رەيھان (ھېكايە)(3)

يوللانغان ۋاقتى:08-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-10-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ئالدىم. دىمىغىمغا دەريا ساھىلىنىڭ نەمخۇش ھىدﯼ ئۇرۇلۇپ، باياتىندىن بېرﯼ ئەسە
ئالدىم. دىمىغىمغا دەريا ساھىلىنىڭ نەمخۇش ھىدﯼ ئۇرۇلۇپ، باياتىندىن بېرﯼ ئەسەبىيلەشكەن نېرۋىلىرىم ئاستا - ئاستا تىنچلىنىشقا باشلىدﯼ. خىياللىرىم دەريا سۈيىگە ئەگىشىپ مېنﯽ يەنە شۇ ئۆتمۈشنىڭ تەگسىز قايناملىرىغا ئېلىپ كەتتﯽ.
3
رەيھان تاڭ شەپىقىدەك جەزبىدار، گۈلدەك چىرايلىق، تاغ ھاۋاسىدەك ساپ ھەم تولىمۇ نازۇك تەبىئەتلىك قىز ئىدﯼ. ئۇنىڭ بىلەن دەسلەپ مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن شۇ كۈنلەردە ئۆزۈمنﯽ شۇنداق بەختلىك سېزەتتىمكﯽ، بۇ بەختكە ھېچنېمىنﯽ تەڭ قىلغۇم كەلمەيتتﯽ. ئەگەر ئۇ يېنىمدىلا بولسا گۈلدەك ھۆسنىگە قاراپ تويمايتتىم، پۈتۈن ئەزايىدىن تاراۋاتقان قەلبىمنﯽ لال قىلغۇچﯽ مەستخۇش ھىدتىن مەست بولغىنىمچە، شېرىن خىيال - تاتلىق ئۈمىدلەرگە ئەسىر بولاتتىم. ۋىسال بىزگە قۇچاق ئېچىپ كۈلگەن پەيت باغدا گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان، بۇلبۇللار ناۋا ئەيلەۋاتقان، مەجنۇنتاللار بىر - بىرىگە چىرمىشىپ سۆيگۈ شەربىتىدىن مەست بولۇپ، ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئالتۇن كۈز پەسلىنىڭ خاسىيەتلىك كۈنلىرىگە توغرا كەلگەنتﯽ. كۈنلىرىمىز بەخت ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدﯼ. رومانتىك قىش پەسلﯽ ئاخىرلىشىپ باغدا گۈللەر قايتىدىن ئېچىلىشقا باشلىدﯼ. قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن بىر جۈپ قارلىغاچ بىزنىڭ يېڭﯽ ماكانىمىزغا ئۇۋا سېلىپ ئۈلگۈردﯼ. بۇنىڭدىن رەيھان ئالەمچە خۇشال ئىدﯼ.
__ قاراڭ - قاراڭ، __ دەيتتﯽ ئۇ ھەر قېتىم قارلىغاچلارنﯽ كۆرگەندە خۇشاللىقىنﯽ ئىچىگە سىغدۇرالمىغان ھالدا ئۇلارنﯽ ماڭا كۆرسىتىپ، __ قارلىغاچلارنىڭ بىزنىڭ ئۆينىڭ پېشايۋېنىغا ئۇۋا سالغانلىقﯽ نېمىدىن بېشارەت ئىكەنلىكىنﯽ بىلەمسىز رۇستەم.
__ ياق.
__ توۋا مۇشۇنىمۇ بىلمىگىنىڭىز نېمىسﯽ، سىزگە دېسەم قارلىغاچ ئۇۋا سالغان ئۆيدە خاتىرجەملىك، تىنچلىق بولىدۇ، خۇشاللىق ئۈزۈلمەيدۇ.
__ نېمىشقا ئەمدﯼ؟
__ شۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ، چۈنكﯽ قارلىغاچلار باھارنﯽ ئەپ كېلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ باھار ئەلچىسﯽ دېگەن نامﯽ بىكار تارقالمىغان.
__ بىراق ھامان بىر كۈنﯽ كېتىپ قالىدۇ.
__ ئەمما ئۇلار يەنە كېلىدۇ. بىر ئۇۋا سالغان ئۆينﯽ ئاسانلىقچە تاشلىۋەتمەيدۇ.
راست دېگەندەك، ياندۇرقﯽ يىلﯽ باھاردا قارلىغاچلار يەنە كەلدﯼ. ئۇلارنىڭ كېلىشﯽ بىلەن تەڭ رەيھاننىڭ ھامىلىدار بولغانلىق خەۋىرىمۇ ھەر ئىككىمىزنﯽ ئالەمچە شادلاندۇردﯼ. ئەنە شۇنداق خۇشال كۈنلەرنىڭ بىرىدە »ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسﯽ بار« بولغىنىدەك، شۇ بىر يىغىدىن پۈتكۈل تۇرمۇشۇم ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كەتتﯽ. باش باھاردىن كېيىنكﯽ يامغۇرلۇق كۈنلەر ئاخىرلىشىپ، ئالما، ئۆرۈك شاخلىرﯼ رەڭمۇرەڭ چېچەكلەردىن بېزەك تاقىغان، ئىللىق قۇياش نۇرﯼ ئاستىدا يېشىللىققا پۈركەنگەن كەڭ دالا يىراق - يىراقلاردىن ئېقىپ كەلگەن تاغ سۇلىرىنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىشلىرىدىن سۆيۈنۈپ، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمگەن شادىمان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئىشخانامدا نېمىنىدۇر خىيال قىلىپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز تېلېفونوم سايرىدﯼ:
__ ۋەي، سىز كىم بولىسىز؟ __ ناتونۇشلا بىر ئاۋاز.
__ ئۆزىڭىز كىم؟
__ مەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسﯽ قاتناش باشقۇرۇش ئەترىتىدىن.
__ بىرەر ئىشىڭىز بارمىتﯽ؟
__ سىز رەيھان ئىسىملىك بىرسىنﯽ تونۇمسىز؟
كۆڭلۈم قانداقتۇر بىر شۇملۇقنﯽ ئالدىن سەزگەندەك يۈرىكىم ئېغىشقا باشلىدﯼ.
__ مەن ئۇنىڭ يولدىشﯽ.
__ تېزدىن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىڭ.
__ ۋەي - ۋەي... ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ...



ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار