تالانىتلىق شائىر ،ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
يوللانغان ۋاقتى:06-02-2012
مەنبە:
مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 2 پارچە
تالانىتلىق شائىر ۋە پەيلاسوپ ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تالانىتلىق شائىر ۋەپەيلاسوپ ئابدۇشۈكۈر مەھەممەتئىمىن 1934يىلى 9ئاينىڭ
تالانىتلىق شائىر ۋە پەيلاسوپ ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
تالانىتلىق شائىر ۋەپەيلاسوپ ئابدۇشۈكۈر مەھەممەتئىمىن 1934–يىلى 9–ئاينىڭ 28–كۈنى ئاتۇش ناھىيىسى (ھازىرقى ئاتۇش شەھىرى)مەشەت رايونىنىڭ باغئېرىق كەنتىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلدى. يەتتە يېشىدا ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ مەكتەپكە كىردى. كېيىن قەشقەردە دىنى تەربىيە كۆردى.1950–يىلى تۇلۇق ئوتتۇرىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىردى.1952–يىلى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاسپرانتلىققا قوبۇل قىلىنىپ، غەربى شىمال ئۇنىۋېرستېتىدا تەلىم ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ‹‹كېسىلگەن قۇلاق›› ناملىق تۇنجى ھېكايىسى 1951– يىلى 8– ئايدا ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› دە ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نۇرغۇن شېئىر، نەسىر ھەمدە ھېكايە، نەسىرلەرنى يازدى، ‹‹رۇبائىيات،‹‹رۇبائىيلار››، ‹‹چوغلۇق››، ‹‹قارلىق تاغ شەجەرىسى››، ‹‹ئومۇمىي ئىستېتىكا››، ‹‹فارابىي ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى››، ‹‹ئۇيغۇرخەلقىنىڭ كلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە››، ‹‹شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا–ئۇسسۇل سەنئىتى›› قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىندى.
پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ كۆپلۈكى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تىرەنلىكىمۇ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن شېئىرلىرىدىكى بىر ئالاھىدىلىك.شائىرنىڭ شېئىرلىرى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن پەلسەپىۋى پىكىرلىرى، پىكىرلىرىنىڭ مۇكەممەللىكى، پىكىرنىڭ تۇلۇق ئاياقلاشقانلىقى بىلەن كىشىنى تۇلۇق قايىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ھەربىر كۇپلېتى بىر رۇبائىغا ئوخشايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ شېئىرلىرى لىرىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە، ئۇلار لىرىكىنىڭ يېقىملىق سازى بىلەن يۈرەكنىڭ نازۇك تارىلىرىنى تىترىتەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن كىشىنى مەستخۇش قىلغۇچى سادا چىقىرالايدۇ.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، جوڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، غەربىي دىيار سەنئەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يىپەك يولى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. -1995يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى كىسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولدى.
مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئابرويى خۇددى يانار تاغدەك بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ قىممىتى شۇنداق ئېشىپ كەتتى. بۇنىڭ بۇنداق بولۇشىدا بىر تەرەپتىن، ئالىمنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئۇزۇن يىل بىخ ھالىتىدە تۇرۇپ، چېچەكلەپ، دەل ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ئۈلگۈرۈپ مېۋە بېرىشكە ،بۇھەقتىكى ئېھتىياجىنى قامداشقا توغرا كېلىپ قالدى. يەنە بىر تەرەپتىن، مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، خىزمەتداشلىرى، شاگىرتلىرى ھەم ئاتا – ئانىسىنىڭ يۇرتىدىكىلەر ئالدى بىلەن ئالىمنىڭ شان – شەرىپىنىڭ ئىززەت – ئابرويىنى قىلدى، كەڭ دائىرىدە تەشۋىقات – تەرغىبات ھەرىكىتى شەكىللەندى. كېيىنچە، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەرھۇمنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ يۇرتىدىكىلەرنىڭ مەدەت بېرىشى ۋە شاگىرتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ھەم دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئارقا – ئارقىدىن نەشر قىلىنىپ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى، كەڭ جامائەتنى ھەيرانۇ – ھەس قالدۇردى، ئىلىم تەلەپكارلىرىنى مول مەنىۋىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ، تارىخىي بۇرچنى ۋە ۋەزىپىنى شەرەپ بىلەن ئورۇندىدى.
ئۇستاز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 20-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر ئىجتىمائىي پەن ئالىمى. ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى سان جەھەتتە ئالاھىدە كۆپ بولۇش بىلەن بىرگە سۈپەت جەھەتتىمۇ تەڭداشسىز قىممەتكە ئىگە. ئۇنى كەڭ ئىلمىي خادىملار قەدىرلەپ، ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتىشقا خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن دائىم ئۆزىگە ھەمراھ قىلىدۇ. ئالىمنىڭ سىماسى ۋە مەنىۋىي ئەمگەكلىرى ئۇزاق ئەسىر ئىچىدە كۆزلەرنى ئالاھىدە قاماشتۇرۇپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------