بۇلار توقۇلمىدۇر، ئەمما ساختا ئەمەس، قارىماققا ئۇ بارلىق ئەينەنلىكتىنمۇ ھەقىقىيدەك كۆرۈنىدۇ؛ ئۇ شۇ قەدەر روشەن، جانلىقكى، خۇددى سىز ئۇنىڭدىكى ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك، پېرسوناژلارنى كۆرگەندەك، شۇ جايدا ھازىردەك ھېس قىلىسىز. ئۇ يەنە شۇ قەدەر ئەمەلىي، ئۇيغۇن، قايىل قىلارلىق دەرىجىدىكى، سىز ئۇنى ھەقىقىي دەپ تونۇپ، دائىم ئاپتورنىڭ قايسى ۋاقىتلاردا بۇنداق كەچمىشلەرگە يولۇققانلىقىنى، باش پېرسوناژنىڭ پروتوتىپىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىسىز ھەم ئۇنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىسىز. ئۇ ئىنتايىن مەپتۇنكار بولۇپ، خۇددى بارلىق رېئال تۇرمۇشتىن ھەسسىلەپ كۆركەمدەك، رېئاللىقتىكى بارلىق كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، روھىي چاڭقاقلىققا شىپا، جان – تەننى ئاسارەتتىن جۇدا، ھېسسىي خۇمارىمىزغا داۋا، جاسارىتىمىزگە لاۋا ئاتا قىلالايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بىر قىسىم ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەۋەسكارلىرى بۇ خىل ئىجادىيەت ئالىمىگە قەدەم ئالالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە توقۇلما قىلىش يالغانچىلىقتىن ئىبارەت. ئۆزى بىلگەنچە يول تۇتۇش، بىھۇدە ئويلىنىش، تېزىنى باسسا مېزى چىقىش، قەلىمى ئاجىز كېلىش سەۋەبلىك يازمىسى ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئەسلىمىدىن تەسەۋۋۇرغا، رېئاللىقتىن توقۇلمىغا، تۇرمۇشتىن بەدىئىيلىككە سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىر زادى نەدە؟ ئالدى بىلەن ئىككى مىسال كەلتۈرەي. مەسىلەن: سىزنىڭ كىچىك ۋاقتىڭىزدا بىر دوستىڭىز بار، سەبىي بالىلىق چاغلارنى بىرگە ئۆتكۈزدۈڭلار، يەرۇ ئاسماننى شىپى كەلتۈرۈپ، چىن دوستلۇققا قەسەم ئىچتىڭلار، ئەمما تەقدىر سىلەرنى بالدۇرلا ئايرىۋەتتى. ياكى ۋاقىتلىق ئايرىلدىڭلار، ياكى ۋاقىتسىز ئايرىلدىڭلار. كۆرۈشمىگىنىڭلارغا تالاي يىللار بولدى. ئەمما سىزنىڭ بالىلىققا بولغان سېغىنىشىڭىز كۈچىيىپ، كۈچلۈك سېغىنىش بىلەن بالىلىق چاغدىكى دوستىڭىزنى ئەسكە ئالغاندا سىز كادىرلارنى تەكشۈرگۈچى مۇپەتتىشتەك ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى، كەمچىلىكى، تەرجىمىھالى دېگەنلەرنى ئويلامسىز؟ ھېسابات تەكشۈرگەندەك بىرگە ئۆتكەن چاغلارنى سانامسىز؟ سىرتتىن كەلگەن كادىرلارنى كۈتۈۋالغان كەبى قاپىقىڭىزنى تۈرۈپ ئەسلىمىلەر قوينىدا يۈرەمسىز؟ ياق، كۆڭۈل ئالىمىڭىزدە تولىمۇ ئوماق، تولىمۇ دىلكەش بىر ئوبراز تەبىئىي رەۋىشتە زاھىر بولىدۇ، گەرچە مۇكەممەل بولمىسىمۇ، ئاددىي بولغان، سىزگە نىسبەتەن ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە ئۇنتۇلماس بىر ھالەت پەيدا بولىدۇ. مانا بۇلار دوستىڭىزنىڭ ئىزناسى، بالىلىقىڭىز، مەڭگۈ قايتىلانماس بالىلىقىڭىزنىڭ سىمۋولىدۇر. سىز بۇلارنى ئويلىغىنىڭىزدا ئاچچىق ھەم تاتلىق كۆز ياشلىرىڭىز ئىختىيارسىز تۆكۈلىدۇ. ھېسسىياتىڭىزنىڭ داۋالغۇشىغا ئەگىشىپ، ئەسلىمىلەر قوينىدا دوستىڭىزنىڭ ئوبرازى شەكىللىنىدۇ. بۇ ئوبراز بالىلىق چاغلاردىكىدىن تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ ئوماق، تېخىمۇ ھۆرمەتلىك، تېخىمۇ دىلكەش بولىدۇ. ھەتتا، ئەينى چاغدىكى ئاددىي ئىشلارمۇ سىزنىڭ سېغىنىشىڭىزنىڭ شاپائىتىدىن ئۆزگىچە مەنىگە ئىگە بولىدۇ ھەم پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدۇ. ئەمدى مۇھەببەتلىشىشنى مىسال ئالساق، سىز بىراۋنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىڭىز، ئەمما ئۇنىڭغا بولغان چۈشىنىشىڭىز يېتەرلىك ئەمەس، سىز تېخى ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلمىدىڭىز، سىز ئۇنىڭ تۇيغۇڭىزغا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلمەيسىز، ھەتتا سىز ئۆز سۆيگۈڭىزنىڭ تەقدىرىنى ھەم بىلمەيسىز. ئەمما، سىزدە ئويغانغان ئاتەش كەبى مۇھەببەت سىزنى مەست قىلىدۇ. سىزدە تالاي مۇددىئا، تالاي ئارزۇ، تالايلىغان ئىستەكلەر تۇغۇلىدۇ؛ كۆكتىكى بۇلۇت، دەريادىكى سۇ، قىرغاقتىكى دەل – دەرەخ، گۈل بەرگىدىكى شەبنەم قاتارلىقلار مەشۇقىڭىزنى ئويلاشقا سەۋەب بولىدۇ. «ناۋادا ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرسە...» دەپ، تالاي گۈزەل ۋە بەختلىك چاغلارنى ئويلاپ ئۈلگۈرىسىز؛ ناۋادا ئۇ سىزنى چۈشەنمىسە، تېخى بىر قارارغا كەلمىگەن بولسا، ئۇنىڭغا ئىمكان بېرىسىز؛ ناۋادا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتسە، قىلچە ئىككىلەنمەستىن سۇغا شۇڭغۇپ، ئۇنى قۇتقۇزىسىز. ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يارىلىنىسىز. ئۇ تالدەك ئېگىلىپ، سىزگە باققاندا دەرد – ھەسرىتىڭىزنى ئۇنىڭغا ئىزھار قىلىسىز... يۇقىرىقىلاردىن ئايانكى، بۇ خىل سېغىنىش ۋە ئىستەك، بۇ خىل توقۇلما كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەمما يازغۇچىنىڭ توقۇلمىسى مۇكەممەل، ئاڭلىق بولىدۇ؛ يازغۇچى بۇ خىل ئىقتىدارغا ماھىر كېلىدۇ. كۆزىنى يۇمسىلا ئۆزىنىڭ دۇنياسىغا غەرق بولىدۇ. دېمەكچى، بۇ خىل تەسەۋۋۇر ۋە توقۇلما ھېسسىيات مۇھەببەت ۋە نەپرەتتىن، ئەسلەش ۋە ئىنتىلىشتىن، خۇشاللىق ۋە ئىلھامدىن، ھەتتا غەزەپ، ئۈمىدسىزلىك ۋە ۋەھىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەسەۋۋۇر خام خىيالنى روياپقا چىقىرىدۇ. ئەمما يازغۇچىنىڭ بۇ خىل تەسەۋۋۇر كۈچى تولۇق ۋە مۇكەممەل تەرەققىي قىلغان خالاس. چەت ئەللىكلەرنىڭ قارىشىچە، ئىجادىيەتتىكى پىسخىكىلىق جەريان دەل بىر خىل روھىي كېسەللىك ھادىسىسى. بىر خىل چۈش ھالىتى، ھېستىرىيە كېسىلى (بىنورمال روھلىنىش)نىڭ قوزغىلىشى ئىمىش. بۇنداق بىمەنە سەپسەتىنى بىز قوبۇل قىلمايمىز، ئەلۋەتتە. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئاڭ، مۇددىئا ۋە ئىدراكنىڭ يېتەكلىشى ۋە چەكلىشى ئاستىدىكى مەنىۋى پائالىيەت، ئەمگەك، مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىشتۇر. ئەمما، نېمىشقا بۇ خىل «روھىي كېسەللىك» قارىشى پەيدا بولغانلىقىنى ئويلىنىپ باقساق ئورۇنسىز بولماس. يازغۇچى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئالىمىگە كىرگەندىن كېيىن، گەرچە ئەتراپلىق پىلان تۈزگەن بولسىمۇ، ئويلاپ يەتمىگەن، ھېسسىياتنىڭ داۋالغۇشى ۋە قەلەمنىڭ يۈرۈشىگە بويسۇنغان تۇيغۇلار پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ ئاتالمىش «تەڭرىدىن كەلگەن ئىلھام»دۇر. ئىجادىيەت ئالىمىگە كىرگەندىن كېيىن، ھەقىقەتمۇ مەستۇ مۇستەغرەق بولىدىغان «مەپتۇنلۇق» ھالەت شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل ھالەتنى كۆپتۈرۈپ روھىي كېسەللىك دېيىش بىمەنىلىكتۇر. ئەمىسە ئازراقمۇ «مەپتۇنلۇق» بولمىسا، قانداقمۇ قەلەم تەۋرەتكىلى بولسۇن. شۇنىسى ئېنىقكى، «ئەگەر»، «ناۋادا» دېگەندەك شەرتلىك باغلىغۇچى سۆزلەر دائىم تەسەۋۋۇرنىڭ باشلىنىشىدۇر. يازغۇچى «ناۋادا»، «ئەگەر»لەرگە بېقىپ ئويلاشقا ئەڭ ماھىر ۋە ئەڭ ئامراق ئىنساندۇر. رېئاللىقتىكى ئادەملەر، رېئاللىقتىكى تۇرمۇش «ئەگەر»، «ناۋادا»لار سەۋەبىدىن ئۆزىدە يېڭى بىر مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئاخبارات يېزىقچىلىقى ئوخشىمايدۇ. ئاخباراتتا «ئەگەر»، «ناۋادا» دېگەنلەرنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە كەم بولسا بولمايدۇ، رېئاللىقتا يۈز بەرگەن ئىشلار پەقەت ئۆز ھالىتىدە، مۇقىم بولىدۇ. تەكشۈرگىلى، سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەمما «ئەگەر»، «ناۋادا» دېگەنلەر چەكسىز بولىدۇ. ئوخشاش تۇرمۇش خام ماتېرىيالىغا ئوخشىمىغان «ئەگەر»لەر قوشۇلسا، ئوخشىمىغان ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. مىڭلىغان «ئەگەر»نىڭ مىڭلىغان يېزىش ئۇسۇلى بولىدۇ. ئەمما سىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشىسى بىر خىل بولغىنى ياخشى. مىڭلىغان «ئەگەر»لەر ئىچىدىن ئەڭ ياخشىسىنى تاللاش، ئاشۇ «ئەڭ ياخشى»سى ئۈچۈن مىڭلىغان «ئەگەر»لەرنى ئويلاش دەل ئىجادىيەتنىڭ جاپاسى ۋە ئازابىدۇر. ئەگەر شۇنى تېپىۋالسىڭىز بۇ دەل ئىجادىيەتنىڭ خۇشاللىقى ۋە ھالاۋىتىدۇر. سەمىمىي ھېسسىيات ئىجادىيەتكە كىرىشىشنىڭ مۇھىم شەرتىدۇر. سىز ھەرگىزمۇ «تەلەپ»ئۈچۈن، جاھان رەپتارى ئۈچۈن يازىدىغان يولغا قەدەم قويماسلىقىڭىز؛ بىلەرمەنلىك، چاققانلىق ۋە «خامېلېئون»لىققا تايىنىپ، تېرىپ – تۆشەپلا ئىش قىلماسلىقىڭىز لازىم. بۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى قىڭغىر يولدۇر. بۇنداق ئۇسۇلدا روياپقا چىققان ئەسەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇنىڭ ھالاكىتىدۇر. ئەلۋەتتە، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى تەسەۋۋۇر بىلەن شەخسكە تەۋە بولغان ھېسسىيات داۋالغۇشى، پىسخىك پائالىيەتتىكى تەسەۋۋۇر ئوخشىمايدۇ. مەيلى سىز قىيامەتلىك دوستىڭىزنى ئەسلەڭ ياكى مەشۇقىڭىزنى سېغىنىڭ، سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىز قىلچىمۇ ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتالمايدۇ. ئادەتتە ئىجتىمائىي ئەھمىيەت مەسىلىسى بولمىغان ئەھۋالدا، شەخسنىڭ ھېسسىي پائالىيىتىنىڭ يۈكسەك بولۇشىنى، ئېسىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەمما، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ يۈزلىنىدىغىنى خەلق، جەمئىيەت ۋە تارىختۇر. بارلىق ھېسسىيات داۋالغۇشلىرى ئىجادىيەتنىڭ ئېنېرگىيىسى بولالمايدۇ؛ شۇنداقلا بارلىق تېمىلارمۇ يېتەرلىك ھېسسىي مەنبەگە ئېرىشەلمەيدۇ. تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتى، جەمئىيەتنىڭ باھاسى بىلەن پىسخىك پائالىيەتلىرىڭىزنى؛ ئاڭلىق ھالدىكى ئىجادىيەت بىلەن تەبىئىي رەۋىشتىكى تەسەۋۋۇرىڭىزنى بىرلەشتۈرۈشىڭىز، بىردەكلىككە ئىگە قىلىشىڭىز كېرەك. مانا بۇ ئىجادىيەتنىڭ جاپاسى ۋە ئازابىدۇر. شۇنداقلا ئىجادىيەتنىڭ خۇشاللىقى ۋە ھالاۋىتىدۇر. يۇقىرىدا مىسالغا ئالغان ئىككى مەسىلىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تەسەۋۋۇر تۇرمۇشتىن كېلىدۇ، تۇرمۇشىمىزدا يۈز بەرگەن، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان، تېخى بىخ يېرىپ چىقمىغان، تېخى ئىلكىمىزگە ئۆتمىگەن نەرسىلەردىن كېلىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەتمۇ دەل شۇنداق. ئۇمۇ تۇرمۇشتىن كېلىدۇ. تۇرمۇشتىكى مەلۇم خىل بىزارلىقتىن كېلىدۇ. «يوقىتىپ قويغان ۋە ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەر ئەڭ قىممەتلىكتۇر.» بۇ خىل ئەمەلىيەتكە قىسمەن ماس كېلىدىغان قاراش ئىنسانلارنىڭ رەزىللىكىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. بەلكى، پىسخىك پائالىيەتلىرىمىزنىڭ مەلۇم قانۇنىيىتىگە ماس كېلىدۇ. سىز ئۆز دىلبىرىڭىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ سەيلە قىلىۋاتقاندا، سىزنىڭ خىيال قىلىدىغىنىڭىز سەيلە قىلىش بولماستىن، بەلكى سەيلە قىلىشنىڭ خۇشاللىقى. سىز ئېرىشكەن مۇھەببەت لەززىتى خىيالىڭىزنى تېخىمۇ يىراق ۋە ئۇزاقتىكى بارچە نەرسىلەرگە، ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىگە، باقىيلار ۋە پانىيلارغا، تەبىئەت ۋە ھاياتلىققا باغلايدۇ. سىزنىڭ كەچمىشلىرىڭىز قانچىكى مول، قەلبىڭىز قانچىكى ئالىيجاناپ بولسا، سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزمۇ شۇنچە بىپايان بولىدۇ. بۇ دەل، كىشىلەر ئۆز تەسەۋۋۇر ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي يەنە ئۆز ئارمانلىرىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدۇ، تەسەۋۋۇر بوشلۇقىدا رېئاللىقتا ئىشقا ئاشمىغان تۈرلۈك ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ دېگەنلىكتۇر. ئەلۋەتتە، ناۋادا سىزنىڭ مەنىۋىيىتىڭىز پۇچەك، مېھىر – مۇھەببىتىڭىز سۇس، ئارزۇ – ھەۋەسلىرىڭىز چاكىنا بولسا، سىز مەلۇم «ساھە»گە كىرگەن تەقدىردىمۇ، نادىر ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرالامسىز؟ ياكى تۇرمۇشىڭىز مەنىسىز، ئاساسسىز بولسا، ئەدەبىياتنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ يىلتىزى بولغان تۇرمۇشنى سۆيمىسىڭىز، سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىز مەنبەسىز سۇغا، يىلتىزسىز دەرەخكە ئوخشاش پەقەت قۇرۇق پاراڭدىن ئىبارەت خالاس. ئۇنداقتا ئىجادىيەت راستتىنلا «روھىي كېسەل» تۈسىنى ئالامدۇ – قانداق؟ |


