-
شەھەرگە كىرىپ خىزمەت ئىزدەيدىغان دېھقانلار قايسى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك؟ - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]
2009/06/05
نۆۋەتتە، شەھەر، بازارلاردا بىناكارلىق،بېزەكچىلىك،يېمەك-ئىچمەك، ئائىلە مۇلازىمىتى، تىككۈچىلىك، پەردازچىلىق،ئامانلىق ساقلاش قاتارلىق ساھەلەر دېھقان ئىشلەمچىلەرنى كۆپرەك قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ بىلىمى،ماھارىتى،سالامەتلىكى قاتارلىق شارائىتلىرىنى توغرا مۆلچەرلەپ، ئۆزىنىڭ قايسى ئىشقا باپ كېلىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىش كېرەك.
بىناكارلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار قاۋۇل ھەمدە بىخەتەرلىك ئېڭى بار بولۇشى،تامچى،ياغاچچى،جازا باغلىغۇچى قاتارلىقلارنىڭ يەنە مۇئەييەن ماھارىتى ۋە بىلىمى بولۇشى كېرەك.
بېزەكچىلىكتە ئىشلەمچىلەرگە قارىتا تېخنىكا جەھەتتە بىر قەدەر يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدىغان بولغاچقا،ئۇلار تېنى ساغلام بولغاندىن باشقا يەنە ھەر خىل بېزەكچىلىك ماتېرىياللىرى،ھۈنەر- سەنئەت جەريانى ۋە بىخەتەرلىك بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك.
يېمەك- ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تېنى ساغلام،يۇقۇملۇق كېسەللىكتىن خالى، بەش ئەزاسى بېجرىم، مۇئەييەن مەدەنىيەت سەۋىيىسى بار بولۇشى كېرەك.
ئائىلە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ساغلام،پاكىز،مۇلايىم، سەۋرىچان ،پۇختا،ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان،گۆدەكلەرگە كۆيۈنىدىغان، باشقىلار بىلەن دوستانە ئۆتۈشكە ماھىر بولۇشى كېرەك.
تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كەسپىي تەربىيە كۆرگەن،كېيىم- كېچەك تىكىش كەسپىي ماھارىتىنى ئىگىلىگەن بولۇشى كېرەك.
پەردازچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇلانغۇچىنىڭ ساپاسىغا قارىتا بىردەك يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ،ئۇلاردا ئالاقىدار كەسپىي بىلىم بولغاندىن باشقا يەنە مۇئەييەن ئېستېتىك قابىلىيەت ۋە تەسەۋۋۇر كۈچى بولۇشى كېرەك.
ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قاۋۇل بولۇشى، مەخسۇس تەربىيىلەنگەن،قانۇن بىلىملىرىدىن خەۋەردار،مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك،يامان ئادەم- يامان ئىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان بولۇشى كېرەك.
历史上的今天:
‹‹ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلار . قۇدرەتلىك جۇڭگو››تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزىيە پائالىيىتى باشلاندى 2009/06/05كەسپىي سالاھىيەتنامە دېگەن نېمە؟ 2009/06/05
