-
ئاپتونوم رايونىمىزدا دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمەت ئورنىغا ۋە تەربىيىلەش تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلەيدۇ - [تەربىيلەش]
2009/06/05
ئاپتونوم رايونىمىزدا دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمەت ئورنىغا ۋە تەربىيىلەش تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلەيدۇ
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئورۇنلىرى،ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى،ئاياللار بىرلەشمىسى،ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى خىزمەت ئورنى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش پائالىيىتىدىن ئىگىلىنىشىچە،بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ مۇلازىمەت ئوبيېكتى شەھەرگە ئىشلىگىلى كىرگەن دېھقانلار،شەھەردە ئىشلەۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەر،بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە كرىزىسى تۈپەيلى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر،تەبىئىي ئاپەت تۈپەيلى يېرىدىن ئايرىلغان دېھقان، چارۋىچىلاردىن ئىبارەت ئىكەن. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە يۇقىرىقى ئورۇنلار شەھەر،يېزا،بازارلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ،دېھقانلارنى ھەقسىز خىزمەت ئورنىغا ئېرىشتۈرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا،دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە،كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن كەسپىي جەھەتتىن ۋە ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتىن تەربىيىلەش تولۇقلىمىسى ئۆستۈرۈلىدىكەن.ئىگىلىك تىكەلش جەھەتتە تەربىيىلىنىش تولۇقلىمىسى 1200 يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە ئۆستۈرۈلىدىكەن.
مەنبە: «بايىنغولىن گېزىتى»
历史上的今天:
‹‹ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلار . قۇدرەتلىك جۇڭگو››تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزىيە پائالىيىتى باشلاندى 2009/06/05كەسپىي سالاھىيەتنامە دېگەن نېمە؟ 2009/06/05
