خوتۇن دېگەن شۇنداق بولسا(5)

يوللانغان ۋاقتى:01-04-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
ئوسمان ئوغلى كەتكەندىن كېيىن، ئاشپەز بالىلارنىڭ ياتىقىغا كىرىپ خېلى ۋاقىتقىچە چىقمىدى، ئۇ تاكى مۇشۇ كەمگىچە

ئوسمان ئوغلى كەتكەندىن كېيىن، ئاشپەز بالىلارنىڭ ياتىقىغا كىرىپ خېلى ۋاقىتقىچە چىقمىدى، ئۇ تاكى مۇشۇ كەمگىچە ئوغلىغا قول تەگكۈزۈپ باقمىغانىدى. مەن نېمە قىلدىم؟ ئۇ ئۆز - ئۆزىگە شۇنداق دەپ قوللىرىغا بىر نەچچە رەت قارىدى. پۇشايمان ئوتلىرىدا ئۆرتەندى، ئوغلىنىڭ يىغلاپ تۇرغان سېماسى كۆز ئالدىدىن نېرى بولمىدى، ئۇ شۇندىلا كارتىلىرىنى مېھرىبانغا بېرىۋەتكىنىگە پۇشايمان قىلدى، ئەگەر ئۇنداق بولمىغىنىدا، ئىنس - جىنغا تۇيدۇرماي نەچچە مىڭ يۈەننى بۇرۇنقى ئايالى رابىيگۈلگە ئاپىرىپ بېرەلەيتتى. ئۇ چاغدا بۈگۈنكىدەك جېدەلمۇ چىقمىغان بولاتتى. دېمىسىمۇ ئون نەچچە يىل ئۆي تۇتقان ئايالى، ئوغلىنىڭ ئاپىسى تۇرسا، مۇشۇنداق قىيىن كۈنگە قالغاندا قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرسا ئادەمگەرچىلىككىمۇ يارىمىغان بولمامدۇ، ھە... ي... قانداق قىلىش كېرەك. يا بىرەر ئاغىنەمدىن قەرز ئېلىپ تۇرايمۇ؟ دەپ ئويلىدى ئۇ.
مېھرىبان بىر نەچچە قېتىم ئىشىك تۈۋىگە كەلگەن بولسىمۇ كىرىشكە جۈرئەت قىلالماي، كەچ كىرىپ ئەل ئايىغى بېسىققاندىلا، بىر چىنە چاينى پەتنۇسقا سېلىپ ئىشىكنى يېنىك چېكىپ قويۇپ سەل قورقۇمسىراپ كىرىپ دېدى:
−− چاي ئىچىڭ، بالىغا خاپا بولماڭ، دېمىسىمۇ رابىيگۈل ئاچامنى يوقلاپ قويمىغىنىڭىز ئوبدان بولماپتۇ.
−− رابىيەنى يوقلاپ بارسام خاپا بولمامسىز؟ −− دېدى ئوسمان ھەيرانلىق بىلەن.
−− نېمىشقا خاپا بولىمەن، شۇنچە يىل ئۆي تۇتقان ئايالىڭىز تۇرسا، يەنە كېلىپ ئاراڭلاردا بالا بار. شۇ ھالدا ئۇلار بىلەن تېزىشىپ كەتكىلى بولاتتىمۇ! مېنىڭچە بولغاندا ئەتىلا بېرىڭ، نەچچە كۈندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ كېتىپ بانكىغا سېلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن 0002 يۈەندەك پۇل بارمىكىن، ئاز كۆرسىڭىز ئەتە سەھەردە بانكىدىن يەنە ئەپچىقىپ بېرەي.
−− رەھمەت سىزگە جېنىم خوتۇن، مەن سىزنىڭ بۇنچىلىك ئالىيجانابلىقىڭىزنى بىلمەپتىمەن، ئېرشات نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا ئاپىسىنىڭ ياتاققا كىرىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان، بىراق مەن سىزگە بۇ توغرىدا گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغانىدىم، سىزنى بەكلا ياخشى كۆرگەچكە خاپا قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپتىمەن.
−− قارىڭە سىزنى، ماڭا ئىشەنمەمسىز؟
ئوسمان مېھرىباننىڭ قولىدىن تارتىپ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى.
−− بىرەرسى كىرىپ قالسا سەت بولىدۇ، تۇرۇڭ، ئۆيگە كېتەيلى، −− دېدى مېھرىبان.
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ ئوسمان ناھايىتى جىددىي مېھرىبانغا مۇنداق دېدى:
−− رابىيەنى ئۆيىدىكىلەر دوختۇرخانىغا ئەپچىقىپ كەتكەنغۇ؟
−− ھەئە، خەۋىرىم بار.
−− بايا ئېرشات تېلېفون قىپتۇ، ئۇلار ئەپچىققان پۇل يەتمەي، رابىيەنىڭ ئاكىسى يەنە پۇل ئالغىلى كەپتۇدەك، ئالدىنقى قېتىمدىمۇ 02 مىڭ يۈەن ئېلىپ ماڭغاندەك قىلىۋاتاتتى. كېسەل دېگەننىغۇ بىر نېمە دەپ بولمايدىكەن. بالىياتقۇ راكى ئىكەن دەمدۇ نېمە، بىراق باشلىنىشى بولغاچقا ئانچە خەتەرلىك ئەمەستەك قىلىدۇ، خوتۇن، ئېرشاتنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ بانكىدىكى پۇلدىن 01 مىڭ يۈەن بېرەمدۇق - يا؟ ئامال بار ساقىيىپ قالسۇن، بالىنى بېقىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ!
−− ۋۇي، ئۇ يالغۇز سىزنىڭلا بالىڭىز ئەمەسقۇ؟ −− دېدى مېھرىبان خاپا بولۇپ.
−− ئۇغۇ شۇنداق، مۇشۇ بىر قېتىم يۈزۈمنى قىلىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ نېمە بولۇشى بىلەن پەرۋايىم پەلەك.
−− ئۇنداق ئەمەستۇ؟ كىم بىلىدۇ، ئەتە - ئۆگۈن يەنە نېمە ئىشلار چىقىدۇ، ھەي، مەن بىلەن توي قىلىپ پۇشايمان يەپ قالغان بولسىڭىز گەپنى ئوچۇق قىلىڭ، تولا ئادەمنى ئەخمەق قىلماي.
−− نېمىلەرنى دەيدىغانسىز، سىز دېگەن مېنىڭ بارلىقىم، ھاياتىم.
−− بولدى ! ياغلىما گەپلىرىڭىزنى قويۇڭ، مەن ئويلىنىپ باقاي.
مېھرىبان بۇ قېتىم قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى، ئۇ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، مەقسەتسىز كوچىغا چىقتى. »بۇرۇنقى ساددا، ئاق كۆڭۈل« يولدىشى، ئۈرۈمچىدىكى ئالىمجان، تاكسى شوپۇرلىرى بىر - بىرلەپ كۆز ئالدىغا كەلدى - دە، دوستى زەمىرەگە تېلېفون قىلدى.
−− 6 - ئاينىڭ پاقىسىدەك يوقاپ كەتتىڭىزغۇ، تۇرمۇشىڭىز بەك كۆڭۈللۈك بولغاچقا، بىزلەرنى ئۇنتۇپ قالدىمىكىن دەپتىمەن، −− دېدى زەمىرە سەل خاپا بولۇپ.
−− كەيپىياتىم تازا ياخشى ئەمەس.
−− نېمە بولدى؟ ئوسمان خاپا قىلىپ قويدىمۇ؟
−− ئەمدى بولسىمۇ كۆڭلۈمدىكى ئادەمنى تاپتىم دەپ باشقىلاردىن مۇناسىۋىتىمنى ئۆزگەنىدىم، ئەسلىي ئوسمان بىلەن مەڭگۈ بىللە ئۆتۈش خىيالىم بار ئىدى. قارىغاندا چوتنى خاتا سوققان ئوخشايمەن. يېقىندىن بۇيان بۇرۇنقى خوتۇنى بىلەن ئوغلى ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى دەپ كۆڭلۈمنى پاراكەندە قىلىپ كېتىۋاتىدۇ. يامىنىغا ئالاي دېسەم، ئۇنى خاپا قىلىپ قويۇپ ھەممىدىن قۇرۇق قالماي دەپ ئەنسىرەيمەن، ھەممىگە ماقۇل دېيىشكە تېخى چىدىمايمەن، ئۇلارنىڭ جېدىلى بىر نەچچە قېتىملىق بولسا مەيلىتتى. بىراق داۋاملىق مۇشۇنداق بولۇۋەرسە مېنى تىرىكتۈرۈپ ئۆلتۈرمەمدۇ، ئەجەب يامان خوتۇنكەن دېسە. ئۆزى يىراقتا تۇرۇۋېلىپ ئوغلىنىڭ تىلى بىلەن ئىش تېرىۋاتىدۇ.
−− نېمە دەيدىغانسىز؟ بولمىسا ئۇنداق قىينىلىپ يۈرگىچە ئاجرىشىپلا كېتىڭا؟ ئوسمان تېپىلماسنىڭ خورمىسى بولمىغاندىكىن.
−− ئۇنىمۇ ئويلىغان، لېكىن بۇنداقلا ئاجرىشىپ كەتسەم زىيان تارتىپ قالمامدىمەن؟ قېنى، يەنە بىر مەزگىل قاراپ باقاي. ئىشقىلىپ ئىككى خىل پىلان تۈزۈپ قويدۇم.
−− قانداق پىلان ئۇ؟
−− ھازىر دېيىشكە سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ.
−− ماقۇل دوستۇم، ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلارسىز.
−− ئىش بولسا يەنە تېلېفون قىلىمەن، سىز بىلەن مۇڭدىشىۋېلىپ خېلى يېنىكلەپ قالدىم.
* * *
−− جېنىم خوتۇن، ئۇزاقتىن بۇيان، مۇشۇ ئەتراپتىكىلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكۈدەك بىر رېستوران ئېچىش خىيالىم بار ئىدى. بىراق »بەڭگىنىڭ خىيالى« بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئېغىزدىن چىقارمىغانىدىم. ئاڭلىشىمچە مەركىزىي بازارنىڭ يېنىدىكى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بېغىنى ساتىدىكەن، بولسا مۇشۇ ئاشخانىنى 051 مىڭ يۈەنگە سېتىپ، قالغان قىسمىغا بانكىدىكى 07 مىڭ يۈەننى قوشۇپ، كەملىگەن يېرىگە بانكىدىكى ئاغىنىلەر ئارقىلىق تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز ئالساق بۇ ئىشمۇ پۈتىدىغاندەك قىلىدۇ، −− دېدى ئوسمان بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا.
−− بولىدۇ، مەن سىزنى قوللايمەن، −− دېدى مېھرىبان قىزغىنلىق بىلەن.
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتە - ئۆتمەيلا ئاشخانىغا خېرىدار چىققىلى تۇردى.
−− ئوسمانجان، ھېلىقى يەرنى ئالىدىغان ئىشىڭىز قانداق بولۇپ كەتتى؟ ئاشخانىنى ساتىدىغان ئىشنى كىملەرگە ئېيتقان بولغىيتتىڭىزكىن، بىر نەچچەيلەن كىرىپ سۈرۈشتۈرۈپ چىقىپ كەتتى، زادى قانداق قىلىمىز؟
−− ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 051 مىڭ يۈەن بولىدۇ، يەنە بىر مەزگىل قاراپ بېقىپ، كىم ئەڭ يۇقىرى باھا قويسا شۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەيمىزمۇ، يەرگە كەلسەك، ئۇنىڭ رەسمىيىتىنى بېجىرىدىغان كىشى ئىچكىرىگە كېتىپتۇدەك. شۇڭا بۇ ئىشنى دەرھال بېجىرەلمىگۈدەكمىز.
شۇ كۈنلەردە ئوسماننىڭ سەل ئايىغى چىقىپ قالغاندەك قىلىۋاتاتتى. بۇ ھال مېھرىباننىڭ دىققىتىنى تارتقان بولسىمۇ پەرۋا قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى. ھېلىقى كېسەل كۆرپىسىنى قايتىپ كەپتۇ دەۋاتقان، مېنىڭدىن يوشۇرۇنچە ئۇنى يوقلاپ بېرىۋاتامدۇ، نېمە؟ دېگەنلەرنى ئويلىدى ئۇ.
−− ئاغىنىلەر ئابلىمىتنىڭ ئۆيىدە قارتا ئوينىشىۋېتىپتۇ، مەنمۇ شۇ يەرگە بېرىپ كېلەي، −− دېدى ئوسمان بىر كۈنى كەچلىك چايدىن كېيىن.
−− بەك ھايال بولماڭ، مەن ئۇنداق قاچانلا كەلسە كەلمەمدۇ، دەپ ئۇيقۇمنى ئۇخلاۋېرىدىغان خىرامان ئاياللارغا ئوخشىمايمەن، سىز كەلمىگىچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ، −− دېدى مېھرىبان ئۇنىڭغا ئەركىلەپ.
−− بولىدۇ، مەنمۇ سىزنى بىردەم كۆرمىسەم چىدىمايمەن، بۇنى بىلىسىزغۇ؟
ئوسمان چىقىپ كېتىپ 02 مىنۇتلار ئۆتكەندىن كېيىن، مېھرىبان ئابلىمىتنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلدى. تېلېفوننى ئابلىمىتنىڭ ئايالى رازىيە ئالدى. بىر مۇنچە ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن مېھرىبان ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن گەپ باشلىدى:
−− ئۇزاق بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى، شۇڭا سىزدىن ئەھۋال سوراپ تېلېفون قىلىشىم، بىر كۈنى بالىلارنى ئېلىپ مېھمان بولۇپ كېتىڭە، ئابلىمىتچۇ، ئۆيدىمۇ؟
−− ئۇ خېلى بولدى، چوڭ ئۆيدىكىلەرنى يوقلاپ كېلەي دەپ چىقىپ كەتكەن، بولمىسا سىز بىزنىڭكىگە كېلىڭە.
−− بولدى، باشقا كۈنى باراي، ماقۇل ئەمىسە، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى، خوش، −− مېھرىبان شۇنداق دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
دېمەك، ئوسمان ئۇنىڭغا يالغان ئېيتقانىدى.
مېھرىبان ھويلىنىڭ ئىشىكىنى قىيا ئوچۇق قويۇپ، ئوسماننىڭ بۇرۇنقى ئايالى رابىيەنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى. ئۇ رابىيەنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ، ئەتراپقا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئوچۇق تۇرغان ئىشىكتىن بوينىنى سوزۇپ ئىچىگە قارىدى. ھويلىدا ئادەم يوق بولۇپ، چىراغ يېنىقلىق، ئۆي تەرەپتىن گۇدۇڭ - گۇدۇڭ ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بىراق مېھرىبان بۇ تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازىمۇ ياكى ئادەملەرنىڭمۇ تازا پەرق ئېتەلمىدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ دېرىزە تۈۋىگە بېرىپ ئۆي ئىچىگە قاراپ باققۇسى بولسىمۇ، بىراق پېتىنالماي، يا قايتىپ كەتكۈسى كەلمەي ئاخىر ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى يوغان بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ ئولتۇردى. ئۇ كۆڭلىدە ئوسماننىڭ بۇ يەردە بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتى. كۈتۈلمىگەندە 51مىنۇتلاردىن كېيىن ئاۋۋال ئوسمان، ئاندىن ئېرشات ئۆيدىن چىقىپ كەلدى، مېھرىباننىڭ قەلبىنى رەشك، غەزەپ - نەپرەت قاپلىدى.



ھالقىلىق سۆزلەر : خوتۇن، تۇرمۇش، ھېكايە


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار