ئاپتورى: زۆھرەگۈل ھامۇت بەربات بولغان چۈش
(ھىكايە)
بانكىنىڭ قەرز تارقىتىش ئىشلىرىنى بېجىرىش بۆلۈمچىسىدىن ئالدىراپ ئاتلاپ چىققان ساتتار پىشانىسىدىكى مەرۋايىتتەك يالتىراۋاتقان تەرلەرنى سۈرتكەچ،پۇل ئېلىش پۇكىيىگە ئالدىراپ چاپتى.ئىش بېجىرگۈچىنىڭ ئالدىدىكى كومپىيوتىر بىلەن ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ھەپىلىشىپ ئولتۇرۇشى ئۇنىڭ چىشىنى قېرىشتۇرۇپ،ئىچىدە بانكا خىزمەتچىلىرىنى تىللاشقا چۈشتى:«ھىم!خۇددى ئۆز يانچۇقىدىكى پۇلنى بېرىدىغاندەك قىلىدۇ بۇخەق،ئالدىغا كەلگەن خېرىدارلارنى ماڭدۇرىۋېتىپ باشقا ئىشى بولسا قىلسا بولمامدىغاندۇ؟».ئۇ پۇكەي ئەينىكىدىن قەرز رەسمىيەتلىرىنى ئىش بېجىرگۈچىگە سۇندى.ئىش بېجىرگۈچى گويا ئالدىدا ئۆچرەتتە تۇرغانلارنى كۆرمىگەندەك بىخارامان ھالدا ئالدىدىكى ھىساۋاتنى قىلىش بىلەن ھەلەك ئىدى.
خېلى ۋاقىت ساقلىغاندىن كېيىن ساتتارغا نۆۋەت كېلىپ، ئىش بېجىرگۈچى ساتتارنىڭ قولىغا قىپقىزىل يۈز كويلۇقتىن ئىككى باغلام پۇلنى تۇتقۇزغاندا،ئۇنىڭ ھاياجاندىن يۈرىكى دۈپۈلدەپ،پۇل تۇتقان قوللىرى يېنىك تىترەشكە باشلىدى.ئۇ تىترەڭگۈ قوللىرىدا پۇلنى كۆڭۈل قويۇپ بىر نەچچە نۆۋەت شىرىقلىتىپ ساناپ چىققاندىن كېيىن خىزمەت سومكىسىغا ئاۋايلاپ سېلىپ،خوشلۇق ئىلكىدە سىرىتقا قاراپ ماڭدى.سىرىتقا چىقىپلا بۇ خۇش خەۋەرنى تېلىفۇن ئارقىلىق ئايالىغا يەتكۈزدى-دە،موتسىكىلىتنى مىنىپ يۈرۈپ كەتتى.
ساتتارنىڭ ئايالى روشەنگۈلنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ۋاقتىدا بىرەر ئەمەلنىڭ پېشىنى تۇتۇش لازىملىقى ئۈستىدە تولا ۋاتىلداپ قۇلاق مېڭىسىنى يىيىشى ئاخىرى ساتتارنىڭ ئىدىيىسىدىمۇ زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئايالى بىلەن بىرەر ياخشى ئامال ئۈستىدە ئىزدەندى.ئۇيان ئوياپ،بۇيان ئويلاپ ئۇلارنىڭ پىكرى بانكىدىن قەرز ئېلىپ،پۇلنى بىرەر پىچىقى كېسىدىغان نوپۇزلۇق شەخىسكە«ئارقا ئىشىك»قىلىش،بانكا قەرزىنى مائاشىدىن ئاستا-ئاستا قايتۇرۇشتىن ئىبارەت ئاقىلانە چارىگە مەركەزلىشىپ،نەچچە كۈندىن بۇيان ساتتار ئەنە شۇ گۈزەل ئارزۇ-ئارمىنىغا يېتىشنىڭ بىرىنچى پەلەمپىيى بولغان قەرز ئېلىش ئىشى ئۈچۈن ئايىقىنىڭ چەمى چۈشۈپ قالغۇدەك قاتراپ يۈرۈپ،مىڭ تەسلىكتە 20مىڭ يۈەن قەرز ئالدى.مانا،ئۇنىڭ قولى ئەمدى پۇل كۆردى.سومكىسىدا ئۇياتچان قىزلاردەك قىزىرىپ تۇرغان پۇللار ساتتارنىڭ ئۆزىنى دەرھال خەجلىشىنى كۈتۈپ جىلمىيىپ تۇرماقتا.
ساتتار پۇلنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا باشلىدى.ئۇ ئايالىغا،ئۆزىگە،بالىلىرىغا قىممەت باھالىق كىيىمدىن بىر قۇر،بالىلىرىغا ئۇلار ئېلىپ بەر دەپ تولا غەلۋە قىلغان ئويۇنچۇقنىڭ ھەر خىلىدىن ئۆيىگە ئاپىرىپ ئۇلارنى تۇيۇقسىز خوش قىلىۋېتىشنى،كەچتە ئائىلىسىدىكىلەرنى رېستۇران تامىقىدا غىزالاندۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى.تۇيۇقسىز كېلىپ قالغان بىر ئوي ساتتارنى ئاۋالقى خىيال قاينىمىدىن ئاستا-ئاستا تارتىپ چىقىرىپ،مەمنۇن بولغان ۋە ئۆزىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا قانداقلارچە ئاۋاز چىقىرىپ كۈلۈپ سالغىنىنىمۇ سەزمەي قالدى.بىر قولىدا موتسىكىلىتنىڭ رولىنى قويۇۋېتىپ،قويۇق چاچلىرىنى ئارىدەك بارماقلىرىدا ئارقىغا تاراپ قويدى.
ئۇ باشلىققا پارا بېرىدىغان پۇلنىڭ سانىنى ئاينىتىپ،بىر قىسمىنى ئايالىغا بىلدۈرمەي يۇشۇرۇشتىن ئىبارەت بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش ھىيلىسىنى ئويلاپ ئۈلگۈرگەندى.ساتتارنىڭ خىيال قۇشلىرى قاناتلىنىپ،ئىدارە باشلىقى«گ»نىڭ ئىشخانىسىغا قوندى.ئەنە،ساتتارنىڭ ئالدىداقول ئاستىدىكى ئادەملەر ئۇنى«س»جۈيجاڭ دەپ ئاتىشىپ،ئىززەت-ئېكرام،خوشامەتگۇيلۇق بىلەن قول قوشتۇرۇپ تۇرماقتا.يۇمشاق كىرىسلودا كېرىلىپ ئولتۇرغان ساتتار ئالدىدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن باش ئېگىپ تۇرغان ئادەملەرگە مەنسىتمەسلىك نەزەرىدە گېدىيىپ قارىۋېتىپ،ئۇلارنىڭ دولىسىدىن دەسسەپ ئۆتۈپ،ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىغا ئولتۇرۇپ،«يېزىلارنى تەكشۈرۈش»نامى بىلەن يېزا ئاساسى قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ مېھماندارچىلىقىغا داخىل بولماقتا.دەرت ئېيتىپ كەلگۈچىلەرنىڭ خوشامەت بىلەن ئېلىپ كەلگەن قوي گۆشى،بېلىق،توخۇ گۆشلىرى توڭلاتقۇغا پاتماي قېلىشقان،يەشىكلەردە سەپراس تۇرۇپ كېتىشكەن ئالىي ھاراق-تاماكىلار،قىپقىزىل ئوتقاشتەك گېلەملەر،ھاجەتمەنلەرنىڭ«ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلارلا...»دەپ ئۇنىڭ سۇ قۇيسا توشمايدىغان تېگى يوق قۇدۇقتەك مۇبارەك يانچۇقىغا«شىرىت»تىدە سېلىۋەتكەندىن كېيىن تارتىنچاق خېنىملاردەك نازغىشىپ تۇرغان قىزىل يۈزلۈك يۈز كويلارنىڭ كۆپلۈكىدىن يانچۇقىنىڭ تىكىشلىرى سۆكۈلگەن،گاھ بۇلاقنىڭ شىرىلدىشى،گاھ زىل قوڭغۇراقنىڭ جىرىڭلىشىدەك يېقىملىق كۈلكىىسى بىلەن نازلىق تولغانغان نازىنىنلار ئۇنىڭ بەستلىك يەلكىسىگە نازۇك ئالقانلىرىنى يەڭگىل قويۇشۇپ،ئاللىقانداقتۇر لىرىك سۆيگۈ ناخشىلىرىنىڭ ئەللەيلىشىدىن مەستخۇشلىنىپ،قېنىق گىرىملەنگەن شەھلا كۆزلىرىنى خۇمارلاشتۇرۇپ،قۇشتەك يېنىك ھەركەتلەر بىلەن تانسىغا چۈشۈشكەن.ئايالى روشەنگۈلنىڭ ئورۇق،زىلۋا قامىتى كۈنسىرى تولۇپ سەمىرىشكە باشلىغان،قۇلاق،بويۇن،قوللىرىدىكى جۈپ-جۈپ ھالقا،ئۈزۈك،بىلەيزۈكلەردىن ھەسەتخورلارنىڭ كۆزلىرى قاماشقان...
شېرىن خىيالدىن مەست بولغان ساتتار قايرىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە،يۈك ئاپتومىبىلىنىڭ جىددى سىگنال بېرىشى بىلەن گويا قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغانغاندەك چۆچۈپ كەتتى ۋە جىددىيلەشكىنىدىن تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان موتسىكىلىتنى تورمۇزلاشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى.ئۇ زەئىپ ئىڭرىغىنىچە كۆزئالدى قاراڭغۇلىشىپ،ئەتراپىدىكى ئولىشىۋالغان ئادەملەر بارا-بارا كۆزىگە كۆرۈنمەي قالدى.
جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كېلىنگەن ساتتار بىھۇش ھالدا ياتاتتى.ئايالى روشەنگۈلنىڭ يىغىدىن كۆزلىرى قىزارغاندى،بىر كەملەردە ساتتار ئاستا-ئاستا ھۇشىغا كېلىپ زەئىپ ئىڭراشقا باشلىدى.ئۇنىڭ مېڭىسىدە بايىقى بولغان ئىشلار ئەكىسلىنىپ،دەرھال سومكىنى ئېسىگە ئالدى ۋە يىغىدىن قاپاقلىرى ئىششىغان ئايالىغا كۈچىنىپ ئارانلا گەپ قىلدى:
-سوم...كا قېنى؟
ئېرىنىڭ بېشىدا تىت-تىت بولۇپ ئولتۇرغان روشەنگۈل ساتتارنىڭ قەرز پۇلنى بانكىدىن ئېلىپ بولغانلىقىدىن خەۋەردار بولغاچقا، ئۇنىڭ ماشىنىغا سوقۇلۇشتىن بۇرۇن پۇللارنى قەيەرگە قويغانلىقىنى بىلىش ئىستىكىدە يۈرىكى ئوت بولۇپ يانغاندى. ساتتار تېزرەك ھۇشىغا كەلسە پۇلنىڭ دېرىكىنى قىلىشنى ئويلاپ تۇرغان روشەنگۈل ئېرىنىڭ سۇئالىدىن تېڭىرقاپ،گويا بىراۋ بېشىغا مىق قېقىۋەتكەندەك ئاغرىق كىرىپ زىڭىلداپ كەتتى.ئۇ غەزەپ بىلەن ئوت بولۇپ يانغان كۆزلىرىنى ئېرىگە نەشتەردەك تىكىپ:
- سومكا سىلىدە تۇرسا،مەن نەدىلىكىنى نىمە بىلىمەن-ھە؟-دەپ ۋارقىرىدى.
- ھە؟سومكا يوق...ما؟!
ئەمدىلا ھۇشىغا كەلگەن ساتتار گويا بېشىغا قورام تاش ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك ئەندىكىپ،بېشىنى كۈچىنىپ بىر كۆتەردى-دە،«ئاھ!...»دىگەن بىر نىدا بىلەن ھۇشسىزلىنىپ يىقىلدى.
روشەنگۈل يۈزلىرىنى كاچاتلاپ يىغلاپ،ساتتار ماشىنىغا سوقۇلغاندا توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلىغان نامەلۇم ئوغرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ ئىز-دىرەكسىز يوقالغان،تېخى پېچىتى بۇزۇلمىغان 20 مىڭ يۈەننىڭ ھازىسىنى ئاچماقتا ئىدى...
مەنبە:«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژورنىلى2004-يىللىق4-سان
(«تارىم باھارى»ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،«تارىم ساداسى»ناملىق بىرلەشمە توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەر)
|


