بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، كارخانىلاردائىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش - [ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرى]

    2009/06/05

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگوڭتىڭى ھۆججىتى

    ش ھ ب [2009] 18 - نومۇرلۇق



    ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، كارخانىلاردائىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش

     خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشكە ئالاقىدار

    مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

    ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:

        ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكى، دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ «پائال تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (ئا ئى م ت [2008] 29 - نومۇرلۇق ھۆججەت) ىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولغان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، «ئېشىشقا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» فاڭجېنى بويىچە، 2009 - يىلدىن 2010 - يىلىغىچە كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:
    1. قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ مەلۇم مۇددەتتە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
        بىر تۇتاش غەملەشكە قاتناشقان جايلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى ۋاقتىدا، تولۇق چىقىم قىلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىدا يوچۇق پەيدا بولماسلىق شەرتى ئاستىدا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇشقا ۋاقتىنچە مادارى يەتمىگەن قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ مەلۇم مۇددەت ئىچىدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش مۇددىتى 2009 - يىل ئىچىدە بولۇپ، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 6 ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش تەستىقلانغان مەزگىلدە، كارخانىلار ئايدا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇش ئىلتىماسىنى يوللايدۇ، كارخانا ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ خىراجەت تاپشۇرغان يىلى ئۇلاپ ھېسابلىنىدۇ. كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىغا كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى ئېلىنمايدۇ. كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشى تەستىقلانغان مەزگىلدە، كارخانىلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى يىغىش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش ۋە تولۇقلاپ تاپشۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالايدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى يىغىش ئاپپاراتلىرى كارخانىلاردىن كېپىللىك بىلەن تەمىنلەشنى ۋە رەنە قويۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىيىنچىلىقى بار كارخانىلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرماقچى بولسا، بىر تۇتاش غەملەشكە قاتناشقان جايدىكى ئەمگەك - كاپالەت تارمىقى مالىيە قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى شەرت؛ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى شەرت.
    2. 2 تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېمەيتىلىدۇ.
        بىر تۇتاش غەملەشكە قاتناشقان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىنات سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىك، فوندتا يوچۇق كۆرۈلمەسلىك شەرتى ئاستىدا، 2009 - يىل ئىچىدە شەھەر - بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى نىسبىتىنى مۇۋاپىق كېمەيتسە بولىدۇ، كېمەيتىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 12 ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. يولغا قويۇش لايىھىسىنى بىر تۇتاش غەملەشكە قاتناشقان جايدىكى ئەمگەك - كاپالەت تارمىقى مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ. يولغا قويۇش لايىھىسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.
    3. قىيىنچىلىقى بار كارخانىلار ئىش ئورۇنلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.
        ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتىدە قىيىنچىلىقى بار كارخانىلار ئىش ئورنىدا تەربىيىلەش، ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىش، ئىش ھەققىنى كېمەيتىش، ئىسمېنا ئالمىشىپ ئىشلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن خادىملارنى قىسقارتمىغان بولسا، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ياردەم پۇلى ۋە ئىش ئورنى ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. ياردەم پۇلى بېرىش مۇددىتى 2009 - يىلنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ياردەم پۇلى بېرىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 6 ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ياردەم پۇلى ئۆلچىمى كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي تاپشۇرغان ھەق نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئىش ئورنى ياردەم پۇلى شۇ جاينىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئۆلچىمى بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ. 2 خىل ياردەم پۇلغا كېتىدىغان مەبلەغ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن ھەل قىلىنىدۇ.
        يۇقىرىقى 2 ياردەم پۇلدىن بىر كارخانا پەقەت بىر قېتىملا بەھرىمەن بولىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا  پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشتىن بەھرىمەن بولغان كارخانىلار بىرلا ۋاقىتتا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ.
        يۇقىرىقى 2 ياردەم پۇلنى كارخانىلار ئايدا بىر تۇتاش غەملەشكە قاتناشقان جايدىكى ئەمگەك - كاپالەت تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىدۇ ھەمدە خادىملار قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇش پىلان - تەدبىرى ۋە ئالاقىدار ئىسپاتلارنى تەمىنلەيدۇ، ئەمگەك - كاپالەت تارمىقى، ئىقتىساد - سودا (دۆلەت مۈلكى)، مالىيە قاتارلىق تارماقلار تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ. ئىش ئورنى ياردەم پۇلى مەبلىغى ھەر ئايدا كارخانىلارنىڭ ھېساباتىغا كىرگۈزۈلىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى مەبلىغى ھەر ئايدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى بېجىرىش ئاپپاراتىنىڭ ھېساباتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.
        بىر تۇتاش غەملىنىدىغان جايدىكى ئەمگەك - كاپالەت تارمىقى مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىنى ئىشلىتىش پىلانىنى تۈزۈپ، بىر تۇتاش غەملىنىدىغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ۋە مالىيە نازارىتىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ. فوندنى ئىشلىتىشنى تەستىقلاش، بۇيرۇپ بېرىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چىڭىتىلىدۇ. كارخانىغا ياردەم بېرىلگەن فوندنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، نازاەرتچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، فوندنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىپ، مەسىلە چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. كونكرېت چارىنى بىر تۇتاش غەملىنىدىغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
    4. ئالاھىدە تەربىيىلەش پىلانى يولغا قويۇلىدۇ.
        قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنىدا تەربىيىلەش قاتارلىق شەكىلدە ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىپ، بۇنىڭغا كېتىدىغان مەبلەغ بەلگىلىمە بويىچە كارخانىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تەربىيىلەش خىراجىتىدىن چىقىم قىلىنىدۇ؛ كەم قىسمى ئۆلچەم ۋە تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىنغان شەرت ئاستىدا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىدىن مۇۋاپىق ياردەم بېرىلىدۇ. كونكرېت چارىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مالىيە نازارىتى قاتارلىق تارماقلار تۈزۈپ چىقىدۇ.
    5. قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارغا ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىش مەسىلىسى مۇۋاپىق ھەل  قىلىنىدۇ.
        ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن كارخانىلارنىڭ قانۇن بويىچە باراۋەر كېڭىشىشىگە، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ. قىيىنچىلىقى بار كارخانىلار ھەر قايسى جەھەتتىن تىرىشىش ئارقىلىقمۇ ئىقتىساد خاراكتېرلىك خادىم قىسقارتىشقا توغرا كەلسە، قانۇندا بەلگىلەنگەن خادىم قىسقارتىش تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى لازىم، كارخانا بىلەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر قانۇن بويىچە باراۋەر كېڭىشىپ بىردەك پىكىرگە كەلگەندىن كېيىن، قەرەلگە بۆلۈپ چىقىم قىلىش ياكى باشقا شەكىلدە چىقىم قىلىش توغرىسىدا ئىقتىسادىي تۆلەم كېلىشىم ئىمزالىسا بولىدۇ.
    6. شىنجاڭدىكى كارخانىلار شۇ جايدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.
        شىنجاڭدىكى كارخانىلار ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى لازىم. ئاپتونوم رايون كارخانىلارنى دېھقان ئىشلەمچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانىلار نوپۇس مۇناسىۋىتى شىنجاڭدا بولغان يېزىلاردىكى دېھقان -چارۋىچىلار ياكى يېزىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرسا، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى كىرىمىنىڭ
    6 ى بويىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ياردىمى بېرىلىدۇ. بۇنىڭغا كېتىدىغان مەبلەغ مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىدىن ھەل قىلىنىدۇ؛ كەم قىسمى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئېلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەبلىغىگە بۇيرۇپ بېرىلىدۇ.
        ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنى قوبۇل قىلمىغان كارخانىلار كارخانىنىڭ شۇ يىللىق يېڭىدىن كۆپەيگەن دېھقان ئىشلەمچىلىرى سانىنىڭ
    50 ى ۋە كارخانىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ 6 لىك ئۆلچىمى بويىچە، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتكە دېھقانلار ماھارەت تەربىيىسى ياردەم ھەققى تاپشۇرىدۇ.
    7. قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ دائىرىسى قاتتىق بېكىتىلىدۇ.
        بۇ ئۇقتۇرۇشتا دېيىلگەن «قىيىنچىلىقى بار كارخانىلار» تۆۋەندىكى بىر قانچە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىشى لازىم: پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارىتىدە ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق بولۇپ، كارخانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئۈمىد بارلىرى، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرى تۈزگەن، خادىم قىسقارتمىغان ياكى ئاز قىسقارتقانلىرى، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت پائالىيىتى دۆلەتنىڭ ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوننىڭ كەسىپ ۋە مۇھىت ئاسراش سىياسىتى (دۆلەت تىزگىنلەيدىغان ساھە ۋە كارخانىلار بۇنىڭ سىرتىدا) گە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قانۇن بويىچە قاتناشقان ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە ھەق تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىرى بولۇشى كېرەك. كونكرېت بېكىتىش شەرتى، دائىرىسى، سانى ۋە نىسبىتىنى مەمۇرىي مەھكىمىلەر ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتىدۇ. كونكرېت بېكىتىش خىزمىتىگە بىر تۇتاش غەملىنىدىغان جايلاردىكى ئەمگەك - كاپالەت تارمىقى مالىيە، ئىقتىساد - سودا، دۆلەت مۈلكى ۋە باج قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەسئۇل بولىدۇ.
    8. كارخانىلار ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا يېتەكلىنىپ، كەڭ كۆلەملىك خادىم قىسقارتىش ئەھۋالى يۈز بېرىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
        20 دىن كۆپ ئادەم قىسقارتىدىغان كىچىك كارخانىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ
    10 ىدىن ئارتۇق خادىم قىسقارتىدىغان چوڭ ۋە ئوتتۇرا كارخانىلار كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشى، كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە خادىم قىسقارتىش لايىھىسىنى دوكلات قىلىشى لازىم.
         جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار «ئۇقتۇرۇش» نىڭ روھى بويىچە، ئۆز جايى ۋە ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، سىياسەتنى يولغا قويۇشتا ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى لازىم.

     

     

    2009 - يىل 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى 

     

    分享到:

1056551709QQ