• قىيامەت(ھىكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:04-03-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    كۈنبويى تويغا لازىمەتلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش، باغاق تارقىتىش، كەم-كۈتىلەرنى تولۇقلاش ھەلەكچىلىكىدە پەرىدەگە ئوبدانلا ھاردۇق يەتكەندى

    ئاپتورى: زۆھرەگۈل ھامۇت

                                           قىيامەت
                                                   (ھىكايە)
    كۈنبويى تويغا لازىمەتلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش، باغاق تارقىتىش، كەم-كۈتىلەرنى تولۇقلاش ھەلەكچىلىكىدە پەرىدەگە ئوبدانلا ھاردۇق يەتكەندى. بولغۇسى ئېرى ئېرشات بىلەن پەرىدەنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭغا يېقىن تۇرۇپ، يۈگۈر-يېتىم ئىشلارغا ھەمدەم بولمىغان بولسا ئۇ  قانچە ھېرىپكېتەتتىكىن تاڭ؟
    پەرىدە ئۇزۇن يىللىق سىرداش دوستى پاتىگۈلنى قىز قولدىشى قىلىپ تاللىغاندى، ئۇلار ئەتراپقا گۈگۈم پەردىسى يېيىلغاندا سۇلياۋ خالتىلارغا ئۈستىلەپ قاچىلىنىپ پاتماي قالغان، تويدا ۋە تويدىن كېيىن ئىشلىتىلىدىغان لازىمەتلىكلەرنى ھارغىن قىياپەتتە كۆتىرىپ ھويلىغا كىرىشتى ۋە پەرىدەنىڭ ياتاق ئۆيىگە مېڭىشىغا، بوسۇغىدىن ئالدىراش ئاتلاپ چىققان ھەبىبىخان ئۈنىنى قويۇپ بېرىپ توۋلاشقا باشلىدى:
    -ھەي بەڭۋاش! سېنىڭ تاپقان لايىقىڭ شۇمۇ ھە؟ ماۋۇ سەھرالىق تومپايلار بۈگۈن ئەل-يۇرت ئالدىدا مېنى يەرگە قارىتىپ، قىز باققانغا ھەق-دات دىگۈزدى- يا؟ بۇ بىزگە نە ئات، نە نۇمۇس!؟
    ياتاق ئۆينىڭ بوسۇغىسىدا نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي داڭقېتىپ قالغان پەرىدە بۈگۈنكى توي كەلدىسىدە بىرەر كېلىشمەسلىكنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تۇيغاندەك بولۇپ، يۈرىكى ئەنسىز دۈپۈلدەپ سوقۇپ، كۆڭلى بىئارام بولۇشقا باشلىدى.
    ئاشخانا ئۆيدىن دەستە-دەستە پىيالىلەرنى مېھمانلىق ئۆي تەرەپكە كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان پەرىدەنىڭ ھاممىسى تۇردىخان ئوت ئۈستىگە ماي چاچقاندەك سۆزلەپلا كەتتى:
    -ھەي، قىزىم پەرىدە! سەھرالىقنىڭ بىر قۇۋۇرغىسى كەم دەپ بىكار ئېيىتماپتىكەن كونىلار، قارىمامسەن، بۇ پەسلەرر بىزنى ئەل-جامائەت ئىچىدە سۇندۇرۇپ، تويلۇق كالىغا ئانىسىدىن تۇغۇلغىنىغا  نەچچە سائەتلا بولغان بىر موزوي ئەكەپتۇ. داستىخانغائەكەلگەن گۆشچۇ تېخى، ۋاي ئۆلەي! قىرىۋالغۇدەك گۆشمۇ چىقمايدىغان تېكىنىڭ گۆشىكەن ئەمەسمۇ ؟ تويلۇقنىڭ ھىچقايسىسىنى بىز تۈزۈپ بەرگەن تويلۇق تىزىملىك بويىچە ئالماپتۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەت، كىيىم-كېچەك دىگەنلەر بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدىلا. قىزغا ئالغان تويلۇق مال ئاچقۇسىدا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تويلۇقىنى كۆرۈپ نۇمۇستىن ئۆلەيلا دىدۇق، خوشنا-خۇلۇم، ئۇرۇق-تۇققانلار غۇلغۇلا قىلىپ كېتىشتى، ھەبىباچاملارنى كۆرەلمەيدىغانلار ئۈچۈن كۈلكە بولدى دىگىنە.
    تۇردىخاننىڭ گېپىگە ئۇلاپلا ھەبىبىخان يەنە كايىشقا باشلىدى:
    -قىزىمغا ئايەت- شىپاھ ئوقۇتۇپ كاللىسىنى ئايلاندۇرۇپ يۈرگەن بولمىسۇن يەنە سەھرالىق تومپاي! بولمىسا نى-نى يەردىنلايىقلار چىقسا كۆز قىرىنى سالمىغان بۇ بەڭۋاش سەھرالىققا تېگىمەن دەرمىدى؟
    شۇ ئەسنادا ھويلا بېغى ئىچىدە كانارغا ئاسقان گۆشنى داستىخان بىلەن ئوراۋاتقان قايىم ئاخۇن بۇ پاراڭلارنى ئاڭلاپ  ئالدىراش كەلدى-دە،ھەبىبىخاننى جىملەشكە باشلىدى:
    - ئاپلا،بۈگۈن ئاغزىڭلا ئېچىلىپلا كەتتىغۇ؟ نىمانچە سۆزلەۋېرىسىلە؟ بۇ گەپ قىزىمىزغا  ئېغىر كەلمەمدۇ؟مېڭىڭلا،كىرىپ ئىشىڭلارنى قىلىڭلا.
    ھەبىبىخان سېمىز مۇشتىنى بېلىگە تىرەپ قايىم ئاخۇنغا ھۈرپەيدى:
    -ساڭا ئۇ پەس سەھرالىقلار ياراپ كەتكەن بولسا،ئاۋۇ ئەقىلسىز قىزىڭنى ھازىرلا قوش قوللاپ بېرىۋەت، شۇنداق قىلسام رازى بولىسەنغۇ سەن-ھە؟
    -ئاپلا، ماۋۇ خوتۇننى...،-قايىم ئاخۇن ھەبىبىخاننىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە،ئەتراپتىكىلەردىن نۇمۇس قىلىپ ئاغزىغا كەلگەن گەپنى يۈتۈۋەتتى.
    پەرىدەنىڭ يۈرىكىگە يىڭنە سانجىلغاندەك بولۇپ،ۋۇجۇدى مۇزلاپ،بەدىنىگە تىترەك ئولىشىشقا باشلىدى،تال-تال قايرىلما كىرپىكلىرى ئارىسىدا ياش لىغىلداپ،ئەيىبكارلارچە بېشىنى تۆۋەن سالدى.
    ھەبىبىخان ئېرىگە قاراپ قوللىرىنى شىلتىپ ھەدەپ بىر نىمىلەرنى دىمەكتە ئىدى. پەرىدە ئاپىسىنىڭ تىغدىن ئۆتكۈر،زەھەردىن ئاچچىق سۆزلىرىگە چىداپ تۇرالمىدى:
    -ئاپا،دېھقان بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارنى شۇنچە ھاقارەتلەمسىز؟ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى بار،توينى ئادى-ساددا ئۆتكۈزەيلى دىگەن تەكلىپنى مەن بەرگەن،ئۇنچە خاپا بولۇپ كەتمەڭ، ئەتە توي بولىدۇ دەۋاتقاندا...
    ھەبىبىخان پەرىدەنىڭ گېپى تۈگە- تۈگىمەيلا ئۇنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كەلدى:
    -نىمە دىدىڭ؟ھۇ تۇز كور!-ئۇ شۇنداق دەپلا پەرىدەنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالدى-ئەرگە ئۈستەك بېرىپ تەگمەكچىمىدىڭ؟خوشنىلارنىڭ قىزلىرىنى قانداق ياتلىق قىلغانلىقىنى كۆرگەنسەن؟ سەھرالىقنى تاپقىنىڭنى ئاز دەپ،تاللا-تاللا تازغا ئۇچراپتۇ دىگەندەك،نەدىكى بەش كېپىللىكتە قالغان قەلەندەرلەرنى ئۆيىمىزگە باشلاپ كېلىپ، يەنە ماڭا قارشى سۆزلەشكە قانداق پېتىندىڭ؟
    قاتتىق تەستەك زەربىسىدىن پەرىدە كەينىگە سەنتۈرۈلۈپ ئىشىككە يۆلىنىپ قالدى.ئۇ ياشلانغان كۆزلىرى بىلەن ئاپىسىغا نەپرەتلىك تىكىلدى-دە، قوللىرىدىكى نەرسىلەرنى جايىغا تاشلاپ،ئۆكسۈپ يىغلىغانچە سىرىتقا ئۆزىنى ئاتتى.
        پاتىگۈل ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ ئائىلىنىڭ تۇزىنى يەپ،بەزى كۈنلىرى بىر-بىرىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ دىگۈدەك ئۆتكەن  يېقىن دوستلار بولغاچقا، بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ مىجەز-خۇلقى ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان ئىدى، ئۇ پەرىدەگەنىمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلەلمەي ئۇنىڭغا ئۈن-تىنسىز يانداشتى.
    *      *      *
    قايىم ئاخۇن بىلەنھەبىبىخان شەھەر مەركىزىدىن چەت يەرگە جايلاشقان يۇڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلەيدىغان چاغلار ئىدى،ئۇلارنىڭ ئۆيى بىلەن فابرىكىنى ئۈچ كىلومىتىر ئارلىق ئايرىپ تۇراتتى. فابرىكىدىكى ئىشچىلار كۈندىلىك بېكىتىلگەن ۋەزىپە بويىچە باش كۆتۈرمەي يىپ ئىشتان،يىپ مايكا،يۇڭ پوپايكا توقۇيتتى، شەھەرنىڭ ئاۋات رەستىلىرىدە توقۇلما ماللارنىڭ بازىرى ئىنتايىن ئىتتىك ئىدى،ئەمدىلا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن پەرىدەنىڭ دادىسى ۋە ئاپىسى ئۇنى يۇقۇرىلاپ ئوقۇتماي، سەيپۇڭلۇقنى ئۆگىتىشنى مەسلىھەتلىشىشتى.پەرىدەنىڭئوقۇيمەن دەپ قىلغان جاھىللىقى ئاچچىقى يامان، تەرسا،ھازازۇل ھەبىبىخاننىڭ قاتتىق ھۈرپىيىشى بىلەن ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىپ بولۇپ،ئۇلارنىڭ تارتقان يېرىگە مېڭىشقا مەجبۇر بولدى. پەرىدە ئىككى يىلغىچە سەيپۇڭ ئۇستامنىڭ دۇكىنىدا ھۈنەر ئۆگەنگەن بولدى،ئۇ ھۈنەرنى تولۇق ئۆگىنىپ بولغىچە قايىم ئاخۇن بىلەن ھەبىبىخان پەرىدەگە ھۈنەرئۆگىتىشتىن يالتىيىپ،پۇل خەجلەپ فابرىكىغا ئىشچىلىققا ئالدۇردى.ئۈچەيلەننىڭ كۈندىلىك ۋەزىپىنى ئورۇنداپ تاپقان مائاشى ئۆينىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ،پەرىدەنىڭ قوشكېزەك ئىككى ئىنىسىنى ئوقۇتۇتۇشىغا ئارانلا يېتەتتى.لېكىن شۇ چاغلارداكىشلەرنىڭ تۇرمۇشىغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ھال-كۈنى يامان ئەمەس ئىدى. ھەر ھالدا ئۇچىسىغا يېڭى – يېڭى كىيىملەرنى ئېلىپ كېيەلەيتتى. فابرىكىدا ۋە مەھەللىلەردە خېلى ئۆزىنى مەن دىگەن يىگىتلەر ئۆز ۋاقتىدا پەرىدەنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە ئاشىقبولۇپ ،ئۇنىڭ پېيىدە بولۇشقان ئىدى.پەرىدە فابرىكىنىڭ يول تەرەپتىكى بىر ئېغىز ئۆيىنىئىجارىگە ئېلىپ موتسىكىلىت رىمۇنىت قىلىۋاتقان ئابدۇللانى كۆرسىلا بۆلەكچە جىددىيلىشىپ، ئۇنىڭ دۇكىنى ئالدىدىنئۆتكەندە پۇتلىرى كالۋالىشىدىغان بولۇپ قالدى.يىگىتنىڭ كېلىشكەن قەددى-قامىتى،بۇغدىيۆڭ چىرايى،قاپقارا قوشۇما  قاشلىرى ئاستىدىكى ئۇزۇن كىرپىكلەر سايە تاشلاپ تۇرغان چوڭ كۆزلىرى قىز قەلبىنى ئاللىقانداقتۇر شىرىن خىياللارقاينىمىغا غەرىق قىلاتتى. ئۇ ئابدۇللانىڭ دۇكىنىغا بىر نەچچە نۆۋەت توكلۇق موتسىكىلىتىنى رىمۇنىت قىلدۇرغىلى بارغاندا،ئابدۇللا ئۇنىڭغا  ئىنتايىن سىيلىق مۇئامىلە قىلىپ، موتسىكىلىتنى ھەقسىز رىمۇنت قىلىپ بەردى.كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ،ھەش-پەش دىگۈچە ئۇلارنىڭ تونۇشقىنىغا ئىككى ئايدىن ئاشتى.پەرىدە بىرەر باھانە سەۋەب بىلەن ئابدۇللانىڭ دۇكىنى ئالدىدىن ئۆتىدىغان،ھەر بىر ئۆتكىنىدە  ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ماڭىدىغان بولدى.ئابدۇللامۇ ئۆز نۆۋىتىدە بۇ قىزغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتاتتى.ئۇلار باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ،سۇلىرى شىرقىراپ ئېقىۋاتقان، سىمۇنت بىتون ياتقۇزۇلغان ئۆستەڭ بويىدىكى قۇيۇق سۆگەتلەرگە،ياپيېشىل مايسىلارغا تازىم قىلىپ قاتارلىشىپ تۇرغان سۆگەتلەرگە جۆر بولۇپ،خۇپىيانە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بولدى. پەرىدە ئابدۇللانى چىن قەلبىدىن سۆيەتتى،ئابدۇللانىڭ كۆڭۈلنى سۈيۈندۈرگۈچى شىرىن-شېكەر سۆزلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇقەددەس بىلىنەتتى. ئەمما،ئۇنىڭ بۇ يەردىن ئون نەچچە كىلومىتىر يىراقلىقتىكى مەھەللىسىدە گۈلزىرە ئىسىملىك توي قىلىشقا پۈتۈشكەن لايىقى بار بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئارلىشىپ يۈرگىنىگە بىرەر يىلدىن ئاشقاندى.ئابدۇللانىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەن قىزلارنى قوغلىشىپ باقىدىغان تۇترۇقسىز مىجەزى بار بولۇپ، كونا خۇيىنى تاشلىيالمىدى. ئۇنىڭ نەزەرىدە يىگىت دىگەن بىر ئالتۇن،ئۇ مەيلى قانچە مەينەت يەرگە چۈشۈپ كەتسىمۇ يەنىلا پارقىراپ جۇلالىنىپ تۇراتتى، ئەكسىچە قىزلار بىر پارچە ئاق رەختكە ئوخشايتتى،ئۇنىڭغا بىر تامچە سۈزۈك سۇ تەگسىمۇ داغ بولۇپ قالاتتى.ئابدۇللا يېڭىچە مۇھىتتا قونىدىغان يېڭى شاخ- پەرىدەنى ئۇچراتتى. گۈلزىرە بىلەن پەرىدەنى ئۆز-ئارا  ئۇچراشتۇرماي ئىككى قىزنى ئۆز دېپىغا ئۇسۇل ئوينىتىپ يۈرىۋەردى. چۈنكى ئابدۇللانىڭ ياشلىققا ئەمدىلا قەدەم قويغان مۇھەببەتلىك قەلبى چىن ئەقىدە،مېھىر-ۋاپا دىگەندەك نازۇك مەسلىنى ئۆز يارىشىقىدا بىر تەرەپ قىلىشقا قادىر ئەمەس ئىدى. ئابدۇللا تاكى توي خېتى ئېلىپ باغاق تارقىتىشقا باشلىغۇچە پەرىدەنى ئىلگىركىدەكلا ئىزدەپ كېلەتتى ۋە كىشىلەر كۆرمىگەن خالىي جايدا قىز بىلەن كۆرۈشەتتى. ئابدۇللانىڭ شىرىن-شېكەر سۆزلىرىدىن پەرىدەنىڭ يۇمران قەلبى لەرزىگە كېلەتتى.
                                  *      *      *
     ئابدۇللا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا رىمۇنىتچىغا شاگىرىت بولۇپ ھۈنەر ئايرىغان ئىدى،تۈزۈكرەك دۇكان ئورنى تېپىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن مۈشكۈل تويۇلدى،ئەينى چاغدا ئۆي ئىزدەپ بارمىغان يېرى قالمىغان ئابدۇللا بىر كۈنى ساۋاقدىشى سەردارنى ئۇچرىتىپ قېلىپ گەپ ئارلىقىدا ھال ئېيتىۋىدى،سەردارئۆزىنىڭ فابرىكىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتقاچ،ئابدۇللا ئۈچۈن ئۆي ئىزدىشىپ بەرمەكچى،بىرەر ئۆينىڭ خەۋىرى بولسىلا تېلىفۇن ئارقىلىق ئۇنىڭغا يەتكۈزمەكچى بولۇپ ئايرىلدى.كۈتمىگەن يەردىن ئابدۇللانىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ،كەچتە سەردار ئۇنىڭغا ئىجارە ئالىدىغان ئۆينىڭ خەۋىرىنى بەردى.ئۇ فابرىكا باشلىقىنىڭ نەۋرە ئىنىسى بولغاچقا،باشقىلار ئېچىۋاتقان دۇكاننى بىكارلىتىپ بەرگەن ئىدى.سەردار بۇخۇش خەۋەرنى كەچتىلا ئابدۇللاغا يەتكۈزۈپ ئۇنىڭ خامۇشلۇق باسقان چىگىش قەلبىگە ئۈمىد ۋە خۇشاللىق نۇرىنى چاچتى. گەرچە دۇكان ئابدۇللانىڭ ئۆيىگە يىراق بولسىمۇ،نىمىلا دىگەن بىلەن ئۆينىڭ تېپىلغىنى ئۇنىڭ چوڭ ئامىتى ئىدى.ئابدۇللا سەردار ۋە ئاكىسىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىپ،ئۆزىنىڭ تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.دەسلەپ ئۇنىڭ تىجارىتى تازا ياخىشى بولماي قويدى،كېيىنچە يىراق-يېقىندىكى موتسىكىلىتى بۇزۇلغانلار بۇ دۇكانغا كېلىدىغان بولدى. شەھەردىن چەت بۇ جايدا رىمۇنتخانىنىڭ بولۇشى موتسىكىلىت ئېگىلىرىنى ئىنتايىن خۇش قىلىۋەتكەن ئىدى.
    يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان،ئابدۇللانىڭ دۇكىنىغا مۇشتۇمدەك قۇلۇپ سېلىنىپ ،ئابدۇللا پەرىدەگە كۆرۈنمەي قويدى. ئابدۇللانى سېغىنغان پەرىدە ئۇيان ئۆتۈپ،بۇيان ئۆتۈپ دۇكان ئىشىكىگە تەلمۈرەتتى.شۇ تەرىزدە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى.ئابدۇللانىڭ قارىسى كۆرۈنمىدى.پەرىدە ئۈچۈن ھەر بىر مىنۇت ۋاقىت ئىنتايىن تەسلىكتە ئۆتۈۋاتاتتى.گاھئابدۇللانىڭ سۆيگۈسىدىن گۇمانلىناتتى،گاھ ئۇنىڭ ۋەدە-قەسەملىرى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ، ئازابلىق قەلبى تەسكىن تاپقاندەك بولاتتى. گويا ئۇنىڭدىن تېلىفۇن كېلىپ قالىدىغاندەك يانفۇنىنى قولىدا تۇتۇپ يۈرگىنى يۈرگەن ئىدى.بىر نەچچە قېتىم سېغىنىش ئىچىدە ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلىۋىدى،تېلىفۇن زادىلا ئۇلانمىدى. ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئابدۇللا گويا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەرىدەنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.قىزنىڭ سېغىنىش ئوتلىرى مۇجەسسەملەنگەن بىر جۈپ شەھلا كۆزلىرى يۇلتۇزدەك چاقنىدى،كېيىن قېيداش ھىسسياتىدا ئۇنىڭغا تەتۈر قارىۋالدى، ئابدۇللا ئىلگىركىدەكلا قىزغىن،سۆزلىرى شۇنچىلىك دەرىجىدە دىلغا يېقىشلىق ئىدى.
    -نىمىشقا ماڭا بىرەر ئېغىز گەپ قىلىپ قويماي يوقاپ كېتىسىز؟ھەتتا تېلىفۇنمۇ قىلىپ قويمىدىڭىز.
    -مېنى كەچۈرۈڭ پەرىدە،دادام ئېغىر كېسەل بولغاچقا،ئۈرۈمچىگە داۋالاتقىلى ئاپارغان ئىدىم،بىز دوختۇرخانىغا بارمايلا ئىككى ئادەمنىڭ ئالدام-خالتىسىغا چۈشۈپ،بار پۇلىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق.قاڭغىر قاقشاپ يۈرۈپ دوختۇرخانىغا بارغان بولساقمۇ ئۇلار دادامنى داۋالىغىلى ئۇنىمىدى.مەن ئامالسىز دادامنى يېنىمدا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ كاۋاپداندا ئىشلەپ،ئاران دىگەندە دادامنىڭ كېسلىنى تەكشۈرتكىدەك پۇل تاپتىم-دە،دوختۇرخانىغا ئاپاردىم.دادامنڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا،ئۇنىڭدىكى كېسەل ئۇنچە قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ئىدى.دوختۇرنىڭ يېزىپ بەرگەن رىتسىپى بويىچە دورا ئېلىپ يۇرتقا قايتىپ كەلدۇق،ئۆيگە كەلسەك،ئاپامنىڭ ئەھۋالىمۇ ياخشى ئەمەس.شۇنىڭ بىلەن ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمغا توغرا كەلدى. ئالدىراشلىقتا سىزگە ئەھۋالنى ئېيتىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم،ئەمەلىيەتتە،سىزنى ئىنتايىن سېغىندىم.
    ئۇنىڭ قېيداش ھىسياتىدا تۈرۈلگەن قاپىقى ئېچىلىپ،ئابدۇللانى بىھۇدە ئەيىبلىگەنلىكىدىن خىجىل بولدى.
    -ھە،ئەسلىدە مۇنداق ئىكەن-دە،مەن تېخى سىزنى مەندىن يۈز ئۆرۈگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن.
    ئابدۇللا پەرىدەنىڭ كۆزلىرىگە سىرلىق تىكىلدى:
    -سىزلا يۈز ئۆرۈمىسىڭىزمەن ھەرگىز يۈز ئۆرۈمەيمەن پەرىدە.
    -راسىتما؟-پەرىدەنىڭ شەھلا كۆزلىرىدىن ئۈمىد ۋە ئىشەنىچ نۇرلىرى چاقناپ، ئابدۇللاغا نازلىق تىكىلدى.
    -راسىت بولمايچۇ.
     ئىككىسى كەچتە كونا جايدا ئۇچرىشىشقا مەسلىھەتلىشىپ ئايرىلدى.ئۇلار كەچكى شەپەق نۇرىغا چۆمۈلۈپ،قۇيۇق سۆگەت  شاخلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان، سۇلىرى لۆمشۈپ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭ بويىغا كېلىشتى. ئابدۇللا ئۆستەڭ قىرىدىكى ئۇششاق تاش  پارچىلىرىنى ئۆستەڭ سۇلىرىغا قارىتىپ ئاتقاچ،پەرىدەگە مۇھەببەت ئىلكىدە باقاتتى،ئوتلۇق سېغىنىشتىن كېيىنكى ئۇچرىشىش پەرىدەنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ،ئابدۇللانىڭ شېرىن سۆيگۈسىگە ئەسىر بولدى. ئابدۇللا قىزنىڭ ئەۋرىشىم بېلىنى چىڭ قاماللاپ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلماقتا ئىدى.
    شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن كېيىن پەرىدە ئابدۇللا بىلەن بىر نەچچە ئايغىچە كۆرۈشەلمىدى.نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي تىت-تىت بولغان پەرىدە ساراڭ بولايلا دىگەندى.كېچىلىرى ئۇيقۇدىن بىدار ھالدا ئابدۇللا بىلەن ئۆتكۈزگەن  شېرىن مىنۇتلىرىنى،يۈرىكىگە ئۇيۇلتاشتەك ئورناپ كەتكەن ۋەدىلىرىنى ئەسلىسە، ئۇنىڭ كېلىشكەن قەددى-قامىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى.سېغىنىش ئوتلىرى يۈرىكىنى ئۆرتەپ،غەمكىن كۆزلىرى تونۇش يوللاردىن،تونۇش ئادەملەر ئارىسىدىن ئابدۇللانى ئىزدەيتتى. ئۇ ئۆزىدىكى بىنورماللىقتىن جىدىيلىشەتتى.چۈنكى يېقىندىن بېرى ئۇنىڭ تاماققا ئىشتىھاسى تارتماي،قەي قىلىپلا يۈرەتتى. ئۇ ئابدۇللانىڭ ئۆزىگە بولغان ئەقىدىسىدىن قىلچە گۇمان قىلمايتتى، ئەكسىچە گويا ئابدۇللا بىرەر كېلىشمەسلىككە يۇلۇققاندەك  تۇيغۇ پەرىدەگە ئارام بەرمەي،ئۇنىڭغا بولغان ئەندىشىسى بارغانچە كۈچىيىشكە باشلىدى. ئۇنىڭغا ھىچقانداق ياردەم قىلالمىغانلىقىدىن ئۆزىنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئەيىبكار ھېس قىلاتتى.ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى چۇلغىۋالغان ئەندىشىنىڭ تۈرتكىسىدە ئابدۇللانىڭ يانفۇن نومۇرىغا تالاي قېتىم تېلىفۇن قىلدى.ئەمما،قارشى تەرەپتىن:<<كەچۈرۈڭ،سىز ئۇرغان نومۇر ئىشلىتىلمىگەن>>دىگەن يېقىملىق ئاۋاز ئاڭلاندى.ئۇ يېقىن دوستى پاتىگۈلگە ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى باشقا بىرسىنىڭ كەچۈرمىشى قىلىپ كۆرسىتىپ،ئاستىرىتتىن مەسلىھەت سورىماقچى بولدى،چۈنكى ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى پەقەت خالىمايتتى،ئەمما، نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قالغاندى.
    -مېنىڭچە،-دەپ گەپ باشلىدى پاتىگۈل مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ-ئۇقىز ئالدانغان بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن،چۈنكى ئۇنىڭ يىگىتى قىزنىڭ ساپ سۆيگۈ-ساداقىتىدىن پايدىلىنىپ كەتكەن،قىز ئۇنىڭ يالغان-ياۋىداق سۆزلىرىگە چىن قەلبىدىن ئىشىنىپ،ئۆزىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان.ئۇ قىز يا ئاۋال يىگىتنى تېپىپ ئارىنى ئوچۇق قىلسا بولىدۇ،ياكى بالىنى ئالدۇرىۋېتىشى كېرەك.
    پاتىگۈلنىڭ :<<قىز ئالدانغان بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن>>دىگەن سۆزى پەرىدەنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئەكىس سادا بولۇپ ياڭراپ كېتىۋاتاتتى.ئۇ ئابدۇللانىڭ ئىلگىرى ئېيتىپ بەرگەن ئائىلە ئادرىسى بويىچە ئۇنى ئىزدەپ باردى.ھالبۇكى،ئۇ ئىزدىگەن ئادرېس ساختا ئادرېس بولۇپ چىقتى.پەرىدەنىڭ يۇمران قەلبى  ئۈمىدسىزلىككە تولۇپ،قەدەملىرى گويا تاش يۈدۈۋالغاندەك ئېغىرلاشماقتا ئىدى،ئۇنىڭ ئۆزىنى ئالدايدىغانلىقىغا زادى ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى،پاتىگۈلنىڭ مۇلاھىزىسى،ساختا ئادرېس،ئىشلىتىلمىگەن يانفۇن نومۇرى ئۇنىڭ ئابدۇللاغا بولغان ساپ قەلبىگە گۇمان كۆلەڭگىسىنى تاشلىسا،ئابدۇللانىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ۋەدە-قەسەملىرى ئۇنى ئارتۇقچە خىيال قىلماسلىققا ئۈندەيتتى. ئابدۇللا گويا تۇيۇقسىز كۆز ئالدىدا پەيدا بولىدىغاندەك ئۈمىدلىنەتتى.ئەنە شۇ كىچىككىنە ئۈمىد ئۇچقۇنى ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىنى بارغانچە چوڭايتماقتا ئىدى.
     ئۇ شەھەر مەركىزىدىكى دوختۇرخانىنىڭ ئاياللار بۆلۈمىگە ئېغىر قەدەملەر بىلەن كىرىپ كەلدى. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەكشۈرتۈپ ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىئاڭلىغان پەرىدە گويا توك سوقۇۋەتكەندەك ئەندىكتى،ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرىگە يىغا ئولىشىپ،بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە قوللىرىنى مىجىقلاشقا باشلىدى.ئۆزنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى بۇرۇنلا بىلگەن بولسىمۇ،لېكىن دوختۇرنىڭ ئىسپاتى يەنىلا ئېغىر كەلدى.
    -دوختۇر...،-پەرىدە نۇمۇس كۈچىدە سۆزلەشتىن قىينىلىۋاتاتتى.
    -گەپ بولسا تارتىنماي دەۋېرىڭ-دىدى دوختۇر ئۇنىڭغا سىيلىق ئاۋازدا.
    -مەن... مەن ...بالىنى ئالدۇرماقچى ئىدىم.
    -بولىدۇ،ئەمما سىز ئوبدان ئويلاندىڭىزمۇ؟
    -مەن...- دوختۇرنىڭ سۆزلىرى مەلۇم بىشارەتتەك ،بالىنى ئالدۇرىۋەتسە بارلىق ئارزۇ-ئۈمىدلىرى پايخان بولىدىغاندەك ھېس قىلغان پەرىدە ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدائورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،-مەن ئويلىنىپ كېلەي.
            پەرىدە دوختۇر ئىشخانىسىدىن چىقىپ،دوختۇرخانا ھويلىسىدىكى گۈللۈك ئەتراپىغا قويۇلغان ئورۇندۇقتا ئولتۇردى.ئابدۇللانىڭ گويا قۇدۇققا چۈشكەن پاقىدەك يوقاپ كېتىشى ئۇنى سېغىنىش،ئۈمىدسىزلىك ئوتلىرىنىڭ قىيناقلىرىدا يەتكۈچە قىينىغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن قورساق كۆتۈرگەن تۆت ئايلىق ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈنلىرىنى يىپقا تىزغان مارجاندەك بىرمۇ-بىر كۆز ئالدىغا كەلتۈردى ، ھەسرەتلىك يېشى كۆزلىرىدىن سەلدەك قويۇلدى...
          ئۇ مۇشۇ تەرزدە بىردەم ئولتۇرىۋەتكەندىن كېيىن، دەلدۈگۈنۈپ ئورنىدىن تۇردى-دە،دوختۇر ئىشخانىسىغاقاراپ ماڭدى...
          -مۇبارەك بولسۇن،سىلەرنى تەبرىكلەيمەن،سىلەر ئاتا-ئانا بولغانلىقىڭلارنى تەبرىكلەيمەن! –دوختۇرنىڭ مۇشۇ سۆزلىرىگە ئۈلگۈرۈپ كىرگەن پەرىدە ئالدىدىكى بىرجۈپ ئەر-ئايالنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى..
         -رەھمەت سىزگە دوختۇر!-پەرىدەنى كۆرمىگەن ئەر خۇشاللىق بىلەن دوختۇرنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى، پەرىدەنىڭيۈرەك رېتىمى تېزلىشىپ،بەدىنى بەزگەكتەك تىترەشكە باشلىدى.نەچچە ئايدىن بېرى ئۆزىنى ھىجران ئازابىدائۆلگۈدەك قىيناپ،پىغانلىق كۈنلەرگە قويغان ئابدۇللائۇنىڭ كۆز ئالدىدا تۇراتتى.
    دوختۇرنىڭ سۆزىدىن كېيىنبۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ كەينىگە بۇرۇلدى -يۇ ، ئابدۇللا پەرىدەنى كۆرۈپ يۈرىكى<<جىغ>>قىلىپ قالدى.پۇت-قوللىرى تىترەپ،گېلى قۇرۇپ، قولاشمىغان ھەركەتلەرنى قىلشقا باشلىدى. ئابدۇللانىڭ جىددىيلىك ئىپادىلىنىپ تۇرغان كۆزلىرى گويا بىليارت تاختىسى ئۈستىدىكى ئۇرۇقتەك پىرقىرىماقتا ئىدى.پەرىدەنىڭ نەپرەتلىك كۆزلىرى ئابدۇللاغا تىكىلدى:
    - ياخشىمۇسىزئابدۇللا،نەچچە ئايدىن بېرى نەلەرگە يوقالدىڭىز،سىزنى كونا جايدا كۆپ ساقلىدىم،تېلىفۇن قىلدىم،تېلىفۇنىڭىزنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتتۈم.ئەجىبا مېنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزما؟-دىدى ئاچچىق بىلەن.
     ئابدۇللا يەنىلا ئۈن-تىنسىز چەكچىيىپ تۇراتتى.
        ئابدۇللانىڭ يېنىدىكى ھەيرانلىقتىن قېتىپ قالغان گۈلزىرەگە قاراپمەسخىرە ئارىلاش –بۇ سىزنىڭ سىڭلىڭىزما؟-دىدى پەرىدە.شۇ تۇرقىدا ئۇ شۇنچىلىك تەمكىن ئىدىكى،بۇ چىدام-غەيرەتنىڭ نەدىن كەلگىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيۋاتاتتى.
         تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بۇقىزنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلاپ گۈلزىرە غەزەب بىلەن ئابدۇللاغا قاراپ:
       -ئۇ كىم؟!-دەپ سورىدى.
      قارا تەرگە چۆمۈلگەن ئابدۇللادىن سادا چىقمىغاندىن كېيىن،گۈلزىرە يەنە ۋارقىرىدى:
       -سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن!!!
        -ھە...-تېزلا ئۆزىگە كەلگەن ئابدۇللا گۈلزىرەگە قاراپ ياسالما كۈلدى-مەن ئۇنى تونۇمايمەن.
       ئابدۇللانىڭ تۇيۇقسىز ئېيتقان بۇ  سۆزىنى ئاڭلىغان پەرىدەئارقىغا ئۇچۇپ چۈشكىلى تاس قالدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭغا جاھان پىرقىراۋاتقاندەك تويۇلماقتا ئىدى...
        -نىمە دىدىڭىز؟سىز ...مېنى تونۇماس بولۇپ قالدىڭىزما؟ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،قورسۇقۇمدىكى سىزنىڭ بالىڭىز...-پەرىدە يىغىدىن ئۆزىنى تەستە تۇتۇۋېلىپ شۇنىلا دىيەلىدى.
         - مەن ... مەن ...سىزنى تونۇمايمەن، سىز مېنى خاتا تونۇپ قالغان ئوخشايسىز، ئايالىمنىڭ ئالدىدا قالايمىقان سۆزلىمەڭ، -دىدى ئابدۇللا گۇناھكار كۆزلىرىنى پەرىدەدىن قاچۇرۇپ.
         -سەن...سەن...
        ...
           - سىڭلىم،بالىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئالدۇرىۋېتىش ئۈستىدە بىر قارارغا كەلدىڭىزمۇ؟
          دوختۇرنىڭ بۇ سۇئالىدىن ئىشخانا ئوتتۇرىسىدا قېتىپ تۇرغان پەرىدە ئېسىگە كەلگەندەك بولدى-دە،-بىر قارارغا كەلدىم،ئالدۇرىۋېتىمەن!- دىدى نەپرەتلىك كۆزلىرىنى ئابدۇللادىن ئالمايلا.

     

    كۆز ئالدىدا روي بېرىۋاتقان بۇ گەپ-سۆزلەردىن ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى ئويلاپ ئۈلگۈرگەن گۈلزىرە ئۆزىنى يوقۇتۇپلا قويغان ئىدى:
    - ھۇ ئالدامچى،مەن سەندىن نەپرەتلىنىمەن!... ئۆمۈرۋايەت قاتتىق نەپرەتلىنىمەن...!...نەپرەتلىنىمەن...!-پەرىدە ئابدۇللانىڭ كاچىتىغا ئىككى شاپلاق سالدى-دە، ئىشخانىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ كەتتى.
    ئابدۇللا ئايىقى يەرگە چاپلىشىپ قالغاندەك ئېغىر قەدەم بىلەن ئايالىنىڭ كەينىدىن <<گۈلزىرە... گۈلزىرە...مەن سىزگە چۈشەندۈرەي..>>دىگەنچە پايپاسلاپ يۈگۈرمەكتەئىدى.
    * * *
    شۇ ئىشتىن كېيىن پەرىدە باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلاندى.ئۇنىڭ كۆزلىرى ھەمىشە بىر نوقتىغا تىكىلەتتى.بەزىدە نىشاندىن ئاداشقاندەك ئۆزىنىڭ قايسى تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ ئىلغا قىلالمايتتى. ئۇ شەھەرنىڭ قاينام-تاشقىنلىققا تولغانتۇرمۇشىمۇ ئۇنى جەلب قىلالمايتتى.يەنە بەزىدە داقا-دومباق،ناغرا-سوناي ئىچىدە توي كۆچۈرۈپ ماڭغان ماشىنىلارنى ئۇچرىتىپ قالسا قىز-يىگىتكە قاراپ چۈشىنىكسىز كۈلۈپ قوياتتى. ئىچ-ئىچىدىن بوخسۇپ چىققان ئازاب ۋە ئەلەم ئوتلىرى ئەزايى-بەدىنىنى ئاتەشتەك كۆيدۈرەتتى. پەرىدەنىڭ دەرت-ئەلەمدىن پۇچىلانغان قەلبىدە يىرىڭلىق جاراھەت قالدى.
    پەرىدەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى تېزرەك ياتلىق بولۇشقا قىستايتتى. ئارىدىن بىريىل ئۆتكەندە،چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن پەرىدەنىڭ تويى بولدى.ئۇلارغا قۇدا بولغانلار شەھەردە خېلى يۈز-ئابرويى بار كىشىلەر بولۇپ،ئىقتىسادى ئەھۋالىمۇ ياخشى ئىدى. توي ئىنتايىن ھەشەمەتلىك ۋە خۇشال كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى.
    توي كۈنىنىڭ ئەتىسى تاڭ سەھەردە ھەبىبىخاننىڭ قوروسى ئالدىغا كۈمۈش رەڭلىك بىر ماشىنا كېلىپ توختىدى.ماشىنىدىن سېمىز كەلگەن،بۇغداي ئۆڭلۈك 50ياشلاردىكى بىر ئايال چۈشتى.ئايال پەرىدەنىڭ قېينىئانىسى بولۇپ،سېمىز يۈزلىرى ئېسىلغان،قاپاقلىرى تۈرۈلگەن ئىدى.تويدا ئېغىر ھاردۇق يەتكەن ھەبىبىخان بىلەن قايىم ئاخۇن خوشمۇ-خوش ئۆتكۈزۈلگەن تويدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغاچقا،ھاردۇق يەتكىنى بىلىنمىدى.ئەتىگەنلىك ناشتىغا ئولتۇرغان ئەر-خوتۇن ھەر ئىككىسىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ،يېڭى قۇدىلارنى ھەدەپ ماختاۋاتاتتى.دەرۋازىنىڭ قوپال ئۇرۇلىشى ئىككىيلەننىڭ پارىڭىنى چورت ئۈزۈپ قويدى.ھەبىبىخان:<<قاغا پوق يىمەستە كېلىپ دەرۋازا قاققان كىمدۇ بۇ؟>>دەپ غودۇڭشىغىنىچە دەرۋازا تەرەپكە ماڭدى.ھەبىبىخان دەرۋازىنى ئېچىپلا تەلەتىدىن قار-بوران يېغىپ تۇرغان قۇدىسىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى.شۇنداقتىمۇ زورىغا چىرايىغا يامرىغان خوش تەبەسسۈمى ۋە تەكەللۇپ سۆزلىرى بىلەن قۇدىسىنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى.ئايال ھەبىبىخانغا سالام-سائەتمۇ قىلماستىن ماشىنا تەرەپكە قاراپ:
    -ھە،چۈشۈڭ،قولتۇقىڭىزدىن يۆلەپ قويامدىم-يە؟-دىدى زەھەرخەندىلىك بىلەن.
    ماشىنىنىڭ كەينى ئىشىكى ئاستا ئېچىلىپ، يۈز-كۆزلىرى تاياق زەربىسىدىن كۆپكۆك كۆكەرگەن،كالپۇكى ئىششىقتىن دوردايغان،چاچلىرى چۇۋۇلغان پەرىدە چۈشتى.پەرىدە گويا قەھرىتان قىشتا قالغاندەك دىرىلدەپ تىترەيتتى.
    قىزىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىنى كۆرگەن ھەبىبىخان مەلۇم بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولۇپ،كۆڭلى ئۆيۈپ بېشى پىررىدە قايغاندەك بولدى ۋە ۋارقىراپ تاشلىدى.
    - ۋاي ئۆلەي،قىزىم،ساڭا نىمە بولدى؟دىگىنە؟
    قايىم ئاخۇن ھەبىبىخاننىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ،چۆچۈگىنىچە يۈگۈرۈپ كەلدى.ئايال قايىم ئاخۇننىڭ سالىمىنىمۇ ئىلىك ئالماي گۈرەن تومۇرىنى كۆپۈرگىنىچە ۋارقىرىدى:
    -قىزىڭلارنى قولۇڭلارغا ساق-سالامەت تاپشۇرۇپ بەردىم.تويلۇق بارلىق چىقىمنى تۆلەيسىلەر!
    ئەر-خوتۇن بېشىغا توقماق تەگكەندەك بولۇپ،ۋۇجۇدى مۇزلاپ، پۈتۈن بەدىنى بەزگەكتەك تىترەشكە باشلىدى.
    -ھىم!سىلەرنىڭ ئىززىتىنى ساقلىمىغان قىزىڭلارنى قاتاردىن ئۆتكۈزىۋېلىش مەقسىدىڭلار بارمىدى؟ئىسىت،تارتقان چىقىملىرىم!-ئايال ۋارقىراپ ئاۋازدا سۆزلەيتتى،-ئوغلۇمنىڭ غورۇرىنى قاتتىق يەرگە ئۇردۇڭلار.خۇدايىم جاجاڭلارنى بېرەر! ئۈچ كۈنگىچە توي چىقىملىرىنى تەييارلاپ قويۇڭلار،بىزسىلەردىن بىرمۇ-بىر ھىساپ ئالىمىز!!!
    يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئادەملەر ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ تەئەجۈپلەنگەنچە قارىشاتتى. قايىم ئاخۇننىڭ نەپەس ئېلىشى قىيىنلاپ،كۆكرىكىنى مۇجۇغىنىچەدەرۋازىغا يۆلىنىپ قالدى. ئايال غادايغىنىچە ماشىنىغا چىقىپ ئىشىكنى زەردە بىلەن ياپتى.ماشىنا گۆركىرەپ قوزغىلىپ بىردەمدە كۆزدىن غايىپ بولدى.
    ئاچچىق يۇتقان ھەبىبىخان قايىم ئاخۇننى يۆلەپ ئۆيگە ئەكىرۋېتىپ،ئىچكىرىكى ئۆيگە بۆرىدەك ئېتىلىپ كىردى-دە،قىزىنىڭ چاچلىرىنى يۇلۇپ يۈز كۆزلىرىگە ئۇرۇپ كەتتى .پەرىدەدە يىغلىغۇدەكمۇ مادار قالمىغاندى...
    * * *
    ئارىدىن ھەش-پەش دىگۈچەبىر نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى،پەرىدەگە لايىقلار چىقمىدى ئەمەس،ئۆزىنى مەن دىگەن يىگىتلەر پەرىدەنىڭ قەلب تارىنى چېكىش ئۈچۈن ئورۇنۇپ باقتى،ئۆيىگە ئەلچى كىرگۈزۈپمۇ كۆردى.ئەمما ھىچقايسىسى پەرىدەنىڭ قاراڭغۇلۇققا مەھكۈم قىلىنغان قەلب دۇنياسىغا مەشئەل يېقىپ بېرەلمىدى.ئاتا-ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بىر يىگىتكە ياتلىق بولماقچى بۇلۇۋىدى،يىگىت تەرەپ مەسلىھەت چېيىدىن كېيىن يېنىۋالدى.چۈنكى پىتنە-پاساتچىلارنىڭ پەرىدەنىڭ ئۆتمۈشى ئۈستىدىكى گەپ- سۆزلىرى يىگىتنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالغاندى،مۇھەببەت ئاچىلىدا خاتا باسقان بىر قەدەم پەرىدەگە ئۆمۈرلۈك ئازاب،ئاچچىق ھەسرەت،پۇشايمان ئېلىپ كەلدى.پەرىدە كېيىنكى ھايات مۇساپىسىدە ئېرشات بىلەن تونۇشۇپ قالدى.ئېرشات ئادەتتە ئىنتايىن كەمسۆز بولۇپ،پەرىدەنى ئۇچراتقان چاغلىرىدىلا ئۇنىڭ قەلبىدە پەرىدەگە نىسبەتەن ئۆزىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان ئىللىق سېزىم پەيدا بولغاندى.بۇ ئىللىق سېزىم ئۇنىڭ ياشلىق جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان گۆدەك قەلبىدە مۇھەببەت ئۇچقۇنىغا ئايلىنىپ،قىزنىڭ ھەر بىر ھەركىتى،ھەر بىر ئېغىز گەپ-سۆزلىرى،ھەتتا تىنىقلىرىغىچە ئۇنىڭ قەلبىنى رومانتىك تۇيغۇلارغا ئەسىر قىلاتتى.ئېرشاتنىڭ ساپ سۆيگۈ،سەمىمى ساداقىتى بىلەن پەرىدەنىڭ قەلب يارىسى ئېغىز ئېلىپ،ئۈششۈگەن قەلبىگەنەۋ باھار يېتىپ كەلدى.پەرىدە ئۆزىنى ئېرشاتسىزياشىيالمايدىغاندەك ھېس قىلاتتى.ئۆزىنىڭ يىرگىنىشلىك ئۆتمۈشىدىن ئېرشاتنىڭ ئالدىدا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك تۇيغۇ ئۇنى ئازابلايتتى.ئۇنىڭ ئۆز ئۆتمۈشىدىن خەۋەر تاپسا باشقا يىگىتلەردەك تاشلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى.ئۇكۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق قەلبىنى ئۆرتەپ تۇرغان دەرت-ئەلەملىرىنى ئېرشاتقا ئېيتىش قارارىغا كەلدى.شۇنداق قىلغاندا ئۇ ئۆز ۋىجدانى بىلەن ئىش كۆرگەن بولاتتى ھەم ئېرشاتنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىنى سىناپ باققىلى بولاتتى.
    ئېرشات پەرىدەنىڭ يۇم-يۇم يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان ئۆتمۈشىنى ئاڭلىغاندا،ئاۋال بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇرۇپ قالدى،كېيىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ،قىزنىڭ مۇزلىغان تىترەڭگۈ قوللىرىنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ ،لەۋلىرىنى تەگكۈزدى.
    -پەرىدە-دەپ گەپ باشلىدى ئېرشات ھىسداشلىق ئاھاڭىدا-سىزنىڭ ئازابلىق كەچۈرمىشىڭىزنى ئاڭلاپ يۈرىكىم قوقاستاقالغاندەك پۇچىلاندى،تەڭرى ئىككىمىزنى بالدۇر ئۇچراشتۇرغان بولسىدى،سىزمۇ بۇنچە ئىزتىراپ چەكمىگەن بولاتتىڭىز،سىزنى بەخىتلىك قىلىش مېنىڭ ھاياتلىق نىشانىم،يوقاتقان بەختىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرىمەن...
    پەرىدەنىڭ ئۆيىگە ئېرشاتنىڭ دادىسى ۋە ئاپىسى ئەلچى بولۇپ كەلگەندە، ھەبىبىخان دېھقانلارغا خاس كىيىنگەن بۇ سەھرالىق ئەر-خۇتۇنغا چىراي ئېچىپ كەتمىدى.ئۇلار كېلىش مەقسىدىنى ئېيتىپ داستىخىنىنى ئاچقاندا،ئۇلارنىڭ داستىخانغا يۆگەپ ئەكەلگەن ئادىيغىنە بىر پارچە رەختىنى كۆرۈپلا،ھەبىبىخاننىڭ بۇغدىيۆڭ چىرايى قارىداپ، قاشلىرى تىكلىشىپ كەتتى.قايىم ئاخۇن ئارىدىكى قولايسىز كەيپىياتنى ئوڭشاش ئۈچۈن مېھمانلارنى داستىخاندىكى تاتلىق-تۈرۈملەردىن ئېلىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلاتتى.
    ھەبىبىخاننىڭ كۆزئالدىغا ئاخشام پەرىدەنىڭ يەرگە قاراپ تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرۇپ:<<ئاپا ئەتەئۆيگە ئەلچى كېلىدۇ،ئۇلارنى رەت قىلمىساڭلار...>>دىگەن قىياپىتى غىل-پال كەلدى-دە،ئوغىسى قايناپ،ئىچىدە پەرىدەنى تىللاشقا باشلىدى:<<ھۇ،كاللىسىنى قاغا چوقۇۋالغان ساراڭ!بۇ قەلەندەر سۈپەت سەھرالىقلارنى قۇدام دەپ ئاتاشقا قانداقمۇ تىلى بارغاي ئادەمنىڭ؟داستىخانغا ئەكەلگەن رەختىنى كۆرمەمدىغان؟تازا بىر تېگى پەس قەلەندەر ئوخشايدۇ،ھىم!تېخى بۇ چۈپرەندە تومپايلارنى رەت قىلمايمەنمىش!>>
    ئاخشام پەرىدە ھەبىبىخانغا دىگەن گەپلەرنى ھەبىبىخان قايىم ئاخۇنغا ئېيتىپ،ئەر-خوتۇن ئىككىسى قىزنىڭ رايىغابېقىش،خەلقى ئالەم ئىچىدە تۆكۈلگەن يۈزىنى يۇيۇش توغرىلىق مەسلىھەتلەشكەن ئىدى،چۈنكى ئەينى چاغدا قىزى پەرىدە ئەقىلسىزلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ غوغۇرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان،كېيىنكى كۈنلەردە قىز سوراپ كەلگۈچىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن يېنىۋېلىشى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىق قەلبىنى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خورلۇق ئازابىغا قويغاندى.ھەبىبىخان قىزىغا چىققان لايىقلارنىڭ كېيىن بىرەر باھانە-سەۋەبلەر بىلەن كېتىپ قېلىشىنى پۈتۈنلەي قىزىدىن كۆرۈپ،ئۇنىڭغا دەشنەم بېرەتتى.
    ھەبىبىخان ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ،تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن كۆرەڭلىكى پەسىيىپ،يېلى چىققان توپتەك لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى.قىزى ئەينى چاغدا ئۆز ئىززەت- ئابرويىنى ساقلىغان بولسا ئۇنىڭغا ئوبدان يەردىن لايىقلار چىققان،تۇتسا سېپى بار،چاقىرسا ئېتى بار كىشىلەر ئۇلارغا قۇدا بولغان بولاتتى.ھەبىبىخاننىڭ ئىچىنى مۈشۈك تاتىلىغاندەك بولۇپ،ئۆزىنى زورىغا بېسىۋالدى.<<بوپتۇ،سەھرالىق بولغاندىن كېيىن بىزدىن تۆۋەنرەك تۇرار،تەقدىر پىشانە شۇنداق بولسا بەندىنىڭ نىمە ئامالى بولسۇن؟>>دىگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن ھەبىبىخان مېھمانلارغا قاراپ سىپايىلىك بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى:
    -ھەر قايسىلىرى قىزىمىزنى خوپ كۆرۈشكەن بولۇشسىلا قىز سىلەردىن ئايلانسۇن،ئەمما توي دىگەن ئۆمۈرلۈك ئىش،ھەر قايسىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە يارىشا دوست-دۈشمىنىمىز بار،ئەل-جامائەت ئىچىدە ئوبدانراق ئوتۇرىغا چىقىشارلا.
    - رەھمەت سىلىگە-دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ قول قوۋۇشتۇرۇشتى ئۇلار-بۇ دىگەن بالىلارنىڭ ئىشى تۇرسا،قاراپ تۇرغىلى بولامدىغان؟قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە سىلىنىڭ كۈتكەن يەرلىرىدىن چىقىشقا تىرىشىمىز.
    ئېرشاتنىڭ ئۆيىدىكىلەر پەرىدەگە بەش نان تاشلاپ كەلگەندە،ھەبىبىخان ئۇلارغا ئىنتايىن ئېغىر تويلۇق سالدى.قايىم ئاخۇننىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى،ھەبىبىخاننىڭ ئاچا-سىڭىللىرى تويلۇق تىزىملىكتە چۈشۇپ قالغان نەرسىلەرنى يىگىت تەرەپتىن كەلگەنلەر ئالمىسا قەتئى بولمايدىغانلىقىنى ھەدەپ جېكىلەيتتى.يىگىت تەرەپتىن كەلگەنلەر ئۇزۇننى قىسقارتىپ، قىسقىسىنى ئۇزارتىپ،ئامال بار توينى ئەل قاتارى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى،قىز تەرەپنىڭ سالغان تويلۇقىنىڭ ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيىتقاندا،قىز تەرەپ تويلۇق تىزىملىكنى قەتئى قىسقارتىشقا بولمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.ئىككى تەرەپ تويلۇقتا كېلىشەلمەي،يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە بويسۇنغان بولدى.قايىم ئاخۇن يىگىت تەرەپكە ئازراق يول قويۇش توغرىسىدا بىر نەچچە قېتىم ھەبىبىخاننى چاقىرىپ بىر نىمىلەرنى دىۋىدى، ھەبىبىخان چالۋاقىغىنىچە قايىم ئاخۇننى سىلكىۋەتتى.ئۇرۇق-تۇققانلارمۇ ھەدەپ ھەبىبىخان تەرەپ بولۇپ سۆزلەيتتى.
    ئېرشاتنىڭ ئاتا-ئانىسى دېھقان بولۇپ،ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى ئېغىر ئىدى.ئۇلار كەنجى ئوغلىنىڭ توي ئىشىدا ئىگىز شاخقا ئېسىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بوزىرىپ قالدى.ئەمما جانجىگەر ئوغلى ئۇلارنى ئاشۇ ئىگىز شاخقا ئېسىلىشقا مەجبۇر قىلغاندى.بۇنچىۋالا ئېغىر تويلۇق ئۈچۈن سەرپ قىلغۇدەك ئۇلارنىڭ نەدىمۇ ئۇنچە كۆپ پۇلى بولسۇن؟ئېرشاتنىڭ دادىسىنىڭ توي ئىشى ئۈچۈن پۇل سوراپ بارمىغان يېرى قالمىدى.ئەتىيازنىڭ سېرىقتال ۋاقتىدا خوشنىلاردىن پۇل پۈتمىكى ئاسان ئەمەس ئىدى.ئۇلار بارنى يىغىپ تۆشەپ،كەنت كومتىتىدىن ئالغان 4000 يۈەن قەرز پۇلغا قوشۇپ تويلۇق ئالدى...
    پەرىدە بىلەن پاتىگۈل سىرىتتىن قايتىپ دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە،يىگىت تەرەپتىن كەلگەنلەر ھەدەپ تويلۇق ئەكەلگەن نەرسىلەرنى ھارۋىغا بېسىۋاتاتتى.
    -بۇنداق نەرسىلىرىڭنى قەيەرگە ئاپارساڭ ئاپار قەلەندەرلەر!ئەكەلگەن تويلۇقىڭدىن نۇمۇس قىلىشماي ئەل-يۇرت ئالدىدا يۈزىمىزنى تۆكۈشكىنىڭنى ئاز دەپ ھۆرت-پۆرت قىلىشىسەنا؟سەندەك سەھرالىق تومپايلارغا چۈشۈپ قالغان قىزىم يوق!-ھەبىبىخان ھەدەپ قوللىرىنى شىلتىپ،بار ئاۋازى بىلەن ئۇلارغا قاراپ چىرقىرىماقتا ئىدى.
    ئېرشاتنىڭ دادىسى زۇردۇن ئاخۇننىڭ ساقاللىرى تىترەپ،يول-يول قۇرۇق باسقان چىرايى ئۈمچىيىپ،خورلۇقتىن كۆزىگە ياش كەلدى.ئۇ:
    -بىز گەرچە سەھرالىق بولساقمۇ ھالال مېھنەت بىلەن جېنىمىزنى جان ئېتىپ كېلىۋاتىمىز،نامرات بولساقمۇ ۋىجدانىمىزنى يوقىتىپ قويغىنىمىز يوق،پۇلىمىز كۆپ بولغان بولسا، ئوغلۇم ئۆزى خالىغان قىز بىلەن تويلاشقان، بىزمۇ ھويلىلىرىدىن قوغلانماس ئىدۇق،ھەر قايسىلىرىنىڭ ئۆيىگە قەدەم باسقان كۈندىن باشلاپ ئاڭلىمىغان تىل-ئاھانىتىمىز قالمىدى.ئەسلدە بالىلار ئۆزلىرى خالىغان ئىش بولغاندىن كېيىن بۇنداق قىلىپ كېتىشمىسەك بولاتتى،بوپتۇ،بىز ھەر قايسىلىرىغا لايىق كېلەلمىگەندىن كېيىن قايتىپ كېتەيلى!_دىدى.
    قايىم ئاخۇن غەزەبتىن دىر-دىر تىترىگىنىچە بېرىپلا ھەبىبىخاننىڭ ئېڭىكىگە شاپىلاق بىلەن بىرنى سالدى.
    -ھەي بېشەم خوتۇن،قىزىڭنىڭ بەختىنى قارا قىلدىڭغۇ!؟ ئىسىت!...
    تۇيۇقسىزتەگكەنشاپىلاق زەربىسىدىن ھەبىبىخاننىڭ يۈزلىرى لازا سۈرگەندەك ئېچىشىپ،كۆزلىرىدىن"ۋاللىدە"ئوت چاقناپ كەتتى.ئۇ ئۈنىنى قويۇپ بېرىپ يىغلىغانچە قايىم ئاخۇننىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى.ئەتراپتىكى ئۇرۇق-تۇققانلار ئۆرە-تۆپە بولۇ شۇپ،ئۇلارنى ئاجرىتىشقا يۈگۈرۈشتى.
    كۆزئالدىدا روي بېرىۋاتقان بۇ رەسۋاچىلىقتىن پەرىدەنىڭ باشلىرى قېيىپ،كۆزىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى.پۈتۈن بەدىنى بەزگەكتەك تىترەپ،ماغدۇرسىز پۇتلىرى لاسسىدە بوشاپ،جايىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى.ھارۋىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرغان ئېرشاتنىڭ ئاپىسى ياغلىقنىڭ ئۇچىدا كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ:
    -بىزمۇ ئۆز خىلىمىزنى تاپايلى،ئولتۇرۇپ قالغان قىزلىرىغا خېرىدارلىق قىلىپ قويساق بىزچە ئادەم يوق دەپ قېلىشتىلىما؟مەن ھاياتلا بولىدىكەنمەن ،ئوغلۇمنى بوسۇغىلىرىغا دەسسەتمەيمەن ! ھارۋىنى ھەيدەڭلا دادىسى!-دىدى بوغۇق ئاۋازدا.
    كۈنبويى قىلغان تاپا-تەنىلىرىگە ئۈن-تىن چىقارماي قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرغان بۇ سەھرالىقلارنىڭ تۇيۇقسىز زۇۋانغا كېلىپلا توينى بۇزۇپ كەتمەكچى بولۇشىدىن ھەممەيلەننىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىپ قالدى.پەرىدە بارماقلىرى بىلەن چېچىنى قاماللاپ ئۈنسىز ياش تۆكمەكتە ئىدى.
    تورۇق ئاتقا "تارس" قامچا تەگكەن ھامان "تاراق-تۇرۇق"ئاۋاز بىلەن تەڭ ھارۋا ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.
    ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ قالغان قايىم ئاخۇن ھەبىبىخاننى كالتەك ئېلىپ قوغلاشقا باشلىدى.ھەبىبىخان ھازىرغىچە ئۆز گېپىنىيىرماي كەلگەن،"تاك"ئېتىپ چىكىپ باقمىغان يۇۋاش ئېرىنىڭ بۇنچە ئاچچىقلانغانلىقىنى كۆرۈپ،قورققىنىچە ھويلا ئىچىگە قاچتى.
    -نىجاسەت ئاغزىڭنىڭ كاساپىتىدىن بىچارە قىزىمنىڭ بەختىنى قىيدىڭ ئىپلاس خوتۇن،سېنى قىيما-چىيما قىلىۋەتمەيدىغان بولسام!
    ئۇرۇق-تۇققانلار قايىم ئاخۇننى تۇتۇۋېلىش ھەلەكچىلىكىدە پايپېتەك بولۇپ كېتىشكەندى.ئەنە شۇ مالىمانچىلىقتا قايىم ئاخۇننى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن بىرەيلەننىڭ بېشىغا ھەبىبىخاننى ئۇرۇش ئۈچۈن كۆتۈرۈلگەن كالتەك "جاڭ"قىلىپ تېگىپ، "ۋايجان!"دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى.بېشىدىن ئاققان قان سىرغىپ كۆزلىرىگە ئېقىپ كىرەتتى.قورقۇپ كەتكەن ئاياللار چۇرقىراشقىنىچە ھېلىقى كىشىنىڭ يارىسىنى تېڭىشقا باشلىدى.
    -ھاي،قايىم ئاخۇن،بولدى قىلسىلا،ئەمدى بولغۇلۇق بولدى،ھەر قانچە كايىغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ-دىدى تۇغقانلاردىن ياشتا چو ڭ بىرەيلەن قايىم ئاخۇننىڭ غەزەبتىن كۈچلىنىپ كەتكەن بىلەكلىرىگە ئېسىلىپ.
    قايىم ئاخۇن ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ،ھەبىبىخانغا غەزەب بىلەن ئېتىلىپ، ئۇنى ھەدەپ ئۇرۇشقا باشلىدى.
    ئۆز دوستىنىڭ بۇ شۇم تەقدىرىگە ئېچىنغان پاتىگۈل پەرىدەنىڭ ئىپادىسىز قېتىپ قالغان كۆزلىرىدىكى بىر تامچە ياشنى قولياغلىقى بىلەن سۈرتۈپ،قولتۇقىدىن يۆلەپ تۇرغۇزدى.دادىسىنىڭ كالتىكى ئاستىدا ئېچىنىشلىق چىرقىراۋاتقان ئاپىسىنىڭ نالىسىدىن پەرىدەنىڭ كونتىروللۇقىنى يوقاتقان نېرۋىلىرى چېچىلىپ،قۇلاقلىرى غوڭۇلداپ،ئۆز خاھىشىغا بويسۇنمىغان ھالدا ئىچ-ئىچىدىن كۈلكە قاپساپ،قاراڭغۇ كېچىنى زىل-زىلىگە سېلىپ ئەسەبىيلەرچە قاقاقلاپ كۈلۈپ،تاقلاپ يۈگۈرگىنىچە ئايسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىپ ئۇلارنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى.
    * * *
    يۈز-كۆزلىرىنى قاسماق باسقان،چاچلىرى چۇۋۇلغان پەرىدە ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە ھەدىسىلا تاش ئېتىپ قوغلاپ،يايمىچىلارنىڭ،سودىگەرلەرنىڭ ئالدىدىكى ماللارنى ئەپقېچىپ،كىملەرنىدۇر تىللاپ يۈرەتتى.يول قىرىدىكى ئەخلەتلەر ئارىسىدىن بىر نىمىلەرنى ئىزدەۋاتقان پەرىدە ۋەلىسپىت مىنىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئېرشاتنى كۆردى-دە، قاقاقلاپ كۈلگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى.ئېرشات ئازابلانغان ھالداپەرىدەگە ھىسداشلىق ۋە ئېچىنىش ئىلكىدە بىر دەم قاراپ تۇردى.پەرىدە يول قىرىدىكى تاش پارچىلىرىنى ھەدەپ ئېرشاتقا ئاتماقتا ئىدى.ئالما چوڭلۇقىدىكى بىر دانە تاش پارچىسى توساتتىن ئېرشاتنىڭ پىشانىسىگە تىگىپ،تاش تەگكەن يەردىن ئىسسىق قان سىرغىشقا باشلىدى.بىر كۈنلەردە مەڭگۈلۈككە ۋەدە بېرىشكەن قەلب كۆكىدىكى نۇرلۇق يۇلتۇزىنىڭ بىچارە ھالىتىدىن ئېرشاتنىڭ يۈرىكى پۇچىلىنىپ،غەمكىن كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلار بىلەن پىشانىسىدىن سىرغىغان قانلارنىڭ قوشۇلۇپ،كۆينىكىنىڭ ياقىسىغا تامچىلاۋاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلالمىدى.ئۇ قېلىن كالپۇكلىرىنى چىڭ چىشلىگىنىچە قان بىلەن ياشنى قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن سۈرتۈۋېتىپ،ئېغىرلاشقان پۇتلىرى بىلەن ۋەلىسپىتنى مىندى-دە،ئاستا يۈرۈپ كەتتى.
    كوچا دوقمۇشىدا گاھ يىغلاپ،گاھ كۈلۈپ،ئاللىكىملەرنى تىللاۋاتقان ئەسەبىي سادا ياڭراپ،ھۇشقۇيتقان بوران ئاۋازىغا چىرمىشىپ ئاللىقاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتتى......
     

    مەنبە«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى2011-يىللىق 4-سان




    ھالقىلىق سۆزلەر : قىيامەت(ھىكايە)


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    زۆھرەگۈل ھامۇت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 02:02 03-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 00:04 14-04-2013
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار