-
ئالگېبرا [代数] ماتېماتىكىنىڭ بىر تارمىقى. ئۇنىڭدا ئالگېبرالىق ئەمەللەرنىڭ ئومۇمىي ھاللىرى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. ئوبىكتىپ ئەمەلىيەتنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن سان ۋە سان ئۈستىدىكى ئەمەللەرنىڭ قانۇنىيەتلىرى، خۇسۇسىيەتلىرى بايقالغاندىن كېيىن، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا سانلار ھەرپلەر ئارقىلىق ئىپادىلەندى ھەمدە سان ۋە ھەرپلەر ئارىسىدىكى ئەمەللەر قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدىكى مۇھاكىمىلەر تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئەمەلىيەتتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئالگېبرالىق تەڭلىمىلەرگە ياكى ئالگېبرالىق تەڭلىمىلەر..............
-
ئەل كاشى ــ جەمشىددىن بۇرۇنقىلارنىڭ كۋادرات يىلتىزلارنى تەخمىنىي ھېسابلاش فورمۇلىسىنى ھازىرقى فورمۇلا بىلەن يازساق:
بولسا ، ئەل كاشىنىڭ قوللانغان تەخمىنىي ھېسابلاش فورمۇلىسى تۆۋەندىكىدەك بولغان:
ئەل كاشى ــ جەمشىد «چەمبەر ھەققىدە ماقالىلار» دېگەن ئەسىرىدە چەمبەر ئايلانمىسىنىڭ دىئامېترىغا نىسبىتىنى ئېنىقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن........... -
فارابىدىن كېيىن ياشىغان مەشھۇر ئالىم ئەل برۇنى (973 ـــ 1048) ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكا ساھەسىدە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتقان. ئۇ يازغان «چەمبەرنىڭ خوردىسىنى تېپىش ھەققىدە» دېگەن كىتابىدا بۇرۇنقى نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى گېئومېترىيىلىك ۋە ترىگونومېترىيىلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلىپ ۋە ئىسپاتلاپ، ئۇلار ئۈستىدە تەپسىلىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ «ماسۇد قانۇنلىرى» دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدا ھازىرقى ترىگونومېترىيىلىك ئۆلچەش ئۇسۇللىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق جۇغراپىيىلىك كەڭلىك گرادۇسلىرىنى تېپىش ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
-
ماتېماتىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يېقىن شەرقتىكى ماتېماتىكا ئالىملىرى ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتتى. كېيىنكى ياۋروپا ماتېماتىكلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يېقىن شەرق ماتېماتىكلىرىنىڭ يەكۈنلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلدى، بولۇپمۇ ياۋروپالىقلار ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يېقىن شەرقتىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى ئارقىلىقلا قەدىمقى گرېك ۋە ھىندى ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتى.