• ۋاڭ مېڭ:قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا...(10)

    يوللانغان ۋاقتى:23-02-2012   مەنبە: تارىم 2007-يىل 5-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    9 قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا... يېتەرلىك يېزىلدى. قولىغا قەلەم ئالغان ياش دوستلارنىڭ كەيپىنىمۇ ئوبدانلا ئۇچۇردى


    9


    «قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا...» يېتەرلىك يېزىلدى. قولىغا قەلەم ئالغان ياش دوستلارنىڭ كەيپىنىمۇ ئوبدانلا ئۇچۇردى. ھەتتا سىزنى «دەرھال قەلەمنى تاشلاش» خىيالىغىمۇ كەلتۈردى. كىممۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ئېنىق چۈشەندۈرەلىسۇن؟ بۇ بىر خىل تۇرغۇنلىقى ئاز، تاسادىپىيلىقى كۆپ؛ قېلىپى ئاز، ئۆزگىرىشى كۆپ بولغان مەنىۋى پائالىيەتتۇر.
    شۇڭلاشقا، سىز ھەرگىزمۇ «قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا...» غا ئوخشاش ئىجادىيەت سەپسەتىلىرىگە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ. ئەكسىچە، سىزگە نەپ بېرىدىغىنى يەنىلا ئەمەلىي تۇرمۇشقا، ئىدىيىۋىلىك ۋە بەدىئىيلىككە، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىشكە ئائىت كونا پاراڭلاردۇر.
    ئەدەبىي ئىجادىيەت بىر خىل ئۇستىلىق تەلەپ قىلىدىغان ھۈنەر. ئەمما ھۈنەردىن باشقا يەنە مۇھىم تەركىبلەرمۇ بار. شۇڭا ئۇنىڭ ئەپلىك چارىسى يوق ھەم مىراس قالدۇرغىلى بولمايدۇ. دۇنيادا ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان تامچى، موزدۇزلار بار، ئەمما ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان يازغۇچى يوق.
    تىلنى ئېلىپ ئېيتساق، قەغەزگە جىجىلاش ئارقىلىق تىلنى مەڭگۈ بېيىتقىلى بولمايدۇ. تىل بىر خىل بەلگە، پەقەت تۇرمۇش تەجرىبىسى، كەچمىشلىرى، بىلىمى مول بولغان، ھېسسىياتقا باي، ئىدىيىسى مول بولغان كىشىلا تىلغا باي بولىدۇ. پەقەت كاللىسى سەگەك، ھېسسىياتى نازۇك، كۆزى ئۆتكۈر، بىلىمى ئەتراپلىق كىشىلا تىلدا نەپىس ۋە تېرە بولالايدۇ. پەقەت تەسىراتى چوڭقۇر، تەپەككۇرى تېرەن، بىلىمى چوڭقۇر كىشىنىڭ تىلىلا ئۆتكۈر بولىدۇ. شۇڭا ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ماھارەت تاشقى ئامىلدۇر.
    سىزگە يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى، تىرىشىپ يازسىلا ياخشى يازغىلى بولمايدۇ، ھەممە ئادەم يېزىقچىلىققا ماس كېلىۋەرمەيدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب «يازما» ۋە «يېزىش»تا ئەمەس.
    مەغلۇبىيەتتىن قورقماڭ، لېكىن قارىسىغا ئىش قىلماڭ. ھەر قېتىملىق مەغلۇبىيىتىڭىزدىن ساۋاق ئېلىپ، سەۋەبىنى تېپىپ، ئۆزگەرتىپ مېڭىڭ. ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىڭ.
    ئۆزگەرتىشتىن قورقماڭ. مۇھەررىر سىزگە ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەرگەندە بىلەرمەنلىك قىلماڭ، تېرىكمەڭ. ئەمما ئۆزگەرتىشتە ئېھتىياتچان بولۇڭ، قىلدەك يېرىنى دەپ، پىلدەك يېرىگە تەسىر يەتكۈزمەڭ. ناۋادا ئۆزگەرتىش پىلانىڭىز سىز ئويلىغاندەك ئۇقۇشلۇق بولماي، ئەكسىچە، بېشىڭىزنى قاتۇرسا، ھەتتا ئەسىرىڭىزنىڭ بەدىئىي ئالىمىدە قالايمىقانچىلىق، تۇرغۇنلۇق ۋە ۋەيران بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئۆزگەرتىشتىن ۋاقتىنچە ساقلىنىڭ.

    دائىم يازسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ئالدىڭىزدىكى ھەر خىل شەيئى ۋە شارائىتلاردىن، ھالەتلەردىن قورقماڭ. بىزنىڭ كۆزدە تۇتىدىغىنىمىز بىر خىل غايىۋى ھالەت. رېئاللىقتىكى ئىجادىيەت داۋامىدا نۇرغۇن پەرقلىق ھالەتلەر مەۋجۇت. مەسىلەن: ھەۋەسكارلار ئۆگىنىش داۋامىدا تام گېزىتى، قارا تاختاي گېزىتى، ئىشتىن سىرتقى مەدەنىي پائالىيەتلەر، ئەدەبىيات – سەنئەت شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سىياسىي تەشۋىقاتلار، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق تەشۋىقاتى، پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقاتى... دېگەنلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى كېرەك. بۇ ئىشلارنى قىلىش خەلققە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، قەلىمىڭىزنى تاۋلاشقىمۇ پايدىلىق؛ شۇنداقلا سىزنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىڭىزنى رەھبەرلەرنىڭ ۋە ئەتراپتىكىلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.
    دائىم يازسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ئۆز خىزمىتىڭىزگە تەسىر يەتكۈزسىڭىز، يېزىقچىلىقنى ئۆمۈرلۈك كەسىپ قىلىشنى يەڭگىللىك بىلەن قارار قىلسىڭىز بولمايدۇ. يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئەتراپتىكىلەرگە، دوستلىرىڭىزغا كۆرسىتىڭ. ئۆزىڭىزگە تەلەپنى قاتتىقراق قويۇڭ. تولۇق چۈشەنمەيدىغان، يېڭىلىقى يوق، چۇۋالچاق، ئىشەنچىڭىز يوق نەرسىلەرنى تەھرىراتلاغا ئەۋەتىش ھاجەتسىز. كۆپرەك يازسىڭىز بولىدۇ، ئەمما تەھرىراتلارغا ئەۋەتىشتە تەلەپچان بولۇڭ. تەلەي سىنايدىغان، تەۋەككۈلچىلىك قىلىدىغان ئىشنى قىلماڭ. ئەسىرىمنى ئەستايىدىل كۆرمەپتۇ، ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلماپتۇ، دەپ مۇھەررىردىن ئورۇنسىز ئاغرىنماڭ، كايىماڭ. ناۋادا سىز ئەستايىدىل بولماي، تۇتۇرۇقسىز يازمىڭىزنى ھەممە يەرگە ئەۋەتسىڭىز، بۇ مۇھەررىرنىڭ ئەمگىكىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەتبۇئات ئورۇنلىرى شۇنچە كۆپ تۇرسا، بىرىگە ماس كەلمىسە، يەنە بىرىگە ماس كېلىدۇ. يازغىنىڭىز راستتىنلا ياخشى بولسا ھامان تاشلىنىپ قالمايدۇ. ئەلۋەتتە، مۇھەررىرگە پىكرىڭىزنىڭ بارلىقىنىمۇ نەزەرگە ئېلىش كېرەك، ئەمما ئۆزىڭىزگە قاتتىق تەلەپ قويسىڭىزلا، ئۇلارمۇ سىزنىڭ نارازىلىقىڭىزنى قوزغىمايدۇ.
    زىيادە قىزىق قان بولۇپ كەتمەڭ، بولمىسا چارچاپ قالىسىز. ئاشۇ ئوتتەك ئىجادىيەت قىزغىنلىقىڭىز بىلەن تەۋرەنمەس ئىرادىڭىزنى، سەگەك كاللىڭىزنى بىرلەشتۈرۈڭ.
    ئۇتۇن قازىنىشقا ئالدىراپ كەتمەڭ، خالىغانچە باشقىلاردىن ياردەم سورىماڭ، قانداقتۇر داڭلىق كىشىلەرگە تايىنىپ نام چىقىرىشنى خام خىيال قىلماڭ. ئۇرۇق سۈپەتلىك بولسىلا ناچار شارائىت، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىمۇ بىخلىنالايدۇ. ھەر قانداق ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىشى ئۆزىگە باغلىق. ھەر قانداق ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىشىغا مەلۇم بىر جەريان كېتىدۇ. ئەلۋەتتە، جەمئىيەت مۇئەييەن شارائىت، مۇۋپىق ھارارەت ۋە نەملىك بىلەن تەمىنلىشى، يېڭى كۈچلەرنى بوغىدىغان، سەل قارايدىغان ئەھۋاللارنى توسۇشى لازىم. مۇھىم مەسىلە شۇكى، ئۆزىنى يېڭى كۈچ دەۋالىدىغان ھەۋەسكارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭى كۈچ بولۇشى ناتايىن.
    قولغا قەلەم ئالغاندىن كېيىنكى مۇشەققەت ۋە قولغا قەلەم ئېلىشنىڭ كارامىتى ئۈستىدە كۆپ سۆزلىدۇق. ناۋادا سىزدە ھەقىقەتەنمۇ شۇ خىل ئىقتىدار ۋە غايە بولسا، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقمايسىز، يېزىقچىلىق ئۈچۈن بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايسىز. «يازغۇچىغا نىسبەتەن ۋاقىت ھامان يېتەرسىز»، «ئاشىقلىقتىن شائىرلىق چىقىدۇ» دېگەندەك ھېكمەتلەرنىڭ ھېلىھەم مۇئەييەن ئاساسى بار. قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق ئىلىم – پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شۇنداقلا ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشنىڭمۇ ئالدىنقى شەرتى. ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ يۈكسەكلىكى ۋە مۇشەققەتلىكىگە، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى مۇقەددەس مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سېھرىي كۈچىگە قارىغاندا، ئۇتۇق قازىنىش ۋە قازانماسلىق ئانچە مۇھىم ئەمەس. بۇ كەسىپنى سۆيگەن ئىكەنسىز، ئىشتىياق ھەم ئېھتىيات بىلەن ئۆزىڭىزنى بېغىشلاڭ، غەلىبە سىزگە يار بولغاي !


    (جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى 2007 – يىل 1 – ئايدا نەشر قىلغان ۋاڭ مېڭنىڭ « جاھاندارچىلىق پەلسەپەم» ناملىق كىتابتىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى)

     




    ھالقىلىق سۆزلەر : قەلەم، ئىجادىيەت


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار