خوتۇن دېگەن شۇنداق بولسا(4)

يوللانغان ۋاقتى:01-04-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
ئەمىسە خەۋىرىڭىزنى كۈتىمەن. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە مېھرىبان ئوسمانغا كۆرۈشىدىغان ئورۇننى دەپ تېلېفون قىل

−− ئەمىسە خەۋىرىڭىزنى كۈتىمەن.
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە مېھرىبان ئوسمانغا كۆرۈشىدىغان ئورۇننى دەپ تېلېفون قىلدى.
ئۇلار بىر رېستوراننىڭ ئايرىمخانىسىدا ئۇچراشتى.
−− مېنى قورقۇتۇپ ئۈن - تىنسىزلا كېتىپ قاپسىزغۇ؟ −− دېدى ئوسمان.
−− سىزگە قاراشتىن ئۇيالدىم.
−− نېمىشقا ئەمدى؟
−− ئالدىڭىزدا مەست بولۇپ قالغىنىمنى ئويلاپ يۈزىڭىزگە قاراشقا پېتىنالمىدىم، بولمىغۇر گەپ - سۆزلەرنى دەپسالغان بولماي دەپ ئۆز - ئۆزۈمدىن خىجىل بولۇپ...
−− شۇنداق قىلىپ مەن ئويغانغىچە كېتىپ قالدىم دەڭ، مۇشۇ كۈندىمۇ سىزدەك ساددا، يۈزى تۆۋەن ئاياللار بار ئىكەن دېسە. سىزگە راستتىنلا ھەيران قېلىۋاتىمەن، قارىسا شۇنداق مودا، چىرايلىق يۈرۈيدىكەنسىز، ئەمەلىيەتتە پەقەت ئىش كۆرمىگەنكەنسىز.
−− ئاپام دائىم كونىلار »ئاناڭنى داداڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە« دەپتىكەن، ئايال كىشى دېگەن چىرايلىق يۈرۈشى لازىم، دەيتتى.
−− ۋاي - ۋۇي... ئاپىڭىزنىڭ سىزىقىدىن چىقالمامسىز نېمە؟
−− ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاش خاتا ئەمەستۇ؟
−− ياق، ئۇنداق دېمەكچى ئەمەسمەن، قاراڭ مېھرىبان، نەق گەپنى قىلسام، سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، سىز بىلەن توي قىلغۇم بار، −− دېدى ئوسمان ھېچبىر ھودۇقماستىن.
−− نېمە؟ ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟ مېنىڭ ئېرىم، سىزنىڭ خوتۇنىڭىز، بالىڭىز بار تۇرسا.
−− بىلىمەن، بىراق ماڭا ئامال يوق.
−− مېنى ئاشنام بولۇڭ دېمەيدىغانسىز؟
−− ياق، رەسمىي يوسۇندا، قانۇنلۇق ئەر - خوتۇن بولساق دەيدىغان خىيالىم بار. سىزچۇ؟ ماڭا قانداق قاراشتا؟
−− مەنمىغۇ سىزنى ياقتۇرۇپ قالغان، بىراق بىز ئەمدىلا تونۇشقان تۇرساق، بىر - بىرىمىزنىمۇ تولۇق چۈشىنىشمىسەك؟ يەنە كېلىپ بۇ ئىش خېلى تەسكە توختارمىكىن. باشقىلارمۇ مېنى ھەر نېمە دەپ قارغىشىپ كېتىشى مۇمكىن، مۇشۇلارنى ئويلىسام ھېلىتىنلا بەدىنىمگە تىترەك ئولىشىپ كېتىۋاتىدۇ، مەندە ئۇنچىلىك جۈرئەتمۇ يوق.
−− مەن ئايالىم بىلەن ئاجرىشىمەن، سىزمۇ ئاجرىشىڭ.
−− بۇ مۇمكىن بولارمۇ؟
−− مۇمكىن بولمايدىغان نېمىسى بار، قارىسام سىزمۇ ئېرىڭىزنى چىن دىلىڭىزدىن ياخشى كۆرمەيدىكەنسىز، مەنمۇ ئۆيدىكى كۆرۈمسىز خوتۇندىن جاق تويدۇم، ئەگەر سىزلا ماقۇل دېسىڭىز بىر ھەپتىگىچە ئىشنى پۈتكۈزىمەن. ماڭا يەر، ئۆي - پۆي دېگەنلەرنىڭ لازىمى يوق، تۆلەم بەرسەممۇ مەيلى، بازارنىڭ ئاۋات يېرىدە خېلى ئوبدان ئاشخانام بار، شۇ قالسىلا بولدى. قانداق، سىزچۇ؟ ئۇ تۇغماس ئەردىن كېچەلەمسىز؟
* * *
ئوسماننىڭ ئايالىدىن ئاجراشماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ئەل - ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا تۇشمۇتۇشتىن نەسىھەت قىلدى:
−− ساراڭ بوپسەن، ئايالىڭنىڭ كىمدىن نەرى كەم؟
−− ئوغلۇڭ چوڭ بولۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ ئۇۋالىغا قالمىغىن يەنە...
−− ماڭا گەپ قىلغىنىڭلار بىكار، سىلەر »بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىش« دېگەننى بىلەمسىلەر؟ مەنچۇ، مېھرىباننى تۇنجى قېتىم كۆرۈپلا ئاشىق بىقارار بولغانمەن، ئۇنى ئالمىسام زادى بولمايدۇ، −− دېدى ئوسمان ئۇلارنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي.
−− خوتۇن - بالىلىرىڭ كۆزۈڭگە كۆرۈنمەمدۇ؟
−− ياق، كۆزۈمگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيدۇ. ئاشۇ بولۇمسىز خوتۇن بىلەن شۇنچە يىل بىللە ئۆتۈپ زايا بولغان ئۆمرۈمگە يىغلىغۇم كېلىۋاتىدۇ.
−− ھوي... بايقاپ سۆزلەيلى ئاداش، شۇ خوتۇننىمىچۇ، ئۆز ۋاقتىدا سىلى ئىشىكىدە يېتىۋېلىپ، ئالدىدا تىزلىنىپ، يىغلاپ تۇرۇپ ئالغان، ئەمدى ئۇنتۇپ قالدۇقما؟
−− ئۇ چاغدا نادانكەنمەن...
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە ئوسمان بىلەن مېھرىبان ئەل - جامائەتنى چاقىرىپ توي مەرىكىسىنى ئۆتكۈزدى.
−− ئوسمانجان، جېنىم، تامىقىڭىزنى يەۋېلىڭ، ئوسمانجان، ماۋۇ پۇت لۆڭگىڭىز، ماۋۇ قول لۆڭگىڭىز، ئارىلاشتۇرۇپ قويماڭ - ھە؟ ماۋۇ يىرتىق پايپاقنى تاشلىۋېتەيلى. ئوسمانجان، كىيىمىڭىزنى ئالماشتۇرۇڭ، ئوسمانجان... ئوسمانجان...
ئوسمان ئۆز ئىسمىنىڭ بۇنچە چىرايلىق ئىكەنلىكىگە ئەزەلدىن دىققەت قىلىپ باقمىغان ئىدى. ئوسمانجان! نېمانچە چىرايلىق ئىسىم بۇ. ئوسمان بۇ ئوڭۇممۇ، چۈشۈممۇ دەپ بەخت ئىچىدە مەستخۇش ئىدى. بۇ راستتىنلا چۈش بولغان ھالەتتىمۇ، ئۇ بۇ چۈشنى 001 يىل ئەمەس، 0001 يىل داۋاملاشتۇرۇشقا رازى ئىدى.
تويدىن كېيىن ئوسمان ئاشخانىنىڭ ئومۇمىي ئىشلىرىغا، مېھرىبان پۇل يىغىشقا مەسئۇل بولدى. بۇ ئاشخانىنىڭ ئەتراپتا خېلى داڭقى بار بولۇپ، سودىسىمۇ ياخشى ئىدى. مېھرىبان ئۆزىنى ياساشقا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، ئوسماننىمۇ ئۈستبېشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان قىلىۋەتتى.
−− ئوسمان، ئىككىنچى خوتۇن قانداق بولىدىكەن؟ −− دېدى ئاغىنىلىرىدىن بىرى.
−− نېمە دېسەم بولار، تازىلىق، يۈرۈش - تۇرۇش، ئۆي تۇتۇش، مىجەز - خۇلقتىن تارتىپ ھەممىسى نۇقسانسىز، قىسقىسى خوتۇن بولا مېنىڭكىدەك بولار دەيمەنغۇ!
−− ئۇنداقتا بىزمۇ قاراپ تۇرماي خوتۇنلىرىمىزنى ئەتىلا تالاق قىلىۋېتىپ قايتىدىن ئۆيلىنەمدۇق - يا؟ −− دېدى ئارىدا بىرى.
−− ھەي ئوسمان، مېھرىبانغا دېگىنە، مۇشۇ يەردىكى ھەممىمىزگە ئۆزىدەك چىرايلىق ھەم دىتى بار خوتۇن تېپىپ بەرسۇن.
−− مەن ساناپ باقاي، خوتۇنىدىن ئاجرىشىپ قايتا توي قىلىدىغانلار قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، غەنى، ياقۇپ، رازاق...
بىر كۈنى ئوسماننى ئوغلى ئېرشات ئىزدەپ كەلدى. مېھرىبان گەرچە خالاپ كەتمىسىمۇ، ئەمما ئوسماننىڭ خاپا بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئېرىشاتقا ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلە قىلدى. بىراق بالا ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن ھومىيىپ قاپىقىنى ئاچمىدى. ئاتا - بالا خالىي ئۆيگە كىرىپ يېرىم سائەتلەردىن كېيىن چىقتى - دە، ئوسمان ئوغلىغا گۆشلۈك لەڭمەندىن بىر تەخسە يېگۈزۈپ يولغا سالدى.
ئوسمان تويدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەيلا بانكا كارتىلىرىنىڭ ھەممىسىنى مېھرىبانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى. خوتۇن كىشىنى پۇلدىن قىسىپ قويسا يولدىن چىقىپ كېتىدۇ، بىراق مېھرىبان ئۇنداق شاللاق خوتۇنلاردىن ئەمەس. پۇل ئىشىدا راستچىل بولاي، ئۇ مېنىڭ ئۆزىنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالسۇن دەپ ئويلايتتى ئوسمان. شۇ كۈنلەردە ئېرشاتمۇ ئاشخانىغا پات - پات كېلىدىغان بولۇپ قالدى.
−− ئوغلۇم، ئەتە چۈشتىمۇ كەلگىن، ماقۇلمۇ؟ سېنى ساقلايمەن، −− دەيتتى ئوسمان ئوغلىنى ھەر قېتىم ئۇزاتقىنىدا.
ئەتىسى چۈشتە ئېرشات خاپا ھالدا كەلدى، ئۇ ئادەتتە مېھرىبانغا قاراپمۇ قويمايتتى، خۇددى بۇ يەردە ئۇنىڭدەك بىرى مەۋجۇت ئەمەستەك.
−− ئوغلۇم، كەلدىڭمۇ، نېمە يېگۈڭ بار؟ ئۇستاملار ئېتىپ بەرسۇن، −− دېدى ئوسمان.
−− مېنىڭ زەھەر يېگۈم كېلىۋاتىدۇ، −− ئۇ شۇنداق دەپلا تاراملاپ ياش تۆكۈپ يىغلاشقا باشلىدى.
−− ۋۇي، نېمە بولدى ساڭا؟ قايسى گۇينىڭ بالىسى خاپا قىلدى؟ ماڭا دېگىنە، مېڭىسىنى چۇۋۇۋېتىمەن.
−− مېنى خاپا قىلغان باشقا بىرى ئەمەس، دەل سەن، −− دېدى ئېرشات، تاماق يەۋاتقان مېھمانلار ئۇلارغا بوينىنى سوزۇپ قاراشقا باشلىدى. بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرغان مېھرىبان ئوسمانغا:
−− ئارقا ھويلىغا چىقىپ سۆزلىشەمسىلەر، −− دېدى ئاستاغىنە.
−− ماڭا گەپ قىلغۇچى بولما، −− ئېرشات شۇنداق دەپ، مېھرىبانغا قولىنى شىلتىدى.
−− ۋۇي، ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ گەپ قىلمىسام قارا ماۋۇ گۇينىڭ ئەۋزەيلەپ كەتكىنىنى، بۇ دېگەن سېنىڭ ئاپاڭ، ئەدەپلىكرەك بول، −− دېدى ئوسمان ھەيۋە قىلىپ.
−− تۈفى، ئۇ مېنىڭ ئاپام ئەمەس، ئۇ دېگەن تۈلكە جىن، سەن مۇشۇ بىر نېمىدىن قورقۇپ ئاپامنىمۇ يوقلاپ قويمىدىڭغۇ؟ ئەجابا ئۇ سېنىڭ بىرەر قېتىم كۆرۈپ كېلىشىڭگىمۇ ئەرزىمەمدا؟ دوختۇرلار ئاپامنى دەرھال ئۈرۈمچىگە يۆتكىمىسەڭلار ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ دەيدۇ، ناۋادا ئاپام بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچرايدىغان بولسا، ئاشخاناڭغا، ماۋۇ قانجۇق بىلەن تۇتقان ئۆيۈڭگە ئوت قويۇپ كۈلىنى كۆككە سورۇۋېتىمەن...
چاڭڭىدە تەگكەن شاپىلاقتىن يەرگە يىقىلىپ چۈشكەن ئېرشات ئاستا ئورنىدىن تۇردى، كۆزىدىن ئاققان ئاچچىق ياشلىرى بىلەن بۇرنىدىن ئېتىلىپ چىققان قىپقىزىل قان ئۇنىڭ كىيىملىرىنىڭ ئالدىنى بويىۋەتتى.
−− ساراڭمۇ، ئوڭمۇ ماۋۇ ئاداش، كىچىككىنە بالىنى شۇنداقمۇ ئۇرغان بارمۇ!
−− توۋا قىلدىم، خۇدايىم توۋا، بۇ ئاشخانىغا نېمە دەپ كىرگەن بولغىيتتىم.
−− يېگەن تاماق ئوغا بولدىغۇ... −− دېيىشتى خېرىدارلار.
−− جۈرە بالام، بۇ ھايۋانغا گەپ قىلىپ ئاغزىڭنى ئۇپراتما، −− دېگىنىچە بىر مېھمان تامىقىنى تاشلاپ ئېرشاتنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ قولىدىن يېتىلەپ ماڭدى.



ھالقىلىق سۆزلەر : خوتۇن، تۇرمۇش، ھېكايە


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار