• ۋاڭ مېڭ:قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا...(2)

    يوللانغان ۋاقتى:23-02-2012   مەنبە: تارىم 2007-يىل 5-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    2 ئەسلىي سىزنىڭ غەلىبىڭىزنى ئالدىن تەبرىكلىسەم بولاتتى. چۈنكى سىز مەلۇم مۇددىئا ئۈچۈن، يېزىش ئۈچۈن يازدىڭىز. ل


    2


    ئەسلىي سىزنىڭ غەلىبىڭىزنى ئالدىن تەبرىكلىسەم بولاتتى. چۈنكى سىز مەلۇم مۇددىئا ئۈچۈن، يېزىش ئۈچۈن يازدىڭىز. لېكىن، يەنىلا بىر سوئالىمغا جاۋاب بېرىڭ، سىز بىر ئەدىبتە بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈردىڭىزمۇ؟
    قېنى، توخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ؟ تۇخۇممۇ؟ دېگەندەك بىمەنە بىر مەسىلىنى، يەنى، يازغۇچى بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ، ئەسەرمۇ(بۇ يەردىكى يازغۇچىلىق قانداقتۇر بىرەر كەسىپ، بىرەر شان – شەرەپ ياكى مەرتىۋە ئەمەس، بەلكى بىر خىل پەزىلەت ۋە ئىقتىداردۇر) دېگەن مەسىلىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.
    ئەگەر يازغۇچى بۇرۇن پەيدا بولغان دېسەك، دۇنيادا نەدىمۇ ئەسەر يازمايدىغان يازغۇچى بار؟ ئەگەر ئەسەر بۇرۇن پەيدا بولغان دېسەك، دۇنيادا نەدىمۇ يازغۇچىسىز ئەسەر بار؟ (ئەسەر يازىدىغانلارنى يازغۇچى دېمەي قەلەمكەش دەپ، كەمتەرلىك قىلساق، بۇنىڭ يولى باشقا بولىدۇ)
    بەلكىم سىزمۇ ھېس قىلغانسىز، تۇنجى ئەسىرىڭىزنى روياپقا چىقىرىشتىن بۇرۇنلا، يازغۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەت ۋە ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈۋاتقان، ھازىرلاۋاتقان بولىسىز. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، يازغۇچىدۇرسىز. ئوخشاشلا، قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ، قەغەزگە دۇردانە تۆككىنىڭىزدە، شۇ خىل پەزىلەت ۋە ئىقتىدار ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ ھەم مەلۇم دەرىجىدە مۇكەممەللىشىدۇ.
    بۇ ئېھتىمال «توخۇ بۇرۇن پەيدا بولغان» دېگەنلىكتۇر، ئەلۋەتتە. قولىڭىزدا قەلەم ئېلىشتىن ئىلگىرى، تولىمۇ ئىلگىرىكى چاغلاردا، سىز جەزمەن پازىل بىر ئىنسان بولۇشىڭىز؛ تىلىڭىز ھەم دىلىڭىزدا، باتىنىڭىز ھەم زاھىرىڭىزدا سەمىمىيەت، مېھىر – شەپقەت، ئىزگۈلۈك يولىدىكى ئىستىكىڭىز ھەم ئەقىدىڭىز، ۋەتەن ۋە خەلققە بولغان مۇھەببىتىڭىز، تارىخقا بولغان ئىنتىلىشىڭىز ھەم ئىشەنچىڭىز قارار تاپقان بولۇشى لازىم. سىزدە مۇستەھكەم ۋە يۈكسەك بىر ئىخلاس بولۇشى، مەيلى گۈل – چېچەككە پۈركەنگەن باھار كۈنلىرى ياكى جۇت – شىۋىرغانلىق ئاياز كۈنلىرى بولسۇن، ئىخلاسىڭىز سۇسلىماسلىقى لازىم. سىز دۇنياغا ھەۋەس بىلەن باقسىڭىز، خەلققە ھەردەم ھەمنەپەس ھەم تەقدىرداش بولسىز، سىزنىڭ «ئىخلاس»ىڭىز قانداقتۇر ھەممىنى تەرك ئېتىپ، راھەت- پاراغەتتە يايرىغىنىڭىز ۋەجىدىن ئەمەس، بەلكى، دەل سىزنىڭ ماتېرىيالىزمچى بولغىنىڭىز، ھېچنېمىدىن قورقمىغانلىقىڭىز، تۇرمۇشقا دادىل يۈزلىنىپ، توغرا قاراپ، ئۇنى چۈشەنگەنلىكىڭىز، خەلق بىلەن، تارىخىي تەرەققىيات بىلەن، ئەڭ ئىلغار قاتلام ۋە شۇ قاتلامنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بىلەن مەڭگۈ بىللە ئىكەنلىكىڭىز ۋەجىدىندۇر.
    بۇلار ئەقەللىي تەلەپ. ناۋادا سىز لالما ئىتتەك لاغايلاپ يۈرىدىغان، رەزىللىكتە نام ئالغان، ئىچى كاۋاك، ھۇرۇن، جېنىدىن تويغان، سەمىمىيەت، مېھىر – شەپقەت، ئىزگۈ ھالەتلەرنىڭ قۇدرىتى ۋە مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنمەيدىغان ئادەم بولسىڭىز، نادىر ئەسەرلەرنى يازالامسىز؟ قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا، مۇقەددەسلىك ۋە مۇشەققەتلىكىنى، شادىمانلىق ۋە پەرىشانلىقنى ھېس قىلالامسىز؟ مەنىۋى ئالىمى ئۆز ئوقۇرمەنلىرىدىن چاكىنا، ئاددىي؛ شۇنداقلا، ئىدىيە ۋە تەپەككۇردا توختاۋسىز ئۆزىنى يېڭىلاشنى، بېيىتىشنى خالىمايدىغانلار ئەڭ ياخشىسى قەلەم تۇتمىغان ياخشى.
    سىزدە يەنە بەلگىلىك تۇرمۇش تەجرىبىسى بولۇشى، ھەردەم تۇرمۇشتىن ئوزۇق ئېلىپ، ئۆز تۇرمۇش تەجرىبىڭىزنى بېيىتىشىڭىز، تولۇقلىشىڭىز، كېڭەيتىشىڭىز لازىم. ئادەمنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئادەمنى چۈشىنىشىڭىز، تاغنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن تاغنى كۆرگەن بولۇشىڭىز كېرەك. تەجرىبە قانچىكى مول، رەڭدار، تېرەن بولسا شۇنچە ئەۋزەلدۇر. بۇمۇ ھەم ئەقەللىي تەلەپ. كىتابلار دۆۋىسىگە كىرىۋېلىپ ھەدەپ يازغۇچى بولۇشنى ئويلىغان ئادەم مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ. بۇ بىر ئادىل ھەم كىنايىگە تولغان قائىدىدۇر.
    يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن زۆرۈر، كەم بولسا بولمايدۇ. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. تۇرمۇشىمىزدا ئىدىيىۋى ساپاسى بىزدىن يۇقىرى، تەجرىبىسىمۇ مول نۇرغۇن كىشىلەر بار، ئەمما ئۇلارنىڭ قەلەم تۇتۇشقا لايىق بولۇشى ناتايىن.
    يازغۇچىنىڭ پەزىلىتى ئۇنىڭ ئاشۇ قىزغىن، تۇيغۇن ۋە تېرەن يۈرىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەنە شۇ يۈرەك قىزغىن بولغاندىلا، ئۆز قەلبىدىكى ئوت بىلەن ئوقۇرمەننىڭ قەلبىگە ئوت سالالايدۇ. بەلكىم ئۇ كۆرۈنۈشتە سالماق، مەنىدە تېرەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ قات – قېتىدا مۇز ئەمەس، ئوت بار. ئەنە شۇ يۈرەك تۇيغۇن بولغاندىلا، رەڭدار، سەزگۈر فوتو ئەينىكىگە ئوخشاش، دەقىقە ئىچىدىكى نۇر ۋە سۈرەتلەر ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، بىر تال چاچ، بىر تامچە سۇ بولسىمۇ ئۇنىڭدا ئۆز ئىزناسىنى قالدۇرىدۇ. ئۇ كونىرىغان نىگاتىپ بولماسلىقى، تۇتۇق سۈرەتلەرنى پەيدا قىلماسلىقى كېرەك. ئەنە شۇ يۈرەك تېرەن بولغاندىلا، كۆپلىگەن سېزىملەرنى، تەسىراتلارنى، ئىداراكلارنى توپلىيالايدۇ. ئۇ تېرەن بىر قۇدۇققا ئوخشاش سۈيىنى قانچە تارتسىڭىزمۇ قۇرۇپ قالماسلىقى، ئالتە ئاي ئاتقان پاختىڭىز، بىر چاپاننىڭ يېڭىگىمۇ يەتمەيدىغان ھالەت بولماسلىقى كېرەك.
    يازغۇچىنىڭ قابىللىقى تۇرمۇشتىن زوقلىنىش ۋە تۇرمۇشنى ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى ئوبرازلىق تەپەككۇر ۋە تىل. قولىڭىزغا قەلەم ئېلىشتىن بۇرۇن، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇۋاتقان ۋە تۇرمۇشنى كۆزىتىۋاتقان چاغدا، سىرداشقان، خاتىرە يازغان، سالام يوللىغان... چاغدا؛ ئۆزىڭىزنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۇرىڭىز ۋە تىلىڭىزنى تاۋلاۋاتقان بولىسىز. سىز دائىم ئەدەبىياتتىن تۇرمۇشنى ھېس قىلىسىز، يەنى ياخشى بىر ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، تۇرمۇشقا بولغان مۇھەببىتىڭىز ۋە چۈشىنىشىڭىز چوڭقۇرلىشىدۇ، تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە سېھرىي كۈچىنى پەيدىنپەي تولۇقى بىلەن ھېس قىلىسىز. سىز دائىم تۇرمۇشتىن ئەدەبىياتنى بايقايسىز، يەنى، تۇرمۇشتا كۆپلىگەن گۈزەل، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان، جەلپ قىلىدىغان نەرسىلەر بار، يېزىشقا ئەرزىيدۇ. سىز يازغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قىممىتىگە تولۇق ئىشىنىسز. شۇڭا قولىڭىزغا قەلەم ئالىسىز.
    سىز ئاشۇ پازىللىق ۋە قابىللىقنى ھازىرلىغان پەيتتە، بەلگىلىك شارائىتقا ئىگە بولغىنىڭىزدا، قولىڭىزغا قەلەم ئالسىڭىز ئىشەنچ ۋە مۇددىئايىڭىز ھازىرلىنىدۇ. ئەمما، دەسلەپكى تەييارلىقىڭىز قانچىكى پۇختا، روھىڭىز، ئەقلىڭىز، تەجرىبىڭىز ۋە بىلىمىڭىز قانچىكى مول بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تولۇق تاۋلانمىغان، جەۋھەرلەنمىگەن، تەلقىنلەنمىگەن، ھېسسىياتنىڭ تاۋلىشى ۋە تەسەۋۋۇر قانىتىنىڭ ئىنئامى بولمىغان، يېتىلىش، ئويلىنىش، قارارلاش، شادلىنىش، ئۈمىدسىزلىنىش، قايغۇرۇش، ۋاز كېچىش... قاتارلىقلار قايتىلانمىغىنىدا؛ ئىپادىلەش يولىدىكى توسالغۇلارنى يوقاتمىغان، ئۆز ئۇسلۇبىڭىزنى، ئۆز زىننىتىڭىزنى تاپمىغان، قەغەزگە پۈتۈلمىگەن، ئەسەر سىياقىغا كىرمىگەن ئەھۋالدا، ئەسەر يەنىلا غۇۋا، بىتايىن، جانسىز نەرسىدۇر. ئىجادىيەت شۇنداق نەرسىكى، ئوقۇرمەنگە نىسبەتەن يېڭى بولۇپلا قالماي، يازغۇچىغىمۇ يېڭى بولىدۇ؛ ئوقۇرمەننى تاڭ قالدۇرۇپلا قالماي، يازغۇچىنىمۇ تاڭ قالدۇرىدۇ. چۈنكى تۇرمۇشتىكى جۇغلىنىش، تەپەككۇردىكى جەريان پەقەت بىر سان ئۆزگىرىشى خالاس. پەقەت سىز قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ، ئۆز ئۇسلۇبىڭىز، قۇرۇلمىڭىز، پېرسوناژلىرىڭىز، ۋەقەلىرىڭىز ۋە تىلىڭىزنى تاپقىنىڭىزدا، ئىجادىيەت داۋامىدا گۈللىنىش، ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات بولىدۇ؛ قولغا قەلەم ئېلىپ، ھېس قىلىسىزكى، بۇ گۈللىنىشنىڭ يۈز بېرىۋاتقىنىغا، يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز كامىل. سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز نەقەدەر جىددىي ۋە نەقەدەر خۇشال – ھە!




    ھالقىلىق سۆزلەر : قەلەم، ئىجادىيەت


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار