تۇرغان شاۋۇدۇننىڭ پۈتكۈل ئىجادىيىتىگە نەزەر سالساق، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە شېئىرىيەت ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. شائىرنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرى تىلىنىڭ ئاددىي، يېقىملىقلىقى، قۇرۇلمىسىنىڭ ئىخچاملىقى، پىكرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن كىشىلەرگە ئىستېتىك زوق بېغىشلايدۇ.
شائىر تۇرغان شاۋۇدۇن جۇڭگو رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىلمىي جەمئىيىتى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مۇقام تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.
|


