-
‹‹ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلار . قۇدرەتلىك جۇڭگو››تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزىيە پائالىيىتى باشلاندى - [ئىگلىك تىكلەشكە دائىر سىياسەتل]
2009/06/05
‹‹ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلار . قۇدرەتلىك جۇڭگو››تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزىيە پائالىيىتى باشلاندى
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلىنىڭ ‹‹ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلار. قۇدرەتلىك جۇڭگو›› تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزىيە پائالىيىتى ‹‹2009 - شىنجاڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى›› پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى 1 - ئىيۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى پائالىيەتنى باشلاش مۇراسىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ستۇدېنتلارنىڭ بۇ پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىسىنىڭ كىشىلىك غايە ۋە ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقىنى تولۇق ئىشلەپ، ئىشنى تۆۋەن قاتلامدىن باشلاپ، قەدەمنى پۇختا تاشلاپ، ئىگىلىككە كۆڭۈل قويۇپ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا كارامىتىنى كۆرسىتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلدى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن خەن يۇڭ، لى يى، ئەركىنجان تۇراخۇن، جىن نو، ئەركىن تۇنىياز، خۇاڭ چاڭيۈەن پائالىيەتنى باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
بۇ پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر، يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە تەربىيىلەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىقتىساد قانىلى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە IDG ئامېرىكا رەقەملىك ئۈسكۈنىلەر گۇرۇھىنىڭ ئالىي مۇئاۋىن لېدىرى شيۇڭ شياۋگې، ‹‹ئاۋكاڭ›› گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە لېدىرى ۋاڭ جېنتاۋ قاتارلىق 21 داڭلىق كارخانىچى ياش ئوقۇغۇچىلارغا ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىسى بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بەش ئالىي مەكتەپكە بېرىپ ستۇدېنتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىسى توغرىسىدا ئورتاقلىشىدىكەن.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىقتىساد قانىلى بۇ جەرياندا ئەۋزەل كۈچ ۋە بايلىققا بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹يېرىم سائەتلىك ئىقتىساد خەۋەرلىرى››، ‹‹ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى››، ‹‹ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈش››، ‹‹بايلىق توغرىسىدا سۆھبەت›› قاتارلىق پروگراممىلىرى ئارقىلىق 15 - ئىيۇندىن باشلاپ، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ئاساسىي تېما قىلىنغان يۈرۈشلۈك پروگراممىلارنى ئۇدا بىر ئاي قويىدىكەن؛ بۇ پائالىيەتنى ئۇدا خەۋەر قىلىش بىلەن بىللە، ئىگىلىك تىكلىگۈچى ياشلارنى ھەقىقىي يېتەكلەيدىكەن ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىدىكەن.
ئارقىدىن، بۇ كارخانىچىلار يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماس كەسىپ سىنىپلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى داۋاملىق كۈچلۈك قوللايدىكەن ۋە ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە يېتەكلەيدىكەن. نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ‹‹ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش غايىسىگە ئىلھام بېرىپ، ئىگىلىك تىكلەش مەدەنىيىتىنى يېتەكلەش›› باش مەقسەت قىلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىگىلىك تىكلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان داڭلىق كارخانىچىلار ۋەكىللىرى ‹‹ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىسى››لىكىگە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ستۇدېنتلار بىلەن ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى ھەل قىلىش زۆرۈر بولۇۋاتقان قىيىن مەسىلىلەر، جەلپكار مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىپ، ستۇدېنتلارنىڭ توغرا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەندىزىسى ۋە يولىنى تاللىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ستۇدېنتلارنىڭ كەسىپ تاللاش تەپەككۇر يولىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.
نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ كاپالىتى، ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مەنبەسى، گوۋۇيۈەن بەڭگۇڭتىڭى بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا ‹‹ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يېتەكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››نى ئېلان قىلىپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن قوللىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىمۇ بۇ يىل 2 - ئايدا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››نى تارقىتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بەردى، ياش ستۇدېنتلار چوقۇم توغرا ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشى ۋە ئىگىلىك تىكلەش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئېلان قىلغان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يۈرەكلىك ئىگىلىك تىكلىشى كېرەك. باشلىنىش مۇراسىمىدا، مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلىنىڭ باش نازارەتچىسى جاۋ خې 21 كارخانىچىغا ‹‹ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىلىرى تەكلىپنامىسى››نى تارقىتىپ بەردى. ‹‹سەننو›› گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ جىشيۇڭ چىرا ناھىيىسىنىڭ بوستان يېزىسىغا 300مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىئانە قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، 31 - ماي كەچتە، نۇر بەكرى مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلى ‹‹ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلار. قۇدرەتلىك جۇڭگو›› تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى تېلېۋېزىيە پائالىيىتى --- ‹‹2009 - شىنجاڭ. ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى›› ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىدىن خەن يۇڭ، لى يى، ئەركىنجان تۇراخۇن، خۇ ۋېي، ئەركىن تۇنىياز، خۇاڭ چاڭيۈەن كۆرۈشۈشتە بىللە بولغان.شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى
