خوتۇن دېگەن شۇنداق بولسا(2)

يوللانغان ۋاقتى:01-04-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
كېچىچە ئەرلەر بىلەن ئولتۇرۇپ ئىچىشكىنىمىزنى دېسەم بولامتى ئەمىسە؟ مەنچۇ، ئۇنىڭغا دوختۇرغا كۆرۈنگىلى چىقتىم

−− كېچىچە ئەرلەر بىلەن ئولتۇرۇپ ئىچىشكىنىمىزنى دېسەم بولامتى ئەمىسە؟ مەنچۇ، ئۇنىڭغا دوختۇرغا كۆرۈنگىلى چىقتىم دېگەن.
−− نېمە دەپ تېلېفون قىپتۇ؟
−− تاماققا تەكلىپ قىپتىكەن، كەچقۇرۇنغا توغرىلاپ قويدۇم.
−− ئېرىڭىزگە تېخىچىلا...
−− ئۇنىڭ گېپىنى قىلماڭ، ئەر بولغاندىكىن گەپ دېگەننى ئۆتكۈدەك دەپ، ئىشنىمۇ غاچ - غاچ قىلمامدۇ، نېمە دېسىڭىز ماقۇللا دېگەن. كاللىسى يوق، مەن بىر پارچە ئاق قەغەزنى بۇ قەغەز قارا ئىكەن دېسەم، ئۇ ھېچ ئىككىلەنمەي شۇنداق، بۇ قاغىدەك قارا ئىكەن دەيدۇ. ئادەم دېگەندە ئېنىق مەيدان، كۆز قاراش، نىشان بولمامدۇ. بۇ ئالىم بىلەنمىغۇ ئىش باشقا چىقمايدۇ، پەقەت مۇشۇنداق ئاندا - ساندا ئىزدىشىپ كۆڭۈل خۇشى قىلىشقىلا بولىدۇ، ئەگەر بىز تەرەپتىن كۆڭلۈمگە ياقىدىغان بىرى چىقىپ قالسا، راستتىنلا ئاجرىشىپ كېتىمەن. زادى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى، يا سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. ياش بولغاندىكىن گاھىدا ئۇنى - بۇنى دەپ ئەركىلەپ، يېقىنچىلىق قىلسىڭىزمۇ، جىم تۇرۇڭە، مەن تېلېۋىزور كۆرۈۋاتىمەن، دەپ قىزغىنلىقىڭىزغا سوغۇق سۇ سەپكەن، خۇددى مۇردىدەك سوغۇق، ئىككى مۈڭگۈزىنىڭ يوقلۇقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا تۇرغان - پۈتكىنى بەئەينى بىر كالا، شۇنداق رايىم يېنىپ كەتتى.
−− ناۋادا بىرەرىنى ياقتۇرۇپ قالسىڭىز، ئۇنىڭ ئايالى، بالىلىرى بولسىچۇ؟
−− پەرۋايىم پەلەك.
−− ھازىر ئارىلىشىۋاتقان بىرەرى بارمۇ؟
−− مەن ياراتقۇدەك ئادەمنى تېخى ئۇچراتمىدىم، ھازىر قىزلارنىڭ يانچۇقىدىن پىچاق، ئوغۇللارنىڭ يانچۇقىدىن تاغاق چىقىدىغان بوپكەتتى، ئەرلەر خوتۇنلاردىن ئۆتە غەيۋەتخور، سىز بىلەن ماۋۇ سورۇندا ئولتۇرۇپ تاماق يېگەن بولسا، يەنە بىر سورۇنغا يۆتكىلىپلا چۆچىكىڭىزنى چۆرۈيدىكەن، شۇڭا ئۇدۇل كەلگەن نېمىلەرگە ئۆزۈمنى زايە قىلغۇم يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك يەر ئەمەسمۇ، بىر ئىش قىلدىم دېگۈچە خەلقىئالەمگە پۇر كېتىدۇ، ئېرىممۇ مەندىن ئەنسىرىمەيدۇ، ئۇنىڭغا بالا يۈزى كۆرۈشكە ئالدىراۋاتىمەن، دوختۇرغا كۆرۈنىمەن، داۋالىنىمەن دېگەندەك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، ئايدا بىرەر قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىپ قانغۇدەك ئويناپ كېتىمەن. ھەر چىققىنىمدا ئالىمجانمۇ قۇرۇق يولغا سالمايدۇ، بىر تاكسىچى بالا بىلەنمۇ ئانچە - مۇنچە ئارىلىشىپ قويىمەن، ئۇنداقلارمۇ ئەسقېتىپ قالىدىكەن، ئۇ باشقا يېزىدىن بولغاچقا بىر كىمنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كەتمەيمەن. ئۇمۇ ھەر ئايدا قىزىل تىزىدىن بەش ۋاراقنى ئۈن - تىنسىز يانچۇقۇمغا سېلىپ قويىدۇ، ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز، مېنىڭ پۇلدىن قىيىنچىلىقىم يوق، شۇنداقتىمۇ پۇل ئادەمگە ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ - دە، قاچانلا يېسىڭىز بولىدىغان »پىششىق نان« ئۇ، شۇڭا بانكىغا سېلىپ قويۇۋاتىمەن. قەتئىي نىيەتكە كەلدىم، مەن رازى بولغۇدەك بىرەرى ئۇچراپلا قالسا ھېچبىر ئىككىلەنمەي ئېرىمنىڭ خېتىنى بېرىۋېتىمەن. ئۇ ئاشۇ موتوسىكلىت دۇكىنىنى خوتۇن قىلىپ ئولتۇرۇۋالسۇن.
−− پۇل ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، كۆڭۈل دېگەن ئايرىم نەرسىدە، نۇرغۇن ئەرلەر خوتۇنلىرىنى يەيدىغىنى، كىيىدىغىنى تەل، يەنە نېمە غېمى بولاتتى دەپ ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىغا سەل قاراپ، روھىي جەھەتتىكى ئارىلىقنى يىراقلاشتۇرۇپ قويىدىكەن.
−− توغرا، ئاياللار بازاردىكى قونچاق بولمىسا، ياساپ قويسىلا قېتىپ تۇرۇۋېرىدىغان، ئويلاپ كۆرسەم تۈنۈگۈن تونۇشۇپ قالغان ئوسمان خېلى بولىدىكەن، بويلىرى ئېگىز، كۆزلىرى ئادەمنى ئەيمەندۈرگىدەك نۇرلۇق، گەپلىرىمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىگە يېقىشلىق. ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدىم، شۇڭا گاھى يېقىنلىشىپ، گاھى يىراقلىشىپ تىت - تىت قىلىپ، قىيناپ، قولۇمنىڭ ئۇچىنى تۇتقۇزماي، بىر مەزگىل قاراپ باقاي، ئەگەر ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرۈپلا قالسا ھەرگىز قولدىن چىقارمايمەن.
مېھرىبان دوستى زەمىرە ۋە ئاخشامقى ئالىم، سەلىمجانلار بىلەن بىللە تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇلاردىن ئايرىلىپ بىر - ئىككى سائەتتەك بازار چۆرگىلەپ، كەچقۇرۇن بولغاندا كۆڭۈل قويۇپ گىرىم قىلدى - دە، ئوسمان بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭدى.
−− ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟ دوختۇر نېمە دەيدۇ؟ −− دېدى ئوسمان مېھرىباننى كۆرۈپ.
−− مەندىغۇ چاتاق يوقكەن، قارىغاندا يولدىشىم... −− مېھرىبان گېپىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالماي قول ياغلىق بىلەن كۆزلىرىنى سۈرتتى، −− ئاندىن گېپىنى داۋاملاشتۇردى، −− »بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار« دەپ، بالا بولمىغان ئۆينى مۇكەممەل ئۆي دېگىلى بولاتتىمۇ؟ بالىغا ئامراقلىقىمنى بىر دېمەڭ، دائىم قولۇم - قوشنىلارنىڭ بالىلىرىنى ئوينىتىپ، نەرسە - كېرەك ئېلىپ بېرىپ كۆڭلۈمنى خۇش قىلىمەن، بالام بولغان بولسىمۇ باشقا ئىشلارنىڭ دەردى بىلىنمەسمىدىكىن.
−− كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، ئۇ ئاداشمۇ ئاسمانغا قاراپ يۈرگۈچە ئامالىنى قىلمامدۇ؟ ئۆزىڭىزمۇ تېخى ياش بولغاندىكىن يەنە بىر مەزگىل قاراپ بېقىڭ.
ئوسمان مېھرىباننى ساقلىغاچ ئانچە - مۇنچە ئىچكەچ ئولتارغاچقىمۇ گەپ - سۆزىدە ئۇنچە ئېھتىيات قىلىپ كەتمىدى.
−− ئېرىڭىزنى ياخشى كۆرەمسىز؟ −− دەپ ئۇدۇللا سورىدى ئۇ.
−− نېمە دېسەم بولار، ئەقلىمنى تېپىپ بىرەرى بىلەن مۇھەببەت باغلىغۇدەك بولغۇچە چوڭلار، قىز بالا سۈپۈرگە بىلەن ئۇرسا يىقىلمىغۇدەك بولسىلا ئەرگە بەرمەك لازىم، دەپ ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي تويۇمنى قىلىۋەتتى.
−− سىزمۇ بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنامسىز؟
−− يولدىشىمغۇ مېنى ئىقتىسادتىن قىسىپ قويمايدۇ، بىراق ئۆزۈم كۈنبويى ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرمەيمەن. »بىكار يۈرگىچە، بىكارغا ئىشلە« دەپ، بىر دوستۇمنىڭ كىيىم تىكىش دۇكىنىغا ياردەملىشىمەن.
−− يولدىشىڭىز نېمە ئىش قىلىدۇ؟
−− موتوسىكلىت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئىقتىسادىي ئەھۋالىغۇ ياخشى، بىراق ھېچبىر مۇھەببەت ئاساسىمىز بولمىغاچقا تا ھازىرغىچە كۆڭلۈمنى تەلتۆكۈس بېرەلمىدىم. خۇددى »مامۇق ياستۇق، كىمخاپ كۆرپە، تاۋار يوتقاندا قىينالدى بۇ جان. قىرلار ياستۇق، ئېتىزلار كۆرپە، ئاسمان يوتقان، راھەتتە بۇ جان« دېگەندەك، پۇلى كۆپ بولمىسىمۇ ئۆزۈم چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن ئۆتكەن بولسام، ھەرقانچە رىيازەت چەكسەممۇ ۋايسىمايتتىم. مۇھەببەت، ياخشى كۆرۈش دېگەنلەر كۆڭۈلنىڭ، ئۆمۈرنىڭ ئوزۇقى ئەمەسمۇ، بىراق مەن ئەزەلدىن ئۇنداق بەختكە ئېرىشىپ باقمىدىم، −− دېدى چوكان، ئاندىن، −− تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقاي، −− دەپ ئورنىدىن تۇردى.
ئوسمان ئۇنىڭ كەينىدىن قارىغىنىچە يەنە خىيالغا پاتتى. توۋا، بۇ چوكان بۇرۇن نەدە قالغان بولغىيتتى؟ كاساپەت، چىراي - شەكلى ، ياسىنىشى ھەتتاكى بەدىنىدىن تاراۋاتقان ئەتىرگىچە مېنىڭ خىيالىمدىكى مەھبۇبنىڭ نەق ئۆزى ئىكەن. ئاۋازى، ئالدىرىماي دانىمۇ دانە سۆزلەشلىرىچۇ تېخى. خوتۇن دېگەن مۇشۇنداق بولمامدۇ، مېنىڭ خوتۇنۇمنىڭ تۇرقى بىر كۆتەك، يا ياسىنىشنى بىلمىگەن، قىلغان گىرىملىرىمۇ دىتىمغا پەقەتلا ياقمايدۇ، ۋاتىلداقلىغىچۇ تېخى، تولا سۆزلەپ قۇلاق - مېڭىنى يەپ تۇرغان. جاھاندىكى تەرەققىيات، ئىسلاھاتنىڭ تېزلىكىگە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك بولۇپ كەتتى - يۇ، نىكاھ ئىشلىرى ئىسلاھ قىلىنمىدى، ئېسىمنى بىلسەملا بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش دېگەن قانۇن بار ئىكەنتۇق. تېخىچىلا ئۆزگىرەي دېمەيدۇ، نىكاھ قانۇنىنى ئاياللار تۈزگەنمىكىن؟ بىر ئەر بىرلا خوتۇنلۇق بولۇش دېگەن ماددىنى، بىر ئەر بىر خوتۇن بىلەن ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئون يىللا ئۆي تۇتۇش، قۇربى يەتسە قانچىلا خوتۇن ئالسا بولىۋېرىدۇ دەپ ئۆزگەرتسە بولمامدۇ دەيمەن، ھەي...ي... ئۆيدىكى كۆرۈمسىز خوتۇننى قانداقلارچە ئېلىپ قالغاندىمەن، ئىسىت، ماۋۇ مېھرىبان بىلەن ئىككىسى ئالمىشىپ قالسىچۇ كاشكى... ئۇ شۇلارنى ئويلاپ تۇرغاندا:
−− ھەي، ئوسمانجان، نېمە خىيالغا چۆكۈپ كەتتىڭىز؟ −− دەپ ئۇنى نوقۇدى مېھرىبان.
−− سىزنى كېلىپ بولالمايدىغۇ دەپ...
گەرچە ئۇلار تونۇشقىلى ئىككى كۈن بولغان بولسىمۇ، ئەمما خۇددى كونا دوستلاردەك چىقىشىپ قالدى، ئوسمان چوكاننىڭ گەپلىرىنى تاڭ ئاتقۇچە ئاڭلاشنى خالايتتى.
−− مېھرىبان، تونۇشۇپ قالغانلىقىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن سىزمۇ ئازراق ئىچسىڭىز بولاتتى، −− دېدى ئۇ.
−− ۋېيەي، نېمە دەيدىغانسىز، ئاياللار ھاراق ئىچكەن نەدە بار؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز تېخى تۈنۈگۈنلا تونۇشقا ن تۇرساق، سىزگە باشقىچە تەسىر بېرىپ قويدۇممۇ - يا؟
−− ياقەي، نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىز، قالدۇرغان تەسىرىڭىز بەك ياخشى بولغاچقا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرايلى دەپ...
−− مۇشۇنداق چىرايلىق گەپلەر بىلەن مېنى ئەخمەق قىلىپ، يامان يولغا باشلىماقچىمۇسىز؟ مەن ئەزەلدىن ئۇنداق نەرسىلەرگە يېقىن يولاپ باقمىغان جۇمۇ.



ھالقىلىق سۆزلەر : خوتۇن، تۇرمۇش، ھېكايە


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار