكە قاراپ ئاتتىم. 4
تېلېفون تۇيۇقسىزلا ئۈزۈلۈپ قالدﯼ. ئۆزۈمنﯽ دوختۇرخانا تەرەپكە قاراپ ئاتتىم.
4
گۈلخۇمار بىلەن توي قىلغىلﯽ بىر يىلدىن ئاشتﯽ. گەرچە رەيھاندىن ئايرىلغىنىمغا بىر قانچە يىل بولغان بولسىمۇ، ۋاقىت مەن ئۈچۈن ئەھمىيىتىنﯽ يوقاتقاندەك، دۇنيانىڭ گۈزەللىكﯽ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۈگىگەندەك ھېچقانداق نەرسە مەيلىمنﯽ تارتالمايتتﯽ. كۈندە دېگۈدەك قاياقتىندۇر ئاڭلانغان كاككۇك ئاۋازىدىن ئۇنىڭ ئۈنىنﯽ ئاڭلىغاندەك، يۈزلىرىمنﯽ سۆيۈپ ئۆتكەن مەيىن سابادىن ھىدلىرىنﯽ پۇرىغاندەك، باغلاردە ھۈپپىدە ئېچىلىپ قان رەڭ تۈسكە كىرگەن گۈل بەرگىلىرىدىن رەيھاننىڭ، ئاشۇ كۈنﯽ دوختۇرخانىدا قانغا مىلىنىپ ياتقان ھالىتىنﯽ كۆرگەندەك تۇيغۇلارغا ئەسىر بولۇپ ياشايتتىم. دېمەك، شۇ بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە رەيھان __ تېخﯽ ئەمدىلا ياشلىقىنىڭ 23 - باھارىنﯽ كۈتۈۋېلىپ تازا پورەكلەپ ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان قەلب گۈلىستانىمنىڭ يېگانە گۈلﯽ توزۇپ كەتتﯽ. ماڭا يالداما بولۇپ قالغىنﯽ رەيھان ھايات ۋاقتىدا ئۆز قولﯽ بىلەن تېرىپ ئۆستۈرگەن بىر تەشتەك رەيھانگۈلىلا ئىدﯼ. مانا ئەمدﯼ بۇ گۈللەر بۇ بىر نەچچە يىل جەريانىدا خۇددﯼ مېنىڭ رەيھانغا بولغان سېغىنىشلىرىمغا ئوخشاش ئاۋۇپ بىر قانچە ئون تەشتەككە يەتكەنتﯽ.
گۈلخۇمار ئۆتمۈشىمدىن خەۋەردار ئىدﯼ. ئۇ ئادەتتە شۇنچە رايىش، ئۆي ئىشلىرىغىمۇ پۇختا بولۇپ ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك گەپ تالىشىپ باققان ئەمەس. ئادەتتە مەنمۇ ئۇنىڭغا كۆپ گەپ قىلمايتتىم. توي قىلغاندىن بېرﯼ نېمىشقىدۇر كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنﯽ، ئەتكەن تامىقىنﯽ، ھەتتا كۈلكىسىنىمۇ رەيھانغا سېلىشتۇرغۇم كېلەتتﯽ. سېلىشتۇرغانسېرﯼ ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھېچقايسىسﯽ كۆزۈمگە سىغمايۋاتقاندەك بىلىنەتتﯽ. بۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭمۇ ئىچﯽ سىقىلاتتﯽ. ئۇمۇ مېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىمنﯽ بىلىپ تۇرسىمۇ قىلچە چاندۇرمايتتﯽ. ئەگەر بۈگۈنكﯽ گۈل سەۋەبىدىن چىققان دەتالاشنﯽ دېمىگەندە، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز مۇشۇ شاۋقۇنسىز ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىدەك بىر خىللا ئۆتەتتﯽ. خىيالىم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە كېيىنكﯽ ئىشلارنﯽ ئويلاشنﯽ خالىمىدىم. تاڭ سۈزۈلەي دەپ قالغانىدﯼ. قاياقتىندۇر مەزىننىڭ سوزۇپ توۋلىغان ئەزان ئاۋاز ئاڭلاندﯼ. ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۆي تەرەپكە يول ئالدىم. پۈتۈن بىر كېچە ماڭا ھەمراھ بولۇپ تۇرغان ئاي يەنە شۇ مىسكىن كۈلكىسﯽ بىلەن ئايرىلىشقا قىيمىغاندەك ئۇزىتىپ قالدﯼ.
ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئەتراپقا نەزەر سالدىم. گۈل تۈگۈل سۇنغان تەشتەكنىڭ بىرەر پارچىسىمۇ كۆرۈنمەيتتﯽ. ئىشىكنﯽ ئېچىپ ئۆيگە كىرگىنىمدە دىمىغىمغا ھەر قاچانقىدەك قويۇق رەيھانگۈلﯽ پۇرىقﯽ كېلىپ ئۇرۇلدﯼ. گۈل تەشتەكلىرﯼ ئۆز ئورنىدا شۇ پېتﯽ تۇرۇپتۇ. كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. شۇ تاپتا ماڭا بۇ ئىشلار خۇددﯼ بىر چۈشتەكلا بىلىنىۋاتاتتﯽ. گۈلخۇمار ئۆيگە قايتىپ كىرگىنىمنﯽ كۆرۈپ ئاشخانا ئۆيدىن كۈندىكىدەك ئالدىمغا كۈلۈپ چىقتﯽ. كۆز جىيەكلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىدىن ئۇنىڭمۇ كېچىچە ئۇخلىماي چىققانلىقﯽ مەلۇم بولۇپ تۇراتتﯽ.
__ چاپسان يۈز - كۆزىڭىزنﯽ يۇيۇۋېلىڭ، ناشتىلىق ھازىرلا تەييار بولىدۇ، __ دېدﯼ ئۇ.
گېپىگە جاۋابمۇ قايتۇرماستىن تازىلىق ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىم. سۇنغان تەشتەكتىكﯽ گۈللەرنﯽ يېڭﯽ تەشتەكلەرگە كۆچۈرگەنلىكىنﯽ، قوشنىلارغا بېرىۋەتكەن گۈللەرنىمۇ ياندۇرۇپ ئەپچىقىۋالغانلىقىنﯽ پەرەز قىلىپ بىلدىم. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ بىر ئاخشىمﯽ كەچلىك تاماقتىن كېيىن، ئادىتىم بويىچە كىتاب كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، ئۇ ئاستا يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردﯼ ۋە تولىمۇ تۆۋەن ئاۋازدا:
__ كەچۈرۈڭ، __ دېدﯼ.
مەن ئاڭلىماسقا سېلىپ تۇرۇۋالدىم.
__ كەچۈرۈڭ، __ دېدﯼ ئۇ يەنە بىر قېتىم سەل چىڭراق تەلەپپۇزدا. ئوقۇۋاتقان كىتابىمدىن كۆزۈمنﯽ ئۈزمەستىن:
__ نېمىنﯽ كەچۈرىمەن، __ دېدىم.
__ مەن خاتا قىپتىمەن، ئەسلىي ئۇنداق قىلمىسام بوپتىكەن.
بېشىمنﯽ كۆتۈرۈپ قارىسام، ئۇ كۆز چاناقلىرﯼ لىققىدە ياشقا تولغان ھالدا ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ ئىچىم ئاغرىدﯼ:
__ خاتا قىلغىنىڭىزنﯽ بىلسىڭىزلا بولدﯼ.
__ مېنﯽ كەچۈردىڭىزمۇ.
يەنە ئۈن چىقمىدﯼ.
__ بىلىمەن رۇستەم، سىز ھېلىمۇ مەندىن خاپا، ئەسلىي مېنىڭمۇ ئۇنداق قىلغۇم يوق ئىدﯼ. ئاشۇ كۈنﯽ مېنﯽ قايسﯽ شەيتان ئازدۇردىكىن ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. بەلكىم گەپلىرىم قۇلىقىڭىزغا خۇشياقماس، شۇندىمۇ سىزگە بۈگۈن كۆڭلۈمدىكىنﯽ ئېيتىۋالمىسام بولمايدۇ. گېپىم تۈگىگەندىن كېيىن نېمە قىلسىڭىز ئىختىيارىڭىز. قولۇمدىكﯽ كىتابنﯽ بىر ياققا قويۇپ، ئۇنىڭغا يۈزلەندىم.
__ بىز توي قىلغىلﯽ بىر يىلدىن ئاشتﯽ، __ دېدﯼ ئۇ، گېپىنﯽ داۋاملاشتۇرۇپ، __ بۇ بىر يىل جەريانىدا سىزنىڭ بىرەر قېتىم ماڭا چىن يۈرىكىڭىزدىن كۈلۈپ باققىنىڭىزنﯽ بىلمەيمەن. قاچانلا قارىسام شۇنداق بىر خىل خارامۇش يۈرىسىز. سىزنىڭ خىيالىڭىزدا نېمىنﯽ ئويلاۋاتقىنىڭىزنﯽ بىلىپ تۇرساممۇ، لېكىن مۇشۇ كۈنگىچە ئېغىزىمدىن چىقىرالماي كەلدىم. سىز ھېلىمۇ ئۆتمۈشىڭىزنﯽ ئويلاۋاتىسىز. دېمىسىمۇ دۇنيادا، كىشىگە ئۆزﯼ چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن ئادىمىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قېلىشتىن ئارتۇق ئازاب بولمىسا كېرەك. مەنمۇ سىزنﯽ ياخشﯽ كۆرىمەن. تەقدىر شۇنداقكەن، بۇنىڭغا مەندىمۇ ئامال يوق. پەقەت سىزگە ھەمراھ بولۇپ بىر ئۆمۈر ياشاپ ئازابىڭىزنﯽ ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتەلىسەم، قەلب جاراھىتىڭىزغا مەلھەم بولالىسام مەن شۇنىڭغا رازﯼ. مېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا تەلىپىممۇ يوق. ئىلگىرﯼ كۆڭلۈمدە سىزنﯽ ئۆزگەرتەلەيمەن، ئۆتكەن كۈنلەرنﯽ ئۇنتۇلدۇرالايمەن، دەپ ئويلايتتىم. شۇڭا قولۇمدىن كېلىدىغان ئىشنىڭ ھەممىنﯽ قىلدىم. بىراق ئاخىر مەن ئۆزۈمنىڭ يېڭىلگىنىمنﯽ بىلدىم. سىزگە ئوخشاش ساپ ئەقىدىلىك ئادەمگە نسىبەتەن ئۆتمۈشنﯽ ئۇنتۇلدۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنﯽ تونۇپ يەتتىم. بۇنىڭدىن كېيىنكﯽ كۈنلەردە ئەگەر سىز خالىسىڭىزلا ئۆتمۈشىڭىزنﯽ قايتۇرۇپ بېرەلمىسەممۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يوقاتقان خۇشاللىقىڭىزنﯽ، بەختلىك كۈنلىرىڭىزنﯽ قايتىدىن تېپىۋېلىشىڭىزغا ھەمدەم بولىمەن ھەم شۇنداق كۈنلەرنىڭ ھامان بىر كۈنﯽ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، __ گۈلخۇمار ناھايىتﯽ تېز سۆزلەيتتﯽ. قاتتىق ھاياجانلانغىنىدىن ئۆزىنﯽ بېسىۋېلىش ئۈچۈنمۇ ئەيتاۋۇر بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن يەنە سۆزلەشكە باشلىدﯼ.
__ ئاشۇ كۈنﯽ سىز ساھىلدا بىر كېچە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان ۋاقتىڭىزدا مەنمۇ كەينىڭىزدە تۇرۇپ سىزگە ھەمراھ بولۇپ چىقتىم. مېنىڭ شۇ چاغدا ئەگەر سەن بۇ ئادەمنﯽ ھەقىقىي ياخشﯽ كۆرىدىكەنسەن ئۇنىڭ خۇشاللىقىنىلا ئەمەس ئازابىنىمۇ ياخشﯽ كۆرۈشنﯽ ئۆگەن، چۈنكﯽ ئۇنىڭدا سۆيگۈگە سادىق بولغان بىر يۈرەك بار. بۇنداق يۈرەك ئىگىسىنﯽ سۆيۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت. بەخت ساڭا يۈزلەنمىسە، سەن بەختكە يۈزلەن. شۇندىلا ھايات ساڭا يەنە كۈلۈپ باقىدۇ، دېگەنلەرنﯽ خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. __ گۈلخۇمار سۆزىنﯽ تۈگىتىپ كۆزۈمگە چوڭقۇر مېھىر بىلەن باقتﯽ. ئۇنىڭ كۈتمىگەندە قىلغان بۇ سۆزلىرىدىن نېمە دېيىشىمنﯽ بىلمەي بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتتىم. قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭغا بىر نەرسە دېيىشىم كېرەك ئىدﯼ. لېكىن ئاغزىمغا گەپ كەلمەيتتﯽ. شۇ ۋاقتىدىكﯽ ھېسسىياتىمنﯽ تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن.
__ مۇشۇ كۈنلەردە سىزنﯽ كۆپ جاپادا قويدۇم، سىزمۇ مېنﯽ كەچۈرۈڭ.
__ مېنﯽ كەچۈردىڭىز شۇنداقمۇ.
مەن جاۋاب ئورنىدا ئۇنىڭغا قاراپ كۈلدۈم.
__ ئەجەب ياخشﯽ جۇمۇ سىز، __ ئەركىلەپ تۇرۇپ بوينۇمغا گىرە سالدﯼ ئۇ.
تاڭ سەھەر قارلىغاچلارنىڭ يېقىملىق سايرىشىدىن كۆزۈمنﯽ ئېچىپ ھۇجرا ئىچىگە كۆز يۈگۈرۈتتۈم. گۈلخۇمار يېنىمدا تاتلىق پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتاتتﯽ. بىز توي قىلغاندىن بېرﯼ ئۇنىڭ تۇنجﯽ قېتىم مۇشۇنداق ئۇخلاپ قېلىشﯽ ئىدﯼ. ئۇنﯽ ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن شەپە چىقارماي ئورنۇمدىن تۇردۇم. ھويلىغا چىقىپ قارلىغاچلار ئۇۋا سالغان پېشايۋانغا نەزەر سالدىم. بىر جۈپ قارلىغاچ باش ئۈستۈمدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ ئۇۋىسىغا كىرىپ كەتتﯽ. بىركەمدە ئارقامدىن ئاياغ تىۋىشﯽ ئاڭلاندﯼ.
__ بالدۇر تۇرۇۋاپسىزغۇ رۇستەم. __ گۈلخۇمار يېنىمغا كېلىپ سورىدﯼ.
مەن گەپ قىلماڭ دېگەندەك قىلىپ قولۇمنﯽ لېۋىمگە تەگكۈزدۈم، كۆزۈم يەنىلا قارلىغاچ ئۇۋىسىدىن ئۈزۈلمەيتتﯽ.
__ نېمىگە قاراۋاتىسىز. __ گۈلخۇمار تاقەتسىزلەنگەندەك قىلاتتﯽ.
__ قاراڭ قارلىغاچلار قايتىپ كەپتۇ.
__ ئىلاھىم بۇ بىر ياخشىلىقتىن بېشارەت بولغاي.
__ خېلﯽ يىللار بولغان ئۇلار بۇ يەرگە كەلمىگىلﯽ، ھېلىمۇ بەك كېچىكتﯽ.
گۈلخۇمار گېپىمدىن بىر نەرسىنﯽ چۈشەنگەندەك كۆزۈمگە مەنىلىك قاراپ قويۇپ:
__ شۇنداق، بەك كېچىكىپ كەلدﯼ، لېكىن قايتىپ كەلگىنﯽ ياخشﯽ بولدﯼ، __ دېدﯼ.
ھەر ئىككىلىمىز تەڭلا كۈلۈپ كەتتۇق. ساما سەتھىدە پارلاپ تۇرغان قۇياش خۇددﯼ كۈلكىمىزگە ئورتاقلاشماقچﯽ بولغاندەك باش ئۈستىمىزدە بىزگە قاراپ جىلمىيىپ تۇراتتﯽ، ئۇنىڭ ئالتۇنرەڭ نۇرلىرىغا پۈركەنگەن ھويلا ئىچﯽ تولڭمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگەنتﯽ. ئەتراپتىن تارىغان رەڭمۇرەڭ گۈللەرنىڭ خۇش ھىدﯼ كۆڭۈلگە بىر خىل ئازادىلىك بەخش ئېتەتتﯽ. ئاشۇ خىل تۇيغۇدا قاچانغىچە تۇردىمكىن، گۈلخۇمار قولۇمنﯽ ئاستاغىنە تۇتۇپ مېنﯽ ئۆزىگە قاراتتﯽ.
__ رۇستەم، __ ئۇنىڭ يۈزلىرﯼ شەلپەردەك قىزىرىپ، كۆزلىرىمۇ بۆلەكچىلا نۇرلىنىپ كەتكەنىدﯼ، __ سىز دادا بولىدىغان بولدىڭىز.
__ نېمە؟ راست دەۋاتامسىز گۈلخۇمار، بۇ راستمۇ؟ __ خۇشاللىقتىن يۈرىكىم ھازىرلا يېرىلىپ كېتىدىغاندەك ھاياجاندا ئۆزۈمنﯽ بېسىۋالالماي قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمىگەندەك قايتا - قايتا سورىدىم:
__ راستمۇ، قاچاندىن بېرﯼ ھە، نېمىشقا ماڭا بۇرۇنراق دېمەيسىز.
__ مەنمۇ تېخﯽ ئالدىنقﯽ كۈنﯽ تەكشۈرۈتۈپ بىلدىم.
__ تەكشۈرۈتكىلﯽ ئۆزىڭىز يالغۇز باردىڭىزما؟ ماڭا دېسىڭىز بولمامتﯽ.
__ سىزنﯽ تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋېتەي دېدىم. بولماپتىمۇ؟ __ گۈلخۇمار شوخلۇق بىلەن كۈلدﯼ.
ئىختىيارسىز ئۇنﯽ ئۆزۈمگە تارتتىم. خۇشاللىق، ھاياجان ھەم تاتلىق ھېسلار مۇجەسسەملەنگەن ئوتلۇق لېۋىمنﯽ ئۇنىڭ نۇرانە پېشانىسىگە يېقىپ تۇرۇپ:
__ رەھمەت، __ دېگەن بىر ئېغىز سۆزنﯽ ئارانلا قىلالىدىم.
__ سىز راستتىنلا خۇش بولدىڭىزمۇ رۇستەم؟
__ بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ. سىز ماڭا بۈگۈن ئالەم خۇشاللىقىنﯽ بەخش ئەتتىڭىز.
__ ماڭا بېرىدىغان مۇكاپاتىڭىزچۇ؟
__ خالىغىنىڭىزچە بولسۇن.
__ ئەمىسە مېنﯽ يەنە بىرنﯽ سۆيۈپ قويۇڭ.
مەن تىترەپ تۇرغان لەۋلىرىمنﯽ يەنە ئۇنىڭ پېشانىسىگە ياقتىم.
__ ياق بۇ يەرگە ئەمەس، بۇ يەرگە سۆيۈپ قويۇڭ.
ئۇ يەنە شۇنداق شوخلۇق بىلەن پېشانىسىنﯽ مەندىن ئېلىپ قېچىپ لەۋلىرىنﯽ ئۇچلىدﯼ.
قاچانلاردۇر ئۇۋىسىدىن ئۇچۇپ چىققان بىرجۈپ قارلىغاچ باش ئۈستىمىزدە بىردەمگىنە ئەگىپ يەنە شۇ يېقىملىق سايراشلىرﯼ بىلەن پېشايۋان ئۈستىگە قونۇپ، بىزگە قاراپ تۇراتتﯽ. ساما سەتھىدە پارلاپ تۇرغان قۇياش بۈگۈنكﯽ تاتلىق سۆيۈشۈشلەرگە گۇۋاھ بولغىنىدىن سۆيۈنگەندەك،



ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار