بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلاردا قانداق ئەخلاقىي ساپا بولۇشى كېرەك؟ - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]

    2009/06/05

    ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدا مۇئەييەن ئەخلاق ۋە قانۇن مىزانىغا رىئايە قىلغانلىقى ئۈچۈنلا،جەمئىيەت تەرتىپلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىدى ۋە تەرەققىي قىلالىدى. شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغۇچىلار جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ بىر قىسمى،شۇڭا،ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىجتىمائىي ئەخلاق،تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە كەسپىي ئەخلاق ئارقىلىق چەكلەپ،ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ،مەدەنىي ئىشلەمچىلەردىن بولۇشى كېرەك. ئەخلاقىي ساپاغا قويۇلىدىغان تەلەپ مۇنۇ 3 جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

    بىرىنچى، ئىجتىمائىي ئەخلاق. ئىشلەمچىلەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي ئەخلاق مىزانىدىكى مەزمۇنلار ئىنتايىن مول،ئۇ ۋەتەننى، خەلقنى ، ئەمگەكنى، پەننى،سوتسىيالىزمنى سۆيۈش؛ مۇھەببەت- نەپرىتى ئېنىق بولۇش،باشقىلار بىلەن ئوبدان ئۆتۈش،ئىتتىپاقلىققا ۋە دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىش، ئۆز ئارا ياردەملىشىش- يول قويۇش؛ رەھبەرگە، ئۇستازلارغا ھۆرمەت قىلىش،ئىشداشلىرى بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش،باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش،ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش؛مەدەنىي،ئەدەپلىك بولۇش،ئاممىۋى تەرتىپكە رىئايە قىلىش، جامائەت مۈلكىگە كۆيۈنۈش،مۇھىت تازىلىقىنى ساقلاش،  ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈرۈش- تۇرۇشى جايىدا بولۇش، قوپاللىق قىلماسلىق،مەدەنىي سۆزلەش،سەت گەپ قىلماسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ئىككىنچى، تەشكىلىي ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش. مەيلى سىز قايسى ئورۇندا ئىشلەڭ،ھەممىسىدىلا نورمال ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مۇناسىپ چەك__تەشكىلىي ئىنتىزام چېكى بولغان بولىدۇ. ئىنتىزامدىن ئىبارەت بۇ چەك بولمىسا، ھەر كىم خالىغىنى قىلسا،نورمال ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى ساقلىغىلى،ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. بۇ ‹‹كۈنگە بېقىپ ئىشلەش››تەك ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك ئەمگىكى شەكلىدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ.شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغۇچىلار بۇرۇنقى ئەمگەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ،ھەرىكىتىنى تەشكىلىي ئىنتىزام ئارقىلىق چەكلەپ،زاۋۇت قائىدىسى ۋە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىپ،خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، بۇيرۇق-قوماندىغا بويسۇنۇپ، خىزمەتلەرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    ئۈچىنچى،كەسپىي ئەخلاقى ياخشى بولۇش.ھەر قانداق كەسىپ كەسىپكاردا كەسپىي پائالىيەتكە ئۇيغۇن  كېلىدىغان ئەخلاقىي مىزان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ،بۇ كەسپىي ئەخلاق دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: دوختۇردا ئۆلۈمگە ئامال،ئاغرىققا سەۋەب قىلدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بولۇش،سودىگەر سودىدا ئادىل بولۇش، ھېچكىمنى بوزەك قىلماسلىق، مۇلازىملار قىزغىن،ئەتراپلىق بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرگە تونۇش بولغان كەسپىي ئەخلاق تەلىپىدۇر. كەسپىي ئەخلاق ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن خوجايىنلارچە پوزىتسىيە ۋە خەلق ئالدىدا يۈكسەك جاۋابكار بولۇش روھى بىلەن خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، ياخشى ئەمگەك ۋە خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا،شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغۇچىلار ئىش ئورنىنى سۆيۈش- كەسىپنى قەدىرلەش ۋە خىزمەتكە ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇش ئىدىيىۋى تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ،ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش قارىشىنى ئاڭلىق تۇرغۇزۇپ،ياخشى كەسپىي ئوبراز شەكىللەندۈرۈپ، شەھەر،بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، تۇرۇشلۇق ئورۇنغا شەرەپ كەلتۈرۈشى كېرەك.

     

    分享到:

    خەتكۈچ:
1056551709QQ