ۋاڭ مېڭ:قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا...(8)
يوللانغان ۋاقتى:23-02-2012
مەنبە: تارىم 2007-يىل 5-سان
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 1 پارچە
7 تەڭرى ياراتقان مەجۇداتنىڭ نېگىزى ئادەمدۇر. يېزىقچىلىقتىكى نېگىزلىك ۋەزىپىمۇ ئوخشاشلا ئادەمنى تەسۋىرلەشتۇر
7
تەڭرى ياراتقان مەجۇداتنىڭ نېگىزى ئادەمدۇر. يېزىقچىلىقتىكى نېگىزلىك ۋەزىپىمۇ ئوخشاشلا ئادەمنى تەسۋىرلەشتۇر. گەرچە قىسمەن ئەسەرلەر ئەپسانىۋى ۋەقەلەر ياكى شەيئى – ھادىسىلەرنى يېزىشنى ئاساس قىلسىمۇ، ئۇنىڭدا ئىپادىلىنىدىغىنى يەنىلا ئىسناننىڭ تەقدىرى ۋە پىسخىكىسىدۇر.
بىزنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىمىزدا، «تەڭرى» ئىنساننى تۇپراقتىن ياسىغاندىن كېيىن، ئۆز تىنىقى ئارقىلىق ئۇنىڭغا جان ئاتا قىلغان.
بۇ قاراش ئومۇمىي جەھەتتىن يازغۇچىدىن ئىبارەت «تەڭرى»گىمۇ ماس كېلىدۇ. بىرىنچىدىن، تۇپراقنى مەنبە قىلىدۇ، يەنى پېرسوناژ يارىتىشتىكى ماتېرىيال تۇرمۇشتىن كېلىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۆز تىنىقىنى سىڭدۈرۈش، يەنى روھىڭىز، ھېسسىياتىڭىز ۋە تەپتىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرىسىز.
ئەسىرىڭىزنىڭ تۇرمۇش ئاساسى بولۇشى كېرەك. سىزنىڭ مەلۇم پېرسوناژنى تەسۋىرلىشىڭىز قانداقتۇر مەلۇم خىل ئۇقۇمنى ئىزاھلاش ياكى سۇبيېكتىپ تەسەۋۋۇرىڭىز سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي تۇرمۇشتا ھەقىقەتەنمۇ ئاشۇ خىلدىكى ئادەملەر بىلەن ئۇچراشقانلىقىڭىز ۋە ئۇلارنى دىلكەشلىرىڭىزنى چۈشەنگەندەك چۈشەنگەنلىكىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەر بىر تىۋىشىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، سېيماسىنى كۆرگەندە ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلەلىگەنلىكىڭىز سەۋەبىدىندۇر.
ئۇلار(پېرسوناژ)غا ئۆز روھىڭىزنى سىڭدۈرۈشىڭىز، ئۇلار بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇشىڭىز، ئۇلارنىڭ سۆيگۈسى ياكى نەپرىتى، ھۆرمىتى ياكى رەھمى، كۆيۈمى ياكى ئۆچلۈكى، مەدھىيىسى ياكى مەسخىرىسى بىلەن بىرىكىشىڭىز... قىسقىسى، ئۇلار بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇشىڭىز كېرەك. مەلۇم پېرسوناژنىڭ تەسۋىرى تاماملىنىش پەيتىدە، پويىز ئىستانسىسىدا يېقىنلىرىڭىزنى ساقلىغاندەك ياكى دۇئېل مەيدانىدا رەقىبىڭىزنى كۈتكەندەك بىتاقەت بولىسىز، تەمتىرەيسىز. ئاشۇ پېرسوناژلار ھەرىكەتلىنىپ، زورايغاندا، ئۇلا ئۈچۈن تەشۋىشلىنىسىز، ھەسرەتلىنىسىز، شادلىنىسىز، قاقاقلايسىز، غەزەپلىنىسىز، تېرىكىسىز، تەنتەنە قىلىسىز، ئاھ ئۇرىسىز... مەلۇم پېرسوناژ سەھنىدىن ئايرىلغاندا ياكى ئەسىرىڭىز تاماملىنىش پەيتىدە، بارلىق پېرسوناژ سىز ۋە ئوقۇرمەنلەر بىلەن خوشلىشىدىغان چاغدا، كۆزىڭىز قىيمايدۇ، پەرىشان بولىسىز، ۋەدىلىشىسىز، ئەمما دىدارلىق كۈنلەرگە ئۈمىدلىنىسىز.
ئاشۇ پېرسوناژلارنىڭ ھەقىقىيلىكىگە ئىشىنىشىڭىز، ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىشىڭىز، ئۇلارنى ئۆز سەنىمىگە دەسسىتىشىڭىز لازىم. شاھمات ئۇرۇقچىلىرىدەك خالىغانچە بويسۇندۇرۇشتىن، ئۇنىڭ دوپپىسىنى بۇنىڭغا كىيدۈرۈشتىن ساقلىنىشىڭىز لازىم. ئۇنداق بولمايدىكەن، سىزدىن ئىبارەت ئىجادكار ئاتالمىش «تەڭرى» ئىساننى ھالاك قىلغۇچى ئالۋاستىغا ئايلىنىدۇ. چەت ئەل چۆچەكلىرىدىكىگە ئوخشاش، چاتاقچى قولىڭىز تېگىپ كەتكەن ئادەم شۇ ھامان كېرەكسىز تاشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
پېرسوناژلىرىڭىز بىلەن سىردىشىشىڭىز، مۇنازىرىلىشىشىڭىز، ئۇلارنىڭ قەلب تەكتىدىكى ئەڭ پىنھان سىرلىرى ئۈستىدە توختاۋسىز سوئال سورىشىڭىز لازىم. ئۆزىڭىزنى پېرسوناژلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەم ئۆزىڭىزنىڭ روھىنى قېزىشىڭىز لازىم. ئەڭ ھاماقەت، ئەڭ رەزىل، ئەڭ ئەكسىيەتچى دۈشمەن ياكى ئەسكى ئادەممۇ ئۆز قىلمىشلىرىنى يولسىز دەپ قارىمايدۇ. جاھىل، ئىدىيىسى قاتماللار ۋە بيۇروكراتلارنىڭمۇ تەۋرەنمەس يولى، باشقىلانى تەسىرلەندۈرگۈدەك ئەلەملىرى بولىدۇ. ئۆز پېرسوناژلىرىڭىزنىڭ سۆزلىشىگە، مۇنازىرە قىلىشىغا، ھال ئېيتىشىغا ئىمكان بېرىشىڭىز لازىم. پېرسوناژلارنى پەقەت تەلتۆكۈس قازغاندىلا ئاندىن ئۇلارغا توغرا ۋە قايىل قىلارلىق باھا بەرگىلى بولىدۇ. تېشى پال – پال ئىچى غال – غاللارنى ھەرقانچە تەرىپلىسىڭىزمۇ يەنىلا ئۇچىغا چىققان تېتىقسىزلىق بولىدۇ.
پېرسوناژنىڭ خاسلىقىغا ئېتىبار بېرىشىڭىز لازىم. ھەرقانداق ئادەم باشقىلاردىن پەرقلىق بولىدۇ. ھەرقانچە ئوخشاش بولسىمۇ ئىككى ئادەم ئوخشاش بىر ئىشنى قىلسا، بىر خوتۇننى ئالسا، ئوخشاش نەپەس ئالسا بولمايدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز ياراتقان پېرسوناژ باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالسا بۇ ھەقىقەتەنمۇ غەلىتىلىكتۇر. مەسىلە شۇ يەردىكى، سىز ھە دېسە ئۇ پېرسوناژنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ئىشلىرىنى، پەرقسىز ھالەتلىرىنى يېزىشتىن ساقلىنىڭ.
ھەر بىر ئادەم ئۆزگىچە بىر دۇنيادۇر. ئۇنىڭدىن دەۋر، مىللەت، سىنىپ، تارىخ ۋە جەمئىيەتنىڭ نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدۇ. ھەرقانداق خاسلىقنىڭ ئۆزگىچىلىكى بولىدۇ. خاسلىقنى ئالدىراڭغۇلۇق، بىپەرۋالىق... قاتارلىق مىجەزنىڭ بەلگىسى قىلىۋالماڭ. بۇ خىل يۈزەكى بىر تەرەپ قىلىش ئوبراز يارىتىشقا پايدىسىزدۇر.
پېرسوناژنى كۆڭۈلدىكىدەك يارىتىش ئۈچۈن سىز ئەڭ مۇھىمى ئىنسانپەرۋەر روھقا، مېھنەتكەشلەردىكى ئىنسانىي خىسلەتكە باي بولۇشىڭىز كېرەك. ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى، ئىنسانىيەتنى سۆيۈشىڭىز، كىشىلەرگە كۆيۈنۈشىڭىز لازىم. شۇندىلا ھەر بىر ئىنساننىڭ قەلب دەرۋازىسىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئېرىشەلەيسىز. ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە، تەرەققىي قىلىشىغا، پارلاق ئىستىقبالىغا ئىشىنىشىڭىز لازىم. قەھرىمان ياكى دۈشمەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنى ئادەملىك سۈپىتى بىلەن يېزىشىمىز، ئالۋاستى ياكى ئىلاھ ئورنىغا قويماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى كۆز ئالدىمىزدىكى ھەر خىل ئىشلار جەننەت ياكى دوزاختا ئەمەس، بەلكى رېئاللىقتا يۈز بېرىدۇ.
قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ، بىر قانچە پېرسوناژنى قاملاشتۇرۇپ يېزىڭ ! بولۇپمۇ ئاشۇ سۆيۈملۈك، يېقىملىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرنى يېزىڭ. تالايلىغان ئاددىي كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ سۆيۈملۈك، تېخىمۇ يېقىملىق بولالايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ سانسىز بايلىقلارنى يوشۇرۇپ ياتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھازىرقىدىنمۇ ئالىيجاناپ، پەزىلەتلىك بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈڭ. قەلىمىمىزنى كەڭ خەلقنىڭ قەلبىدىن گۆھەر قېزىشقا، شۇ ئارقىلىق مەنىۋىيەت مۇنارىمىزنى مۇستەھكەملەشكە ئىشلىتەيلى. پەقەت خەلقنى سۆيگەن كىشىلا ياخشى پېرسوناژ يارىتالايدۇ. بۇنىڭ ئورنىنى ھەرقانداق ئېسىل تەدبىرمۇ باسالمايدۇ. خەلقنى سۆيگەن يازغۇچىلار خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايدۇ، بۇ ھەر قانداق قۇرۇق ماختاشتىن قىممەتلىكتۇر.
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------