-
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ھازىرقى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىنى - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]
2009/06/05
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگوڭتىڭى ھۆججىتى
ش ھ ب [2009] 32- نومۇرلۇق
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ھازىرقى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىنى
ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى
تارقىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:
«گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ھازىرقى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (گ ب [2008] 130 - نومۇرلۇق) نى سىلەرگە تارقاتتۇق، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى» (ش پ [2008] 4 - نومۇرلۇق) نىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى شۇ جايدىن يېقىن ئەتراپقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھازىرقى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىڭلارنى سورايمىز.
2009 - يىل 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ھازىرقى دېھقان ئىشلەمچىلەر
خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش
توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى
گ ب [2008] 130 - نومۇرلۇق
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىك، كومىتېتلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:
دېھقان ئىشلەمچىلەر دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سانائەتلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن يېڭىچە ئەمگەكچىلەر قوشۇنى بولۇپ، ئۇلار ئېلىمىز كەسىپ ئىشچىلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشتى. دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا، شۇنداقلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىيلىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش شەرت. ھازىر، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تەسىرى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، دۆلىتىمىزدىكى قىسمەن كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى كۆرۈنەرلىك ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، يەنە كېلىپ يېڭى يىل ۋە چاغان يېقىنلاپ قالغاچقا، خېلى كۆپ ساندىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر توپ - توپ يۇرتىغا قايتىشقا باشلاپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يېڭى ئەھۋال ۋە يېڭى مەسىلە ئېلىپ كەلمەكتە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ھازىرقى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:
1. كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك .
تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى كېڭەيتىش كېرەك. مەركەزنىڭ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر ۋە مۇلازىمەتچىلىكنى پائال قوللاپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت سېلىنمىسى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولغان يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىمكانقەدەر كۆپرەك ئىش ئورنى تەمىنلەش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتتە ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كارخانىلارغا قارىتا، ئۇلارنى دېھقان ئىشلەمچىلەر بىلەن كوللېكتىپ كېڭىشىشكە يېتەكلەپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى جانلىق ئىشلىتىش، ئىش ۋاقتىنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيىلەشكە تەشكىللەش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، خادىملارنى ئىمكانقەدەر قىسقارتماي ياكى ئاز قىسقارتىپ، ھازىرقى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا يېتەكلەپ، كەڭ كۆلەمدە مەركەزلىك ھالدا خادىم قىسقارتىشتىن ساقلىنىش؛ كەڭ كۆلەمدە خادىم قىسقارتىش ئېھتىمالىغا قارىتا، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تىزگىنلەش كېرەك. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرگە بەلگىلىمە بويىچە بىر قېتىمدىلا تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىش كېرەك. جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش، كەسىپكە تونۇشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، ئۇنى كۆپ خىل يول ئارقىلىق ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك. ئەمگەك - مۇلازىمەت ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى چىقىرىدىغان جاي بىلەن ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان جاينىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تەشكىللىك تەربىيىلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بازار مېخانىزمىغا تايىنىپ، تۈرلۈك تەربىيىلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تەشكىلاتىنى كۆپەيتىپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ ئەمگەك - مۇلازىمەت ماركىسىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، ئەمگەك - مۇلازىمەت بازىسى قۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش؛ خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئەمگەك مۇلازىمىتى بويىچە سىرتقا چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش، ئېتىز - ئېرىق، سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە قاتارلىق چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا، كارخانىلارنىڭ تاقىلىپ قېلىشى ياكى مەھسۇلات مىقدارىنى ئازايتىپ، خادىم قىسقارتىش تۈپەيلىدىن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك ئىشلىتىش كېرەك.
2. دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ماھارەت بويىچە تەربىيىلەش ۋە ئۇنىڭغا دائىر كەسپىي مائارىپنى كۈچەيتىش كېرەك .
دېھقان ئىشلەمچىلەرنى تەربىيىلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، تەربىيىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ۋە مائارىپ، تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرى يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىگە ماھارەت ئۆگىتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى، ئاشكارىلىق قۇرۇلۇشى، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا جايغا يۆتكەش بويىچە تەربىيىلەش پىلانى، «ئۇچقۇن» پەن - تېخنىكا بويىچە تەربىيىلەش، شەبنەم پىلانى قاتارلىق تەربىيىلەش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بازار ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، زاكاز بويىچە تەربىيىلەش ۋە نىشانلىق تەربىيىلەشنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەسىپ تاللاشتىكى رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشى بويىچە يېڭىدىن ئىش باشلايدىغان تۈرلەرنى چۆرىدەپ، كەسپىي ماھارەت تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشنى چۆرىدەپ، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيىلەشنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، يېزىلاردا ئەمەلىي قوللىنىدىغان تېخنىكا بويىچە تەربىيىلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش؛ ياش دېھقان ئىشلەمچىلەرگە قارىتا ئەمگەك زاپىسى تۈزۈمى بويىچە تەربىيىلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تەربىيىلەش مۇددىتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىپ، كەسپىي ماھارەت مەشىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئاز دېگەندە بىر كەسپىي ماھارەتنى پىششىق ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرگە يۈزلەنگەن كەسپىي ماھارەت تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن كەسىپ ۋە دەرس تەسىس قىلىپ، جانلىق، كۆپ خىل ئۆگىنىش ئ-ۇسۇلىنى قوللىنىپ، تەربىيىلەشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە قوللىنىشچانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.
3. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىش كېرەك .
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى يۆلەشكە دائىر كونكرېت سىياسەت - تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىشنى چىڭ تۇتۇپ، بەلگىلىك ماھارەت ئىگىلىگەن، بەلگىلىك مەبلەغ توپلىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر ئىشلىتىش، ھەق ئېلىش، ئۇچۇر، سودا - سانائەت ئىشلىرى بويىچە تىزىملاش، باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە، ئىگىلىك تىكلەش شەرتىنى تۆۋەنلىتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە تېخىمۇ مەدەت بېرىشى كېرەك. بىرلىكتە تەستىقلاش، بىر زالدا مەركەزلىك مۇلازىمەت قىلىش، سۈرۈك ئىچىدە بېجىرىش ۋە ۋەدە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى بويىچە «يېشىل كارىدور» بەرپا قىلىش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى، يېزىلاردىكى 2 -، 3 - كەسىپ، ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە ناھىيىلەردىكى ئوتتۇراھال - كىچىك كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىدىكى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كرېدىت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بانكا كارتىسى ئۆزگىچە مۇلازىمىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشى ھۆكۈمەت ئۆسۈم ياردىمىگە تەۋە تۈر بولۇپ، بەلگىلىمە بويىچە مالىيە ئۆسۈم ياردىمى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.
يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ كىچىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش؛ ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش، تولۇقلىما ئورنىدا مۇكاپات بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى يېزىلارنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە كەسپىي مەكتەپلەر، يېزا - بازار جامائەت شىپاخانىلىرى، پىلانلىق تۇغۇت، كۆپىيىش ساغلاملىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتى، مەدەنىيەت ئەسلىھەسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا پائال قاتنىشىشقا تەشكىللەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ھازىرقى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن يۇرتىغا قايتقان ۋە يېزا ئەمگەك كۈچلىرى كۆپەيگەن پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك ئىشلىتىش، يول ياساش، بىلىم ئېلىش، داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە سەۋىيىسى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قىش ۋە ئەتىيازدىكى دېھقانچىلىقنىڭ ئارسال مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىش كېرەك. ناھىيە ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشقا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، يېزىلاردىكى ئوتتۇراھال - كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، دېھقانلارنى ئەڭ زور چەكتە شۇ جايدا ياكى يېقىن ئەتراپتىكى باشقا جايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
4. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
دېھقان ئىشلەمچىلەر مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان ياخشى مۇھىتنى تىرىشىپ يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەمگەك - كاپالەت ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. ئىش ھەققى كاپالەت پۇلى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش ھەققى كاپالەت پۇلى سچوتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىش ھەققى بېرىش نازارەتچىلىكىنى چىڭىتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تارقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئەمگەك - كاپالەت، قۇرۇلۇش، ج خ، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، پۇل مۇئامىلە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كارخانىلارنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش قىلمىشىدىن بىرلىكتە مۇداپىئەلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش كېرەك. كارخانىلار تاقىلىپ قالسا، ۋەيران بولسا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى چوقۇم قانۇن بويىچە بېجىرىش، يامان غەرەزدە ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇپ قېچىپ كەتكەنلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئەمگەك ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىش ۋە كېسىم ئاپپاراتلىرى دېھقان ئىشلەمچىلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك ماجىراسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى، «تېز دېلو تۇرغۇزۇش، تېز بېجىرىش، تېز تاماملاش، ياخشى ئىشلەش» پرىنسىپى بويىچە، پاكىت ۋە ھوقۇق، مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ئېنىق بولغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەمگەك ماجىرا دېلولىرىنى ئىمكانقەدەر ئاددىي تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى، ئاز سوممىلىق ئەمگەك ھەققى ماجىرا دېلولىرىدا ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك. ئىجرا قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دېلولارنى قانۇن بويىچە ئاۋۋال بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
5. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە جامائەت مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك .
يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە جامائەت مۇلازىمىتى خىزمىتىنى دۆلەتنىڭ سىياسىتى بويىچە ئەستايىدىل ئىشلەش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەر باشقا جايدا ئىش ئۈستىدە يارىلانسا، ئۇلارنى باشقا جايدا ئىشلەشكە ئەۋەتكەن جايدىكى ئەمگەك - كاپالەت تارمىقى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىشلەۋاتقان جايدىكى ئەمگەك - كاپالەت تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى باشقا جايغا يۆتكەشكە ۋە داۋاملاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك چارىنى تۈزۈپ چىقىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارغا بولغان تۈرلۈك جامائەت مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشىنى ۋاقتىدا، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىغا تەۋە بولغانلىرىنى يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپتە ئوقۇتۇش پرىنسىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە يەرلىكنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقىدار تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك، مەكتەپلەرنىڭ ھەر قانداق سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ئېلىشنى رەت قىلىشىغا بولمايدۇ. مائارىپ تەپتىشلىكى تارماقلىرى يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئەھۋالىنى يەرلىكنىڭ مائارىپنى تەپتىشلەش ۋە باھالاشتىكى مۇھىم مەزمۇنى قاتارىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرگە بولغان كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا بولغان كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەملەشنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەش كېرەك. تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى قوبۇل قىلغان ۋە چىقارغان جايدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بولغان پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىشىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنى قوبۇل قىلغان ۋە چىقارغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، يۇرتىغا قايتىدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى تەرتىپلىك يۆتكىلىشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا قايتىش جەريانىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقى بارلارنى مۇۋاپىق قۇتۇلدۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئوڭۇشلۇق ئۆيگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. قاتناش - ترانسپورت تارماقلىرى چاغانلىق ترانسپورت يۇقىرى دولقۇنىنىڭ بالدۇر كېلىش ئەھۋالىغا قارىتا، مۇناسىپ راۋانلاشتۇرۇش لايىھىسىنى بالدۇر تۈزۈپ چىقىپ، توشۇش كۈچىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قاتناش - ترانسپورت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جايلار، بولۇپمۇ قاتناش تۈگۈنلىرى يۇرتىغا قايتىدىغان ۋە شەھەرگە قايتىدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرگە بولغان قاتناش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، بېكەت، پرېستان ۋە يولۇچى ترانسپورت قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ جامائەت تەرتىپىنى ساقلاپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرۇپ قىلىشىدىن ساقلىنىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە مال - مۈلۈك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلاردىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىشى كېرەك.
6. يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
دېھقان ئىشلەمچىلەر شەھەر - يېزا ئارىسىدا يۆتكىلىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە توپ بولۇپ، تېرىقچىلىق يەنىلا ئۇلارنىڭ ئاساسىي كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ. قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئوبوروت قىلىنىۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ھۆددە يېرىنى دېھقان ئىشلەمچىلەر قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا قەتئىي قايتۇرۇپ بېرىش؛ ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىپ قايتۇرۇپ بېرىشكە بولمىسا، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش كېرەك. ئاغزاكى كېلىشىمنى ئاساس قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قىسقا مەزگىل ئوبوروت قىلىنغان، ئەمما دېھقان ئىشلەمچىلەر يەر ھۆددە تىجارەت ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، پرىنسىپ جەھەتتىن يەرنى دېھقان ئىشلەمچىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك. ئۇزاق مەزگىل ئوبوروت قىلىنغان ھەمدە ئوبوروت توختامى تۈزۈلگەن بولسا، 2 تەرەپ قانۇن بويىچە كېڭىشىپ ھەل قىلسا بولىدۇ؛ 2 تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلسە، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ھەل قىلسا بولىدۇ. يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنىڭ ئوبوروت قىلىشىغا قارىتا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى كۈچەيتىش، يېزا يەر ئوبوروتىدا قانۇنغا ئەمەل قىلىش، ئۆزى ئىختىيار قىلىش، ھەقلىق بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ مەجبۇرلىشىغا، چەكلىشىگە يول قويماسلىق، تۇتۇپ قېلىش، تۇتۇۋېلىپ تاپشۇرۇش ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يەر ئوبوروت تاپاۋىتىنى ئىگىلىۋېلىشقىمۇ يول قويماسلىق لازىم. يەر ھۆددىگەرلىك ماجىرالىرىدا مۇرەسسە قىلىش ۋە كېسىم چىقىرىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.
جايلار ۋە تارماقلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەخىرسىز، مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ئۆز تارمىقىنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە چېتىلىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ستاتىستىكىلاش، كۆزىتىش تورىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەھۋالنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرگە بولغان تەشۋىق - تەربىيە خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى ھازىرقى ئىقتىساد ۋەزىيىتى ۋە كارخانىلارنىڭ تىجارەت قىيىنچىلىقىغا توغرا قاراشقا يېتەكلەش كېرەك. يېزىلارنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە جامائەت تەرتىپىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. جايلاردىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىلە، يېڭى ئەھۋاللارنى پائال تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، مۇھىم ئەھۋاللارنى گوۋۇيۈەننىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى ئىشخانىسىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى
2008 - يىل 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى
转发国务院办公厅关于切实做好当前农民工工作的通知的通知
历史上的今天:
‹‹ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلار . قۇدرەتلىك جۇڭگو››تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزىيە پائالىيىتى باشلاندى 2009/06/05كەسپىي سالاھىيەتنامە دېگەن نېمە؟ 2009/06/05

评论