−− بۇرۇن يولىمىغان بولسىڭىز ئەمدى سىناپ كۆرمەمسىز؟! مەنمۇ سىزنى ئاق ھاراق ئىچىشكە زورلىمايمەن، پىۋا ئىچىپ بېقىڭ، بولامدۇ؟ −− مەست بولۇپ قالسام قانداق قىلىمەن؟ −− پىۋا مەست قىلمايدۇ، ھاراق دېگەن ياخشى نەرسە، كۆڭۈل ئاغرىقىنىڭ دورىسى، بىرەر قېتىم مەست بولۇپ قالسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق، يا بىزنى بۇ يەردە بىركىم تونۇمىسا. ئاۋۋال بىر ئىچىپ بېقىڭە، خاپىلىقلىرىڭىزنى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرۇۋېتىدۇ. −− ئاچچىقتۇ؟ −− دېدى مېھرىبان نازلىنىپ. −− ئا... ي... تاتلىق بولسا كىم ئىچىدۇ بۇنى، ئاچچىق بولغاچقا پۇلغا ئېلىپ ئىچىمىز ئەمەسمۇ، −− دېگىنىچە بىر رومكا پىۋىنى مېھرىبانغا زورلاپ تۇتقۇزدى ئوسمان. −− نېمانچە سېسىق پۇرايدۇ، −− دېدى مېھرىبان پىۋىنى بۇرنىغا ئەكېلىپ، −− مەن ئىچەلمىگۈدەكمەن، ئۆزىڭىز ئىچىڭ. −− ئۇنى پۇراپ نېمە قىلاتتىڭىز، ماڭا قاراڭ، سىزگە قانداق ئىچىشنى ئۆگىتىپ قوياي - ھە؟ ئاۋۋال رومكىنى قولغا ئالىمىز، ئاندىن مانا مۇنداق ئىچىۋېتىمىز، −− ئوسمان چۈشەندۈرگەچ بىر قېتىم ئۈلگە كۆرسەتتى. −− مېنى بۇنداق نەرسىلەرنى ئىچىشكە زورلىماڭ، سەل تۇرۇپ تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە كېتىدىغان گەپ، مەست بوپقالسام ئۇيات ئەمەسمۇ؟ مەن تېخى يېرىم سائەتلا ئولتۇرۇپ قايتىپ كېتەرمەن دېگەنتىم. −− بەكلا خاتا ئويلاپسىز، نەدە ئۇنداق چاققان كېتىدىغان ئىش بار. سىزنى تۇغقىنىڭىزنىڭ ئۆيىگە ئۆزۈم ئاپىرىپ قويىمەن، شۇڭا خاتىرجەم ئولتۇرۇڭە. −− مېنى ھاراققا زورلاپ باشقا مەقسىتىڭىز يوقتۇ؟ ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن جۇمۇ. −− خاتىرجەم بولۇڭ، بىر تال چېچىڭىزغىمۇ تەگمەيمەن. ئەمدىغۇ بولغاندۇ، نېمانچە قىلىدىغانسىز، ھازىر ھەممە ئاياللار دېگۈدەك ئىچىدىغان بوپكەتتى. بولۇڭە، كۆپ ئەمەس، بىر قېتىملا ئىچىپ بېقىڭ. ياخشى، ئەمدى بولدى، پۇرىماڭ، پۇرىمايلا ئىچىۋېتىڭ، ھەببەللى، مانا چاي، چاققان ئىچىۋېلىڭ، ماۋۇ قورۇمىلاردىن ئېلىڭە، قانداقراق، بىئارام بولمىغانسىز؟ −− نېمىشقا بىئارام بولمىغۇدەكمەن؟ ئەرلەر نېمانچە ئەخمەقتۇ دەيمەن، مۇشۇنداق بەتبۇي، ئاچچىق بىر نېمىنى كېچە - كېچىلەپ ئۆلگۈدەك ئىچىشىپ كەتكەن. −− شۇنداق، بىز ئەخمەق، بىز ئەخمەق قانداق، ئەمدى ماڭا بىر قەدەھ تۇتارسىز، سىزگە تۇنجى رومكا پىۋىنى ئىچۈرۈش ماڭا ئاسانغا چۈشمىدى. شۇنىڭ ھەققى بوپقالسۇن، قېنى، ماڭا بىر قەدەھ تۇتۇڭ، ساقلاپ كەتتىم... ئەمدى كونا تونۇشلاردىن بولۇپ قالغانلىقىمىزنى تەبرىكلەپ قوللىرىمىزنى گىرەلەشتۈرۈپ ئىچىپ باقايلىمۇ؟ −− ئەجەب گېپىڭىز تولا ئىكەن، ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى دەپ جىق ئىچۈرۈۋەتتىڭىزغۇ، بېشىم قايغاندەك بولۇۋاتىدۇ. مېھرىبان قولى بىلەن ئېڭىكىنى تىرەپ ئوسمانغا قاراپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ كەيپتىن قىزارغان كۆزى سېھىرلىك ئۇچقۇنلارنى چاقنىتىپ، ئۆزىگە تەلمۈرۈپ تۇرغان ئوسماننىڭ يۈرىكىگە ئوت يېقىۋەتتى، ئوسمانمۇ ئۇنىڭدىن كۆزلىرىنى ئۈزەلمەيلا قالدى. ئۇلار مۇلازىم كىرىپ، ئىشتىن چۈشۈش ۋاق−تى بولغانلىقىنى ئېيتقاندىلا ئامالسىز ئورۇنلىرىدىن قوزغالدى. بۇ چاغدا ۋاقىت خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولۇپ، مېھرىبانمۇ ئوبدانلا تەڭشىلىپ قالغاچقا تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش تازا مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى، شۇڭا ئوسمان ئۇنى ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىغا ئېلىپ كەلدى. ئاللىقاچان يېتىپ قالغان ياتاقدىشىنىڭ بىر ئايال كىشىنى يۆلەپ كىرگەن ئوسمانغا قاتتىق ئاچچىقى كەلدى - دە: −− ھوي ئاغىنە، ئادەمدەك ئىش قىلايلى، بۇ يەرنى نېمىدەپ ئويلاپ قالدۇق؟ −− دەپ كوتۇلداپلا كەتتى. −− ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن، پەقەت بىللە مېھمان بولۇشقان شۇ، مېنىڭمۇ باشقا مەقسىتىم يوقتى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ چوكان مەست بولۇپ قالدى، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىم. قىزىقچىلىقتا شۇنداق بوپقالدى - دە، ئەمدى قانداق قىلساق بولار؟ −− دېدى ئوسمان ئوڭايسىزلىنىپ. ئىككىيلەن ھېچنېمىدىن غېمى يوق بەھۇزۇر ئۇخلاۋاتقان مېھرىبانغا قاراپ بىر ھازا ئولتۇرغاندىن كېيىن ھېلىقى ياتاقدىشى: −− مۇشۇ تۇرقىدا ئۇنى تارتىشتۇرۇپ باشقا ياتاققا يۆتكەيمىز دەپ يۈرسەك بىزگىمۇ ئەپسىز، ئۇنداق بولمىغاندىمۇ تىنچ ئۇيقۇسىنى ئۇخلىماي، يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىپ باشقىلارنى ئاۋارە قىلسا قانداق قىلىمىز؟ ئۇنىڭدىن كۆرە مەنلا باشقا ياتاققا چىقىپ كېتەي، −− دېدى. −− ئاغىنە، سەت بولدى، سىزنى ئۇخلاتماي، مەن رەسمىيىتىڭىزنى قايتىدىن بېجىرىپ بېرەي. −− بولدى، ئاۋارە بولماڭ. −− ئۇنداق دېمەڭ، مۇشۇ كەچتە سىزنى ئاۋارە قىلغىنىممۇ يېتەر. ئوسمان ياتاقدىشىنى باشقا بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ، قايتىپ كىرىپ بىرئاز دېمىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىنى ئەسىر قىلىۋالغان مېھرىباننىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ چاچلىرىنى ئاستا سىلىۋېدى، ئىپادىلەپ بەرگۈسىز بىر خىل تاتلىق سېزىم ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سېلىۋەتتى. ئۇ مەست بولغاچقا قېنى قىزىپ تۇرسىمۇ، ئەمما، توختا ئوسمان، ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال، مېھرىبان گەرچە توي قىلىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنتايىن پاك ھەم بىغۇبار ئىكەن، بۇنداق ئاياللارنى ھۆرمەتلەش كېرەك. يەنە كېلىپ خوتۇن كىشى دېگەن سەن كۆرۈپ باقمىغان نەرسە ئەمەسقۇ، ئۇنىڭ دىلىغا ئازار بەرمە، دەپ ئۆز - ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمىدى. ئوسمان ئەتىسى ئويغىنىپ ئەتراپقا ئالدىراپ قارىدى، بىراق مېھرىبان كۆرۈنمەيتتى. ئۇ بۇ چۈشۈم ئەمەستۇ، ئاخشام ئۇنى قوندۇرۇپ قالغىنىم شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە تۇرسا، ئەستا، قەيەرگە كەتكەندۇ ئەمدى؟ مەندىن خاپا بولۇپ قالمىغاندۇ؟ سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولسا ھېلى كىرىپ قالارمۇ؟ دېگەندەك خىياللار بىلەن بىرەر سائەتنى ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئاخىر مېھرىباننىڭ راستتىنلا كېتىپ قالغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن قورقۇمسىراپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدى. بىراق تېلېفون ئېتىك ئىدى. ئاپلا، ئۇ راستتىنلا مەندىن خاپا بولۇپ قاپتۇ. نېمىشقىمۇ پىۋا ئىچىشكە زورلىغان بولغىيتتىم. قاق سەھەردە ئىشىكنىڭ چېكىلىشىدىن چۆچۈپ كەتكەن زەمىرە: −− كىم؟ −− دېدى ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىغىنىچە. −− مەن، ئىشىكنى ئېچىڭ. مېھرىباننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن زەمىرە ئالدىراپ ئىشىكنى ئېچىپ: −− نېمە، كېچىچە سىرتتا تۈنىمىگەنسىز؟ −− دېدى ھەيرانلىق بىلەن. −− جېنىم دوستۇم، ئوسمانغا تەگكىنىم تەگكەن، −− دېدى مېھرىبان ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى پەقەتلا يوشۇرالماي، دوستى ئۇنىڭغا سوئال نەزىرىدە تىكىلدى. −− قاراڭ، ئاخشام مەنمۇ ئوبدانلا تەڭشىلىپ قالغان، شۇنداقتىمۇ كاللامنى ناھايىتى سەگەك تۇتۇپ، مەست بولۇپ قالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئۇنىڭ ياتىقىغا كەتكەن ھەم يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇۋالغان ئىدىم. ئۇنى قانداق قىلاركىن دېسەم، قارىمامسىز، ئۇ ئۆزىنى قانداق تۇتۇشنى بىلىدىكەن، ئاسانلىقچە كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەيدىكەن، مەن سەھەردە ئويغىنىپلا ئۇنىڭغا سەزدۈرمەستىن ئاستاغىنە قېچىپ چىقتىم - دە، تېلېفوننىمۇ ئېتىۋەتتىم. پەرىزىم خاتا بولمىسا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇ چوقۇم مېنىڭ دېرىكىمنى ئالالماي تىت - تىت بولۇپ كەتتى. ئىشىنىمەنكى، ئۇمۇ مېنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالدى، ئەگەر قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇ مېنى ئىزدىسىلا ئىش پۈتتى دېگەن گەپ. −− مېنىمۇ تونۇشتۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن، −− دېدى زەمىرە قىزىقسىنىپ. −− ئۇ كۈنلەرمۇ كېلىدۇ، ئاۋۋال ئىش ۋۇجۇدقا چىقسۇن. * * * ئۈرۈمچىدىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئوسماننىڭ ئەس - يادى مېھرىباندا قالدى، گەرچە ئۇنىڭ ئېرى بارلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ۋۇجۇدىدىكى بىر خىل قاراملىق ئۇنى مېھرىباننى ئىزدەشكە دەۋەت قىلاتتى. شۇڭا ئۇ ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدى. −− ۋەي، ياخشىمۇسىز؟ −− بۇ مەن، ئۇنتۇپ قالمىغانسىز. −− ياقەي، سىزنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالغىلى بولسۇن، ۋۇ ھىيلىگەر، −− دېدى مېھرىبان. −− ياق، ياق، مېنى ئۇنداق دېسىڭىز ئۇۋال بولۇپ كېتىدۇ، سىز بىلەن كۆرۈشكۈم بار ئىدى. −− يەنە مەست قىلاي دەمسىز؟ −− ئەزبىرايى خۇدا، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، پەقەت سىز بىلەن بىر ۋاق تاماق يېگۈم بار. ئۆتۈنۈپ قالاي، ماقۇل دەڭ، ۋاقىت بىلەن ئورۇننى سىز بېكىتىڭ. ئۇنداق بولمايدىكەن ئۆيىڭىزگە ئىزدەپ بارىمەن. −− ماقۇل، مەن ياخشىراق ئويلىنىپ ئاندىن سىزگە تېلېفون قىلاي، شۇڭغىچە ماڭا تېلېفون ئۇرماڭ. −− گېپىڭىز راستمۇ؟ −− راست، ماڭا ئىشىنىڭ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا سىزگە تېلېفون قىلىمەن. |