• ۋاڭ مېڭ:قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا...(7)

    يوللانغان ۋاقتى:23-02-2012   مەنبە: تارىم 2007-يىل 5-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    6 ئەگەر بىز ھەر قانداق بىر تەمسىلنىڭ چولتىلىقىنى ئېتىراپ قىلساق، تەمسىلنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىگە يوشۇرۇنغان مەنە


    6


    ئەگەر بىز ھەر قانداق بىر تەمسىلنىڭ چولتىلىقىنى ئېتىراپ قىلساق، تەمسىلنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىگە يوشۇرۇنغان مەنە سەۋەبلىك كۇكۇلىمىزدىن ئىلىنىپ قېلىشتىن، بەتنامغا قېلشىتىن، ھۆل خىشقا دەسسەشتىن قورقماي بەدىئىي تەسەۋۋۇر باسقۇچىغا قەدەم قويغىنىمىزدا ئۆزىمىزنى نېمە ئىش قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلايمىز؟
    سىزنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقىنىڭىز ئىلاھىي ئىشلاردۇر (ئەمما سىز ئىلاھ بولماقچى ئەمەس). سىز مۇكەممەل بىر دۇنيا بەرپا قىلماقچى؛ سىز ئاسمان – زېمىن، تاغۇدەريا، جان – جانىۋار، يىل – ئاي، جۇت – شىۋىرغان، قار – مۇز، بىپايان دېڭىز، ھەيۋەتلىك تاغ، ياپيېشىل ۋادا، چەكسىز چۆللۈك، قېرى – ياش، ئەر – ئاياللارنى ياراتماقچى؛ بۇلارنىڭ كېلىپ – كېتىشى، ئۆسۈپ – يېتىلىشى، مۇھەببەت – نەپرىتى، ئامەت – ئاپىتى، غەلىبە – مەغلۇبىيىتى... تەقدىرى سىزگە باغلىق.
    سىز بۇلارنى ئويلىشىڭىز، كۆرۈشىڭىز، ھېس قىلىشىڭىز، بۇلار ئۈچۈن باش قاتۇرۇشىڭىز لازىم. شۇندىلا سىزنىڭ بەدىئىي ئالىمىڭىز ھەقىقىي ئىشەنچلىك، روشەن ۋە ئەينەن، مۇقىم بولىدۇ. شۇندىلا شۇلار ئىچىدىن ئۆزىڭىز ماھىر، ئارتۇقچىلىقىڭىزنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان ھەم جەمئىيەت ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى تاللىشىڭىزغا قۇۋۋەت ھازىرلىنىدۇ. گەرچە سىزنىڭ يازغىنىڭىز ئازغىنا بولسىمۇ، تەسەۋۋۇرىڭىزدا بارچىسى سىزگە ئاياندۇر. گەرچە سىزنىڭ يازغىنىڭىز بېشارەتلىك، غۇۋا بولسىمۇ، تەسەۋۋۇرىڭىزدا بارچىسى شۇنداق چۈشىنىشلىك ھەم ئايدىڭدۇر...
    ئەگەر سەللا بىخۇدلۇق قىلسىڭىز ۋاقىت، پەسىل، ئورۇن، مەزگىل، سىياق، چىراي ياكى بىر تال چاچ ئۈستىدە بىپەرۋالىق قىلىپ، چاتاق كۆرۈلسە، خالىغانچە ئىش تۇتسىڭىز، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسىڭىز، پەلەك تەتۈر ئايلىنىدۇ، ۋاقىت قالايمقانلىشىپ، سىزنىڭ بەدىئىي ئالىمىڭىز كۇمپەيكۇم بولىدۇ، يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ.
    ئەكسىچە، ئىنچىكە، ئەستايىدىل بولسىڭىز ئىلاھىي ۋەزىپىڭىزنى بەجانىدىل ئورۇنلاش، بەدىئىي ئالىمىڭىزنى يارىتىش جەريانىدا كۆزلىرىڭىز چارچاشتىن قىزىرىپ، چاچ – ساقاللىرىڭىز چىگىشلىشىپ كەتكەن؛ تالاي مېھنەت سەرپ قىلغان، پۈتكۈل زېھنىڭىزنى خوراتقان، قايتا – قايتا ئۆزگەرتكەن، ئاھ ئۇرۇپ، ئىشەنچىڭىزنى يوقاتقان چاغلىرىڭىز بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئاشۇ بەدىئىي ئالىمىڭىز روياپقا چىقىپ، ئۇ يەرگە قەدەم باسقىنىڭىزدا، بەدىئىي ئالىمىڭىز شۇنچىلىك سۈزۈك، شۈبھىسىز. جانلىق، جۇلالىق تۈسكە كىرىدۇكى، ئۇنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىڭىز ئىكەنلىكىگە گۇمانلىنىسىز، ئۇنى ئەسلىدىنلا ئاشۇنداق ھالدا دەپ ئويلايسىز. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدىغان، ھەتتا ئۇنى «ياراتقۇچى» بولغان سىزنىڭمۇ ئىرادىڭىزگە بېقىنمايدىغان ئوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇققا ئايلىنىدۇ. خىيالىڭىزچە سىز پەقەت دېڭىزچى، ئېكسپېدىتسىيىچى، ساياھەتچىگە ئوخشاش ئۇنى تاسادىپىي بايقاپ قالدىڭىز خالاس. خىيالىڭىزدا، بارلىق جەريان، راۋاج، كومېدىيىلىك كۆرۈنۈش ۋە كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان ئىش ۋە يەكۈنلەرنىڭ ھەممىسى شۇ دۇنيا ۋە شۇ دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ راۋاجىنىڭ نەتىجىسى، سىز ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلمەيسىز؛ بارلىق ئىنچىكە، ۋايىغا يەتكەن جەريانلار، ئىنچىكە ھالقىلار، شارائىت، جابدۇقلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىندىنلا مەۋجۇت، سىز پەقەت سەمىمىيلىك بىلەن تەسۋىرلىدىڭىز؛ بارلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇلما، باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش، كومپوزىتسىيە ۋە تەكرارلىق، تەسىرلىك، ھەيران قالارلىق قۇرلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىنلا شۇنداق بېكىتىلگەن؛ بارلىق تىل، مۇكەممەل ياكى كەمتۈك، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان ھەم كىشى ئويلىمىغان جۈملىلەر پەقەت رېئاللىقتىكى كىشىلەردە بار بولغان ئالاھىدىلىك؛ رېئاللىق ئەسكە سالغان ياكى كىشىلەر ئۆزى ئېيتقان گەپلەر. سىز پەقەت سادىق پۈتۈكچى خالاس. سىز ئەنە شۇنداق ئويلايسىز.

    دېمەكچى، ئىجادىيەتنىڭ مېۋىسى كەم – كۈتىسىز بولىدۇ. ئىجادكار ئۆزىنىڭ ئىجادكارلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ھەم گۇمانلىنىدۇ. «ياراتقۇچى» بەدىئىيلىك ئالىمىدە بىر قۇلغا، كاتىپقا، پۈتۈكچىگە ئايلىنىدۇ؛ ئىخلاس بىلەن تاماملىغان ئەمگىكىڭىز تېرىپ – تۆشەپ پۈتتۈرگەن ئىشقا، ئايىغىڭىزنىڭ چەمى تېشىلگۈچە ئىزدەپ تاپقان نەرسىڭىز ئاسان ئېرىشكەن نەرسىگە، تۆمۈرنى سۈركەپ يىڭنە قىلغان ئىشىڭىز ئاددىي ئەمگەككە، ئاقىۋەتتە بېرىپ، تەسۋىر ۋە بايانغا، قەغەزگە قۇرلانغان يېزىقلار جانلىق ئادەم ۋە ھەقىقىي ئىشلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
    بۇ نەقەدەر ھەم يەنە نەقەدەر ئاددىي بىر كەسىپ – ھە!




    ھالقىلىق سۆزلەر : قەلەم، ئىجادىيەت


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار