خوتۇن دېگەن شۇنداق بولسا(6)

يوللانغان ۋاقتى:01-04-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
ئوغلۇم، ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، ئاپاڭنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، تەلتۆكۈس ئەسلىگە كېلىشىگە يەنە خېلى ۋاقىت كېتىدى

−− ئوغلۇم، ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، ئاپاڭنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، تەلتۆكۈس ئەسلىگە كېلىشىگە يەنە خېلى ۋاقىت كېتىدىغان ئوخشايدۇ. شۇڭا ئۇنى خاپا قىلما، بىر ئىشلارغا ھاجەتمەن بولۇپ قالساڭلار ماڭا تېلېفون قىل، بولامدۇ؟ −− دېدى ئوسمان.
−− بولىدۇ، ئاتا، سەنمۇ يوقاپ كەتمەي بىزنى پات - پات ئىزدەپ تۇرغىن، سېنى كۆرگۈم كېلىدىكەن، −− ئېرشات ئاتىسىنىڭ بېلىدىن چىڭ قۇچاقلىۋالدى، −− سېنى كەتكۈزمەيمەن.
−− جېنىم بالام، مېنى كۆرگۈڭ كەلسە ئاشخانىغا بارساڭ بولىدىغۇ.
−− مېنىڭ ھېلىقى تۈلكە جىننى كۆرەر كۆزۈم يوق.
−− بولدى، بولدى، ئالە ماۋۇ پۇلنى، لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋالغىن.
ئەتراپ قاراڭغۇ بولغاچقا مېھرىبان ئوسماننىڭ قانچە پۇل بەرگىنىنى بىلەلمىدى.
ئاتا - بالا خوشلىشىپ تۇرغاندا مېھرىبان يەنە بىر خالتا يولغا چۈشۈپلا ئۆيى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇ ھەرقانچە ئىتتىك مېڭىشقا تىرىشسىمۇ، پۇتلىرى ئۆزىگە پەقەت بويسۇنمايۋاتاتتى، بارغانچە ماغدۇرسىزلىنىپ، ھۆركىرەپ يىغلىغۇسى كېلەتتى، شۇ ھالدا مېڭىپ ئۆيىگە كىرگەندە، ئوسمان ئاللىقاچان كېلىپ بولغانىدى.
−− ئىشىكلەرنى ئوچۇق قويۇپ نەگە كەتتىڭىز؟ −− دېدى ئوسمان پەرۋاسىزلا.
−− ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرغۇم كەلمەي، سالقىنداپ كىرەي دەپ ئىشىكتىن چىقىشىمغا زەينەپ ئۇچرىشىپ قالدى، ئۆيگە كىرىپ ئانچە - مۇنچە پاراڭلىشايلى دېۋىدى، شۇ يەرگە كىرىپ ئولتۇرغان. كۆڭلۈم تۇيغان چېغى، سىز قايتىپ كەلگەندەكلا بىلىنىپ ئالدىراپ - تېنەپ قايتىپ چىقىشىم، ئەجەب بالدۇرلا قايتىپ كەپسىزغۇ؟
−− قالغانلار ئويناپ قالدى، مەن سىزگە يالغانچى بولۇپ قالماي دەپ يېنىپ كېلىشىم.
−− قەيەردە ئولتۇرغان؟
−− سىزگە ئېيتقانغۇ، شۇ ئابلىمىتنىڭ ئۆيىدە.
بۇ كېچە مېھرىبانغا ئۇيقۇ ھارام بولدى، گەرچە ئۇ ئوسماننىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن قىلچە گۇمانلانمىسىمۇ، لېكىن ئېرشاتنىڭ بايا قىلغان گەپلىرى ئۇنىڭ جېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ئېرشات دېگەن شۇمبۇيا بولمىغان بولسا، ئۇ كېسەل خوتۇندىن قىلچە قورقۇپ قالمايتتىم، بالىنىڭ باھانىسىدە ئوسمان ماڭا دەپمۇ، دېمەيمۇ ئۇلارغا دائىم پۇل بېرىدىكەن، قارىغاندا كېسەل كۆرپىسى ئۆزىنى بىچارە كۆرسىتىپ ئوسماننىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان ئوخشايدۇ، مۇشۇنداق نەچچە كۈندە بىر بېرىپلا تۇرسا، كونا ئوتلار قايتىدىن تۇتۇشۇپ، كۆڭلىنى بۆلۈنمەيدۇ دېگىلى بولامدۇ. ئادەم دېگەننى چۈشەنمەك نېمانچە تەستۇ. قانداق قىلاي، مۇشۇنداق ئاچچىق يۇتۇپ ئۆتسەم بولارمۇ ياكى...
* * *
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ ئۇلار ئاشخانىنى 071 مىڭ يۈەنگە سېتىۋەتتى، سودىنى كەچقۇرۇن پۈتكۈزگەن بولغاچقا ئوسمان:
−− خوتۇن، بۇ پۇلنى ئەتە بانكىغا ئۆز قولىڭىز بىلەن سېلىۋېتىڭ، −− دەپ مېھرىبانغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
ئۆمرىدە بۇنچىلىك كۆپ پۇلنى كۆرۈپ باقمىغان مېھرىباننىڭ خۇشاللىقتىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.
−− پاھ... پۇل كۆپ بولسا نېمىدېگەن ياخشى. ھەي ئوسمانجان، مەن ھازىر نېمىنى ئويلاۋاتىمەن بىلەمسىز؟ −− دېدى مېھرىبان.
−− ياق! بىلمىدىم، قېنى ئېيتىڭە، مەن ئاڭلاپ باقاي.
−− مۇشۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئاۋۋال ئۆيگە پۇرقىرىتىپ چېچىۋېتىپ، ئاندىن پۇلنى كۆرپە قىلىپ ياتقۇم كېلىۋاتىدۇ.
−− بۇ قانچىلىك ئىشتى، ئەمىسە نېمىگە قاراپ تۇرىمىز، −− ئوسمان شۇنداق دېدى - دە، بىر تۇتام پۇلنى چاچتى. بۇنى كۆرگەن مېھرىبانمۇ قاقاقلاپ كۈلگىنىچە ئىككى باغلام پۇلنى قولىغا ئالدى - دە، تورۇسقا قارىتىپ ئاتتى.
ئەتىسى سەھەردە ئوسمانغا تېلېفون كېلىۋىدى، ئاستا سىرتقا چىقىپ تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلەشكىلى تۇردى. مېھرىبان گەرچە دىققەت قىلمىغاندەك قىلسىمۇ ئېسى - يادى ئوسماندا ئىدى. ئارىدىن يېرىم سائەتلەر ئۆتكەندە ئوسمان:
−− ئاغىنىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ كېلەي، −− دەپ چىقىپ كەتتى. مېھرىبان شۇ ھامان ئۆگزىگە چىقىپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ ئوسماننى كۆزەتتى. دەرۋەقە، ئوسمان بۇرۇنقى ئايالى رابىيەنىڭ ئۆيى تەرەپكە كېتىۋاتاتتى. بايىقى تېلېفوننى ئۇرغان شۇلاركەندە. خەپ ئوسمان، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ. ئىشلىرىڭنى خېلى بىلمەسكە سالساممۇ ئۆزۈڭنى بىلمىدىڭ. مەن سېنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئەر قىلامدىم؟ سېنى ئاشۇ كېسەل كۆرپىسىگە بېشىمدىن ئۆرۈپ - چۆرۈپ بېرىۋەتتىم، دېدى - دە، زەمىرەگە تېلېفون قىلدى.
−− دوستۇم، مېنىڭ سەۋر قاچام توشۇپ كەتتى، بۇ قارا قورساقلار مېنى گول كۆرۈپ قالغان ئوخشايدۇ، تەييارلىقلارنى قىلغاچ تۇرۇڭ، بۈگۈن كەچتە ئۈرۈمچىگە ئۈنىمەن، ئەتە، كېچىككەندە ئۆگۈنلۈككە گۇاڭجۇغا قاراپ ئۇچىمىز. ئۇ يەردىكى تونۇشلىرىڭىز بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ قويۇڭ.
مېھرىبان ئاشخانىنى ساتقان 071 مىڭ يۈەن بىلەن بانكا كارتىسىدىكى بارلىق پۇللارنى يىغىشتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

 




ھالقىلىق سۆزلەر : خوتۇن، تۇرمۇش، ھېكايە


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار